گۈزەل ئاخشام
تۇرنىسا رەھىم
بۇلۇتنىڭ مەڭزىگە لەۋ يېقىپ شەپەق،
بىر گۈزەل ئاخشامدىن بەرمەكتە دېرەك.
مەسخۇشلۇق ئىلكىدە سالماقتا چوقان،
ئېھ! شېرىن سۆيگۈگە تەشنا بىر يۈرەك.
گۇگۇمنىڭ پەردىسى يېيىلدى ئاستا،
ئاي نۇرى زېمىننى يۇرۇتتى سۈتتەك.
ئاقىدۇ سېغىنىش تومۇر،تومۇردا،
بارغانچە ئۇلغۇيۇپ يامرىغان ئوتتەك .
بىر غۇنچە پورەكلەپ ئېچىلدى شۇدەم،
قەلبىمنىڭ ئەڭ پىنھان گۈلزارلىقىدا.
بىر دەريا دولقۇنلاپ سۆيدى قىرغاقنى،
ئۈمۈتتىن رەڭ بېرىپ ئارمانلىرىمغا.
جۈپ يۈرەك قېتىدا يېلىنجىغان چوغ
قاغجىراق روھلاردا ياندۇردى گۈلخان.
ۋىسالنىڭ شەربىتى تامچىسا سىم-سىم
تۇيغۇمدا ھاياجان كۆتۈردى غەليان.
2012-يىلى 6-ماي