غەزەللەر
1
ئېغىزىڭدىكى بالا قۇشنى يېسەم
باھار قانداق قىلىدۇ
ئۇنىڭ چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتۇمىدىن كۆكسۈڭنى چىقارسام
چاچلىرىڭ قانداق قىلىدۇ
شۆلگەيلىرى قەلبلەرنى ئاجرىتىدىغان بۇ ئاخشام
دېرىزىنى ئۇپۇقتىن يىراق كۆتۈرمەكتە
ئاينىڭ قورسىقىدا دۇنيانىڭ ئۇرۇقى بولسا
سەندە مېنىڭ نىقابىم بار
دولقۇننى ئۇزاتقۇچى بېلىقلىرىڭغا قارماق تاشلىغۇچىلار
بەڭباش سۆزلىرىمدۇر
ئۇلارنىڭ سېۋەتلىرىنى قۇرۇق قايتۇرساڭ
مەن قانداق قىلىمەن
2
مەھكۇملۇق مېنىڭ ئايىغىمدۇر
سەپەردە ماڭا بويسۇنىدۇ
مەھكۇملۇق مېنىڭ بېشىمدۇر
تۇرغاندا ماڭا بويسۇنىدۇ
مەھكۇملۇق كەڭرى دۇنيادۇر
ئۇنى ئەركىن قۇچقۇچىمەن
مەھكۇملۇق كىچىككىنە ئۇۋىدۇر
ئۇنى تۈجۈپلەپ ياسىغۇچىمەن
مەھكۇملۇق سەن دېمەكلىكتۇر
شۇڭا ھېچنېمە دېمەسمەن
مەھكۇملۇق مەن دېمەكلىكتۇر
شۇڭا تىلىمدىن چىقمايمەن
ئەگەر مەھكۇملۇق دەپ بىرنەرسە بولسا
باياۋاندىكى قۇدۇقمىدۇر ئۇ؟
3
ئۆلۈمنى نېمىدىن ياسايدۇ
شېئىرلىرىمدىن
قورقۇنچنى نېمىدىن ياسايدۇ
كىتابلىرىمدىن
قاراڭغۇلۇقنى نېمىدىن ياسايدۇ
چۈشۈمدىن
تەبىئەتنى نېمىدىن ياسايدۇ
بالىلىرىمدىن
شېئىرنى نېمىدىن ياسايدۇ
سەندىن
مېنى نېمىدىن ياسايدۇ
ئۆلۈمنى قۇرۇتۇپ...
4
نىگارىم، سېنى سۆيگۈدەك ئېغىزىم يوق
سەنمۇ ئېغىزىڭنى يوشۇر
نىگارىم، سېنى كۆرگۈدەك كۆزۈم يوق
سەنمۇ كۆزلىرىڭنى تاشلا
نىگارىم، ساڭا يەتكۈچە تېنىمدىن ئايرىلدىم
سەنمۇ كارىۋاتقا تېنىڭسىز چىققىن
نىگارىم، قۇچاق بولمىسا نەقەدەر ياخشى
بىرگە بولغىنىمىزنى ھېچكىم بىلەلمەس
نىگارىم، نىگارىم، نىگارىم دەپ ئۆرلەپ
ئەمدى قايتىپ چۈشمەسمىز، نىگارىم...
5
ھەرىكىتىمدىن باغ ئەھيا قىلدىم
دەل-دەرەخ ۋە گىياھلارنى ئويلىمىدىم
كۆز يېشىمدىن جىرالارنى تولدۇردۇم
ئۇنىڭدىن كونا دېڭىزچىلار پايدىلاندى
تۆپىلىكتە ئولتۇراقلاشماقچى ئىدىم
ئاچ قۇشلار گۆشلىرىمنى پارچىلاپ ئېلىپ كېتىشتى
دۇنيادىن چىقماقنى ئىستىگىنىمدە
قۇيۇق ھىدلىرىمىز ئۇچراشتى
ئويلىرىمنى بۇلۇتلارغا بېرىپ يەنە قايتىمەن
قاراڭغۇ ئورمان مېنىڭ ئۆيۈم
پادىچىلارمۇ بارمايدىغان ئۇ جايدا
بىرمۇ ئاسمان يوق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پاسئان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-30 03:17