جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2092 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 122|ئىنكاس: 5

بىرمىنۇت(غوجامۇھەممەد قابىز) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 689
تۆھپە : 1
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 17:55:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        غوجامۇھەممەد قابىز

           بىرمىنۇت

      دوقمۇشىدا كوچىنىڭ،
      تۇرىدۇ بۆرە كۆزلەر ئۆچۈپ–يېنىپ.
      سېرىكچىنىڭ چاپىنىدەك-
      قىزىل،سېرىق،يېشىل رەڭ؛
     نۆۋەت ئېلىپ تەڭ.
     قىزىل رەڭ-قىزىل ئوت،
     چاقنىسا بىر مىنۇت،
     باغلىنىدۇ قول-پۇت.
    تونىمايدۇ ئۇ ھېچكىمنى،
    تونىمايدۇ ھاكىمنى،ھېكىمنى.
     يوللار توختايدۇ مېڭىشتىن،
     ماشىنىلار ئەسنەيدۇ زېرىكىشتىن؛
     خىياللار ئۇچىدۇ يىراققا،
     ۋاقىت سوزۇلىدۇ ئەسىرگە-ئۇزاققا.
     لېكىن پەقەت بىر مىنۇت،
     يۈزلەنسەك رىياللىققا!
     كەينىڭگە قارىساڭ،
     بىر مىنۇت ئەمەس نەچچە يۈز مىنۇت،
     گۇڭگا چىراق ئاستىدا،
     نىئۇن چىراق ئاستىدا،
     غاجىلايدۇ ۋاخىتنى بولۇپ يۇمشاق قۇرۇت.
     رۈمكا تۈۋىدە،
     شىشىخال سەكرەيدۇ ئۈستەلدە،
     چىللىك كۈلىدۇ مەن ئويۇن تۇتتۇم دەپ،
     ھۆكۈم مەيدىسىگە مۇشلايدۇ
     مەن ھەممىڭلارنى ئۇتتۇم دەپ.
     غىش ۋە تاپانلارنىڭ مەڭزى قىپقىزىل،
     ئۆتىدۇ كۈن-تۈنلەر سائەت-سائەتلەپ،
     غالىپلارنىڭ دىلىغا سېلىپ ئوت.
     لېكىن دوقمۇشتىكى بىر مىنۇت،
     سىغماس ھېچكىشىنىڭ كۆزىگە،
     تۇترۇق بولىدۇ-
     غەيۋەتچىلەرنىڭ سۆزىگە!

           2012-يىل28-مارت


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hojakabiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 18:04  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  103
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 665
تۆھپە : 2
توردا: 99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 23:57:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بۇ شېئىر يېڭىچە تېمىدا،ئۆزگىچە پىكىردە يېزىلىپتۇ.راست بىز قىزىل چىراق ئالدىدا ساقلىغان بىر نەچچە سىكۇنت ۋاقىتنى بەك تەستە توشقۇزىمىز ئەمما باشقا بىھۇدە،ئەھمىيەتسىز،ھەتتا ئادەمنىڭ سالامەتلىكى،ئىقتىزادى،ئاخىرقى كېلەچىكى ئۈچۈن زىيانلىق بولغان  ئىشلار ئۈچۈن كەتكەن  تالاي ۋاقىتلار بىزنى سېھىرلەپ قويۇپ بىخارامان كېتىپ قالىدۇ.ۋاقىت-ھەممە دېمەكتۇر.ئاپتۇرنىڭ مۇشۇنداق پىنھان بوزلارنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئېچىشىغا تىلەكداشمىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-8 00:03  


Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1688
تۆھپە : 16
توردا: 322
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 00:40:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1318839829813620125.jpg

6ab5e7a228dfe1c16c2f7c08d08c_531_636.jpg


چۈشىنىكسىز ھەرپ،سان،غەيرى،سەلبى ئىسم، باشقا يېزىقلاردا تىزىملاتماڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  560
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 245
تۆھپە : 50
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 01:07:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا! مۇبارەكلەشكە لايىق شېئىردىن بىرنى ئوقۇدۇم. لېرىك ھېسىيات ئىچىدە راۋاجلانغان بۇ شېئىرى پىكىردىن يېزىلمىغان يەنە نۇرغۇن مەزمۇنلارنى(پىكىرلەرنى) ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. ئاخىرى شائىرلىق يولىغا كىرىپتىلا، قەلەمداش!!

مۇۋەپپەقىيەت تېرىشچانلىقت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  328
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1300
تۆھپە : 4
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 15:37:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۈكۈت...سۈكۈت...چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋلىپ ئايرىم ئىنكاس يازاي ..قەلىمىم كالۋالاشتى تىلىم گاچا بولدى يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇپ شېئىرغا چۆكۈپ باقاي قەلەملىرى بەرىكەتلىك بولسۇن مۇئەلىم!!!

jjuuiiu.jpg


سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلۇڭمەن،خار ئېتەلمەيدۇ كىشى،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ،ھەر جايدا بولسام خار كىشى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 689
تۆھپە : 1
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 16:35:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلەپكار پىرىمنىڭ ئىنكاسىدىن مەمنۇن بولدۇم،مۇشۇ يازمىغا ھۇسۈن قوشقان بارلىق ئەزىزلەرگە رەخمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش