مەن كىرگىنىمدە ئوتتۇز ياشقا.....
مەن كىرگىنىمدە ئوتتۇز ياشقا، ئەتراپىمغا قاراۋاتىمەن. يولدىن ئىزىپ يولغا كىرگەندىن بۇ جاھاننى سوراۋاتىمەن. «سىلەر قاينىغان قازانلار ئوخشىمايدۇ» دەيدۇ بىرلىرى. مەن قايسى قازاندا قاينىغان بولغۇيدۇم دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىمەن.
بۇ جاھاندا ياشايدىكەن ھەرخىل ئادەملەر، ئۇلارنىڭ قاينىغان قازانلىرى ئوخشىمايدىكەن ئەسلا. ئەمما ئوخشاپ قالىدۇ تۇرمۇش قازىنى، ئوخشاپ قالىدۇ ياشاش قازىنى، ئوخشايدۇ بەلكىم ئوتتۇز ياشتا ياشىغان قازانلىرى. ئەمما مەن ئوخشىتىلامىدىم پەقەت. ئوتتۇز ياشلىق دوستلىرىمغا. مېنىڭ قازىنىم «چوڭقۇرمىدۇ؟ تىيىزمۇ؟» ئەسلا بىلمىدىم. باشقىلارنىڭ قازانلىرىنىڭ تۇۋىقى باركەن. تۇتقۇچى باركەن. مېنىڭ قازىنىمنىڭ «تۇۋىقى تۈشۈكمىدۇ، تۇتقۇچى سۇنۇقمىدۇ؟!» ئۇنىمۇ ئەسلا بىلمىدىم. بىلىش ئۈچۈن زورىقىۋاتىمەن. ئوتتۇز ياشقا كىردىم دەپ جاراڭلىق توۋلاۋاتىقىمدا ئوتتوز ياشقا كىرىپ قالغىنىمدىن ئۆزۈمگە ھەيران قىلىۋاتىمەن.
ئاپام دادامنى ھېكايە قىلىدۇ، « دادىڭىزنىڭ تۇۋىقى باتتى. قازىنىنىڭ قۇلىقى باتتى. شۇڭا بىز ياشاپ ئۆتكەن ئوتتۇز يىل». مەن ئاپامنىڭ ئارزۇسىغا يىتەلمىدىم. دادامدەك قەيسەر بىر يۈرەكنى سېغىنىپ ئۆتۈۋاتىمەن. دادامدەك بولغان ئوتتۇز يىللىق ئارمانلارنى دىلىمغا پۈكىۋاتىمەن. ئوتتۇز يىلدىكى ئارمانلاردا ياپيېشىل تاغلارنى چۈشەپ، دەريالارنىڭ بويىدا ئۆز ناخشامنى ئېيتىشنى ئويلاۋاتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-7 13:17