جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2102 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 218|ئىنكاس: 21

ئەھەدى--- ھىجران مۇڭلىرى (غەزەللەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 376
تۆھپە : 4
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 17:56:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          ھىجران مۇڭلىرى

ئەھەدى
                           (1)
مېنى يەتكۈز مۇھەببەتنىڭ ۋىسال بوستانىغا يا رەب ،
ۋەيا قوشقىن يەنە بىر باب ئىشىق داستانىغا يا رەب .

ۋاپادار ئەھلى ۋىجدانغا  رىزامەن ئاشىنا   قىلساڭ ،
دۇچار قىلما بىراق ئارسىز پالان - پۇستانىغا   يارەب .

قوياش، ئاي قىلمىساڭ مەيلى  ئۆچەي ھېچ بولمىسا چاقناپ ،
ھۈكەر قىل نۇر تۆكەي  يارنىڭ كۆڭۈل ئاسمانىغا يارەب .

ياراتتىڭ كەڭرى ئالەمنى بېرىپ بەندەڭگە دىت- پەمنى ،
قويۇپ چەك بەك ئەجەپ قىلدىڭ  ئۆمۇر پەيمانىغا يارەب .

باھارىم كەتتى ، كۈز كەلدى  يېتەلمەي ۋەسلى ئىمكانغا ،
نە بولغاي بىر   چۈمۈلدۈرسەڭ  مىھىر   پونتانىغا  يارەب .

ۋاپاسىز   ناجىنىسلارنىڭ  بېشىغا   قىلغىچە  زەر   تاج ،
بۇسۇق ساقلايدىغان ئىت قىل  ئىشىق سۇلتانىغا  يارەب .

مۇھەببەت دەشتىدە جاننى  ئەھەدى ئەيلىدى غەمناك ،
ئىنايەت ئەيلىبان  يەتكۈز  ئۇنى   ئارمانىغا   يارەب .
                           (2)
ئايغا ئوخشاتتىم سېنى،چولپانغا ئوخشاتتىم يەنە ،
تاغدا چوغلۇق،باغداگۈل،رەيھانغا ئوخشاتتىم يەنە .

ئايغا ئوخشايدۇ يۈزۈڭ، چولپانغا ئوخشايدۇ كۆزۈڭ،
يۈرىكىم ئىشقىڭدا چوغ،گۈلخانغا ئوخشايدۇ يەنە .

كۆكتە يۇلتۇزلار جىمىرلاپ ياقسا ھىس-تۇيغۇمغا ئوت ،
جەزبىدار قوينۇڭنى كەڭ ئاسمانغا ئوخشاتتىم يەنە .

ئاي نېمە، چولپان نېمە؟رەيھانمۇ گاھ سولغان نېمە ،
بارچىدىن ئۇز، مۆتىۋەر جانانغا ئوخشاتتىم يەنە .

سەن گۈزەل جانانكى، پەرى ھۆسنى روخسارىڭچە يوق ،
ئىشتىياقىڭنى بىھەد  ئوكيانغا ئوخشاتتىم يەنە .

كۈل قىلۇرسەن كۆيدۈرۈپ،قاچان سۆيەرسەن سۆيدۈرۈپ ؟
سۆيگۈ ۋەسلىڭنى بۈيۈك ئارمانغا ئوخشاتتىم يەنە .

ئەي جانان،ئاشىق كۆڭۈل يىغلايدۇ يۇم-يۇم بىقۇۋۇل،
مەن ئۇنى مەندەك جۇنۇن نىمجانغا ئوخشاتتىم يەنە .
                          (3)
سەھەر بارسام چىمەنلىككە يېنىمغا بىر پەرى كەلدى ،
پەرىكى ، ئول نازاكەت ئالىمىنىڭ ئەختەرى كەلدى .

گۇيا ئالدىمدا ئوتقاشتەك  جۇلالاپ چاقنىدى بىر گۈل ،
نە بىر گۈلكى ، خىيالىمغا سەنەمنىڭ تەسۋىرى كەلدى .

چۈشۈممۇ بۇ ، ئوڭۇممۇ دەپ گۈماندا جىم تۇرۇپ قالدىم ،
قېرىشقاندەك شۇدەم ھەي، ھەي... تىلىم سۆزگە گىرى كەلدى .

نىگاھىدىن ئېرىپ جىسمىم ، يۈرەككە چۈشتى بىر ئۇچقۇن ،
نە ئۇچقۇنكى ، بۇ باشىمگە جىمى دەرتنىڭ بېرى كەلدى .

يىنىك چامداپ ئۆتۇپ كەتتى يېنىمدىن ئول پەرى پەيكەر ،
تېخى دەرتنىڭ يامانراقى ۋاقت ئۆتكەنسېرى  كەلدى .

ئاشۇ كۈندىن بېرى كۆڭلۈم ئەمەس بىردەم ئارامىدا ،
نېتەي ھىجران ماڭا يېقىن، ۋىسال پەيتى نېرى كەلدى .

ئەھەدى  ئول دىدار پەيتى  غەنىمەتتۇر ساڭا بەلكىم ،
پىشانەڭگە پۈتۈلمىش كۆپ كەچۇرمىشتىن بىرى كەلدى .

( مۇئەللىپتىن ئىزاھات :بۇنىڭدىن كېيىن  ئارۇز ۋەزىنلىك يازمىلىرىمنى ۋە بۇرۇن يوللانغالىرىنى مۇشۇ تىما ئاستىغا جەملەپ تورداشلارنىڭ دىققەت - ئېتىبارىغا سونۇشنى لايىق تاپتىم. قىممەتلىك تەنقىد- تەكلىپلەرنى ئايىمىغايسىزلەر )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 22:29  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 827
تۆھپە : 3
توردا: 98
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 21:10:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سالام ئەھەدى ئاكا!


سۆزلەر ۋە سۆزلەشكۇچىلەر چىشىمغا تەگدى...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 571
تۆھپە : 0
توردا: 75
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 21:43:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئۇستاز، غەزەللىرىنى ئوقۇپ تىلدىكى پاساھەت ۋە بەدىي بالاغەتتىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەمىنە ئۆزلىرىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كىچىككىنە تەكلىپ بېرىشنى لايىق تاپتىم: 1-غەزەلنىڭ 2-بېيىت 1-مىسراسى «ۋاپادار ئەھلى ۋىجدانغا  رىزامەن مۇپتىلا   قىلساڭ،»دىكى «ۋاپادار ئەھلى ۋىجدان» بىلەن «مۇپتىلا قىلساڭ» غا، 2-غەزەلنىڭ1-بېيىت 1-مىسراسى«ئايغا ئوخشاتتىم سېنى، چولپانغا ئوخشاتتىم يەنە،» بىلەن شۇ غەزەلنىڭ3-بېيىت 1-مىسراسى«ئايغا ئوخشايدۇ يۈزۇڭ، چولپانغا ئوخشايدۇ كۆزۈڭ»گە يەنە بىر قاراپ باققان بولسىلا!

www.sheriyet.com

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 493
تۆھپە : 0
توردا: 91
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 21:58:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن! بۇنىڭدىن ئارتۇق تەسۋىرگە تىلىم ئاجىز كەلدى. لىكىن ھۈنىرىڭىزنى ئۆگۈنىۋېلىشىم مۇمكىن. سالامەت ۋە شادىمان بولغايسىز!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 376
تۆھپە : 4
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 22:22:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alahidin يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 21:43
ھۆرمەتلىك ئۇستاز، غەزەللىرىنى ئوقۇپ تىلدىكى پاساھەت ۋ ...

يازمىلىرىمغا مەدەت ۋە تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەخمەت، دېگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق،شۇ بۇيىچە ئۆزگەرتىپ قويدۇم .

شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  328
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1300
تۆھپە : 4
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 22:35:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باھارىم كەتتى ، كۈز كەلدى  يېتەلمەي ۋەسلى ئىمكانغا ،
نە بولغاي بىر   چۈمۈلدۈرسەڭ  مىھىر   پونتانىغا  يارەب .

بۇ مىسرالاردىن  سېغىنىش ،ئارزۇ ئارمان مۇجەسەملەنگەن  بىر مۇڭلۇق كۈي ئاڭلىغاندەك بولدۇم...قەلەملىرى بەرىكەتلىك بولغاي!!!

dggg.jpg



.000000000000.gif
سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلۇڭمەن،خار ئېتەلمەيدۇ كىشى،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ،ھەر جايدا بولسام خار كىشى.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 376
تۆھپە : 4
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 22:41:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mamat omar يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 21:10
سالام ئەھەدى ئاكا!

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم مۇھەممەد ئۆمەر، سالامىڭىزدىن يۇرتىمىزنىڭ قەدىمى گۈزەر كۇچا دوقمۇشىدا سىز بىلەن دىدارلاشقاندەك خۇشھال بولدۇم .رەخمەت !

شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  716
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 226
تۆھپە : 0
توردا: 81
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 23:10:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ھەقىقىي شېئىر ئۇقۇغاندەك بولدۇم.
نۇرغۇن مەزمۇنلار يۇرۇتۇلۇپتۇ،ھىجران مۇڭلىرىدىن چىققان تەپەككۇر ئۇچقۇنلىرى ئۆتكۈر قەلەملىرىڭىز بىلەن شېىئىرنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇپتۇ.ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم،تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىڭىزنى ئۇقۇپ باققۇم بار،ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 400
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 01:41:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ نىمىنى ئارمان قىلىۋاتقانلىقىدەك ئۇھسىنىشلىرىنى تۆۋەندىكى ئوتلۇق «ئارۇز» نىدالىرىدىن كۆرۈش، بىزنى كىلاسسك «غەزەل» ئىشتىياقىغا يەنە بىر قېتىم مۇپتىلا قىلىدۇ:

<<مۇھەببەت دەشتىدە جاننى  ئەھەدى ئەيلىدى غەمناك ،
ئىنايەت ئەيلىبان  يەتكۈز  ئۇنى   ئارمانىغا   يارەب .
...
ئەي جانان،ئاشىق كۆڭۈل يىغلايدۇ يۇم-يۇم بىقۇۋۇل،
مەن ئۇنى مەندەك جۇنۇن نىمجانغا ئوخشاتتىم يەنە .
...
ئەھەدى  ئول دىدار پەيتى  غەنىمەتتۇر ساڭا بەلكىم ،
پىشانەڭگە پۈتۈلمىش كۆپ كەچۇرمىشتىن بىرى كەلدى .>>


ئاپىرىن!





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhammadbarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 01:42  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 400
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 01:46:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  غەزىلىڭىزگە ئەگىشىشنى نىيەت قىلغان ئىدىم، ناقابىللىقىم تۈپەيلى مۆتىۋەر ئالدىدا تىلىم گاچىلاشقىلى تۇردى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhammadbarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 02:12  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  849
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 63
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 02:08:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەل ئوقۇمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. پاساھەتلىك مسرالاردىن ھوزۇرلاندىم.

2-غەزەلنىڭ 2-بېيىت

ئايغا ئوخشايدۇ يۈزۈڭ، چولپانغا ئوخشايدۇ كۆزۈڭ،
يۈرىكىم ئىشقىڭدا چوغ،گۈلخانغا ئوخشايدۇ يەنە .

موشۇ سۆزدە ئىملا خاتالىقى باردەك.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 376
تۆھپە : 4
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 21:27:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                  ھىجران مۇڭلىرى

ىۋاپا ، كۆڭلى قارا باغرىمنى قان - قان ئەيلىدى ،
مىسلى ھالىمنى مۈشۈك ئالدىدا ساچقان  ئەيلىدى
.
زۇلپىنى سىرتماق قىلىپ ئاستى جۇدالىق  دارىغا،
كىرپىگىدىن ئوق ئۈزۈپ تېغىمنى تالقان ئەيلىدى .

قەترە مەي لەۋ جامىدىن ئوتلاشقا ئىمكان بەرمەيىن ،
خۇددى ئوۋچى ئالدىدا بىچارە تۇشقان   ئەيلىدى .

جۈپ زىناق مەڭزى ئارا قىلغاي نامايىش دەممۇ - دەم ،
سۆڭرى ھىجران دەستىدىن كۆكسۈمنى خۇمدان ئەيلىدى .

گاھ ئوڭۇم ، گاھى  شىرىن چۈشلەر ئارا بەرمەي تۇتۇق ،
گۈل سىياق  روخسارىنى  خىلۋەتتە  پىنھان   ئەيلىدى .

ئاھ ئۇرۇپ قان يىغلىسام نەزەر كۆزىن  سالماقتا  يوق ،
ئەكسىچە قەھ - قەھ ئۇرۇپ ھالىم پەرىشان  ئەيلىدى .

ئەھەدى ھەيرانكى، گۈلدىن كۆرمىسە بۇلبۇل   ۋاپا ،
نەۋاپا،قىلدى جاپا  ھالىمنى نىمجان   ئەيلىدى ...
                                (2)
ئەي پەرى ، ئىشقىڭدا ئۆچمەس چوغ بولۇپ ياندى يۈرەك ،
زار بولۇپ ۋىسالغا ، ھىجران  ۋەسلىگە  قاندى   يۈرەك .

جۈپ ئانار مەي باغلىغان ئالتۇن لىگەندۇر  كۆكسىڭىز ،
بۇندا باغرىم بىر قەپەس، تۇتقۇنغا   ئايلاندى  يۈرەك .

بىر دەقىق جىم تۇرسا كاشكى ، يۇلقۇنۇپ بەرمەس ئارام ،
قانچە كىشنەپ چاپچىغانچە  شۇنچە داغلاندى يۈرەك .

تاش كۆمۇرگە ئوتنى ياقسا كۈل بىلەن داشقال قالۇر ،
بىقەدىر جىسمىمدا ئوت كۆيگەنچە چوغلاندى يۈرەك .

مەن تۆرەلدىم قايسى كۈن ئىشقى -پىراق سەيناسىدا،
سۆڭرى ھىجرانغا بەنت - زەنجىردە باغلاندى يۈرەك
.
نە ئەجەپتۇر ئەيلىسەڭ كۆكسۈمنى خۇمدانغا قىياس ،
شۇ ئەزىم خۇمدان ئارا يالقۇنغا ئايلاندى يۈرەك .

بەس!كۆتۇر باشىڭنى نىمجان  ياتما غەپلەت ئۇيقىدا ،
چاچ ، ساقالىڭغا  قىرو قۇنغاندا  ئويغاندى  يۈرەك  !  
                               (3)
ئەييۇھەنناس !بىر ئالامەت زاتنى كۆردۇم  رەستىدە ،
تۇرقى دەرۋىش،قولدا دەستار،جەندە باربوي بەستىدە .

بىر كۆزى يالغان ئىكەنۇ،بىر پۇتى سۈنئى ئىكەن ،
بۇ كارامەت ئاز ئىكەنمىش زاتى ئىنسان نەسلىدە .

    قاي كۈنى بىر چۈش كۆرۇپ بوپ قاپتىمىش غەيرى مىجەز ،
ئول بىشارەت بىرلە تىترەپ يۈرگىدەك ياز پەسلىدە .

تەركى دۇنياغا شەيىخ بولماقنى ئەيلەپتۇ   ھەۋەس ،
   گاھ بىھۇش، گاھ ئوڭ ئىمىش شول ئىشتىياقنىڭ دەستىدە .

<سۈف> دېسە بار يوق بولارمىش،يوق شۇئان زاھىر بولۇپ ،
بەزىلەر چايقاپتۇ باش، بۇ چۈشنى بۇزماق قەستىدە .

تۇتىدەك سايرايدىكەن زات،مەن نېمە يۇ ، سەن نېمە ؟
ساڭا نىم بار، ماڭىچۇ ؟ بۇ تەركى ھىجران دەشتىدە .

ئەھەدى قالدى تۇيۇپ بۇ كاتتا  زاتنىڭ   پەيلىنى ،
خەقنى بىر ئەخمەق قىلايچۇ ، دەپتىكەنمىش ئەسلىدە...


شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 376
تۆھپە : 4
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 21:30:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                       ھىجران مۇڭلىرى

ۋەختى چۈش، كەلدى ئەزىز دوستۇم-قەدىرداندىن خەۋەر،

ئېڭرىغان تەنگە  گويا  كەلدى  شىرىن  جاندىن  خەۋەر.


خەت-خەۋەر«يېرىم دىدار» دەپ ئېيتقىنى يالغان ئەمەس،

مۇنچە خۇش بولماس ئىدىم، گەر كەلسە سۇلتاندىن خەۋەر.


«ئەسسالام» دىن ئاقتى تەن-روھىمغا  ئالەمچە  ھوزۇر،

كەلسە تاپقاندەك  شىپاھ  بىمارغا  لوقماندىن   خەۋەر.


مەن ئەجەپ غېرىپسىنىپ، يۈرگەندە تاغدەك غەم بېسىپ،

كەلدى رەنجىمگە  داۋا، دەردىمگە  دەرماندىن  خەۋەر.


دوستلىرىم بولسا  ئېسەن، بولغايكى كۆڭلۈم  شادىمان،

پەسلى جۇت كەلگەن كەبى بۇلبۇلغا بوستاندىن خەۋەر .


سەن سېغىنساڭ،دوستلىرىڭ يات ئەتسە، ئارمان ئۆچمىسە…

كۈلمىسۇن قاي جان چىچەكلەپ، كەلسە ھەرياندىن خەۋەر.


ئەي، ئەھەدى بولما  غاپىل، سۆڭرى  پەريات   ئەيلىمە،

«ئەلۋىدا» دەپ تەڭلى بىر كۈن يەتسە نىمجاندىن خەۋەر...

                        2011-يىلى 14-يانىۋاركىچە



                   ###

ئاھ، نېتەي كۈتتۈم ئوزاق، سۆيگەن نىگارىم كەلمىدى،

بال لېۋى ، ئايدەك يۈزىگە    ئېنتىزارىم   كەلمىدى.


يادىغا ئالدى   ۋەيا  ئۇنتۇلدى   قىلغان  ۋەدىلەر ،

دېدىمۇ ، كۆيسەڭ كۆيىۋەر نېمە كارىم ، كەلمىدى.


شام – سەھەر دىۋانىدەك يۇردۇم يولىغا تەلمۇرۇپ ،

سېغىنىپ سەۋدايىدەك  كۈتسەممۇ يارىم كەلمىدى .


ئەسلىسەم ئۆتكەن شىرىن چاغلارنى كەتكەي جانغا ئوت،

قالمىدى كاللامدا ھۇش تەندە مادارىم ، كەلمىدى .


مەشۇغۇم كەلسۇن ۋەيا بەرسۇن ئۇچۇر  ئەھۋالىدىن ،

ئەھەدى جۇت ئىلكىدە قالدى، باھارىم  كەلمىدى .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-10 22:38  


شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 376
تۆھپە : 4
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 21:33:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                            ھىجران مۇڭلىرى

(1)


نىگارا قىلمىغىن مەھرۇم مېنى   ئوت - ئىشتىياقىڭدىن ،

مىگەر مەھرۇم قىلار بولساڭ، ئازات قىل غەم – پىراقىڭدىن .


سېنىڭسىز يوق تېنىق مەندە، تومۇردا قانلىرىم تاكى ،

ياشارغان بىر گىياھ مەنكىم ئىچىپ سۇ نۇر بۇلاقىڭدىن .




ياراتمىش ئەسلىدە تەڭرىم سېنى رەنجىم شىپاھ ئەيلەپ ،

خۇشاللىق تاپقىنىم يالغان ئەمەستۇر گۈل سىياقىڭدىن.


سېنىڭ ۋەسلىڭ تاماسىدا ھايات مەجنۇنغا ئايلاندىم ،

يېتەر ، ئوق ئۈزمىگىن ئەمدى رەھىمسىز كۆز قاراقىڭدىن  .



ئىنايەت جامىدامەي سۇن ، ئىچەي تەشنالىغىم قانسۇن ،

ئەھەدى بەختىنى تاپسۇن سېنىڭ ئىللىق قۇچاقىڭدىن.


(2)


سەن كەبى روخسارى گۈلنى كۆرمىگەن شول دەمگە مەن ،

بىر كۆرۈپ بولدۇم ئەسىرۇ- موپتىلا دەرد- غەمگە مەن .


كۆرمىسەم كۆيمەس ئىدىم،بىر كۆرگۈنۈم بولدى بالا ،

نە بالاكى ، خەستە جاننى قىينىدىم قەستەنگە مەن .


قايسى كۈن كۆردۈم سېنى ئوت ئىچرە مەن شۇندىن بۇيان ،

مۇز تېڭىپ ياتماقنى ئادەت ئەيلىدىم مەيدەمگە مەن .


بىر  قىيا  باقساڭ  ۋىسالىڭ جامىدا  شەربەت   سۇنۇپ ،

بىر ئەمەس مىڭ  مەرتىۋە   رازى ئىدىم  كۆيگەنگە مەن .


گەر بىھۇش جىسمىمنى خۇرسەن ئەيلىمەكنى ئېزدىسەڭ ،

قەترە مەي كەلتۇر لېۋىڭدىن،زار ئەمەس شەبنەمگەمەن .


سەن ئۈچۈن تارتقان ئازاپ-جەۋرىم بىكار كەتمەس دېدىم ،

شول سەۋەپ كەلدىم پىسەنت قىلماي تاپا-دەشنەمگە مەن .


سەن ئۈچۈن ئاشىق ئەھەدى قىلغاي تەسەددۇق بارىنى ،  

گەر تىرىك يۈرسەم ئەگەر سەنسىز  ھىساپ ئۆلگەنگە مەن !

(3)

بۇرادەر،سەن مېنى مەيلى گاداي يا خانغا ئوخشاتقىن،

نى پەرۋايىم،بىراق ئاۋال تىرىك ئىنسانغا ئوخشاتقىن .


ياشاي دەپ زاتى ئىنساندەك ئۆزەمگە مىڭ پىچاق ئۇردۇم،

غەلەت بولسا مەگەر لەۋزىم مېنى ھايۋانغا ئوخشاتقىن .


ھاياتلىق ئالىمى چەكلىك، كېلىپ كەتمەك ئىكەن قىسمەت ،

شۇقىسمەتنى ئۆمۈر ئاتلىق ئەزىز مىھمانغا ئوخشاتقىن .


يۇمۇپ كۆز ئاچقىچە ئەللىك باھار، كۈز ئۆتتى ئالدىمدىن ،

بىراق سولغان گۈلۈمنى يۈز ۋەيا توقسانغا ئوخشاتقىن .


كۆڭۈل كۆكسۈمدە بىر ئوت بار ۋەتەن-ئەل ئىشقىدا يانغان ،

ئۇنى مەھشەرگىچە ئۆچمەس لاۋا- گۈلخانغا ئوخشاتقىن .


ۋۇجۇد مۇلكۇم ھامان قاقشال ئوتۇندەك كۆيسىمۇ ئەمما ،

قوقاسنىڭ تىگىدە چوغ بار ،ئۇنى ۋىجدانغا ئوخشاتقىن .


كىشىدە بولمىسا ۋىجدان،غۇرۇر،ئىنسانى ھىس-تۇيغۇ ،

ئۇنى لاي بۇت ۋەيا ئۈنمەس پىچەك بىر دانغا ئوخشاتقىن .


مۇبادا كۆز يۇمۇپ قەبرەم تىگىدىن بىر سادا كەلسە ،

مۇراتقا يەتمىگەن ئىزگۈ-تىلەك، ئارمانغا ئوخشاتقىن .


قاچانكى دەشتى ھىجراندا تىرىك مەجنۇننى ئۇچراتساڭ،

ئەھەدى ئاشىقى سەرسان كەبى نىمجانغا ئوخشاتقىن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-10 21:45  


شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 376
تۆھپە : 4
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 21:42:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          ھىجران مۇڭلىرى

ئەي سابا شاھى سەنەمدەك بىر گۈزەل  كەلتۈر  ماڭا ،
نە گۈزەل، قان – ياش بىلەن پۈتكەن غەزەل كەلتۈر ماڭا .

مەيلى كەلتۈر بىر قەدەھ شارابى ئەنتۈر ، مەست بولاي
ۋەسلى ئەييامدەك شىرىن  بالۇ – ھەسەل كەلتۈر ماڭا .

ئاھ ، كۆڭۈل دەشتىم قاقاس  تەشنائى زار تامچە سۇغا،
بىر پىيالە ئۇسسۇلۇق سىنچاي ئەۋەل كەلتۈر   ماڭا .

كەتسە مەيلى جانۇ – جىسمىم ئوت بولۇپ ھىكمەتتە  گاھ،
پانى ئالەم سىرى- ئەسرارىن تۈگەل كەلتۈر  ماڭا .

مەن بۈگۈن ئەشئارغا چىن ئىشقىم بىلەن  بولدۇم خۇمار ،
ۋەزنى بارماق بىرلە ئارۇزدىن زۇھەل كەلتۈر   ماڭا .

بىر قۇچاق ھەشقى پىچەكتىن  بەرگى رەيھان ياخشىراق ،
زەر – گۈھەردەك چاقنىغان بەھرى رەمەل كەلتۈر ماڭا .

ھىجرى ئەشئار ئىشقىغا بولدى ئەھەدى مۇپتىلا ،
يا شىئېر كەلتۈر بۇدەم ، ياكى ئەجەل كەلتۈر ماڭا  !
                              (2)
ئەي نىگارا ، كۆيمىدىم مەن ساڭا كۆيگەندىن بۆلەك،
ئەزبىرايى سۆيمىدىڭسەن، مېنى سۆيگەندىن  بۆلەك .

سەن كەبى گۈل نازىنىنلار كۈندە  ئۇچرايدۇ ، بىراق
كۆيدۈرەلمەس مېنى ھېچكىم سەن كەبى سەندىن بۆلەك .

مەن قاچان كۆردۈم سېنى  كۆيدۈم ئىشىقنىڭ ئوتىدا ،
سۆڭرى ئىمكان تاپمىدىم ھېچ ئىشتىياق ، غەمدىن بۆلەك .

كۆيگىنىمگە يوق پۇشايمان مەيلى كەتسەم كۈل بولۇپ ،
بەلكى يوقتۇر ساڭا شەيدا  قۇلمۇ ھەم مەندىن بۆلەك .

كۈنۈ- تۈن ۋەسلىڭ كويىدا  ئۆرتىنەرمەن ئاھ ئۇرۇپ ،
قالمىدى جىسمىمدا تاقەت بۇ زەئىپ تەندىن بۆلەك .

مۇپتىلا بولدى  ئەھەدى     بۇ ئىشىق     سەۋداسىغا ،
يوق شىپا لوقمان لېۋىڭ قىلغان داۋا- ئەمدىن بۆلەك .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-10 22:40  


شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش