كۆرۈش: 2333|ئىنكاس: 32

يازغۇچىلار ئاۋازى (5-سان ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1488
تۆھپە : 75
توردا: 327
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 13:58:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





چۈشۈرۈش ئادرېسى : mp3/5-san.mp3




شىنجاڭ يازغۇچىلار  جەمئىيتى  باشقۇرۇشىدىكى   يازغۇچىلار تورى ئاۋازلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىدىن بېرىلىۋاتقان :



  ''يازغۇچىلار ئاۋازى'' پروگراممىسى



5-سان


ئاۋازدا : تۇنساگۈل بارات ئەلقىزى

مۇزىكا كىرىشتۈرگۈچى : ئەزىز ئىمىر يانغىن





بۇ سانغا بېرىلگەن ئەسەرلەر :



ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر:   شېئىر ۋە شائىر (نەسىر)

ئەخمەتجان خۇما : ئاپتاپ كۆرمىگەن ئەر (شېئىر)

غوجى مۇھەممەت مۇھەممەت: ئەرنىڭ ئىپپىتى(نەسىر)

ئوسمان قاۋۇل:   سەن مەھدۇم، سەن مەھدۇب (نەسىر)

شاۋكەت رۇستەم ، ئابدۇخېلىل مىرخېلىل: دوستانە چاخچاقلار (شېئىرىي چاخچاق)

  http://new.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=45&TopicID=8584   

مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر:  ئىككى ئىت (ھېكايە)

تۇرغۇن پەيزۇللا:  نوزۇگۇم (شېئىر)

زۇلفىيە ئابدۇراخمان : ئۇسسىغان دەريا





ئاۋاز ئالغۇچى، تەھرىر: تۇنساگۈل بارات ئەلقىزى

مۇزىكا كىرىشتۈرگۈچى: ئەزىز ئىمىر يانغىن

مەسئۇل مۇھەررىر:  تۇنساگۈل بارات ئەلقىزى

     مەھمۇت ھېيت مەھدى

    ئەزىز ئىمىر يانغىن

باش نازارەتچى:   ئەيبۇ ياقۇپ


مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...
idraksoft

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 840
تۆھپە : 14
توردا: 280
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 14:10:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تاللانغان ئەسەرلەرگە «جان كىرگۈزۈش» ئارقىلىق بىز بىلەن سىرداشتۇرىۋاتقان ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ  بۇ ئۆزگىچىلىكلىرىنى ئىزچىل داۋام ئەتكۈزۈش يولىدا  ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ ئېتىۋاتقان  جاپاكەشلەرنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

ئەركزات مەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لۇغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم-نەرقىم بىلەن.
Www.Arkzat.Com

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 770
تۆھپە : 3
توردا: 169
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 14:23:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسەرنى كىتاپتىن ئوقۇش باشقا گەپكەن .ئاڭلاش يەنە باشقا بىر گەپكەن. ئەسەر ئاۋازغا ئېلىنسا ئۇنىڭغا ئوقۇغۇچىنىڭ ئاۋازى، ھېسسىياتى بىلەن مۇزىكا قوشۇلۇپ ئەسەرگە يېڭى جان،يېڭى قان ئاتا قىلىپ،سۈلكىتى بىلەن يېقىشچانلىقىنى ھەم تەسىرچانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىكەن.مۇشۇ ئىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئەجىر قىلىۋاتقان تۇنىساگۈل، يانغىن قاتارلىق مېھنەتكەشلەرگە قانچە سالام بەرسەك ئەرزىيدۇ. ئۇلار ئەدەبىيات ئۈچۈن ئۈنسىز مېھنەت قىلماقتا.ئۇلارنىڭ بۇ ئەجرى مەڭگۈ قەدىرلەنگۈسى...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  840
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 31
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 15:03:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ تور تېلىۋىزىيىسى ئېچىلمىدىغۇ. بۇ مېنىڭ سېستىمامدىكى خاتالىقمىدۇ ياكى باشقىلارنىڭمۇ شۇنداقمىدۇ؟ قانداق قىلسا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەقىل كۆرسەتساڭلار

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1316
تۆھپە : 39
توردا: 358
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 15:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پىروگراممىنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن. ھەر بىر سانىنى چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويىمەن. ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن ئەجىر تەرىنى تۆكىۋاتقان دوستۇم ئەلقىزى، ئەيبۇكام، مەھدى ۋە يانغىن ئۇكامغا يەنە بىر قېتىم  رەھمەت ئېيتىمەن. ھارمىغايسىلەر! ئەسىرى تاللانغانلارغا مۇبارەك!

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  103
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1364
تۆھپە : 2
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 17:32:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    «ئالتۇن ئۈزۈك»لەر «ياقۇت كۆز»لىرى بىلەن ئاجايىپ سېھىرلىك جۇلا ھاسىل قىپتۇ. كۆز قويغۇچى ئۈزۈكلەرنى جايىدا ،دەل بايقاپتۇ. «ئۇزۇك ياسىغۇچىلار»غىمۇ،ياقۇتتىن «كۆز قويغۇچى»غىمۇ تەھسىنىم بار! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈ*ركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 17:34  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 515
تۆھپە : 0
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 18:20:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان خۇمانىڭ ‹‹ئاپتاپ كۆرمىگەن ئەر ››نامىلق شىئىرنى قانچە قېتىم ئاڭلىغىنىمنى بىلمەيمەن.تۇيغۇمدا‹‹ئاپتاپ كۆرمىگەن ئەر›› بىلەن ‹‹قەشقەردىكى يەر شارى ››ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتتى.ئەخمەتجان خۇمانىڭ كونا مۇنبەردە كۆرگەن پاكار گەۋدىسى كۆز ئالدىمدا بىر دىنلا زورىيىپ تۇلىمۇ قامەتلىك بىر گەۋدىگە ئايلاندى.ئىلگىرى تاققا-تۇققۇدەك تۇيۇلغان شىئىرلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇقۇشقا كىرىشتىم.شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى ئەخمەتجان خۇمانىڭ قەلەم قۇۋۋىتى،بەدئى دىتى ھەرگىزمۇ ئادىل تۇنيازنىڭكىدىن كەم ئەمەس.ئۇستاز ئىجاد تۇلپارىڭىز تىخمۇ يۈكسەك مەنزىللەردە پەرۋاز قىلغاي.
ئەسەرگەيۈكسەك سۆز پاساھىتى بىلەن جان كىرگۈزۋىتىدىغان تۇنساگۇل خانمغا ئىھتىرام.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ۋارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 18:22  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1541
تۆھپە : 16
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 20:20:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنىسى ئۆزىمىزنىڭ ئەسىرىنىمۇ ئاڭلايدىغان كۈنلەر چوقۇم  كېلىدۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  282
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 495
تۆھپە : 4
توردا: 76
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 20:23:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى توختىماي روياپقا چىقىرىۋاتقان جاپاكەشلەردىن تۇنساگۇل ھەدەم ۋە دوستىمىز ئەزىز يانغىنغا رەھمەت.

ئەدەبىيات ____ يېپيىڭى بىر قىز....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  104
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 223
تۆھپە : 3
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 21:10:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇلدۇلغا قانات چىققاندەك ،ھۆسىنگە ھۆسىن قوشۇلغاندەك ...  
مۇشۇنداق خالىس ئەمگەككە ئۆزىنى ئاتىغانلارنىڭ تېنىگە ساقلىق، ئاۋازىغا بەرىكەت تىلەيمەن.

مىللەتنى ئۇرۇش ئەمەس،سۈكۈت ھالاك قىلىدۇ.

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1936
تۆھپە : 17
توردا: 362
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 03:30:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  « ئاپتاپ كۆرمىگەن ئەر»  ئادرېس:

http://new.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=1462

      تېكىست  :
   ئاپتاپ كۆرمىگەن ئەر

ئاپتورى: ئەخمەتجان خۇما


  كىمنىڭ ئاغزى بۇ سۈت پۇراپ تۇرغان،
   قىيامەت بوسۇغۇسىدا تېنەپ-تەمتىرەپ؟
يۈزلەر لىپىلدايدۇ سەرسان چۆللەردە،
   بوۋاق يىغلىماقتا نومۇس، نومۇس دەپ!
سۆرۈلۈپ يۈرىدۇ كەتمەن دەستىسى،
         كۆزلەر خۈنۈكلەشمەكتە چاينالغان چەمدەك.
تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ زاھىدلىق قىسمەت،
  ھايات ئادەملەرگە خۇددى بىر ئەرمەك.
ساما تەلقىنلىرىنى تەرك ئەتمەكتە،
ھېيتگاھ جىمجىتلىق ئىچىدە كۆيۈپ.
سۆرۈلۈپ يۈرىدۇ قىزلار كوچىدا،
پىۋىنىڭ زوقىدا ئەركەكلەر كەيپ.
غۇۋا ئەسلىمىگە يەم بولۇش ئۈچۈن،
ناغرا-سۇنايلار پۇلغا دۈم چۈشتى.
   قىلىچنىڭ بىسىدەك چاقنىغان ياشلىق،
مەستلىك شامىلىدا نەلەرگە ئۇچتى؟
بەلۋاغلار ئۇنتۇلۇپ دورا ئىچكەنلەر،
جۇۋاننىڭ ئايىقىغا پالاقلاپ چۈشتى.
    ھەر كىم ئۆزى ئۈچۈن داستان يازغاندا،
ھايات تاۋكاسىدا كىم زەپەر قۇچتى؟
مۇئەززىن پەشتاختا ئېچىرقىماقتا،
ئۇيقۇلۇق سەھەرگە كۆمۈلگەن ئىمان.
قەدەھلەر سوقۇشماقتا تاڭلارنى بويلاپ،
كۆيمەكتە بۇقۇلداپ يوللاردا ئارمان.
قوزا چۈش قىزدۇرسا مەسنىڭ يۈزىنى،
كۆيمەكتە ئىشقنىڭ تەپتىدە جۇۋان.
ۋاقىت ئۇزارماقتا سويلاپ يىلاندەك،
    پۇرسەت كىمگە چاقماق، كىملەرگە كارۋان؟


شەھەر نەرە تارتماقتا ماشىنىلاردەك،
چاشقان غاجىلىماقتا تامنى، تۆمۈرنى
ئۇخلار سۈت ئۇيقۇسىدا قىيامەتكىچە،
مۈشۈك بىچارە باغلاقتا يۇمۇپ كۆزىنى.
              كېلىن كەلگەندە ئۇخلاپ قالغان پىۋىخور يىگىت،
   ئۇنتۇپ قالدى مومىسىنىڭ چۆچەكلىرىنى.
بوۋايلار يىغلاپ يۇڭدىماقتا ساقاللىرىنى،
ئەسلەپ قالغاندۇ بەلكى، يىگىتلىكىنى؟!
بوغدا دوختۇرخانىسىدا ساناقسىز ئەرلەر،

ئۇچىرەت بولۇپ ئىزدىمەكتە ئەركەكلىكىنى.
كېڭەيمەكتە قىز قەلبى، يىگىلەۋاتقان
يىگىتلەرنىڭ يانچۇقىغا تىكىپ كۆزىنى.
جاھان تارايماقتا تاماشا قىلىپ،
قەشقەرنىڭ پايانسىز تارىيىشىنى.
يالتىراق خالتىلار، شىشىلەر رەت-رەت،
چاقماقتا ئۆي-ئۆيدە كوزا، ئىدىشنى.
بالىلار چىقالمايدۇ تالاغا كەچتە،
تېلىۋېزور غاجىلىماقتا بەڭۋاشلىقىنى.
ئېغىر سومكىلارنى سۆرەپ ساپاندەك،
ئىزلىمەكتە يولدىن شوخلۇقلىرىنى.
تۇرار بوتكىلاردا لىقمۇ-لىق سائەت،
ۋاقىت توختاپ قالغان قايناق رەستىدە.
ئەقىل لاتقىلارغا چىلىنىپ ياتار،
  پۇل-مەنپەئەت يالقۇنلايدۇ ھايات كۆركىدە.
تۈمەن كۆۋرىكىدە كۆركە ساقال چال،
مۈگدىمەكتە بىلەيلىرىگە خېرىدار ئىزدەپ.
ئوسمىلار چېچىلىپ ياتىدۇ يولدا،
خېرىدار ئۆتىدۇ ئۇلارنى چەيلەپ.
ھايات قاينىماقتا بازار، رەستىدە
ئاشپۇزۇل، رېستۇران، ھور مونچىسىدا.
قىزلارنىڭ بەزمىسى پەلەككە يەتتى،
ئەركەكلەر مۈگدىمەكتە بوتۇلكىلاردا.
نەپسىنىڭ قۇلىدەك يىغلار ناخشىلار،
غىلجىڭلاپ نومۇسسىز پاھىشىلەردەك.
دۇتارنىڭ دەستىسى سۇنماقتا چۇل-چۇل،
قىزلار قەھ-قەھ ئۇرۇپ كۆيەر دوزاقتەك.
قاينىغان قازاندەك رەڭلىك سورۇندا،
كېلىن قېينىئاتىسىغا قۇچاق ئاچىدۇ.
توي-نەغمە قىزىيدۇ تەرەپ-تەرەپتە،
قاينايدۇ كۆزلەردە ئەما كۈيىلەر.
شەيتان قارچۇقىدا جاھان چۆرگىلەپ،
ئالقىشلار ئەۋجىدە ناغرا چېلىنار.
ئالقىشلار ئىنسانى ئېھتىرام ئەمەس،
بىردەملىك ھايانغا جانلار سېتىلار.
يۈرەكتىن يۈرەككە بىر يول ئېچىلماي،
قان قانغا، جان جانغا قانداق قېتىلار؟
قىزىغان نەغمىنىڭ ئاراچلىرىدا،
كېلىننىڭ خىيالى تانسا تارتىدۇ.
ئېرىنىڭ قولدىشىغا دەيدۇ پىچىرلاپ:
بۈگۈن كارۋىتىمدا كىملەر ياتىدۇ؟
بۇ جاھان مەس بولۇپ قېتىپ قالىدۇ،
توي تارتىپ كەلگەنلەر كېتىپ قالىدۇ.

ھوجرىدا بىتاقەت ئولتۇرسا كېلىن،
ئېرى دورا ئىزدەپ كېتىپ قالىدۇ.

ئىچەرمەنلەر مەس، بوتۇلكىلار مەس
ئەرلەر مەس بولۇپ ياتار ئەۋرەزدە.
جۇۋان نازىدەك تولغانسا ئەرلىك،

قىزلار قان يۇتمامدۇ ھىجران دەزىدە؟!
يىگىت ئەركەكلىكتە سۇنغان پەسىلدە،
بوغۇلدى قەدەھ ئىچرە پاتمان قەرزگە.
قىزلىق نىدا ئەيلەر شۇندا ئاھ ئۇرۇپ،
زار-زار تەلمۈرگەنچە ئەرلىك ۋەسلىگە.
دەيدۇ: ئوغۇز سېنى نەدىن ئىزدەيمەن؟
قەھرىڭ توزانىغا لېۋىم سۈرەيمەن!
شاراپ دولقۇنىدا ئەلەڭلەپ قالدىڭ،
ئىشقىم كۈۋەجىسە كىمنى سۆيەرمەن؟
ياشلار نوچىلىقتا توۋلاپ ئىچىدۇ،
قېرىلار ساقىلىنى يۆگەپ ئىچىدۇ.
ئاياللار مىس چەينەكتە چاي دەپ ئىچىدۇ،
بالىلار دادىسىنى دوراپ ئىچىدۇ.

زابويلار ئالا-تاغىل توۋلاپ ئىچىدۇ،
خوشامەتچى باشلىقىنى ماختاپ ئىچىدۇ.
بەزىلەر سۆلەت بىلەن ئاز-ئاز ئىچىدۇ،
بەزىلەر بوتۇلكىنى قوغلاپ ئىچىدۇ.

كوچىلار، دەل-دەرەخلەر، ماشىنىلار مەس
باغ-ۋاران، ھويلا-ئارام، كائىناتمۇ مەس.
تاغ، شەھەر، سەھراغىچە گۈپۈلدەپ مەسلىك،
كەلكۈندەك يامرايدۇ دىللارغا نەسلىك.
مەسلىكتىن يىرتىلسا ئەرلەرنىڭ قېنى،
يىرتىلار قىزلارنىڭ شەرمى-ھاياسى.
يالىڭاچلانغان قەلبلەر سويغان پىيازدەك،
ئۆچمەكتە پىلىلداپ ئەقىل زىياسى.
قاغا قاقىلدايدۇ، كەپتەر ئۈنلەيدۇ،
ھەر كىم ئۆز ناخشىسىغا توۋلايدۇ ئەبەت.
يۇندىدەك تۆكۈلمەكتە بۇندا ئەركەكلىك،
ئەۋرەز بولۇپ ئاقماقتا قىزلىق لاتاپەت.
ئەرلىك تومۇرىغا ئۇرۇلغان نەشتەر،
قىلار پارە-پارە قىزلىق پەسلىنى.
شىردەك نەرە تارتقان ئەركەك سۈرىگە،
قىزلار ئاتا قىلار ئەسلى-ۋەسلىنى.
ھىجران ئالاڭلايدۇ كوچا-كوچىدا،
قىزلار قولتۇقلىغان ئەرلەرگە قاراپ،
نۇزۇگۇم يىغلاپ قالغان قومۇشلۇق ئىچرە،
زەبەردەست يىگىتلەرنىڭ يولىغا قاراپ.
ئەرلەر ئات ئۈستىدە داستان يازاتتى،
ياكى قەلەم بىلەن دۇرلار قازاتتى.
قىزلار قېنى بىلەن كەشتىلەر توقۇپ،
باھادىر پالۋانلارغا تىزىق تىزاتتى.
شېرىن شەيدا بولغان پەرھات بەستىگە،
سەنەم قۇچاق ئاچقان غېرىپ ئەقلىگە.
قىزلار بەزمىلەردە مەيگە چىلىنىپ،
زارىقىپ تەلمۈرمەكتە يىگىت ۋەسلىگە.
بوۋام تىكىلگەندە مومام بىچارە،
ئۈچ كۈن يىغالمىغان ئىدى ئېسىنى.
ئۈچ ئاي قۇچىقىدا ئولتۇرسا بەرنا،
ۋىللىدە ئىللىمىدى يىگىتنىڭ قېنى.
يات خەق مەھەللىدىن ئۆتكەندە بوۋام،
نىمىشقا تەلۋىلەرچە قېنىنى چاچتى؟
بۈگۈن خوتۇنىنىڭ ئاشنىسى كەلسە،
كىملەر كۈلۈپ تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتى؟
بوۋىلار لاي سۇ ئىچىپ ئىسسىقى ئاشتى،
يىگىتلەر گۆش گىردە يەپ سوغىقى تاشتى.
بوۋام ئون يەتتىدە قىزنىڭ پېيىدە،
يىگىتلەر يىگىت پېتى ئوتتۇزدىن ئاشتى.
مومىلار ئۆمۈر بويى تىك قاراپمىدى؟
بوۋايلار يېنىدىنمۇ توغرا ئۆتمىدى.
ئېرى تاماق ئېتىپ تەق قىلسا جۇۋان،
كەيپى يېشىلمىگەچ تېخى تۇرمىدى.
كوچىلار ئادەم بىلەن لىق تولغان،
قۇپ-قۇرۇق جۇلدۇڭلايدۇ كۆڭۈل گەردىشى.
زامان بۇزۇلدى!
قىيامەتنىڭ ئالامىتى بۇ! دەيدۇ ھەر كىشى.
مەن كۆيمەكتىمەن چوغنىڭ ئىچىدە،
چوغ يېلىنجايدۇ مېنىڭ قېنىمدا.
شېئىر يازىدۇ شائىر قەلەمدە،
ئۆرتىنىپ-ئۆرتىنىپ دەردۇ-ئەلەمدە.



ئىشەك ھارۋىسىغا لىق ئوتۇن بېسىپ،
كەلسە مويسىپىتلەر نامازدىن كېچىپ.

يۈزىنى يۇمىغان شاگىرت ناۋاي،
ئەخمەق قىلماق بولىدۇ مىڭ ئېۋەن تېپىپ.
تاڭ سەھەر ھېيتگاھتا تۇرار دۈگدىيىپ،
مەدىكارلار كۈچىنى ساتماقچى بولۇپ.

غۇرۇرىنى ساتىدۇ ئۇزۇن چاچ يىگىت،

خوجايىنىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ-يېلىنىپ.
قىرقىم چاچ، ھايالىق قىزلار ئىشلەيدۇ،
ئاشخانا، رېستۇران، تاللا بازاردا.
سائەتلەپ ماڭىدۇ موكىدەك تىنماي،
تاپقىنى قورساققا يېتەر ئارانلا.
مېھمانخانا، تانسىخانا، ئىشخانىلاردا
قىزىيدۇ توختىماي ئىشرەت بەزمىسى.
توملاپ يانچۇقىنى، ياساپ ئۆزىنى
چوكانلار تىكتۈرمەكچى قىزلىق پەردىسى.
ھايات كۈۋەجەيدۇ قارا قۇرۇمدىن
ئالتاينىڭ تاغلىرىغا يېيىلىپ قۇمدەك.

ئۇرۇلماقتا ئادەملىك تاشقىندەك ھەر يان،
ئىمان پېتىقلانماقتا ئېرىگەن قاردەك.
دەرخ، كىملەر قېلىپ كىملەر كېتىدۇ،
ھاياتنىڭ بۇ زەبۇن ھالىدىن كېچىپ؟

كىملەر ياقا يىرتىپ قىلىدۇ نالە؟
كىملەر تۇمان ئارا تۇرار قەد كېرىپ؟
ھايات ھەر كىشىگە بېرىلگەن ھوقۇق،
كىملەر ئادىمىلىك سۈيىدە ئاقار؟
ھايات ھەر كىشىگە چەكسىز ئەركىنلىك،
كىملەر زەبۇنلۇققا باغرىنى ياقار؟
ھايات ھەر كىشىگە بىلسە ئامانەت،
كىملەر ئامانەتكە قىلار خىيانەت؟

ھايات ھەر كىشىگە بېرىلگەن پۇرسەت،

كىملەر ياراتماقچى بولار كارامەت؟
ۋاقىت قىسمەت بولۇپ ھەر بىر دەقىقە،
ئەقىل ئۆتەڭلىرىدە ناغرا چالىدۇ.
پۇرسەت ھەر كىشىگە بويىدەك ئايان،
كىملەر ئازغان تېرىپ، كىم زەر ئالىدۇ؟!

ئىنساننىڭ كەلمىشى باپ-باراۋەرلىك،
كىم ئىگىز، كىم پەسلىك بىلسە بىردەملىك.
ئادەمنى ئادەمدىن پەس كۆرۈش گۇناھ،

موزاينىڭ يۈگۈرىشى ئاخىر سامانلىق!
كوچىغا باي چىقار، گادايمۇ چىقار،
ساراڭمۇ يۈرۈشكە تولۇق ھوقۇقلۇق.

كىم كىمنى ياراتماي ئۆتۈش نە ھاجەت؟
ھەر كىمگە ئەجەلنىڭ ئېتى توقۇقلۇق.

بۇ شۇنداق ھاياتكەن، شۇنداق جاھانكەن،

ھەر كىشى ئۆزىنى چاغلار مۇھتىرەم.
يارىياردا ئولتۇرغان دېھقان چېغىدا،
ياراتمايدۇ سانتانادىكى باينى ھېچقاچان.
ئى شۇمنىڭ ھالىنى كۆرۈڭ ئۆزىچە،

ياراتمايدۇ بىزنى قايسى ھالىغا؟
تۈنۈگۈنلا مەندىن كەكە سورايىتتى،

چىقالمايىتتى ھەتتا ئىشەك ھارۋىغا.
كاستىيۇمىنى قىرلاپ كىيىۋالغانلار،
مەينەت دەپ كۆزىگە ئىلماس دېھقاننى.
ھەپتىيەك ساۋادى چىققان موللىچاق،

ياراتماس قىلچىلىك سىتودېنتنى.
ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇپ ئالىم باياشات،

چۈشەنمەيدۇ ئاۋامنىڭ دەردىنى قىلچە.

دەيدۇ: نىمە دىگەن نادان خەلق بۇ؟

ھەممە ئالىم بولارمىش ئۇنىڭ سۆزىچە.
دېھقان چوڭ بىلمەيدۇ شەھەرلىكلەرنى،
ئاپتاپ كۆرمىگەن ئەر ئەر بولامدۇ دەپ!
مىڭ ئوقۇغاندىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟

ئەركەك سۇ ئىچىپ ساق يۈرسەممۇ دەپ.

سەھرا قۇياشىغا چىلىنىپ ياتسا،

بامداتقا ئەگىشىپ كۈندە تاڭ ئاتسا.
ھايات شۇ ئەمەسمۇ گۈل چىراي مەھبۇپ،

ساڭا بىر ئۆمۈر كەڭ قۇچاق ئاچسا!
خانتاجىدا ئولتۇرغان ئەمەلدار ئازمۇ؟
مەدھىيە، ئالقىشلار ناخشىمۇ، سازمۇ؟

نىمە كەم؟ ھېچنىمە! ھوقۇق بولسىلا
نەۋباھار بولىدۇ ھەتتاكى قىشمۇ!
ماشىنا ئۇچقاندەك ماڭسا غۇيۇلداپ،
كۆرىنەر ئادەملەر گويا چۈمۈلە.

يۇتىۋېتىپ مۆرىتى كەلگەندە چوغنى،
دەيدۇ: ھايات دىگەن شۇنداق ھوزۇردە!
ھېچكىم ھېچكىم بىلەن سۇۋاشماس قىلدەك،
ئىككى ئادەم ئارىسىدا ھاڭ بار مىڭ مېتىر.

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچمەس ھەتتا،
ۋاڭ-چۇڭلۇق شەھەردە ھەر ئادەم پېقىر.

ئون يىل خوشنا بولسا يوقتۇر ئەسسالام،
قۇياش چېغىدا ھەر سەھەر قىلىدۇ سالام.
ھايات ئادەملەرنى قىينار بوغۇشلاپ،
خۇشلۇق نېمىتىدىن بەرمەي بىر كاپام.

شەھەر پاراۋۇزدەك چاپار مىسىلداپ،
ۋاقىت كوچىلاردا ياتار بۇقۇلداپ.
پۇللا ئالدىرايدۇ كۆزنىڭ يېغىدا،

ئۆمۈر قوغلاپ يۈرەر ئۇنى سوكۇلداپ.

تارىخ يېزىلماقتا قۇمدەك تۆكۈلۈپ،

قىرائەت ئوقۇلماقتا تۇپراق بېشىدا.
ئۆكسۈش قېتىپ قالدى يولدا لىپمۇ-لىق،

قاغجىراق تۇپراقنىڭ توپا-تېشىدا.

كۆڭۈل كۆزگە يېقىن ئۈمىتكە يىراق،
ئۇنى ئەركەك سۇدا چايقاپ قويۇڭلار!
ئارمان يېلىنجىسا تارىم چۆلىدە،
ئەرلەر ئويغاندى دەپ توۋلاپ قويۇڭلار!
مەگەر كىمكى كەلسە كىمنىڭ يېنىغا،
ئەردەك سالام بېرىپ دوستيار بولۇڭلار!
ئۆملۈك ناخشىسىنى بۇزماقچى بولسا،
رەقىپ قارىقىغا نەشتەر ئۇرۇڭلار!

كۆيەر بىر يۇلتۇز
تارىم چۆلىدە قۇمدەك تۆكۈلۈپ
ئىھ، بىلىمەن ئۇنى، بىلىمەن ئۇنى
ئۇ چوقۇم ئەركەكلەرگە ھازا تۇتماقچى.



بۇ يازما ئەخمەتجان خۇما تەرىپىدىن 2011-2-26 22:14:45 تەھرىرلەندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elqizi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-8 12:30  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرىتى تىللاسى تۆھپىسى يىغىش سەۋەبى
گۈلسۈمئاي + 10 + 10 + 12 --------

ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرىتى + 10  تىللاسى + 10  تۆھپىسى + 12   باھا خاتىرىسى

چۈشىنىكسىز ھەرپ،سان،غەيرى،سەلبى ئىسم، باشقا يېزىقلاردا تىزىملاتماڭ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1368
تۆھپە : 10
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 13:47:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5-سانغا بىرىلگەن ئەسەرلەر بىر-بىرىدىن ئىسىل ئەسەرلەركەن.
ئىش قىلغاچ ئاڭلىسا بەك ياخشىكەن ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىكەن ئادەم، ئاخىردىكى ئابدىخېلىل مىرخېلىل ئاكا بىلەن شەۋكەت ئىبىراھىم ئاكىنىڭ چاقچاقلىرىغا بەرگەن ئاۋاز بەك قىزىقارلىقكەن. بۇ چاقچاقلارنى ئاڭلاپ ، باشلانغۇچ مەكتەپتە تىل- ئەدەبىيات دەرىستە خانىم بىر ھىكايىنى شۇنداق ئوقۇپ بەرگەن ئىككى ئۈچ خىل ئاۋازدا ، ئايال ، ئەر، كىچىك بالا .
تۇنىساگۈل ھەدەم كۆپ قىرلىق ئاۋاز ئارتىسىكەن. ئاۋازىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

ئاۋازلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىدىكى ئەزىزلەرنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلەيمەن.

يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  413
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 23
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 20:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ ئەجىر سىڭدۇرۋاتقان جاپا كەشلەرگە دەت كەلمسۇن! ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر ئىشىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ...‹‹ئاپتاپ كورمىگەن ئەر›› دىن ناھايىتى ھۇزۇرلادىم. بىراق، ‹‹شېئىر ۋە شائىر››دىن تازا تازا لەززەت ئالالمىدىم...

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1936
تۆھپە : 17
توردا: 362
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 13:08:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىمممەتلىك تەكلىپلىرىنى قالدۇرغان پەروزانكام،ياسىنجان ئاكام، ئەركزات، تۈ*ركزات، ئايتۇغ ،تۇتىش،ساباھى، ۋارىس،ئابلىپىز،قۇتلۇق،...قاتارلىق بارلىق ئەزىزلەرگە رەھمەتلەر بولسۇن، سىلەرگىمۇ ھۆرمەت بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ھەم   سالام يولللايمەن، ساقلىق ۋە خوشاللىق تىلەيمەن!  
جاۋاپ كۈتكەن ئىنكاسلارغا جاۋاپ:


ياسىنجان ئاكامنىڭ ئىنكاسىغا: ئۆزۈڭلارنىڭ ئەسىرىنىمۇ ئاڭلايدىغان كۈن ئاللا خالىسا چوقۇم كېلىدۇ.

ئابلىپىز  ئىدىرىسنىڭ ئىنكاسىغا:

      مەن ئۇ چاخچاقلارنى ئوقىغاندا (بىرسى يەڭگۈچى يەنى ئابدۇخېلىل مىرخېلىل، يەنە بىرسى يېڭىلگۈچى يەنى شاۋكەت رۇستەمدىن ئىبارەت )، ئىككىيلەننىڭ ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش جەريانىدىكى(ئەمەلىيەتتە ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش مەۋجۇت بولمىغان ئاجايىپ كۆڭۈللۈك دوستانە چاخچاق) روھىي ھالىتىگە ئىمكان بار  ماس كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ باقتىم، بۇ يەردىكى قىيىنلىق نۇقتىسىنى چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت ئىنىم، سەگەك كاللىڭىزغا ھەسسىلەپ ئەقىل قوشۇلغاي!
  
قۇتلۇقنىڭ ئىنكاسىغا:  كەچۈرۈڭ،«شېئىر ۋە شائىر» نى ئىمكان با ھۇزۇر ئالالىغىدەك قىلىپ ئىشلەشكە تىرىشىمىز، پىكرىڭىزگە رەھمەت!

ساباھى : سىزمۇ تازا ھالقىلىق پەيتتە ئەسقاتقان ئېدىڭىز ئىنىم، سىزگىمۇ رەھمەت!

ئا. روزىنىڭ ئىنكاسىغا:  مۇنبەردىكى تور تېلېۋىزىيىسى مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق ئېلىۋېتىلگەن، شۇنىڭدىكى كاشىلا ئىدى، ھازىر نورمال، تەۋەلىك رايوننى توغرا تاللاپ قويالىسىڭىزلا قاناللارنى نورمال كۆرەلەيسىز.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elqizi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-8 13:09  


چۈشىنىكسىز ھەرپ،سان،غەيرى،سەلبى ئىسم، باشقا يېزىقلاردا تىزىملاتماڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  818
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 101
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 13:24:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنى ئېيتسام، دوستۇم ئەخمەتجان خۇمانىڭ شېئىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئوقۇپ، ئاندىن شېئىردىن ھوزۇرلانغاندەك بولدۇم، شېئىرنىڭ قۇدرىتىنىمۇ تۇنجى قېتىم كۈچلۈك ھېس قىلدىم، بۇندىن كېيىن پات- پات شېئىر ئوقۇپ تۇرسام بولغۇدەك...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش