ئابدۇمىجىت قاھىر
تۆتىنچى جېسەك
(نەسىر)
بۇ شەھەردە بىرمۇ جېسەكچى يوق. بىراق ئادەملەر تۆتىنچى جېسەك ۋاقتىدا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇۋېلىشاتتى. تۈن كېچىنىڭ مەسىتخۇش لەززىتى ئادەملەرنىڭ ئەمەس بەلكى كېچە قۇشلىرىنىڭ تېنىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپاتتى. توك سىملىرىغا قونۇۋېلىشقان ياۋا كەپتەر ۋە سۈندۈكلەر ھېچنېمىدىن غەمسىز ھالدا ئۇيقۇغا كېتىشىدۇ. ئۇلار پاك... ئۇلار بىغۇبار...
تۇرنا جۈپتىدىن ئايرىلسا تاكى ئۆلگۈچە باشقا تۇرنا بىلەن جۈپلەشمەيدۇ... بىراق ئادەملەرچۇ ؟ ئۇلار بىر كېچىنى ھاياتنىڭ پاھىشە پۇرايدىغان مىنۇتلىرىغا ئوخشىتىپ قويغان. ئۇلار ئەشۇ تۈن-كېچىدە ئېغىنايدۇ لۆم-لۆم كارىۋات ئۈستىدە... كەيىپ تەنلىرى توزغاقتەك توزۇيدۇ بۇلۇتلارنىڭ كۆكسىدە...
قاۋاقلارنىڭ ھاڭغىرقاي ئىشىكلىرى بۇ شەھەردە ھاياتلىقنىڭ تېخىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەسچىت قۇببىسىدا ئۈنلۈك توۋلايدۇ مەزىن... يوتقان ئىچىدە قۇترايدۇ مەخپى ھاياجان...
بۇ شەھەردە بىرمۇ جېسەكچى يوق. تۆتىنچى جېسەك جىمجىت ئۆتۈپ كېتىدۇ يەنە ....
2012-يىلى 4-ماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ساباھى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-6 00:40