جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2091 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 77|ئىنكاس: 3

سۆيۈلمىگەن يار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 396
تۆھپە : 14
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 23:57:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

       سۆيۈلمىگەن يار





          ياسىنجان ئوسمان ئەركزات





          قارچۇقۇمنى يوللىرىڭغا قىلىپ پايانداز،

       كۈتكەن ئىدىم كەتكىنىڭدە يىراقلارغا.

          جۇدالىقتا يىغلاتقىنىڭ كەلگەن كەبى ئاز،

           تۇتقۇن قىلغان ئىدىڭ ئاچچىق پىراقلارغا.



      كۈتەلىگەن تاقەتلىرىم بولغاندىمۇ تاق،

             سۆيگۈڭ بىلەن سۆيگۈم  ھامان قوشماق ئىدى.

                    پەرىشتەم سەن شۇنچە لېۋەن، شۇنچە ئۇز- ئوماق،

     سەنسىز ھايات گويا ماڭا  دوزاق ئىدى.



          ماڭغىنىمدا خەيرلىشىپ ھىجران- سەپەرگە،

         خوش! دەپمۇ يار چىقالمىدىڭ بۇسۇغاڭدىن.

          رىسقىم باركەن يولۇقمىدىم ھېچبىر خەتەرگە،

      ۋىسال قۇچۇپ ئەتىدىكى گۈزەل تاڭدىن.




          ئىشەن گۈلۈم، ئاق يول تىلەپ ئۇزاتمساڭمۇ،

     مۇمكىنمۇ ئاھ رەنجىشلىرىم سەندىن يەنە.

       رەنجىش نېمە  دىل خانەڭگە يولاتمىساڭمۇ،

    كۈتۈپ تۇرار  پاك سۆيگۈمىز پارلاپ ئەنە.

      گەرچە مېنى دىلدىن سۆيۈپ ياراتمىساڭمۇ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 00:03  


ئەركزات مەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لۇغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم-نەرقىم بىلەن.  
Y.O.Arkzat-

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 592
تۆھپە : 1
توردا: 115
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 00:14:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان مۇئەللىمنىڭ ئىجادىيىتىگە بەرىكەت يار بولغاي!

ئەلمىساقتىن قەدرىسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 374
تۆھپە : 4
توردا: 111
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 12:31:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ئەركزات ئەپەندى،شىئېرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ،قەلەملىرى بەركەتلىك بولغاي !

4-كۇبلىتنىڭ 5-مىسراسىنى ئېلىۋەتسىمۇ شىئېرنىڭ كىلىشكەن رۇخسارىغا تەسىر يەتمەسمىدىكىن، دەپ ئويلاپ قالدىم ...

شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 396
تۆھپە : 14
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 13:30:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھەدى يوللىغان ۋاقتى  2012-5-5 12:31
ئەركزات ئەپەندى،شىئېرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ،قەلە ...

ئورۇنلۇق تەكلىپلىرىگە رەھمەت! ئۆزۈممۇ 5-مىسرانى تولۇقلاشتا ئىككىلىنىپ قالغانىدىم ئەسلى.

ئەركزات مەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لۇغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم-نەرقىم بىلەن.  
Y.O.Arkzat-
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش