كۆرۈش: 145|ئىنكاس: 5

قەبرە بېشىدىن باشلانغان زىيارەت (ئۆ.م. سەردار ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  129
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 271
تۆھپە : 1
توردا: 59
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:52:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەبرە بېشىدىن باشلانغان زىيارەت

(ئەدەبىي خاتىرە)

ئۆمەرجان مۇھەممىدى سەردار

(شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 90 يىللىغىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن)

مەركىزى مىللەتلەر ئۈنۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇم سەردارنىڭ قىش تەتىللىك مۇھىم پىلانلىرىنىڭ بىرسى بولغان يالقۇنلۇق ئىنقىلاۋى شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئىشىنى ئاران دىگەندە 2012-يىل 4-فېۋرال (شەنبە)دىكى دەم ئېلىش كۈنۈمگە  توغرىلىدىم .
بۇ كۈن گەرچە باھار بايرىمىدا قاندۇرۇپ ياغققان قار تولۇق ئېرىپ بولالمىغان، شۇ تۈپەيلى ھاۋامۇ خېلى سوغۇق كۈن بولسىمۇ گەرچە ئوغۇللۇرۇم سەردار ،پەتتارلارنىڭ بالىلارغا خاس تەپەككۇر بىلەن تولغان سەبى قەلبىدە  شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ شېئرىي ھېسسىياتقا باي خيالچان  قەلبىمدە ئۆزگىچە ھاياجان ھۆكۈم سۈرگەچكە تەبىئەتتىكى بۇ سوغۇق ۋۇجۇدىمىزغا  قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيتتى.
بالىلار خوشھال ئىدى چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇسى مانا ئەمدى رىئاللىققا ئايلىنىش ئالدىدا ئىدى.مەنمۇ خوشال ئىدىم چۈنكى ئەتە –ئۆگۈن دەپ ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشلىرىغا توساق سېلىپ،بۇ زىيارەتنى كېچىكتۈرگەنلىگىم تۈپەيلى داۋاملىشىۋاتقان خىجىللىقلىرىمغا بۈگۈن خاتىمە بېرىلەتتى.
دىمىسىمۇ ئەمدى كېچىكتۈرسەم بولمايتتى چۈنكى ئوغلۇم سەردار  تەتىلگە كېلىپلا بۇ يىل مەركىزى مىللەتلەر ئۈنۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتى،  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يالقۇنلۇق ئوت يۈرەك ئىنقىلاۋى شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىغىنىڭ 90 يىللىغىنى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئاساسىدا خاتىرلەيدىغانلىغىنى شۇڭا ئۆزىنىڭ مەرھۇمنىڭ قەبرىگاھى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار تارىخىي ئىزلار ھەققىدە ئىزدەنمىسە بولمايدىغانلىغىنى تەكرار-تەكرار ئېيتقان ئىدى.
ئاكىسىدىن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئاڭلىغان كىچىك ئوغلۇم پەتتارنىڭ ‹‹ دادا  سىز بىر كەلەمكەش تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئاقسۇ شەھرىدە ياشاپ تۇرۇپمۇ  بىزنى  تا-ھازىرغىچە ئاشۇ قەبرىنى زىيارەت قىلدۇرمىغىنىڭىز بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ...›› دىگەنلىرى مەن ئۈچۈن يېتەرلىك تەنقىد ئىدى.  
شۇنداق قىلىپ بىز ئەتتىگەندىلا ماشىنىمىزغا ئولتۇرۇپ بۇ قۇتلۇق زىيارەت سەپىرىمىزگە ئاتلاندۇق.
تۇنجى قەدەمنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىۋى قوراسىغا كىرىپ ھازىر ماتىريال ئامبىرى قاتارىدا ساقلىنىۋاتقان ئەينى چاغدىكى ئاقسۇ گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى بىناسى يەنى شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىشخانىسىنى(1943-1945-يىللارغىچە)
زىيارەت قىلىشتىن باشلىدۇق. يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق بوران چاپقۇننى بېشىدىن كەچۈرگەن –قويۇق مىللى ئۇسلۇبتا ياسالغان بۇ ئەپچىلغىنە بىنا قېرى قارياغاچ سايىسىدا، زامانىۋى بىنالار ئارىسىدا سەل بويۇن قىسىپ- مۇڭلىنىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن تارىخى سىر –ھېكمەتلەر بىلەن  يەنىلا چەكسىز سېھرى كۈچىنى يوقاتمىغان ئىدى.
بىز بۇ كۆتۈرمە قىلىپ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا  سېلىنغان ئىشخانا بىناسىنى زىيارەت قىلىپ ئەينى چاغدا شائىرنىڭ ئاقسۇ گېزىتىنىڭ‹‹ جەنۇپ شامىلى›› بېتىنى ئىشلىگەن، شۇنداقلا ‹‹يىللارغا جاۋاپ›› بەرگەن چاغدىكى جەڭگىۋار سىماسىنى كۆرگەندەك بولۇپ،ئاشۇ يالقۇنلۇق مىسرالار سېھرىگە چۆمۈلگەچ ئۇنىڭ قەبرىسىنى نىشانلاپ ماڭدۇق.
قارلار تولۇق ئېرىپ بولالمىغان ،ئېرىگەنلىرى مۇز تۇتۇپ كەتكەچكە  شەھەر كوچىلىرىدا ماشىنىلار ئېھتىيات بىلەن ئاستا يۈرۈشمەكتە ئىدى .
لەنگەر يولىدىكى ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتەپ قوروسىدىن ‹‹قاراساقال ئاتام›› زاراتكارلىغى دۆڭلىكىگە ئالاھەزەل يېرىم سائەتتە دىگىدەك يېتىپ كەلدۇق.  چۈنكى كونا شەھەر رايۇنىنى ئۆزگەرتىش قۇرلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە مازار ئەتراپىغىچە قىستاپ كەلگەن چېقىش-كۆچۈرۈش قۇرلىشى داۋامىدا بۇ دۆڭلۈككە(مازارغا)  بارىدىغان داغدام يوللار ئاللىقاچان يوقالغان ۋە ئاندا –ساندا ئىزنالىرى قالغان چىغىر يوللارمۇ تەستە ئىلغا قىلغىلى بولغىدەك دەرىجىگە كېپ قالغان ئىدى.
بىز ماشىنىنى بۇ سۈرلۈك مازارنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى كىچىككىنە بوشلۇقتا- قەدىمى توغراقلار ئارىسىدا توختىتىپ قەبرە بېشىغا ماڭدۇق. تالاي بوران –چاپقۇنلۇق يىللارنىڭ زەربىسىگە باش ئەگمىگەن بۇ قەدىمى توغراقلار بۇ داڭلىق مازارغا تېخىمۇ سېھىرلىك تۈس قوشقان بولۇپ ،كىشىگە گويا بۇ ئەزىز تۇپراقتا ياتقان لۇتپۇللادەك تالاي ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىنى قوغداۋاتقان پىداكار شېيىخدەك بىلىنەتتى.
بىز قەبرە بېشىغا كەلگىنىمىزدە قەبرىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئويمانلىقتا توختىتىپ قويۇلغان ،ئىلى ئوبلاستىنىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان قارا رەڭلىك بىر پىكاپنى ھەمدە قەبرە بېشىدا 25-30 ياشلار ئەتراپىدىكى كېلىشكەن  بىر يىگىتنى ۋە قۇچىغىدىكى بوۋىقىنى كۆتۈرگىنىچە يىگىتىنىڭ قەبرە بېشىدىكى ئەستلىك خاتىرىسىگە يېزىۋاتقان خاتىرلىرىگە ئېڭىشىپ تۇرۇپ قاراۋاتقان بىر قىزنى كۆرۈپ ھەيران قالدۇق.
بىز سالام سائەت بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇلار قايتىشقا تەمشەلدى.
مەن ئۇلاردىن سىلەر غۇلجىدىن كەلدىڭلارمۇ؟ دەپ سوراپ ئۈلگۈردۈم. يىگىت ئۈندىمەي ئاستا كېتىپ قالدى بىراق قىز –نىمىدىن ئەندىكتىكىن تاڭ؟!  
ياق بىز مۇشۇ ئاقسۇدىن –دەپلا قويدى يالغاندىن.
مەن ئۇلارنىڭ يالغان ئېيتقىنىنى كەلگەن ماشىنىسىنىڭ نومۇر تاختىسىدىنلا بىلىۋالغان ئىدىم. يىگىتنىڭ يازغان خاتىرىسىمۇ بۇ نوقتىنى يەنىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاپ قويدى...
‹‹توۋا !›› ئادەملەرگە نىمە بوپ كەتتى ھە؟ ئۇلاردىكى ئىشەنچ ۋە ئېتىقاد قېنى ؟ ئېتىقاد يوقمىكى دىسە، ئۇلارنى ئاشۇ قەبرە بېشىغا ئەچىققىنى دەل ئاشۇ ئېتىقاد .ئەمما ئۆز ئارا ئىشەنچچۇ؟  ئۇلار ئاشۇ قەبرە بېشىدىمۇ نىمىشقا يالغان ئېيتىشىدىغاندۇ؟ نىمىدىن ئەندىكىدىغاندۇ؟! ئۇ يەردە شۇلاردىن باشقا ئەندىككىدەك كۆپ كىشىلەرمۇ يوق ئىدىغۇ ھە!...
   ئۇلار كەتتى. بىز قەبرىنى خېلى ئايلاندۇق ،ئوغۇللىرىم ئەستلىك خاتىرىسىگە پۇتۇلگەن پۈتۈكلەرنى بىر –بىرلەپ كۆرۈپ چىقىشتى.مەن قەبرە بېشىدىكى تېخى ئىرىپ بولالمىغان قارلارنى بىر قۇر سۈپۈرگەچ ،قەبرىگگە ئويۇلغان ئابىدىلەرنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ چىقتىم. قەبرىگە سىزىلغان نەقىش ۋە خەتلەرنىڭ قىسمەنلىرىنىڭ رەڭگى بۇرۇنقىدىن بىر ئاز سۇسلىغان بولسىمۇ لېكىن ئاساسلىق يىلنامە ۋە ئابىدىلەر بۇ ئوت يۈرەك شائىرنىڭ قىسقا ئەمما يالقۇنلۇق ئىنقىلاۋى ھاياتىدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى.
قەبرە 1982-يىلى 11-ئاينىڭ 15 –كۈنى قاتتۇرۇلغان بولۇپ  قەبرىنىڭ شىمال تەرەپ بېشىغا شائىرنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىلنامىلەر ،جەنۇپ تەرەپ يۈزىگە شائىرنىڭ ‹‹يىللارغا جاۋاپ››ناملىق داڭلىق شېئىرىنىڭ ،شىمال تەرەپ يۈزىگە بولسا ‹‹خىيالچان تىلەك›› ناملىق ئوتلۇق لىرىكىسىنىڭ جەۋھەرلىرى ئويۇلغان ئىدى. مەن بۇ بۈيۈك ئابىدىلەرنى كۆرىۋېتىپ تېخى يېقىندىلا مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلغان داڭلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ئانا يۇرت›› رومانىنىڭ مېنى ئىختىيارسىز ياش تۆككۈزگەن- شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھايات-ماماتلىق مىنۇتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مىنۇتلارنى ئەسكە ئالدىم.
خىياللىرىم ئاللىقاچان  ئاشۇ قاباھەتلىك يىللارنىڭ ئازاپلىق ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلماقتا ئىدى.
چوڭ ئوغلۇم سەردارنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان- دادا بۇ قەبرە نېشىدىكى ئىككى تۈپ قارياغاچنى كىم تىككەندۇ؟ قانداق تۇتقۇزغاندۇ؟ ئەجەپ ئەركىن ئاينىپتۇ ھە ؟ دىگەن سۇئالى مېنى ئازاپلىق خىياللار قوينىدىن رىئاللىققا قايتىشقا مەجبۇر قىلدى .  ئۇلارنىڭ قەبرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى-يەنى ئۆتمۈشى،بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى تىنىمسىز سۇئاللىرى مېنى خېلى ئالدىراتتى.
مەن ئۇلارغا بۇ ھەقتە بىلگەنلىرىمنى دەپ بەرگەچ –مۇشۇ قەبرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە تەشەببۇسكار رول ئوينىغان ،بۇ ھەقتە كەڭ ۋە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە ھەتتا شائىر ھەققىدە مەخسۇس كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان بىر مۆتىۋەر زات بار ،كېيىنچە پۇرسەت چىقىرىپ شۇ كىشنى مەخسۇس زىيارەت قىلىمىز دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپتۇردۇم .ھەمدە بىرنەچچە پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ قايتايلى دەپ تۇرىشىمىزغا يىراقتىن بىز تەرەپنى يەنى مۇشۇ قەبرە بېشىنى نىشانلاپ كېلىۋاتقان زەپەردەس بىر گەۋدە كۆرۈندى. بىزگە يېقىنلاشقانچە ئايان بولدىكى- بېشىغا كۈلرەڭ كۇچا كۆرپىسىدىن قۇلاقچا،ئۇچىسىغا قارا دۇراپتىن گاچا پەلتۇ كىيۋالغان ،يوغان –ئويچان كۆزلىرىنى مۇشۇ قەبرىگە تىكىپ كېلىۋاتقان بۇ كىشى دەل بىز زىيارەت قىلماقچى بولغان –شائىر، ژورنالىست ،فۇتۇگراف شۇنداقلا سىنارىست ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى تۇنياز مەتنىياز ئەپەندى ئىدى. ‹‹كېسەلنىڭ ساقايغىسى كەلسە تىۋىپ ئۆزى كەپتۇ›› دىگەندەك  بۇ مۆھتىرەم زاتنىڭ كېلىشى مېنى بالىلىرىم ئالدىدىكى تەڭلىكتىن قۇتقۇزۇپ تولىمۇ خوشال قىلدى. بۇ زاتنىڭ قەلبىگە ياشلىغىدىلا تۇتاشقان ‹‹لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىشقى›› تېخىچە يالقۇنلاۋاتقان ئىدى.ئۇ بۈگۈنمۇ بىزگە ئوخشاش  ئاشۇ ئىشىقنىڭ تۈرتكىسىدە شائىرنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ چىققان ئىكەن.  بىز قىسقىچە سالام –سائەتتىن كېيىن يېقىن كەلگۈسىدە قىلماقچى بولغان زىيارىتىمىزنى شۇ يەردىلا باشلىدۇق.
ئۇنىڭ شائىر قەبرىسىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى توغرىسىكى سۇئالىمىزغا جاۋاپ بېرىشتىن باشلىغان ،قىسقا مەزمۇنلۇق بايانلىرىدىن بىزتۆۋەندىكىلەرگە ئېرىشتۇق؛
شائىرنىڭ قەبرىسى  يۇقىردا بايان قىلغىنىمىزدەك 1982 يىلى11-ئاينىڭ 15 كۈنى ،ئەينى چاغدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدىنى –مائارىپ باشقارمىسى،ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشخانىسى،‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى›› ژورنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىشى ۋە ماسلاشتۇرىشى،ۋىلايەتلىك پارتىكوم مەمۇرى مەھكىمىنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى  نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. قەبرىنىڭ لايھەسىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق رەسسامى غازى ئەھمەد ئەپەندى ئىشلىگەن بولۇپ شۇ ئاساستا ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ 5000 يۈئەن مەبلەخ سېلىشى بىلەن ياسالغان.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوت يۈرەك ئىنقىلاۋى شائىرىى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى  ئۆز قوينىغا ئالغان بۇ  مۇبارەك قەبرە شۇندىن بۇيان،ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى شۇنداقلا تارىخى،مەدەنىيىتىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى قەلبى ئويغاق ئەۋلادلارنىڭ ساياھەت  مەنزىلگاھى  ۋە تاۋاپگاھى بولۇپ كەلمەكتە.  

ئاپتۇر ؛ئاقسۇ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىن؛
ئۆمەرجان مۇھەممىدى سەردار
يانفون؛13899247941 ئىشخانا ؛0997-2137593




idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  129
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 271
تۆھپە : 1
توردا: 59
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:00:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا مۇنبەردە شائىرنىڭ قەبرىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر ئىنكاس شەكلىدە بېرىلگەن ئىدى .بۇ قېتىم يېڭى مۇنبەرگە يوللىسام سۈرەتلەر چىقماي قالدى . باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇمكىن بولسائاشۇ مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى ئىنكاس تەرىقىسىدە قوشۇپ يوللاپ قويىشىنى سەمىمىلىك بىلەن ئۈمۈد قىلىمەن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1024
تۆھپە : 114
توردا: 185
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 16:15:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

IMG_0924.jpg

مەندە ماۋۇ سۈرەتلەر بار ئىكەن. (2011-يىل، 8-ئايدا تارتىلغان.)

IMG_0920.jpg




IMG_0915.jpg


IMG_0932.jpg



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 16:16  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  129
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 271
تۆھپە : 1
توردا: 59
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 16:51:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
DSC00547.JPG
DSC00548.JPG
DSC00484.JPG
DSC00490.JPG
DSC00542.JPG

DSC00484.JPG

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  129
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 271
تۆھپە : 1
توردا: 59
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 17:01:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپلىك مۇخبىر قوشتاغنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!
مەن يوللىغان سۈرەتلەر؛  شائىر ل.مۇتەللىپ 1943-يىلدىن 1945 يىلغىچە ئاقسۇ گېزىتىدا ئىشلىگەن چاغدىكى تەھرىر بۆلۈم بىناسى، شائىرنىڭ ئائىلە تەۋباتىغا ئەينى چاغدىكى رەئىس ماۋزېدوڭنىڭ يېزىپ بەرگەن شەرەپنامىسى. تۇنياز مەتنىياز تۈزگەن ‹‹لۇتپۇللا مۇتەللىپ››  ناملىق كىتاپنىڭ مۇقاۋىسى ۋە ئاخىرقى بەتلىرى،  تۇنياز مەتنىياز ۋە سەردار ئۆمەر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1024
تۆھپە : 114
توردا: 185
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 15:32:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى بۈگۈن يەنە بىر قىتىم ئوقۇپ چىقتىم. قەبرە بېشىغا قويۇلغان ھېلىقى ئەستىلىككە قىزىقىپ قالدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش