جاراھەت
يازىمەن گۈللەرنىڭ ياپراقلىرىغا،
گۈللەردەك پورەكلەپ،كۈلگەن ئىسمىڭنى.
باشلايمەن كۆڭۈلنىڭ باياۋانىغا،
تولغۇنۇپ يىراققا ئاققان ئېقىننى.
دولقۇنلاپ خىرامان كۆكلەيسەن مەغرۇر،
تومۇزنىڭ لېۋىگە تاشلىغاچ سايە.
سايرايدۇ قان تېمىپ تۇرغان ئاۋازدا،
يالغۇز قۇش قونالماي كىرپىكلىرىڭگە.
ئاخىرقى تۇمانلار لەيلەر پەرىشان،
سۆيمەكچى ئېھتىمال سېنىڭ ئىزىڭنى.
ياتىدۇ ئالدىمدا تاشلار چىرمىشىپ،
سىلىشىپ پەرىشان، جاراھىتىمنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇھەممەدجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 10:01