كامىلجان ناسىر (دىلداش)
زىمىستاندا قالساممۇ توڭۇپ،
ئۆزگىلەردىن ماكان كۈتمىدىم.
خارلانساممۇ ئەقىدەم ئۈچۈن ،
ۋىجدانسىزدىن ئىمكان كۈتمىدىم.
ئاچ قالساممۇ ھەقىقەت ئۈچۈن ،
ئۆز لەۋزىمدىن يېنىپ باقمىدىم.
ئىللەتلەردىن سەسكەندىم قانچە،
مىللىتىمدىن تېنىپ باقمىدىم .
سادىق بولدۇم غۇرۇرۇم ئۈچۈن ،
يۇۋاشلارنى بوزەك قىلمىدىم .
مەنسەپدارغا قىلمىدىم خوش-خوش،
لەگلەك بولۇپ ئۇچۇپ باقمىدىم.
ئاقارسىمۇ قارا چاچلىرىم،
بۇياق بىلەن بوياپ يۈرمىدىم.
ياسانچۇققا ئەگىشىپ ھەرگىز،
خىيالىمدا چۈشلەر كۆرمىدىم.
سالام بەرسە ئەگەردە بىرى،
سالام بەردىم ئېگىلىپ ئاڭا.
غادايغانغا بۇيۇن ئەگمىدىم،
غۇرۇر بىلەن ياشىدىم شۇڭا.
ئۇلۇغ بىلسە كىم ئەگەر مېنى،
ئۇلۇغ بىلدىم بىلىمەن يەنە.
قاپاق تۈرسە قەھرىم ئوق ئاڭا،
ياش ئاققۇزسام قىلدىم تەنتەنە.
سادىق بولۇپ كەلدىم نەسلىمگە،
ئۇدۇمىنى تېڭىپ دىلىمغا.
ئىخلاس بىلەن ھېسىرىڭ تامان،
نەزەر سالغىن باسقان ئىزىمغا.
كۆنۈپ قالدىم شۇنداق ياشاشقا،
پەرۋاسىزغا قىلمايمەن پەرۋا.
ھېسسىم ئويغاق، ئۈمىدىم تېرەن،
سەن كۈزەتسەڭ ئەمەسمەن لەقۋا.
سوراپ يۈرمە كىمدىن ئۆتۈنۈپ،
تارىخىمنى سوراپ يالۋۇرۇپ.
چۈشەندۈرۈپ قويغۇم كەپ قالدى،
مەن ھەققىدە ئۇزاق ئويلۇنۇپ.
پاك ئۇيغۇرنىڭ نەسلىمەن ئۇيغاق،
قەلبىمدە يوق زەررە ساختىلىق.
بۈيۈك ئەجرىم ئۆمرۈمگە گۇۋاھ،
تىلەپ كەلدىم ئەلگە ياخشىلىق.
ئىللەتلەردىن يىراقمەن يىراق،
پەزىلىتىم ماڭا يار يۆلەك.
كۆرەلمەسلەر نېمدىسە مەيلى،
مېنىڭ ئاڭا پەرۋايىم پەلەك.
شۇنداق ياشاپ كەلدىم ھاياتتا،
ئەھدىم:- شۇنداق ياشايمەن ئەبەت.
قەدىرلەنسەم ئەقىدەم بىلەن ،
يۈرىكىمدە قالمايدۇ ھەسرەت.
نامەرد ئۈچۈن ساتمايمەن يۈرەك،
تولغاچ ئاڭا مۇھەببەت- نەپرەت.
قىممىتىمنى قەدىرلەپ ئۆتسەم،
باسالمايدۇ ھېچقاچان غەپلەت.