جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 970 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 1

يۈرىكىمنى ساتمايمەن(دىلداش) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 208
تۆھپە : 5
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كامىلجان ناسىر (دىلداش)

زىمىستاندا قالساممۇ توڭۇپ،   
ئۆزگىلەردىن ماكان كۈتمىدىم.   
خارلانساممۇ ئەقىدەم ئۈچۈن ،

ۋىجدانسىزدىن ئىمكان كۈتمىدىم.   
   

ئاچ قالساممۇ ھەقىقەت ئۈچۈن ،   
ئۆز لەۋزىمدىن يېنىپ باقمىدىم. 
ئىللەتلەردىن سەسكەندىم قانچە،

مىللىتىمدىن تېنىپ باقمىدىم .

   
سادىق بولدۇم غۇرۇرۇم ئۈچۈن ،   
يۇۋاشلارنى بوزەك قىلمىدىم .   
مەنسەپدارغا قىلمىدىم خوش-خوش،

لەگلەك بولۇپ ئۇچۇپ باقمىدىم.

  
ئاقارسىمۇ قارا چاچلىرىم،   
بۇياق بىلەن بوياپ يۈرمىدىم.

ياسانچۇققا ئەگىشىپ ھەرگىز،

خىيالىمدا چۈشلەر كۆرمىدىم.  


  سالام بەرسە ئەگەردە بىرى،  
سالام بەردىم ئېگىلىپ ئاڭا.   
غادايغانغا بۇيۇن ئەگمىدىم،  
غۇرۇر بىلەن ياشىدىم شۇڭا.  
   
ئۇلۇغ بىلسە كىم ئەگەر مېنى،   
ئۇلۇغ بىلدىم بىلىمەن يەنە.   
قاپاق تۈرسە قەھرىم ئوق ئاڭا،   
ياش ئاققۇزسام قىلدىم تەنتەنە.

سادىق بولۇپ كەلدىم نەسلىمگە،   
ئۇدۇمىنى تېڭىپ دىلىمغا.

ئىخلاس بىلەن ھېسىرىڭ تامان،   
نەزەر سالغىن باسقان ئىزىمغا.

كۆنۈپ قالدىم شۇنداق ياشاشقا،

پەرۋاسىزغا قىلمايمەن پەرۋا.

ھېسسىم ئويغاق، ئۈمىدىم تېرەن،
سەن كۈزەتسەڭ ئەمەسمەن لەقۋا.

سوراپ يۈرمە كىمدىن ئۆتۈنۈپ،

تارىخىمنى سوراپ يالۋۇرۇپ.  
چۈشەندۈرۈپ قويغۇم كەپ قالدى،   
مەن ھەققىدە ئۇزاق ئويلۇنۇپ.

پاك ئۇيغۇرنىڭ نەسلىمەن ئۇيغاق،

قەلبىمدە يوق زەررە ساختىلىق.   
بۈيۈك ئەجرىم ئۆمرۈمگە گۇۋاھ،  
تىلەپ كەلدىم ئەلگە ياخشىلىق.   

ئىللەتلەردىن يىراقمەن يىراق،  
پەزىلىتىم ماڭا يار يۆلەك.  
كۆرەلمەسلەر نېمدىسە مەيلى،   
مېنىڭ ئاڭا پەرۋايىم پەلەك.

شۇنداق ياشاپ كەلدىم ھاياتتا،

ئەھدىم:- شۇنداق ياشايمەن ئەبەت.   
قەدىرلەنسەم ئەقىدەم بىلەن ،

يۈرىكىمدە قالمايدۇ ھەسرەت.  


   نامەرد ئۈچۈن ساتمايمەن يۈرەك،

تولغاچ ئاڭا مۇھەببەت- نەپرەت.  
قىممىتىمنى قەدىرلەپ ئۆتسەم،   
باسالمايدۇ ھېچقاچان غەپلەت.


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 885
تۆھپە : 1
توردا: 190
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ شئېىرنى ئوقۇپ «دۇنيا ئەدەبىياتى» دا 90-يىللاردا ئېلان قىلىنغان «يۈرىكىنى ساتقان ئادەم » ناملىق تەرجىمە ھىكايىنى ئەسلەپ قالدىم.ھىكايىدە ياشانغان بىر مىليادىرنىڭ بىر مىليۇن دوللارغا ئافىرقىلىق 18 ياشلىق بىر نېگىر يىگىتنىڭ يۈرىكىنى سېتىۋالغانلىقى،نېگىر يىگىت بىر مىليۇن دوللارنى ئۈچ يىل پۇخادىن چىققىچەخەجلۋېلىش شەرتى بارلىقىنى .....ئاخىرىدا مىليادىر ياش يىگىتنىڭ يۈرىكىگە ئېرىشىش ئارزۇسىدا،ياش يىگىت جان قايغۇسىدا .....قالغانلىقى،بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشكە كۆزى قىيمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
    يۇقۇرقى شئېىر ئەلۋەتتە ئۇنداق مەزمۇندا ئەمەس.ئاپتور شئېىردا چىن،ساپ ۋىجداننى بىلەن ياشاشتىن ئىبارەت ئەڭ سەمىمى تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەن.بۇ ئاپتورنىڭ ئارزۇسى بولۇپلا قالماستىن سانسىزلىغان سەمىمى،ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى.مۇشۇنداق سەمىمىيەت يورۇتۇلغان شئېىرلار ئاۋۇغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش