روبائى ۋە پارچىلار
ئەھەدى
مەن شۇنداق خىيالچان بىر‹خىيالپەرەس› ،
ئوي – پىكىر ئەۋجىدىن مۇستەسنا ئەمەس .
يېشىلمەي كەلدى كۆپ ، ئالەمنىڭ سىرى
شۇنىڭدىن بىرنىلا يەشسەم ئىدى ، بەس ! .
تېپىشماق ئوينىساق ، مەندىن غەم يېمە ،
بۇ ئويۇن مەن ئۈچۈن ئەمەس ھېچ نېمە .
تۇرمۇشتا خىلمۇ – خىل ئويۇنغۇ تولا ،
قورقىمەن ، مۆكۈشمەك ئوينايلى دېمە .
ئىككى كۆز ئارىسى ئەمەستۇر نېرى ،
كۆرەلمەس ۋەلېكىن بىرىنى بىرى .
ئوڭ كۆزگە دەرت يەتسە يىغلايدۇ چەپ كۆز،
مانا بۇ ھەممىدىن قىممەتلىك يىرى ...
تەقدىرنىڭ خاھىشىمىش كېلىپ – كېتىشىم ،
تەلەينىڭ ئىشىمىش كۆرگەن كەچمىشىم .
ھەممىنى تەقدىرگە دۆڭگەپلا ئۆتسەم ،
تىرىكلىك ئالىمىدە مېنىڭ نېمىشىم ؟ .
بىر زاھىت رەستىدە جۆيلۈپ يۈرەرمىش ،
ئۆلۇمنى ھاياتتىن ئارتۇق كۆرەرمىش .
ئۆلۇمدىن قورقمايمەن دېگىنى يالغان ،
بۇ-قورققان ئاۋال مۇش تەڭلىگەندەك ئىش .
ئۆمرۇمنى تەسۋىرلەپ بىر كىتاپ يازدىم ،
كىرىش سۆز يازغىچە نەچچە رەت ئازدىم .
خاتىمە يازغاندا ئەقلىمنى تېپىپ ،
قەلەمنىڭ قولىغا ھەقنى تۇتقازدىم .
‹چىقماقتىن چۈشمەك تەس تاغدىن › دەپتىكەن ،
كىم دېسە بۇ گەپنى يالغان دەپتىكەن .
ھاياتنى تاغ دېسەك ، ياماشماق قىيىن ،
چوقىدىن دومۇلاش- ئاسان گەپ ئىكەن .
ئاسماندا ساناقسىز يۇلتۇز، زۇھەل بار،
كۈندۈزى كۆرۇنمەس، كېچە مەھەل بار .
بىر ئۇخلاپ ئويغانساق پەرقىمىز نېمە ؟
ئاگاھ بول ، جان باركەن ھامان ئەجەل بار .
بىر ئەخمەق چەللىدە چاپتۇرۇپتۇ ئات ،
دەم ئۆتمەي خىيالى بولۇپتۇ بەربات.
ھال تارتقىن بۇرادەر ھالىڭغا بېقىپ ،
ئورنىغا كەلمەيدۇ دېسەڭ : پەندىيات
!
بىر دانا : ‹ ئاگاھ بول،ھوشۇڭ تاپ › دېدى،
بىر غاپىل : ‹ ئۆتسە كۈن ، شۇھىساپ › دېدى .
شۇ ھامان غايىپتىن كەلدى بىر ئاۋاز،
‹ ھە، قېنى ھىساپنى بەرگىن شاپ© ...›دېدى
.
بۇرادەر ئۈزۈم يە ، تەكنى ئونۇتما ،
نىسىدىن ھەزەر قىل ، نەقنى ئونۇتما .
ئونۇتساڭ مەيلىكى ئۆزۇڭنى بىر ئان ،
ئۆزلۇكنى ئەستە تۇت، ھەقنى ئونۇتما .
تېرىسا ئېتىزغا نېمىنى دىخان ،
كۈزلۇكى شۇنىڭدىن ئالىدۇ خامان .
ياخشىلىق ئورۇقىدىن ئۈنەر ياخشىلىق ،
ئەكسىچە بولغىنى باردۇر قاي زامان ؟
ئەركەكسەن ، بىراۋدىن قىلمىغىن تاما ،
ئۆزگىنىڭ سايىسىدا ئوينىما ساما .
يېقىلساڭ يۈلەتمەي ئۆزۇڭ تۇرۇپ كەت ،
يىرتىلساڭ ياماقنى ئۆزۇڭ سال ، ياما .
ھايات – شام، ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يېنىق،
كەلدىڭمۇ جاھانغا كەتمىشىڭ ئېنىق .
شۇ ‹ كېلىپ – كەتمەك› نىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،
جاۋاپقا ھازىر بول ، يۈتكىچە تېنىق .
ئامەت –ئۇ ئادەمنى ئەخمەق ئېتىدۇ ،
كېلىدۇ ، كېتىدۇ ، گوللاپ ئۆتۇدۇ .
ئامىتىم كەلدى دەپ ماختانما دوستۇم ،
سېنىمۇ بىركۇنى تاشلاپ كېتىدۇ .
2011-يىل ئاۋغۇست
© شاپ – خوتەن شىۋىسىدە تېز، چاپسان،
دەرھال ... دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-5 11:36