جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 970 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 69|ئىنكاس: 6

ئەھەدى---روبائى ۋە پارچىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 226
تۆھپە : 4
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

روبائى ۋە پارچىلار


ئەھەدى           

مەن شۇنداق خىيالچان بىر‹خىيالپەرەس› ،

ئوي – پىكىر ئەۋجىدىن مۇستەسنا ئەمەس .

يېشىلمەي كەلدى كۆپ ، ئالەمنىڭ سىرى

شۇنىڭدىن بىرنىلا يەشسەم ئىدى ، بەس ! .



تېپىشماق ئوينىساق ، مەندىن غەم يېمە ،

بۇ ئويۇن مەن ئۈچۈن ئەمەس ھېچ نېمە .

تۇرمۇشتا خىلمۇ – خىل  ئويۇنغۇ  تولا ،

قورقىمەن ، مۆكۈشمەك  ئوينايلى  دېمە .



ئىككى كۆز  ئارىسى  ئەمەستۇر  نېرى ،

كۆرەلمەس  ۋەلېكىن   بىرىنى   بىرى .

ئوڭ كۆزگە دەرت يەتسە  يىغلايدۇ چەپ كۆز،

مانا بۇ ھەممىدىن قىممەتلىك يىرى  ...


تەقدىرنىڭ خاھىشىمىش كېلىپ – كېتىشىم ،

تەلەينىڭ ئىشىمىش  كۆرگەن كەچمىشىم .

ھەممىنى تەقدىرگە دۆڭگەپلا  ئۆتسەم ،

تىرىكلىك ئالىمىدە مېنىڭ نېمىشىم ؟ .



بىر زاھىت رەستىدە جۆيلۈپ يۈرەرمىش ،

ئۆلۇمنى ھاياتتىن ئارتۇق كۆرەرمىش .

ئۆلۇمدىن قورقمايمەن دېگىنى يالغان ،

بۇ-قورققان ئاۋال مۇش تەڭلىگەندەك ئىش .


ئۆمرۇمنى تەسۋىرلەپ بىر كىتاپ يازدىم ،

كىرىش سۆز يازغىچە نەچچە رەت ئازدىم .

خاتىمە يازغاندا ئەقلىمنى تېپىپ ،

قەلەمنىڭ قولىغا ھەقنى تۇتقازدىم .



‹چىقماقتىن چۈشمەك تەس تاغدىن › دەپتىكەن ،

كىم دېسە بۇ گەپنى يالغان دەپتىكەن .

ھاياتنى تاغ دېسەك ، ياماشماق قىيىن ،

چوقىدىن دومۇلاش- ئاسان گەپ ئىكەن .


ئاسماندا ساناقسىز يۇلتۇز، زۇھەل بار،

كۈندۈزى كۆرۇنمەس، كېچە مەھەل بار .

بىر ئۇخلاپ ئويغانساق  پەرقىمىز نېمە ؟

ئاگاھ بول ، جان باركەن ھامان ئەجەل بار .


بىر ئەخمەق چەللىدە چاپتۇرۇپتۇ ئات ،

دەم ئۆتمەي خىيالى بولۇپتۇ بەربات.

ھال تارتقىن بۇرادەر ھالىڭغا بېقىپ ،

ئورنىغا كەلمەيدۇ دېسەڭ : پەندىيات

!


بىر دانا : ‹ ئاگاھ بول،ھوشۇڭ تاپ › دېدى،

بىر غاپىل : ‹ ئۆتسە كۈن ، شۇھىساپ › دېدى .

شۇ ھامان غايىپتىن كەلدى بىر ئاۋاز،

‹ ھە، قېنى ھىساپنى بەرگىن شاپ© ...›دېدى

.

بۇرادەر ئۈزۈم يە ، تەكنى ئونۇتما ،

نىسىدىن ھەزەر قىل ، نەقنى ئونۇتما .

ئونۇتساڭ مەيلىكى  ئۆزۇڭنى بىر ئان ،

ئۆزلۇكنى ئەستە تۇت، ھەقنى ئونۇتما .



تېرىسا  ئېتىزغا   نېمىنى   دىخان ،

كۈزلۇكى شۇنىڭدىن ئالىدۇ خامان .

ياخشىلىق ئورۇقىدىن ئۈنەر ياخشىلىق ،

ئەكسىچە بولغىنى باردۇر قاي زامان ؟



ئەركەكسەن ، بىراۋدىن قىلمىغىن تاما ،

ئۆزگىنىڭ سايىسىدا   ئوينىما  ساما .

يېقىلساڭ يۈلەتمەي ئۆزۇڭ تۇرۇپ كەت ،

يىرتىلساڭ ياماقنى ئۆزۇڭ سال ، ياما .



ھايات – شام، ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يېنىق،

كەلدىڭمۇ جاھانغا كەتمىشىڭ ئېنىق .

شۇ ‹ كېلىپ – كەتمەك› نىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،

جاۋاپقا ھازىر بول ، يۈتكىچە تېنىق .


ئامەت –ئۇ ئادەمنى ئەخمەق ئېتىدۇ ،

كېلىدۇ ، كېتىدۇ ، گوللاپ ئۆتۇدۇ .

ئامىتىم كەلدى دەپ  ماختانما دوستۇم ،

سېنىمۇ بىركۇنى  تاشلاپ  كېتىدۇ .

                         2011-يىل ئاۋغۇست

© شاپ – خوتەن شىۋىسىدە  تېز، چاپسان،

دەرھال ... دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 11:36  


شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 84
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھەدى ئۇستازنىڭ رۇبائىيلىرىغا گەپ كەتمەيدۇ....

ئىلھامىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن..ئېسىل رۇبائىيلىرىڭىزدىن سۆيۈنۈش ئىچىدە بەھىر ئالدىم..

ھەممىدىن تەسى-ئىزچىللىقنى ساقلاش.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 885
تۆھپە : 1
توردا: 190
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىلار ھەقىقەتەن مەنىسى چوڭقۇر،تىلى ئوبرازلىق.قۇرۇلمىسى مۇكەمەل بولۇپ، مۇنەۋەر ئەسەر  ئۆلچىمىگە يېتىپتۇ.يەنە ،ئوقۇغانسىرى ئوقۇغۇسىنى كەلتۈردىغان جەلپكارلىققا ئىگە بوپتۇ.گەرچە ئۆمەر ھەييام رۇبائىلىرى دەرىجىسىگە يېتىپتۇ دىيىشكە بولمىسىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بوپتۇ.ئاپتورنىڭ قەلىمىدىن دۇردانىلار توختىماي تۆكۈلۈپ تۇرسۇن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 208
تۆھپە : 5
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھەدى ئۇستازنىڭ ھەر بىر تىمىلىرىنى شۇنچە ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. پاساھەتلىك مىسرالىرىدىن سۈيۈنگۈنۈمچە ئىجادىيەت مەنزىلىگە ئامەت تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  274
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 214
تۆھپە : 1
توردا: 26
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك روبائىلار ئىكەن.


ئاقىل زىرەك كۆپتۇر ئەھلى جاھان ئىچىدە،
بارمىش خىزىر ھەر جايدا چىن ئىنسان ئىچىدە.
سەل چاغلىما  نى دانىشمەن ئۆلىمالار بار ،
ئەشۇ ئاددىي كونا تۇماق ،چاپان ئىچىدە.

ئۆزىنى ئالداش ئازابلىق،باشقىلارنى ئالداش رەزىللىك.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 94
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەربىر مىسرا خۇددى تىزىپ قويۇلغان خوتەن قاشتېشىدەك ھايات ھېكمەتلىرىگە تويۇنۇپيۇ... ئاپىرىن!
شۇغۇنىسى بۇ مىسرانى تازا خوپ كۆرمىدىم:

«جاۋاپقا ھازىر بول ، پۈتكىچە تېنىق .»

«پۈتكىچە»نى ‹يۈتكىچە› دىسەك قانداق بولا ؟

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 226
تۆھپە : 4
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جاۋاپقا ھازىر بول ، پۈتكىچە تېنىق .»

«پۈتكىچە»نى ‹يۈتكىچە› دىسەك قانداق بولا ؟


شۇنداق دېسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىكەن ، تۈزۈتۈۋالدىم ،يازمامغا ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلگەنلىرىگە رەخمەت . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 11:41  


شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش