ئۇچتۇرپان -يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئىلھام بۇلىقى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:00 دە ئاتاقلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرام ئۇچتۇرپانغا يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى كەچ سائەت 4:00 تە تالانتلىق يازغۇچىلىرىمىزدىن ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابدۇكېرىم قادىر قاتارلىقلار خانمى، دوستلىرى ۋە سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرى بىلەن يەكەندىن ئۇچتۇرپانغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. بۇ شۆھرەتلىك قەلەم ساھىبلىرىنى كۆرۈشنى، سىردىشىشنى ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن قەلەمكەش دوستلار، ئوقۇرمەنلەر ۋە ھەۋەسكارلار ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالدى. ئەتىسى، يەنى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى بىز بىرلىكتە ئالدى بىلەن بۇ يۇرتتىكى پىشقەدەم شائىر، يەنى «يەتتە قىزلىرىم» داستانىنىڭ ئاپتۇرى ئىبراھىم قۇرباننى يوقلىدۇق. ئاڭغىچە بۇ ئەزىزلەر بىلەن ھال-مۇڭ بولۇش ئۈچۈن ئاقسۇدىن ئابباس مونىياز تۈ*ركىيقان، ئابلىز ئوسمان قاتارلىق تالانتلىق ئەدىبلىرىمىز ئەتىگەندىلا يېتىپ كەلدى. دەل شۇ سائەتتە يەنە خوتەن قارىقاش دىيارىدىكى يېتىلۋاتقان ياش يازغۇچىمىز ئابدۇلھېمىد ياسىىن دوستى ۋە بىر ئوقۇچىسى بىلەن يېتىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ تەبئى جەم بولغان يازغۇچى-شائىرلار ۋە ئوقۇرمەنلەر بىرلىكتە ئەتىگەندىلا بامەسلىھەت قىلىشىپ ئالدى بىلەن ئۇچتۇرپاندىكى ئەڭ مەشھۇر سەيلىگاھلارنىڭ بىرى بولغان «توققۇز بۇلاق باغچىسى» نى سەيلى قىلدۇق، ئاندىن پەلەمپەيلىك يوللار بىلەن مۆلجەرتاغقا چىقتۇق. بۇ تاغدا تۇرۇپ ئۇچتۇرپاننىڭ چەت-چېتىنى كۆرگىلى بولاتتى. مېھمانلار تاغ ئۈستىدىكى خۇددى سەددىچىن سېپىلنى ئەسلىتىدىغان كىچىك سېپىلنى بويلاپ مېڭىپ پات-پات سۈرەتكە چۈشتى. ئېھتىمالىم شۇ مىنۇتلاردا بۇ يۇرتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، جانغا ھۇزۇر بېغىشلايدىغان ساپ ھاۋاسى، ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان ھەيۋەتلىك تاغلىرى مېھمان سۈپىتىدە بۇ يۇرتقا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئەدىبلىرىمىزگە قايناق ئىلھام، جانغا ھۇزۇر، تەنگە قۇۋەت ئاتا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ھەم يەنە بىرمۇنچە ئەسەرلەرگە خېمىر تۇرۇچ سوۋغا قىلغان بولۇشىمۇ مۇكىن. يازغىنىم نەسىر ياكى شېئىر ئەمەس، بەلكى ئەدەبىي ئۇچۇر بولغانلىغى ئۈچۈن ئارتۇقچە بايان، تەسۋىرلەرنى قويۇپ نەق گەپنى دىيىشنى زۆرۈر تاپتىم...
شۇنداق قىلىپ بىز يەنە مۆلجەر تاغ بىلەن «توققۇز بۇلاق» بىر گەۋدىگە ئايلانغان بۇ تەۋەرۈك جاينى زىيارەت قىلىپ، پىلان بۇيىچە ئاۋال «يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى»نى يوقلىدۇق. ئاندىن ئەينى چاغلاردا مەشھۇر كىلاسسىك شائىرىمىز موللا شاكىر ماكان تۇتقان «سويىتقا بۇلاق سەيلىگاھى»نى زىيارەت قىلدۇق. بۇ يەرمۇ «توققۇز بۇلاق» قا ئوخشاشلا ھەم قەدىمىي، ھەم مەشھۇر، ھەم تولىمۇ گۈزەل جاي بولغانلىقتىن مېھمانلارنى ئاجايىپ ھاياجانغا سالدى... ئاڭغىچە چۈش بولدى. بىز يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۇچتۇرپان ناھىيە مەركىزىدىن سەككىز كىلومېتىر غەرىبىدىكى «مارجانبۇلاق سەيلىگاھى» جۆنەپ كەتتۇق. شۇ چاغدا يەنە مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تالانتلىق تەرجىمان، مۇھەررىر ھەزرەتئېلى باراتمۇ (ئۇ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يۇرتتا تۇرىۋاتاتتى) بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى. بۇ ئارامگاھتىكى مۇڭغۇل ئۆيلىرىگە ئوخشاش ياسالغان يوغان بىر ئۆيدە ناھىيە تەۋسىدىكى بىرمۇنچە ياش قەلەمكەشلەر، ھەۋەسكارلار، ئوقۇرمەنلەر بۇ يۇرتقا قەدەم تەشرىپ قىلغان ھەممە مېھمانلارنى قزغىن كۈتۈۋالدى. ياخشى سۆھبەت، ياخشى تىلەكلەر داۋام قىلدى. بولۇپمۇ كاتتا يازغۇچىلىرىمىزدىن جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابدۇكېرىم قادىر، مۇشۇ يۇرتتىكى «سىيىت نوچى ئۇچتۇرپاندا» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى، پىشقەدەم يازغۇچى ئىمام مۇھەممەد قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئىززەت-ئىكرام قىلدى. سۆھبەت ئۇزۇن داۋام قىلدى. گەپلەر تاتلىق، كۆڭۈللەر خوشال، نىيەتلەر ئولۇغ...راستىنى دىسەم، شۇ سائەتلەردىكى ياخشى كەيپىياتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىشقا پېقىرنىڭ قەلىمى ئاجىزلىق قىلدى. شۇنداقلا بۇ مېھمانلارغا قىزغىن ھەمدەمدە بولغان مۇختار داۋۇت ئۆز يول، تۇرغۇن مىجىت، رۇزى سۇپى ئۇچتېكىن، ياسىنجان ئىمىن ئۈمىد، ئابدۇناسىر ئابدۇرېھىم سەئىدى قاتارلىق نۇرغۇن دوستلارنىڭ بۇ زىيارەتنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق يۇرۇتۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىم. كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇڭا بۇ زىيارەت ئەھۋالىنىڭ پەقەت بىر قىسىمىنىلا يازدىم.
ئەسكەرتىش: بۇ قېتىم بۇ يۇرتقا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئەدىبلىرىمىز ھەم كۆپ، ھەم ھۆرمەتتە خېلىلا ئۈستۈن بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۇچتۇرپاندىكى قەلەمكەشلەر ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەيلى-ساياھىتىنى ئۆز لايىغىدا تەسۋىرلىيەلمەسلىكتىن ئەندىشە قىلىپ، ئۆزئارا يول قۇيۇشۇپ، «خوش، سىلى، ئۆزلىرىدىن كەلسۇن» بىلەن بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئاخىرى يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ مەدىتى بىلەن كېچىكىپ بولسىمۇ بۇ خوش خەۋەرنى شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىغا يوللاشنى لايىق تاپتۇق. گەپ-سۆزلەردە خاتا كەتكەن تەرەپلەر بولسا كۆپچىلىكتىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-4 13:09