كۆرۈش: 6339|ئىنكاس: 51

جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق، ئابدۇكېرىم قادىر ئۇچتۇرپاندا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1037
تۆھپە : 7
توردا: 240
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:09:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇچتۇرپان -يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئىلھام بۇلىقى


2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:00 دە ئاتاقلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرام ئۇچتۇرپانغا يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى كەچ سائەت 4:00 تە تالانتلىق يازغۇچىلىرىمىزدىن ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابدۇكېرىم قادىر قاتارلىقلار خانمى، دوستلىرى ۋە سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرى بىلەن يەكەندىن ئۇچتۇرپانغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. بۇ شۆھرەتلىك قەلەم ساھىبلىرىنى كۆرۈشنى، سىردىشىشنى ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن قەلەمكەش دوستلار، ئوقۇرمەنلەر ۋە ھەۋەسكارلار ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالدى. ئەتىسى، يەنى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى بىز بىرلىكتە ئالدى بىلەن بۇ يۇرتتىكى پىشقەدەم شائىر، يەنى «يەتتە قىزلىرىم» داستانىنىڭ ئاپتۇرى ئىبراھىم قۇرباننى يوقلىدۇق. ئاڭغىچە بۇ ئەزىزلەر بىلەن ھال-مۇڭ بولۇش ئۈچۈن ئاقسۇدىن ئابباس مونىياز تۈ*ركىيقان، ئابلىز ئوسمان قاتارلىق تالانتلىق ئەدىبلىرىمىز ئەتىگەندىلا يېتىپ كەلدى. دەل شۇ سائەتتە يەنە خوتەن قارىقاش دىيارىدىكى يېتىلۋاتقان ياش يازغۇچىمىز ئابدۇلھېمىد ياسىىن دوستى ۋە بىر ئوقۇچىسى بىلەن يېتىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ تەبئى جەم بولغان يازغۇچى-شائىرلار ۋە ئوقۇرمەنلەر بىرلىكتە ئەتىگەندىلا بامەسلىھەت قىلىشىپ ئالدى بىلەن ئۇچتۇرپاندىكى ئەڭ مەشھۇر سەيلىگاھلارنىڭ بىرى بولغان «توققۇز بۇلاق باغچىسى» نى سەيلى قىلدۇق، ئاندىن پەلەمپەيلىك يوللار بىلەن مۆلجەرتاغقا چىقتۇق. بۇ تاغدا تۇرۇپ ئۇچتۇرپاننىڭ چەت-چېتىنى كۆرگىلى بولاتتى. مېھمانلار تاغ ئۈستىدىكى خۇددى سەددىچىن سېپىلنى ئەسلىتىدىغان كىچىك سېپىلنى بويلاپ مېڭىپ پات-پات سۈرەتكە چۈشتى.  ئېھتىمالىم شۇ مىنۇتلاردا بۇ يۇرتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، جانغا ھۇزۇر بېغىشلايدىغان ساپ ھاۋاسى، ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان ھەيۋەتلىك تاغلىرى مېھمان سۈپىتىدە بۇ يۇرتقا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئەدىبلىرىمىزگە قايناق ئىلھام، جانغا ھۇزۇر، تەنگە قۇۋەت ئاتا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ھەم يەنە بىرمۇنچە ئەسەرلەرگە خېمىر تۇرۇچ سوۋغا قىلغان بولۇشىمۇ مۇكىن. يازغىنىم  نەسىر ياكى شېئىر ئەمەس، بەلكى ئەدەبىي ئۇچۇر بولغانلىغى ئۈچۈن ئارتۇقچە بايان، تەسۋىرلەرنى قويۇپ نەق گەپنى دىيىشنى زۆرۈر تاپتىم...

شۇنداق قىلىپ بىز يەنە مۆلجەر تاغ بىلەن «توققۇز بۇلاق» بىر گەۋدىگە ئايلانغان بۇ تەۋەرۈك جاينى زىيارەت قىلىپ، پىلان بۇيىچە ئاۋال «يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى»نى يوقلىدۇق. ئاندىن ئەينى چاغلاردا مەشھۇر كىلاسسىك شائىرىمىز موللا شاكىر ماكان تۇتقان «سويىتقا بۇلاق سەيلىگاھى»نى زىيارەت قىلدۇق. بۇ يەرمۇ «توققۇز بۇلاق» قا ئوخشاشلا ھەم قەدىمىي، ھەم مەشھۇر، ھەم تولىمۇ گۈزەل جاي بولغانلىقتىن مېھمانلارنى ئاجايىپ ھاياجانغا سالدى... ئاڭغىچە چۈش بولدى. بىز يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۇچتۇرپان ناھىيە مەركىزىدىن سەككىز كىلومېتىر غەرىبىدىكى «مارجانبۇلاق سەيلىگاھى» جۆنەپ كەتتۇق.  شۇ چاغدا يەنە مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تالانتلىق تەرجىمان، مۇھەررىر ھەزرەتئېلى باراتمۇ (ئۇ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يۇرتتا تۇرىۋاتاتتى) بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى. بۇ ئارامگاھتىكى مۇڭغۇل ئۆيلىرىگە ئوخشاش ياسالغان يوغان بىر ئۆيدە ناھىيە تەۋسىدىكى بىرمۇنچە ياش قەلەمكەشلەر، ھەۋەسكارلار، ئوقۇرمەنلەر بۇ يۇرتقا قەدەم تەشرىپ قىلغان ھەممە مېھمانلارنى قزغىن كۈتۈۋالدى. ياخشى سۆھبەت، ياخشى تىلەكلەر داۋام قىلدى. بولۇپمۇ كاتتا يازغۇچىلىرىمىزدىن جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابدۇكېرىم قادىر، مۇشۇ يۇرتتىكى «سىيىت نوچى ئۇچتۇرپاندا» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى، پىشقەدەم يازغۇچى ئىمام مۇھەممەد قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئىززەت-ئىكرام قىلدى. سۆھبەت ئۇزۇن داۋام قىلدى. گەپلەر تاتلىق، كۆڭۈللەر خوشال، نىيەتلەر ئولۇغ...راستىنى دىسەم،  شۇ سائەتلەردىكى ياخشى كەيپىياتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىشقا پېقىرنىڭ قەلىمى ئاجىزلىق قىلدى. شۇنداقلا بۇ مېھمانلارغا قىزغىن ھەمدەمدە بولغان مۇختار داۋۇت ئۆز يول، تۇرغۇن مىجىت، رۇزى سۇپى ئۇچتېكىن، ياسىنجان ئىمىن ئۈمىد، ئابدۇناسىر ئابدۇرېھىم سەئىدى قاتارلىق نۇرغۇن دوستلارنىڭ  بۇ زىيارەتنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق يۇرۇتۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىم. كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇڭا بۇ زىيارەت ئەھۋالىنىڭ پەقەت بىر قىسىمىنىلا يازدىم.  

ئەسكەرتىش: بۇ قېتىم بۇ يۇرتقا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئەدىبلىرىمىز ھەم كۆپ، ھەم ھۆرمەتتە خېلىلا ئۈستۈن بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۇچتۇرپاندىكى قەلەمكەشلەر ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەيلى-ساياھىتىنى ئۆز لايىغىدا تەسۋىرلىيەلمەسلىكتىن ئەندىشە قىلىپ، ئۆزئارا يول قۇيۇشۇپ،  «خوش، سىلى، ئۆزلىرىدىن كەلسۇن» بىلەن بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئاخىرى يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ مەدىتى بىلەن كېچىكىپ بولسىمۇ  بۇ خوش خەۋەرنى شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىغا يوللاشنى لايىق تاپتۇق. گەپ-سۆزلەردە خاتا كەتكەن تەرەپلەر بولسا كۆپچىلىكتىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمىز.








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 13:09  


ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر
idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1037
تۆھپە : 7
توردا: 240
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:31:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.jpg

ياسىنجان سادىق چوغلان  «مۆلجەرتاغ» ئۈستىدە

5.jpg

ياسىنجان سادىق  چوغلان بىلەن ئابدۇكېرىم قادىر ئۇچتۇرپاندىكى قەلەمكەشلەر بىلەن «توققۇز بۇلاق باغچىسى» دىكى كۆل ئۈستىدىكى راۋاقتا

4.jpg

ئابلىز ئوسمان ياسىنجان سادىق چوغلان بىلەن خوشلىشىپ شۇنداق دىدى: «ئەمدى كەلسىڭىز ئۇزۇنراق تۇرغۇدەك بولۇپ كېلەرسىز»

3.jpg

ئۇچتۇرپاندىكى قەلەمكەشلەر جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق چوغلان ۋە ئىمام مۇھەممەدكە تون كىيدۈردى(ئوڭدىن سولغا: ئابباس مونياز تۈ*ركىيقان، ئىمام مۇھەممەد، مۇختار داۋۇت ئۆزيول، جالالىدىن بەھرام، ياسىنجان سادىق چوغلان، تۇرغۇن مىجىت، ئابدۇكېرىم قادىر)

2.jpg

ياسىنجان سادىق چوغلان: "قىزىم، ماڭا بۇلاق سۈيىنى ئوچۇملاپ ئىچۈرگىنىڭ ئۈچۈن ئىنساۋىڭغا رەھمەت، ئۇلۇغ ئاللاھ سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزسۇن»

3.jpg

«مارجانبۇلاق» تا بىر كۈن
«يەنە شۇنداق جەم بولۇش قاچان نىسىپ بولار؟»

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 11:13  


ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  227
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1045
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:34:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     قالغان بەددئىي كارتىنىلار ( سۈرەت ) نىمۇ قوشۇپ يوللىۋەتمەمسىز، مۆلجەرى!

ھەقىقەت مەشئىلى كۆپ ھاللاردا كۆتۈرگۈچىنىڭ قولىنى كۆيدۈرىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 642
تۆھپە : 2
توردا: 126
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 22:24:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتتىن ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ، ئۇنداق بولسا سۇرەتلەرنىمۇ يوللاپ قويغان بولساڭلار كاتتا ئىش بولاتتى . قەلەمداشلارنىڭ دوستلۇقى مەڭگۈ جەۋلان قىلسۇن ! ... ئۇچتۇرپان - تارىخىمىزدىكى جەڭگىۋار يۇرتلارنى بىرى ، بۇ يۇرتلارنى سەيلى - ساياھەت قىلىش بەكمۇ ئۇلۇغ ئىش . چۇنكى بۇ يەردە مىللى روھىمىزنى ئۇرغۇتىدىغان يارقىن تارىخىي ئىزلار ۋە ئابىدىلەر بار . ئۇلار قەلەمكەشلەر ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك مەنىۋىي بايلىق . ئامان بولۇڭلار ئەزىزلەر ...

شېىئر مېنىىڭ ئاسمىنىم ...!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1037
تۆھپە : 7
توردا: 240
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 22:24:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1.jpg


شائىر ئىبراھىم قۇربان جالالىدىن بەھرام بىلەن ياسىنجان سادىق چوغلانغا كىتاب سوۋغا قىلدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 09:34  


ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1037
تۆھپە : 7
توردا: 240
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 22:24:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2.jpg


ياسىنجان سادىق چوغلان ئۇچتېكىننىڭ ئوغلى ئۇچقۇنجانغا ياخشى تىلەكلەر تىلىدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 09:34  


ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1037
تۆھپە : 7
توردا: 240
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 22:25:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

4.jpg


جالالىدىن بەھرام : «پاھ، سويۇتقا بۇلاقنىڭ سۈيى نىمانچە تاتلىق؟»

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 09:35  


ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1037
تۆھپە : 7
توردا: 240
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 22:26:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

7.jpg


ياسىنجان سادىق چوغلان بىلەن ئابدۇكېرىم قادىر شۇنداق دىيىشتىغۇ : «مۇمكىن بولسا بۇ يۇرتقا ھەر يىلى بىر كەلسەك بولغۇدەك»

5.jpg


ئابلىز ئوسمان : «سويۇتقا بۇلاقنىڭ سۈيى تەنگە شىپالىق، مەن ئاۋال ئىچىپ بېرەي-ھە؟»

8.jpg


بىز «مۆلجەرتاغ» نى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز

6.jpg



ياسىنجان سادىق  مەشھۇر كىتابى «باھادىرنامە» گە ئىمزا قويۇپ بەرمەكتە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 09:33  


ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  253
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 376
تۆھپە : 4
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:02:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      خاسىيەتلىك ھەم ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىش بوپتۇ، تولىمۇ سۆيۈندۈم. ئەمما شۇنچە قەلەمكەشلەر ئىچىدە بىرەر ئايال ئەدىبەنىڭ بولمىغىنى قەلبىمنى ئازراق ئۆرتەپ قويدى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  129
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 337
تۆھپە : 1
توردا: 74
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:21:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى كۈنى قەلەمكەش دوستلىرىم ئابباس مونىياز،ئابلىز ئوسمانلار بىلەن بىرگە بۇ خاسىيەتلىك پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەرەددۇت قىلىپ ئەتىسى سەھەر  تۇيۇقسىز  يۈز بەرگەن ئىدارە ۋە ئائىلىدىكى جىددى ئىشلار تۈپەيلى قاتنىشالمىغىنىمدىن  تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم.
ئەمما مۆلجەرىنىڭ سۈرەتلىك يازمىلىرى ئەپسۇسلىرىمنى سۇسلاشتۇرۇپ مېنى بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە قاتناشقاندەك سېپىمىزدىكى مۆھتىرەم ئەزىزلىرىمىز بىلەن سىرداشقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى.
مۆلجەرىگە رەھمەت!
بارلىق ئەزىزلەرگە ساغلاملىق ۋە بەخىت يار بولغاي!
بۇ ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىشنى پىلانلاپ تەشكىللىگەن ئۇچتۇرپاندىكى بارلىق قەلەمكەش  دوستلارغا ئاپېرىن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 222
تۆھپە : 2
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:23:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    توققۇز بۇلاق،سوۋۇتقۇ بۇلاقنىڭ سۈيىنى زەمزەمدىنمۇ ئۇلۇقلاپ ئىچتىم ،مۇزدەك بۇلاق سۈيى قانلىرىمنى قايناتتى!مۆلجەر تاغقا غايىۋانە تېۋېندىم ،قىزىم ئادىلەگە ‹‹قىز قىياسى››نى كۆرسىتىپ تۇرۇپ باھادىر يەتتە قىزلىرىم-يەتتە ئەركىنلىك پەرىشتىسىنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردىم،قىزىم بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى،قىزىمنى باغرىمغا باستىم،يۈرەك سۆزلىرىمنى يۈرىكىم ئارقىلىق پىچىرلىدىم. شۇ دەقىقىدە كۆزلىرىمىز بۇلاققا ئايلىنىپ كەتتى.ھەئە،ئۇچتۇرپاندا نىمە ئۈچۈن بۇلاقنىڭ جىقلىقىنى ئاخىرى ھىس قىلىپ يەتتىم....

   ئۇچتۇرپاندىكى تۇرغۇن مىجىت قاتارلىق  دوستلارغا كۆپتىن -كۆپ تەشەككۈر! سىلەرنىڭ دوستلۇق،ھۆرمەت ئەقىدەڭلارنىڭ سىمۋولى بولغان تون بىلەن دوپپىنى مەڭگۈ  قەدىرلەيمەن، ماڭا ياپقىنىڭلار شاھانە تونلا ئەمەس بەلكى يۈكسەك بىر مەسئۇلىيەتتۇر.    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چوغلانبەگ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 11:03  


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2392
تۆھپە : 234
توردا: 1297
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 11:32:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت كاتتا ئەنجۈمەن، يىغىلىش بوپتۇ. بەزىدە مۇشۇنداق ئېسىل دەملەرنى تەشكىللەپمۇ بارلىققا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. چوغلانبايننىڭ باغرى قانغاندەك تۇرىدۇ. ئۈچتۇرپاندىكى ئەزىزلەرگە سالاملار بولسۇن!

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  890
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 21
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:39:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت دېگەن مانا مۇشۇ. مەن خەلقىمىزنىڭ ئېلىم-ئېرپان سەۋەبى ھاياجاندا  بىر يەرگە جەم بولالايدىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم ئىشەندىم.

ماشىنىنى پىراۋا ئەمەس بەلكى شوپۇر ھەيدەيدۇ...
(مۇھەممەت باغراشنىڭ «سەپداش» ھېكايىسىدىن)

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  93
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 477
تۆھپە : 9
توردا: 28
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 13:53:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى روياپقا چىقارغان ئوغلانلارغا سالام!!!

شىنجاڭ يەكەندىن: تۇراپ نۇر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 909
تۆھپە : 6
توردا: 571
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 16:22:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش