كۆرۈش: 123|ئىنكاس: 1

ئۇنۋېرسىتېتتىكى كۈنلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 567
تۆھپە : 3
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 20:23:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇنۋېرسىتېتتىكى كۈنلەر

ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

(شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)

«كۈن كۈننى قوغلار» دەيدۇ كونىلار. مانا ھەش – پەش دېگۈچە ئالىي مەكتەپ ھاياتى بىلەن خوشلاشقىنىمغىمۇ ساپمۇ - ساق ئىككى يىل بولۇپ قاپتۇ. گەرچە كۆڭلۈمدە ھاياتىمدىكى بۇ ئالاھىدە     «پەسىل»دىكى قىزغىن، ئىزدىنىشكە، ئاچچىق – تاتلىق قىسمەتكە تويۇنغان ئۆزگىچە كەچۈرمىشلىرىمنى خۇلاسىلاپ چىققان بولساممۇ، لېكىن بۇ توغرىدا بىرەر پارچە ئەسلىمە خاراكتېرىدىكى ئەسەر يېزىپ، بەزى ئۆزۈمگىلا خاس بولغان ئالىي مەكتەپ ھاياتى توغرىسىدىكى ھېس – تۇيغۇلىرىمنى، ئويلىنىشلىرىمنى ئىپادىلەپ بېقىش ئىستىكى ئىزچىل مېنى قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئىقتىدارىمنىڭ تۆۋەنلىكىدىنمۇ ۋە ياكى چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ھەلەكچىلىكىدىمۇ ئەيتاۋۇر تا بۈگۈنگىچە بۇ توغۇرلۇق قولۇمغا قەلەم ئالالمىدىم. يېقىنقى كۈنلەردە يېتىلىۋاتقان ياش شائىر، قىزغىن قەلەمكەش دوستۇم مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئالىي مەكتەپتە يازغان كۈندىلىك خاتېرىلىرىمنى ئاختۇرۇپ، بەزى مېنى ئويلاندۇرغان، ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن بىر قانچە ئىشلارنى ئامال بار ئەسلىدىكىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا قايتىدىن قەلەمگە ئالدىم. قېنى بۇ مېنى ئويلاندۇرغان، پىكىرلىرىمگە ئوت ياققان، تۇرمۇش، ئۆگىنىش ھەققىدىكى شەخسىي تەجرىبىلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ. بەلكىم بۇ يەردە سىزنىڭمۇ پىكىرىڭىزگە ئوت ياققۇدەك بىرەر تال «چوغ» ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

سەپەر ھېسلىرى (2002-يىلى 31-ئاۋغۇست، 1-سىنتەبىر كۈنلىرى)

ھاياتتا بەزىدە شۇنداقمۇ توغرا كىلىپ قىلىشلارمۇ بولىدۇ. 2002-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى دەل مەن ئون سەككىز ياشقا تولغان كۈنۈم ئاتا – ئانام، ئۇرۇق – تۇغقان، خولۇم – خوشنا، دوست – يارانلارغا،  ئۆزۈم تۇغۇغلۇپ ئۆسكەن يۇرت ئەزىزانە قەشقەرگە «خوش» ئېيتىپ، رايۇنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىلىم يۇرتى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا قاراپ ئۈرۈمچىگە يۈرۈپ كەتتىم. ئون سەككىز ياش ماڭا نىسبەتەن دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سىياسى جەھەتتىكى گىراژدانلىق سالاھىيەت ئىتىراپى سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل ھاياتنىڭ، ياشلىق قەدەملىرىنىڭ، ئىلىم ئۈچۈن ئۆرلەشنىڭ تۇنجى پەلەمپىيى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاياتىمدا ئالاھىدە بىر سەھىپە بولۇپ قالدى.

ئۆيىدىن ئىلگىرى ئايرىلىپ باقمىغاچقىمۇ، پويىز تاكى مارالبېشىغا كەلگۈچە، كۆزۈم ياش ھالدا دەرىزىدىن توختىماي كەينىمىزدە ئۇزاپ قالغان ئانا يۇرت مەنزىرىلىرىگە قاراپ جىم بولۇپ قالدىم. مانا مۇشۇ دەقىقىلەردىلا «ئانا يۇرت»نىڭ نېمىلىكىنى تېخىمۇ كونكېرىت ھېس قىلغاندەك بولدۇم. ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ھاياجاندىن:«ئانا يۇرت ۋەتەننىڭ لېۋى. سەن ۋەتەننى سۆيمەك بولساڭ ئالدى بىلەن ئانا يۇرتنى سۆي. بۇ سۆيۈش كونكېرىت بولىدۇ. سېنىڭ ئانا يۇرتنى سېغىنىشلىرىڭ، ئانا يۇرت ئۈچۈن تۆككەن قان – تەرلىرىڭ، قىلغان ياخشىلىقىڭ ھەممىسى ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر. ۋەتەنپەرۋەرلىك سىياسى ئۇقۇم بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇ بىر ئادەمنىڭ، كوللىكتىپنىڭ، ئومۇمىي ئىجتىمائىي توپنىڭ ئورتاق ھېسىياتىدۇر ...» دېگەن بايانلىرى ۋە ئۇيغۇر شائىرى گۇمنامنىڭ:«

مەزرەئى لۇتفى ئىلاھىدۇر كاشىغەر،

ئىشىق ئېلىنىڭ قىبلىگاھىدۇر كاشىغەر.

ئىشقۇ ئۈلفەت چەشمەسىدىن دەردۇ – مېھنەت جۇش ئېتەر،

تۇفراغى ھەسرەت بىلەن پۈتكەن ھىسارى كاشىغەر.

دلرەبالار باغرىنى لەئىلى بەدەخشان ئەيلەگەي،

بىر نىگاھى غەمزەسىدىن گۈلئۈزارى كاشىغەر،

......................................

.......................................

ئۇدۇ ئەنبەر تۇفراغىدۇر ئابى كەۋسەردۇر سۈيى،

دۇررۇ مەرجان تاشلارىدۇر كوھسارى كاشىغەر.

.................................... »

دېگەن مىسرالىرىنى جانلىق دىكلىماتسىيە قىلىغان جاراڭلىق ئاۋازى يادىمدىن كەچتى.

سەپەرگە دادام بىرگە چىققان بولۇپ، ئۇ مېنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كەلمەكچى ئىدى. دادام مېنىڭ مەيۈس كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھېلىدىن – ھېلىغا ئالما، ئۈزۈم ياكى تۇخۇم، گازىر سۇنۇپ ئاۋارە ئىدى. مەن ئاخىرى دادامدىن ۋە ئەتراپىمىزدا ئولتۇرغان سەپەرداشلىرىمىزدىن خىجىل بولۇشقا باشلىدىم. «ئوغۇل بالا دېگەن يىغلىمايدۇ» دەپ چوڭ قىلغان دادامنىڭ ئالدىدا مەڭزىمدە قۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ياش نەملىرى مېنى خىجىل قىلماقتا ئىدى. راست، يىگىت يىغلىسا بولمايدۇ. ئەلنىڭ، يۇرتنىڭ، بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولىدىغان ئادەم يىغلاپ يۈرسە، ئۇنىڭ ھىماتىدا بولىدىغانلارنىڭ كۆزلىرى بۇلاق بولمامدۇ؟!... يىگىت ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى، زەبەردەستلىكى، قورقماس باتۇرلىقى، مەردۇ – مەردانىلىقى بىلەن ئەل – يۇرتنى يۆلەيدۇ، ھەممىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدۇ. ئۇنىڭ زىممىسىدە تاغلار كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر مەسئۇلىيەت بار. مانا ھەقىقى يىگىت، يىگىتلىك مۇقامىغا يەتكەن ئەۋلادلا بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدۇ. تاشمۇھەممەت باتۇر ئېيىتقان «يىگىت يىغلىمىسۇن» دېگەن ناخشا قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلىغاندەك بولدى. «يىگىت يىغلىمىسۇن دوستلار دۇنيادا ...». ئەمما مېنىڭ بۈگۈنكى ياشلىرىم قېرىنداشلىق مېھرى – مۇھەببىتىدىن، ئانا يۇرت سۆيگۈسىدىن تۆكۈلگەنىدى. مېنىڭچە ياش تۆكۈشنى قوللاپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بۇنداق ياشلار بىر يۇرتنى گۈللەندۈرىدىغان ئېقىن سۇغا ئوخشاشلا مۇھىم ئىدى. ياش بەزىدە ئاجىزلىقتىن ئەمەس، كۈچلۈكلىكتىنمۇ تۆكۈلىدۇ.

پويىز پات – پات توختاپ يەنە قوزغىلىپ چىكى يوق چۆللۈكلەردىن كېسىپ ئۆتتى. ئەنە توغراقلىقلار، چېكى يوق توقايلار، توقايلارغا قىستۇرۇپ قويۇلغان گۈلگە ئوخشاش كىشىنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان كۆجۈم – كۆجۈم يۇرتلار، تارىم، كۆنچى دەريالىرى، تەڭرى تاغلىرى ... ھەممىسى بىر – بىرلەپ ئارقىمىزدا قالماقتا. پويىز دېرىزىسىدىن تويماي سىرتقا قارايمەن. ئاخىرى كېچە باغرىغا كىرىپ كەتتۇق. بۇنداق ئۇزۇن سەپەردە كېچىنى ئۆتكۈزمەك بەك تەس بولىدىكەن. كاللام ئۆتكەن كۈنلەر بىلەن بۈگۈندە بولغان، بولىۋاتقان، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ئالىي مەكتەپ ھاياتىم توغرىسىدىكى خىياللار بىلەن ئېغىر. ئۆزۈمگە شۇنداق ۋەدە بەردىم:« مەن چوقۇم ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى قەدىرلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىگەللەشكە تېگىشلىك ھەرخىل بىلىملەرنى ياخشى ئىگەللەيمەن. ئاخىرىدا ئاسپىرانتلىققا ئۆتۈپ، ئاتا – ئانام، دوستلىرىم شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ تىلىگىنىدەك ياراملىق  بىر زىيالىي بولۇپ، مىللىتىمىزنىڭ، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن....».

ئۇنۋېرسىتېتىكى تۇنجى كۈن (2002-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى)

ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بۇيانقى بىر قانچە كۈندە ئۈرۈمچىدىكى ھاممامنىڭ ئۆيىدە بولدۇق. مانا بۈگۈن ئۆزۈم تۆت كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە تەقەززا بولغان شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىگە تىزىمغا ئالدرۇرۇش ئۈچۈن يېتپ كەلدۇق.

ھەيۋەتلىك دەرۋازىدىن كىرىپ چىقىۋاتقان بىر – بىرىدىن مەدەنىي، جۇشقۇن ياشلار، بىزگە ئوخشاش تىزىمغا ئالدۇرغىلى كىلىپ بىر خىل ياتسىراش، قىزىقىش ئىچىدە تۇرغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى، قارشى ئېلىش پىلاكاتلىرى ھەممىسى قوشۇلۇپ ئالاھىدە بىر خىل كەيپىيات پەيدا قىلغان ئىدى. بىز ئانچە تەمتىرىمەيلا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇردۇق. ھەممە رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بولغاندىن كېيىن، يېڭى ئورۇنلاشقان ياتىقىمغا نەرسە – كېرەكلىرىمنى جايلاشتۇرۇپ قويۇپ دادام بىلەن بىرگە تاماققا چىقتۇق. مەكتەپ ئاشخانىسى چوڭ، ئازادە بولۇپ، ئايرىم – ئايرىم رۇجەكلەردە ھەر خىل تاماقلار ئىلىكتېرونلۇق كارتىلار ئارقىلىق سېتىلاتتى. ئاشخانىدا بىزدىن باشقا ئادەم يوق بولۇپ، بىر كۈتكۈچى قىز ئۈستەللەرنى سۈرتۈپ ئاۋارە ئىدى. تۇرىقىدىن ئوقۇغۇچىدەك قىلاتتى. كېيىن بىلسەم ئالىي مەكتەپتە، ئۇنىڭدەك مەكتەپ ئاشخانىسى، كۇتۇپخانىسى ۋە باشقا سىرىتتىكى ئورۇنلاردا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولۇپ، كۆپىنچىسى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. بىز تاماق يەپ ئولتۇرساق بىر خەنزۇ قىز ئوقۇغۇچى كىرىپ تاماق ئېلىپ بىزدىن ئىككى ئۈستەل نىرىدا ئولتۇردى. بۇ ۋاقىتتا ھەيران قالدىم. سەۋەبى بىزنىڭ يۇرتتا خەنزۇلار ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە ئۇلار مىللىيلارنىڭ ئاشخانىسىغا تاماققا كىرمەيتى. شۇڭلاشقىمىكىن بۇ خەنزۇ قىزنىڭ مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا تاماق يېيىشى مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. كېيىنچە ئۇرۇمچىدە مىللىيچە ئاشخانىلاردا غىزالىنىدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرىمۇ كۆپ ئىكەن. چوڭ شەھەردىكى مەدەنىيەتلەر قوشۇلىشى تەرققىياتنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە ئاللىقاچان ئادەتتىكى بىر ئىش بولۇپ قالغانىدى. مانا ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە قارايدىغان بولساق، خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەر بىزنىڭ يۇرتلاردىمۇ كۆپىيىپ، مىللىيچە ئاشخانىلاردا ئۇلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. جەمئىيەت نەقەدەر تىز ئۆزگۈرىۋاتىدۇ ھە!

تۇرپانلىق بالا (2002-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى)

ئالىي مەكتەپكە تۇنجى بارغان ئادەمدە دەسلەپتە بىر خىل يۇرتۋازلىق ئىددىيىسى ۋە تۇيغۇسى بىرقەدەر كۈچلۈكرەك بولىدۇ. گەرچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدىن تارتىپلا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرىلىرىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئوقۇغان، ئۇنىڭ «توۋا دەيمەن توۋا» دېگەن شېئىرىنى ئوقۇپ يۇرتۋازلىقتىن كۈچلۈك ئىبرەت ئالغان بولساممۇ، لېكىن كىچىككىنە يۇرتۋازلىق تۇيغۇسىدىن مەنمۇ چەتتە قالمىدىم.

ھەربىي مەشىق ۋاقتىمىز ئىدى. مەكتەپكە تىزىمتىلىتىپلا ئەتىسىدىن باشلاپلا ھەربىي مەشىققە چۈشۈپ كەتكەچكە، تېخى بىر ياتاقتىكى بالىلارنىڭمۇ ئىسملىرىنى تولۇق بىلىشىپ بولالمىغان ئىدۇق. ئەمما بىر – بىرىمىزنىڭ شىۋىسىدىنلا يۇرتلىرىمىزنى ئېسىمىزدە تۇتۇپ ئۈلگۈردۇق. دەسلەپ ئىسمىمىزنى بىلىشكىچە «قەشقەرلىك»، «خوتەنلىك»، «تۇرپانلىق»، «كورلىلىق» دېيىشىپ بىر – بىرىمىزنى چاقىرىپ يۇردۇق. ياخشى يېرى ياتاقتىكى ھەممىمىز بىر كىچىك گورۇپپىدا مەشىق قىلاتتۇق. ھەربىي مەشىق ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، بۇ كەمگىچە بۇنداق ئېغىر مەشىقلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغاچقا ھەممىمىزگە ئېغىر كىلەتتى. ئۈرۈمچىنىڭ تېخى سوۋۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىسسىق، تىنجىق ھاۋاسىدا پۈتۈن كۈنلەپ مەيداندا «مارش»قا دەسسەپ ھالىمىزدىن كەتكەن ئىدۇق. ئارىدا تېخى بىر – ئىككى ئوقۇغۇچىمۇ ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

بۈگۈن مەنمۇ ھېرىپ ھالىمدىن كەتكەن بولۇپ، سەپتە تۈز تۇرۇشقمۇ خوش ياقمايۋاتاتتى. يېنىمدا «تۇرپانلىق» ياتاقدىشىم تۇراتتى. ئۇنى ياتاقدىشىم دەپ ئۆزۈمگە يېقىن كۆردۈممۇ قانداق ئۇنىڭغا يۆلەندىم. ئۇ تېخى ھارمىغاندەك تىككىدە تۇراتتى. تۇرپاننىڭ ئوت ئىسسىق ھاۋاسىدا پىشىپ كەتكەن بۇ بالىغا قارىغاندا ئۈرۈمچىنىڭ بۇ ئاپتاپلىرى ھېچنىمە ئەمەستەك ئىدى. ئۇ نارازىلىق ئارىلاش قوپاللىق بىلەن «ر» ھەرىپىنى ئۇرغۇلۇق قىلىپ؛- رۇس تۇرۇڭلار، رۇس! – دېدى.

-     بەك ھېرىپ كەتتىم، - دېدىم ۋايساپ.

-     ئوغۇل بالا دېگەن شۇنچىلىك جاپاغىمۇ چىدىمىسا ئوغۇل بالا بولامدۇ؟! قەشقەردىنمۇ سىلىدەك ئادەم چىقىدىكەن ...

ئۇنىڭ گىپى ماڭا خېلىلا تەسىر قىلدى. ئويلىماپتىمەن، ئالىي مەكتەپتە ھەممىمىز ھەر يەردىن كەلگەچكە ھەر بىرىمىز باشقىلارغا نىسبەتەن ئۆز يۇرتىمىزدىكىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىكەنمىز. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى ھەربىي مەشىق ئاخىرلاشقۇچە ئۆزۈمنى رۇس تۇتتۇم. ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ئۇنىڭ شۇ بىر ئېغىز سۆزى مېنىڭ يادىمدىن زادى كۆچمىدى. ھەتتا بەزىدە ماڭا بۇ ئىلھام بولدى.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» بىلەن يۇرتداش بولغان ئىدىقۇتلۇققا ھۆرمەت نەزىرىدە قاراپ، تۇرپانلىقلارنى باشقا يۇرتلۇقلاردىن قەيسەررەك ئىكەن دەپ ئويلاپمۇ يۈردۈم. ئەمەلىيەتتە بىر يۇرتتىن ھەر قانداق ئادەم چىقىدىغانلىقى، قانداقتۇر يۇرتىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى كېيىن ئىسپاتلاندى. ئەمما ئاشۇ بىر نەرسە كۆڭلۈمدە ئايان بولدىكى، بىز يۇرتتىن، ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەللەرگە چىقساق جۇڭگۇلۇقنىڭ ياكى ئۇيغۇرنىڭ، ئىچكىرىگە ياكى  باشقا ئۆلكىلەردىكى يات مىللەتلەرنىڭ ئالدىغا بارساق شىنجاڭلىق، ئۇيغۇرنىڭ، شىنجاڭدا بولسا ئۆز يۇرتىمىز قەشقەر، حوتەن ئاتۇش، تۇرپان. غۇلجا قاتارلىق يۇرتلارنىڭ، شۇ يۇرت ئادەملىرىنىڭ ۋەكىلى ئىكەنمىز. ئادەمگە نىسبەتەن كىملىك ئاشۇنداق ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا ئوخشىمىغان ھالەتلەردە ئايان بولىدىكەن. ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ياخشى تونۇغاندا، ئۇنى جارى قىلدۇرغاندىلا سىزنى باشقىلار تونۇپ، ئىتىراپ قىلدىكەن. ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئەسىر ئاخىرىدا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «جۇڭگۇ مىللەتلىرى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا باشلاپ بەرگەن جەمئىيىتىمىزدىكى ئۆزلۈك تالاش – تارتىشلىرىنىڭ قىممىتى  بىر قانچە توملۇق رومانلاردىن نەچچە باراۋەر ئۈستۈن تۇرغۇدەك.

قىزغىن لىكسىيەلەر

ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى مەكتىۋىمىزدە پات – پات بولۇپ تۇرىدىغان ئىلمىي لىكسىيەلەر، مۇنازىرە پائالىيەتلىرى ئىدى. ھەر قېتىملىق بۇنداق پائالىيەتلەردە مەكتىۋىمىزدىكى ياكى باشقا ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن پروفېسسور، ئوقۇتقۇچىلار، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم تونۇلغان ئەدىبلەر، غەيرەتلىك سىتۇدىنت ياشلار ئۆزىنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى، تەجىرىبىلىرى، چەتئەل تەسىراتلىرى، ئۆزگىچە ئىزدىنىشلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بىرەتتى. مەن ئويلايمەن بۇنداق ئىلمىي ياكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۈنۈمى بىر ياكى بىر قانچە كىتابنى ئوقۇغاندىن قىلىشمايدۇ ھەتتا بسېىپ چۈشىدۇ. چۈنكى بۇ لىكسىيەلەردە لىكسىيە سۆزلىگۈچى بىر بولسا ئوقۇغۇچىلار كىتابلاردىن ئالالمايدىغان ئۆزىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىلمىي ئىزلىنىش نەتىجىلىرىدىن، ئىلمىي تەجرىبىلىرىدىن ياكى ئىلم - پەننىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشدىن خەۋەردار قىلاتتى. يەنە بىر بولسا، جەمئىيەتتىكى ئەڭ تەخىرسىز مەسلىلەر ئۈستىدە، مەلۇم ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە ئۈستىدە ئۆزىنىڭ بىر قەدەر پىشقان، ئىلھام بەخىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى.

مەن ھەر قېتىم بۇنداق پائالىيەتلەردىن قايتقىنىمدا ئۆزۈمدە دائىم بىر خىل زىلزىلىنى سىزەتتىم. مانا بۇنداق پائالىيەتلەردىن ماگىستېر ئاسپىرانتلارنىڭ دىسىرتاتسىيە يىغىنلىرى، «ئاقيول شېئىرىيەت مۇكاپاتى يىغىنى»، «ئا.مۇھەممەدئىمننى خاتىرلەش يىغىنى»، «شەھەر ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى»، «مەھمۇد قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنى 1000 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى»،  «تىيىپجان ئىلىيوفنى خاتىرلەش يىغىنى»، «نۇرمۇھەممەت زامان ئىجادىيەت ھاياتى يىغىنى» ... قاتارلىق ھەرخىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئابدۇكېرىم رەھمان، غەيرەتجان ئوسمان، ئازات سۇلتان، ھوشۇر ئىسلام، ئەسئەت سۇلايمان، راھىلە داۋۇت، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، ئەنۋەر سەمەد قورغان، ئىقبال تۇرسۇن، تاش راخمان، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، دىلمۇرات ئۆمەر، ئەنۋەر ئابلىمىت، زۇلپىقار بارات ئۆزباش، جالالىدىن بەھرام، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئۆمەرجان ئىمىن، قۇربان بارات، ئابدۈشكۈر كېرەم كۆك، ئادىل تۇنياز، ئۈمىد غىنى قاتارلىق ئالىم، پروفېسسور، يازغۇچى، شائىر، رەسسام، سەنئەتكارلار ئۇستازلارنىڭ، قاتناشقان ئىلمىي ياكى ئىجتىمائىي لىكسىيەلىرى، ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمغا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى، كېيىنكى ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىمغا كېرەك بولىدىغان، ئىلھام بولىدىغان بىلىملەرنى، قوزغاتقۇچى پىكىرىلەرنى خاتىرلەپ ئۈلگۈردۈم.

مەن بۇ ئەسلىمىلەرنى، بۇ قوزغاتقۇچى پىكىرلەنى ھاياتىمغا نىسبەتەن بىر ئۆمۈرلۈك روھىي خەزىنە دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېلىمۇ بىرەر ئىلمىي لىكسىيەنى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلىساملا ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا ئالدىرايمەن. مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشالىغانلىقىم، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمگە ئىلھام، مەدەت ئالالىغانلىقىمدىن سۆيۈنىمەن.

تىل ئۆگۈنۈش

جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىشى، ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرىنىڭ كۈنسېرى يۈكسىلىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يوللىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئانا تىلدىن باشقا دۇنياۋىي تىللارنى ئىگەللەش بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ئالاھىدە بىر تەلىپىگە ئايلاندى. خەنزۇ تىلى ھەم دۆلەت تىلى ھەم دۇنياۋى چوڭ تىللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ جىددىي ئىگەللىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. كۆپ تىللىق بولۇش بىزنىڭ ئىمكانىيەتلىرىمىزنى كىڭەيتىدىغان بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ كىچىككىنە دۇنيارىمىزنى تاشقى دۇنيا بىكەن تۇتاشتۇرۇشتىكى ئالاھىدە كۆۋرۈك. كۆپ تىللىق بولۇش خەلقمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا خىلى ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپلا داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ياخشى ئىلمىي پەزىلەت بولۇپ، مەيلى بۇددىزىم دەۋرىدە بولسۇم ياكى ئىسلامىيەت دەۋرىدە بولسۇن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «زىيالىي» ئۇقۇمى ھامان كۆپ تىللىق بولۇش بىلەن باغلىنىپ كەلگەن. ئەلۋەتتە كۆپ تىللىق بولۇشنىڭ مەنىسى چەتئەل تىلىنى ئۆگۈنۈپلا قالماستىن بەلكى ئانا تىلنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ بىلىش، ئۇنى قەدىرلەش، قوغداشنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە بىز دائىم مەھمۇد قەشقىرى، ئەلشىر نەۋائىي كەبى ئەجدادلىرىمىزنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالىمىز.

مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە كىلىپلا ئالدى بىلەن دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇتىلىنى ئىككى يىل مەخسۇس ئۆگەندىم. مەكتەپنىڭ بەلگىلىگەن سەۋىيەسىگە ۋە ئۆزۈمنىڭ ئالاقە ئىھتىياجىمغا يەتكەندىن باشلاپلا ساۋاقداشلىرىمغا قوشۇلۇپ دۇنياۋىي تىللاردىن بىرى بولغان ئىنگىلىزتىلى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن تىل ئۆگۈتۈش مەركەزلىرىگە چاپتىم. بىر قانچە تىل ئۆگىتىش مەركەزلىرىدە دەرس ئاڭلاپ بېقىش جەريانىدا، ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە تىل تەربىيەلەش ساھەسىدە ئۆز ئورنىنى تىكلىگەن «سەرخۇش ئىنگىلىزتىلى» تىل تەربىيەلەش مەركىزىنى ياقتۇرۇپ قالدىم. بۇ مەركەزدىكى ئۆتۈلىدىغان دەرسلىك مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئادىتى، پىسىخىكىسى، مەدەنىيىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئالاھىدە ئىتىبار بېرىلگەن ئاساستا ئىنگىلىزتىلى، ئىنگىلىز مەدەنىيىتىنى ئىگەللىتىشنى مەقسەت قىلغان ئۆزگىچە ئۇسۇلدا تۈزۈلگەن دەرسلىك بولۇپ، ماڭا دەرسلىك كىتابنىڭ بېشىدىكى كىرىش سۆز ئورنىدا بېرىلگەن ئۇستاز، ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئىشىك چېكىلمەكتە، سەن كىم ؟» ناملىق بېغىشلىمىسى ئالاھىدە ياراپ كەتكەنىدى. بولۇپمۇ بېغىشلىمىدىكى ئاخىرقى بىر ئابزاس ئۈزۈندىنى خاتىرەمگە كۆچۈرىۋالغانىدىم ۋە كېيىنچە ماڭا بۇ يادا بولۇپ قالغانىدى. بۇ ئۈزۈندە ئابزاس مۇنداق ئىدى:«

Language for me

Uyghur language makes me feel unique, I use it to express my thought and love …

Chinese language makes me feel urgent, I use it to make my living and survive …

Arabic makes me to be touched deep in my heart, I use it to clean my soul …

Well, English makes me feel hope. I use it for better life and better opportunity …

(تەرجىمىسى:

ئۇيغۇرتىلى ماڭا تەڭداشسىزلىق بېغىشلايدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆز ئوي – پىكىرلىرىمنى ۋە مۇھەببىتىمنى ئىپادىلەيمەن ...

خەنزۇتىلى ماڭا جىددىيلىك ھېس قىلدۇرىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ياشايمەن ۋە تىرىكچىلىك قىلىمەن ...

ئەرەب تىلى ماڭا قەلبىمنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق روھىمنى پاكلايمەن ...

خوش، ئىنگىلىزتىلى مېنى ئۈمىدۋار قىلىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ياخشى تۇرمۇش ۋە ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشەلەيمەن ...)

چەتئەل تىلى ئۆگىنىش بىز ئۈچۈن 2 مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئەنئەنە. بۇ ئەنئەنىنى پەقەت ئۆزىنى ياخشى تونۇغان ۋە تونۇتقان ئەۋلادلارنىڭ قولىدا نۇر چاچىدۇ.

ئانا تىلىمىزنىڭ قۇدرىتى ئۈچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنەيلى! ».

   دەرسنى بىزگە دەرسلىكنى تۈزگۈچى ياش ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىمىز زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئۆزى ئۆتەتتى. ئۇنىڭ قىزغىن، يۇمۇرلۇق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يۇغرۇلغان ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مىتودى ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغانىدى. تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇتۇشتىن باشقا بەزى ئالاھىدە لىكسىيە، مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا خېلى كۈچلۈك كەيپىيات ھاسىل قىلغان ئىدى. ئابدۇقادىر جالالىدىن، جالالىدىن بەھرام، ئابدۇلئەھەد بەرقى، ئۈمىد غىنى، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىق قىزىق نۇقتا ئەدىبلىرىدىن باشقا يەنە زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئۆزىمۇ ئۇيغۇرتىلى – ئىنگىلىزتىلىدا قوش تىللىق لىكسىيەلەرنى سۆزلەيتى. لىكسىيە تىمىلىرى تولىمۇ ئاكتىئۇئال بولۇپ، ھەر قېتىملىق لىكسىيەدىن كېيىن بالىلاردا بىر خىل جانلىنىشنى، ئىلمىي كەيپىياتنى ھېس قىلاتتىم.زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ شۇ ۋاقىتتا سۆزلىگەن لىكسىيەسىدىن «قۇرىۋاتقان تەپەككۈر دەرىخى قاچانمۇ كۆكلەرسەن ؟!» دېگەن لىكسىيەسىنىڭ غۇلغۇلىسىنىڭ خېلى كۈچلۈك بولغانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

مانا ھازىر زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىم ئۆزىنىڭ شۇ ئىزدىنىشچان روھنىڭ تۈرىتكىسىدە مۇقىم خىزمىتى، بەختلىك ئائىلىسى، خىلى ياخشى بولغان ئىقتىسادىي مەنبەسىنى تاشلاپ ياقا يۇرتقا، ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەتتى. ئۇ كەتكەندىن كېيىنمۇ يەنە ۋەتەننى، يۇرتىدىكى ئۆزى سۆيگەن، ئۆزى ئىخلاس قىلغان خەلقىنى ئۇنۇتمىدى. ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ رېئاللىقىدىكى مەسلىلەرنى ئۆزى ئۆگىنىۋاتقان ئىلىمي ئۇسۇللار ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

تىل ئۆگۈنۈش بىر جاپالىق جەريان. ئۇنىڭغا چىدام، غەيرەت، ئىزچىللىق، ئالاھىدە قىزغىنلىق،  ساغلام پىسخىكا ۋە رىقابەت تۇيغۇسى بولىشى كېرەك. ماڭا نىسبەتەنمۇ بۇ ئاسانغا توختىمىدى. تا ھازىرغىچە بىر قانچە قېتىم تاشلاپ قويۇپ، يەنە بىر قانچە قېتىم قولغا ئالدىم. ھەر قېتىم تىل ئۆگىنىشتىن زېرىكىپ ياكى چارچىغىنىمدا يۇقارقى ئۈزۈندە ماڭا تىل ئۆگۈنۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى قايتا ھېس قىلدۇرۇپ، ماڭا يەنە يىپ – يېڭى بىر تۇيغۇ ئاتا قىلدى. قانداقلا بولمىسۇن، چەتئەل تىلى ئۆگىنىشنىڭ شاراپىتىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشى ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ كېيىنكى كەسپى ھاياتىمغا يول ئاچتىم. ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشىم بويىچە ئىنگىلىزچە ئەدەبىيات تور بەتلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ، دۇنياۋىي ئەدەبىيات بىلەن جۈملىدىن ئىنگىلىزتىلى ئەدەبىياتى بىلەن ئۆز تىلىدا ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم. ئۆزۈممۇ ئىنگىلىزچە ئەسەر يېزىشنى مەشق قىلىپ يۈرۈپ، ئىنگىلىزچە شېئىرىيەت مۇنبەرلىرىدە بىر قانچە پارچە ئىنگىلىزچە ئەسىرىمنى ئېلان قىلدىم. بۇنىڭغا توردىكى ھەر خىل ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنىڭ ياخشى باھاسىنى ۋە پىكىرلىرىنى بەردى. 2008-يىلى مارتتا ھىندىستاندىن چىقىدىغان خەلقئارالىق شېئىرىيەت ژۇرنىلىدا بىر پارچە ئىنگىلىزچە شېئىرمۇ ئېلان قىلدۇردۇم.(بۇنى مەنمۇ توردىن كۆردۈم. بۇ توغرىسىدا بىلقۇت، سۇمرۇغ، ئىجادىيەت قاتارلىق ئۇيغۇرچە تورلاردا ئۇچۇر بېرىلگەن). تىل ئۆگىنىشنىڭ بۇ قاتارلىق خۇشاللىقلىرى ئۇنىڭ جاپاسىنى يېڭىپ كەتتى. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ چەتئەل تىلىنىڭ ماڭا تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتلەرنى ئىلىپ كېلىدىغانلىقىدىن، بۇ پۇرسەتلەردە جەمئىيەت ئۈچۈن ئاز – تولا ئۆز نەتىجەمنى ئوتتۇرىغا چىقىرالايدىغانلىقىمدىن گۇمان قىلمايمەن ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشمەن.

مەكتەپ ئالمىشىش

2005-يىلى 6-ئايدا ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئۈچىنچى يىلى تامام بولىشىغىلا مەلۇم پۇرسەتلەر بىلەن مەكتەپ ئالماستىم. 10-ئايدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇشۇمنىڭ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدىكى كېينكى ئۈچ يىلى باشلاندى. ئۆز يۇرتۇمدا ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان مەكتەپ مۇھىتىدا ھېس قىلغانلىرىممۇ ئوخشىمايدىغان بولۇپ چىقتى. ئۈرۈمچى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن زامانىۋىيلىق چۇقانلىرىدا ئالدىراش تۇرمۇش رىتىمى بىلەن خاراكتېرلەنگەن بولۇپ، بۇ شەھەرگە جايلاشقان رايۇنىمىزدىكى ئون نەچچىلىگەن چوڭ ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ، تېخنىكوملارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى جەمئىيەتتىكى ئالاھىدە ئىزدىنىشچان، قىزغىن، زامانىۋىيلىققا، يېڭىلققا ئىنتىلشچانلىقى بىلەن بۇ شەھەرگە مەلۇم مەنىدىن خاراكتېر ئاتا قىلغان ئىدى.

قەشقەر بولسا تازا ئوخشاپ كەتمەيتى. بۇ شەھەردە ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىق ئۆز كۈچ ھەيۋىلىرىنى سېلىشتۇرىۋاتقاندەك شەھەرنىڭ ئەنئەنىۋىي تار كوچىلىرى بىلەن ئىگىز بىنا، كەڭرى ئاسفالىت يوللار گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇ شەھەردە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى بىردىنبىر ئالىي مەكتەپ بولۇپ، باشقا بىر قانچە ئوتتۇرا تېخنىكوملار ئاللىقاچان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختىتىپ تاقىلىپ قىلىش ھالىتىدە ئىدى. قەشقەردە ۋاقىت خۇددى شائىر ئادىل تۇنياز ئېيىتقاندەك ئاستا ئۆتەتتى. ياق، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رىتىمى بىر قەدەر ئاستا ئىدى.

قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي كەيپىياتى، رىقابەتچانلىقى ئەلۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە يەتمەيتى. بۇ مېنى بىر ئاز ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۈرۈمچىدە ئاللىقاچان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە جەمئىيەتتە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان چەتئەل تىلى، كومپىيۇتېر ئۆگىنىش دولقۇنى بۇ يەردە تېخى ئەمدىلەتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش يۈزلىنىشدە ئىدى. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى سىنىپىمدا ئوتتۇز ئىككى ئوقۇغۇچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يىگىرمە بەش بالا ئاللىقاچان چەتئەل تىلىدىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئاساسقا ئىگە بولۇپ بولغان بولۇپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇدىكى سىنىپىمدىكى ئاتمىش بەش بالىنىڭ ئىچىدە تۆتلا ئوقۇغۇچى ئىنگىلىزتلىنىڭ دەسلەپكى ئاساسنى تاماملىغان ئىدى. مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىمۇ ئىلمىي يىغىلىشلار، لىكسىيەلەر بىر قەدەر سۇس ياكى يوق دېيەرلىك ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە قەشقەردە، جۈملىدىن قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى مەركەز قىلىپ بىر تۈ*ركۈم تىل – تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ خىلى كۆلەم ھاسىل قىلدى. مانا ھازىر بۇ يەردىمۇ چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈش خىلى ئومۇمىيلىققا ئايلاندى. بۇ يېڭى دەۋىرنىڭ ئالىي مەكتەپ ياشلىرىدىن كۈتىۋاتقان تەلىپى ئىدى. ھۆكۈمەتمۇ يىلدىن – يىلغا ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىمۇ شۇنىڭ تەسىرىدىن ئىدى. مانا ئەمدى قەشقەردىمۇ ئالدىراشچىلىق. تۇرمۇش رېتىمى بۇ يەردىمۇ تىزلىشىپ كەتتى. شۇنداق، زامانىۋىي جەمئىيەت ھەممىمىزنىڭ قەدەملىرىمىزنى ئىتتىكلىتىپ يېتىشىپ مېڭىشىمىزنى، مۇمكىن بولسا ئالدىن يول ئېچىپ ماڭىدىغان ئىزچىلارغا ئايلىنىشمىزنى تەلەپ قىلماقتا. قېنى ئەمدى سىزمۇ قەدىمىڭىزنى ئىتتىكلىتىڭ دوستۇم. بۇ خۇددى ئابدۇقادىر داموللام ئېيىتقاندەك:«

بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەگەكلىك زامانى، جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم – مەرىپەت دەۋرى؛ سۇسلۇق ۋە بىكار تەلەتلىك ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت قىلىش ۋاقتى ...».

زامان چاقىرماقتا، ياخشى ئىشلار ئۈچۈن تىرىشىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسپ ئىزگۈ نەتىجە ھەممىمىزگە نىسىپ بولسۇن.

دادامنىڭ كۈلكىسى، ئانامنىڭ دۇئاسى

بۈگۈنگىچە ماڭغان يوللىرىمنى، ئۇچراتقان كۆرگەنلىرىمنى، قۇلاق موللىسى بوپ ئاڭلىغانلىرىمنى ئويلىسام تولىمۇ كۆپ ئىشلار ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئەتە ھامان مەن ئۈچۈن بىر سۇئال بوپ كەپتۇ. ئەمما دائىم مۇشۇنداق قېيىن سۇئاللاردا توختىغىنىمدا، بىر سۆز ئېسىمدە يالتىرايدۇ. ‹قىلىۋاتقان ئىشىڭنى ئاخىرىغا چىقار›. بۇ سۆزنى بەلكىم باشقا پەيلاسوپ ياكى تالانتشۇناسلىرىمىزمۇ دېگەندۇ، ۋە ياكى مەن ئوقىغان كىتابلارنىڭ بىرەرسىدە شۇنداق بىر جۈملە بولىشى مۇمكىن. بېراق مېنىڭ قەلىب خاتىرەمگە بۇ سۆزنى دادام يازغان. دادام ئاددى بىر ئادەم. لېكىن مېنىڭ ئۈچۈن ئۇ تارىختىكى ھەر قانداق پەيلاسوپتىن، داھىيدىن ئۇلۇغ. بۇ يەردە شۇنداق بىر ئىشنى ھېكايە قىلغۇم كېلىدۇ، 2002-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تۈگۈتۈپ ئۆيدە چاقىرىق كۈتىۋاتقان كۈنلىرىمدە، ئەتىگىنى ئىشقا ئۇزاپ كەتكەن دادامنىڭ موتىسىكىلىتى مەھەللىدە يىنىك گۈركىرەپ توختاپ، ئىشىكتىن دادام كىرىپ كەلدى. مەن چوقۇم دادام ئۆيدە بىر نەرسىسىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ دەپ ئويلىدىم. خاتالشقان ئىكەنمەن. دادام دەرۋازىدىن كىرىپلا :«بالام، مۇبارەك بولسۇن. چاقىرىق قەغىزىڭ كەپتۇ. قارا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا ئۆتۈپسەن. ھا ھا ھا ...، مېنىڭ ئەجرىمنى ئاقلىدىڭ بالام. يىگىتتەك ئىش قىلدىڭ، ھا ھا ھا...». مانا شۇ كۈلكىلەر ماڭا ئىزچىل ھەمراھ بوپ كەلدى. بۇ بىر ئاتىنىڭ ئەجرىنى ئاقلىغان، سۆيۈنگەن، پەخىرلەنگەنلىكىدىن ئوغلىغا بېرىۋاتقان مۇكاپاتى، رىغبىتى ئىدى. مانا شۇ سۆز، مانا شۇ كۈلكىلا ماڭا ئىزچىل ئالغا بېسىشىقا تۈرۈتكە بوپ كەلدى. گەرچە ئالاھىدە ئۇتۇق قازىنىپ، ئالاھىدە ئۇلۇغ نەتىجىلەرگە نائىل بولمىغان بولساممۇ، ئاتا – ئانامنىڭ دۇئالىرىدا كۆكلەپ مۇشۇنچىلىك يىگىتلىك مۇقامىغا، ئەقىل – ئىنسابقا يېتىپتىمەن. ئۇلارغا رەھمىتىم كۆپ. دادامنىڭ، ئانامنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا خۇشاللىق تىلەيمەن. ئاتا – ئانىلىرىمىزنىڭ ھاياتىغا گۈللەر تىلەيمەن. ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش، پەرزەنتلىك بۇرچىمىزنى يەتكۈزىۋىلىشقا ئىمكانلار بولسۇن.



تۈگىدى.

«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.



ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد
mukam.cn

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 15:38:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورنىڭ بۇ ماقالىسى ئالى مەكتەپ ھاياتى شۇنداقلا مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولغان ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرنىڭ مەرىپەت ۋە زامانىۋىلىق ئالاھىدىلىكى ھەققىدە مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈلگەن،ياش ئىزدەنگۈچىلەرگە روھى ئىلھام بېرەلەيدىغان......ماقالە بوپتۇ.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش