شائىر ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت 1966-يىل 3-ئايدا يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ توپلۇق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1975-يىلىدىن 1982-يىلغىچە ئۆز يېزىسىدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1982-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ كۆمۈركان مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ خەنزۇ تىلى(تەرجىمانلىق) كەسپىنى پۈتتۈرگەن.
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ توپلۇق، سۆگەت، قىزىل يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر يېڭىسار ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. 1985-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە تۇنجى شېئىرى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان،ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 350 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە بىر قىسىم تەرجىمە ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان. 6 پارچە شېئىرى ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ، ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزىنىڭ نادىر ساتېرا ۋە غەزەللىرى ئارقىلىق بەلگىلىك ئورۇن تۇتقان، مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە شائىرلارنىڭ بىرى. تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ،بۇرۇن يازغان بىر قىسىم غەزەللىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.
ياشلىقىمغا مەرسىيە
شەپەقتەك چاقنىدىڭ گويا ئۇپۇق سۆيگەن نىگاھىمدا، تەبەسسۇم جىلۋىسى گۈلخان بۇ ئەلۋەك سۈبھىگاھىمدا.
تارالدىم نۇر بولۇپ تال-تال سىڭىپ ئەسلىمگە بوشلۇقتا، سەبىيلەر پاكلىقى بالقىپ ئىلاھىي روھ، سىماھىمدا.
ئورالدىم بار گۈزەللىككە، بۈيۈك ئىستەكتە جەزبىم بار، ھامان ئالتۇنچە ۋەزنىڭدۇر مېنىڭ ئۆلمەس گۇۋاھىمدا.
يېنىپ ئۆچتۈڭ گۇگۇم تاشلاپ، لېكىن تەپتىڭدە ئۆرتەندىم، سېنى كۈيلەيدۇ تەنھا كۈيلىرىم تۈنلەردە ئاھىمدا.
خىياللار ئەۋجىدە بىھۇش ساما يولىغا تاشلاندىم، قويۇق سۈر تۈس تۇمان ئۆرلەپ ئۆڭۈپتۇ جىلۋە ماھىمدا.
سوزۇلغاندۇر گۇگۇمدىن سۈبھىگە جىمجىت بۇ تۈن چەكسىز، ئەزىم نۇر چاقنىماس قايدا ئۆزۈڭ، يوق سەن پاناھىمدا.
كېلەر پەر سىلكىتىپ بىر پارچە ئاسمان سۈرىتىڭ بويلاپ، توقۇر ئەپسانە قەلبىم بۇندا خىلۋەت بارىگاھىمدا.
1993-يىلى، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، يېڭىسار.
ئۆمۈر خاتىرەمگە
ئاتامنىڭ روھىدىن پۈتتۈم، ئاتا بەركاتىدىن كەلدىم، ئانامنىڭ باغرىدىن ساقىپ يۈرەكنىڭ قاتىدىن كەلدىم.
دىلىم ھەمدۇ-سانالارغا پەۋەس ئەي خالىقۇلئالەم، ئۆزۈڭنىڭ مۆجىزاتى، قۇدرىتى، سېھراتىدىن كەلدىم.
قىنىمدا يالتىراپ تۇرغاي قىلىچنىڭ بىسىدەك ئىمان، قەدىم جەڭگاھتىكى غالىب شۇ جەڭگاھ ئاتىدىن كەلدىم.
بولۇپ چۇقانلىرىمغا يەم، ئەسەبتىن خامتالاش بولدۇم، ھاياتنىڭ تاش بولۇپ قاتقان تىرەن سۈكۈناتىدىن كەلدىم.
قېنى ئۇ چوققىلار نۇر چاقنىتىپ تۇرغان نىگاھىمدا؟ كۆرۈملەر پىلسىراتىدا ئۆلۈم سەكراتىدىن كەلدىم.
شۈكۈركىم، ياشىدىم ئۇيغۇر غۇرۇرى، شەۋكىتى بىرلە، كېتەرمەن يەنە ئۇيغۇردەك، بۇ ئۇيغۇر زاتىدىن كەلدىم!...
قەبرىستان
يەلكىسىدە قەبرىلەر، ھارغىن زېمىن ئىمكانى يوق، چىرىگەن تەن، بىخسىغان روھ جەننىتى-رىزۋانى يوق.
بۇندا مىڭ يىللىق ئۆلۈمدەك بار سۈكۈتلەر چۆكمىسى، قايدا ئۇ يادنامىلەر، بىر سەلتەنەت قۇربانى يوق.
پىقىرار شەيتان قۇيۇن گويا ساما سالغان كەبىي، زەررىسى ئۇچقان زېمىننىڭ شەۋكىتى-دەۋرانى يوق.
ئەگىمەس پەر سىلكىتىپ قۇشلارمۇ بۇ بوشلۇق ئارا، قەبرىدۇرمەن مەنمۇ گويا مۇڭى يا خەندانى يوق.
بىر گىياھ ياپراقىچۈن ھەق مىڭ زېمىستان جەبرىسى، كۆر، بۇ قاخشال قەبرىلەرنىڭ گۈلى يوق-رەيھانى يوق.
باشچىلاپ كىرسەم ئىدىم ئوت شارى، ئوت شارى ساڭا! قەبرىلەر تاجىدا ئاپتاپ پارلىغان ئاسمانى يوق.
كەل غېرىبلىق، مەن ساڭا بىر قانغۇدەك ئۆكسۈپ بېرەي، لەختە-لەختە قان يۈرەكىم، تەپتى يوق-گۈلخانى يوق.
يامرىغاي باغرىمدا كەلكۈندەك قىيامەت دەھشىتى، قەبرىلەر قورشاۋىدا تەن لەرزى-روھ چۇقانى يوق.
زىكرىلەر، ھەمدۇ-سانالار ساڭىدۇر، بىر ساڭا جان، ئۆز-ئۆزىگە بولدى يەم دەۋزىخىيلەر ئىمانى يوق.
بارمىغاي قوللار دۇئاغا، يوق قىلىچلار دەستىسى، بەندىلىك پەرزى ئادادۇر ئۆلسە كىم ئارمانى يوق!
ھېمىتنىڭ سايلىرى ئۆزلۈكۈم چاقنار غۇۋا قەھرى زېمىستانلار ئارا، تاشقا ئۈنگەن بىر گىياھمەن بۇندا ھېجرانلار ئارا.
يالتىرار سوغۇق شاماللاردا قىلىچلار شولىسى، چايقىلار كۆك بۆرىلەرنىڭ ھىدى بارخانلار ئارا.
ئارغىماقلار ئۆركىشىگە مىنگىشىپ تاغلار ياتار، تاشقا ئايلانغان ساداق سېھرى باياۋانلار ئارا.
قۇرۇغان دەريا ئۈزۈك تاردەك سىنەمگە يۆگىشەر، قوڭغۇراق تەلقىنلىرى كەلمەيدۇ كارۋانلار ئارا.
يۇلقۇنارمەن ئۆز-ئۆزۈمدىن بىر بۈيۈك روھ قەسرىگە، چېقىلار تاش سۈكىتى باغرىمدا ۋولقانلار ئارا.
بىر قەدەھ سۇندۇم (نىشانەمدۇر ھېمىتنىڭ سايلىرى)، كەل قېنى مەشرەپ، ئىچەيلى مۇندا گۈلخانلار ئارا!
1999-يىل 12-ئاي، يېڭسار.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا
قان پۇراپ تۇرغان زېمىن يۇتتى سېنى سەكراتىدا، دەۋزىخىي ھېجران كۆيەر ئاتەش يۈرەكلەر قاتىدا.
لەرزىگەن كۆك گەردىشى ئىزگۈ سادايىڭ بەرقىدە، بىر بۈيۈك تارىخنى زۇلمەت يالمىدى سېھراتىدا.
چاچتى ئىمانىڭغا نۇر باغرىڭدا ئالتۇندەك ئازاب، چاقسا چاقماق كۆرمىدى قەۋمىڭ ئۆلۈم سۈكۈناتىدا.
نەيزىلەر سۇندى، قىلىچلار شولىسى ئۆڭدى تالاي، ئوق بولۇپ ئۇچتۇڭ گويا قەھرىڭدە جەڭگاھ ئاتىدا.
ئاھ، يەنە تۇغقايمۇ خەلقىمنىڭ غۇرۇرى سېنى بىر، بارمىدۇ سەندەك ئوغۇلدىن تەڭرىنىڭ بەركاتىدا؟
شۆھرىتىڭ باردۇر ئەلەم، تاجدار قەلەمدە قاندىشىم، يادلىنار ئەشئارلىرىڭ، نامىڭ بۇ ئۇيغۇر زاتىدا!...
2000-يىلى، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، يېڭىسار
ئېيتمىغان بىر ناخشا بار
گۈل يۈزۈڭنى ئاچمىساڭ بەرگىدە گۈل رەيھان ئەمەس، سەرۋىلەر ئابادى يوق، پەسلى خازان، بوستان ئەمەس.
كۆزلىرىڭنىڭ شولىسىدۇر چاقنىغان يۇلتۇز تامام، چىقمىساڭ سەن كۈن بولۇپ، ئاسمان يەنە ئاسمان ئەمەس.
سۆزلىگەي قەلبىمگە ھېجران قىسسىسى ئەپسانىلەر، قىلمىساڭ ۋەسلىڭنى پىنھان، ئۆزگىسى ھېجران ئەمەس.
يانىمەن نە تەپ بىلە تەپتىڭدە جان، كۆيدۈرمىسەڭ؟ مەندىكى ئاتەش پىراق، ئاۋۇنغىنى گۈلخان ئەمەس.
تاپمىدىم قىسمەتكە مەنە ئۆتكۈلەر ئەسرارىدىن، بىر كۈلۈپ باقساڭ ماڭا، بەلكى جاھان پىنھان ئەمەس.
پۈتكۈنۈم-پۈتكەن خىيالىڭ دەشتىدە مەجنۇن بولۇپ، ئىستىمەي ۋەسلىڭنى يار، قەلبىمدە ئىشق جەۋلان ئەمەس.
يۈرىكىڭگە يول ئېلىپ ئوخچۇيدۇ باغرىمدىن بۇلاق، كۆزلىرىمدە ئاقسا دەريا ھەم، ئولۇس ھەيران ئەمەس.
تۈنلىرىم بەردى بىشارەت چۈشلىرىمگە ئاقىۋەت: چەككىنىم ھەسرەت ئەمەس، پەرياد ئەمەس، ئەپغان ئەمەس.
ئېيتمىغان بىر ناخشا بار قەلبىڭدە زىنھار مەن ئۈچۈن، ئۆلمىسەم شۇ ناخشىدىن سۆيگۈم مېنىڭ داستان ئەمەس!
2012-يىلى، 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، يېڭىسار.
جۇنۇننامە
ئەزەلدىن پۈتمىشىم تۇپراق، يەنە تۇپراققا ئوخشايمەن، ئۈنۈڭ ئۆركەشلىرى يەتمەس يوچۇن قىرغاققا ئوخشايمەن.
سەير ئەتمەكنى تەرك ئەتتىڭ مالامەتلىك باھارىمنى، قاقاس باغرىڭدا سولغان بىر خازان ياپراققا ئوخشايمەن.
دىدار-ۋەسلىڭنى ئىزدەيمەن جاھانغا لىق مۇھەببەتتىن، ئوتۇڭ كەلكۈنگە ئايلانسا، شۇئان قولۋاققا ئوخشايمەن.
مېنى بىر قېتىغا ئالماس كۆزۈڭدە يەتتە قات ئاسمان، تۈنۈڭدە يالتىراپ ئۆچكەن چېقىن-چاقماققا ئوخشايمەن.
پىراقتىن تالجىقىپ چەندان ھېجىر سەرۋەرلىكىدە جان، قەسەميادكى، تېنى بىھۇش، دىلى ئويغاققا ئوخشايمەن.
غېرىبلىق شەھرىدىن تەنھا كېلۇر مەشرەپ باياۋانى، ئاڭا تەقدىر قاداپ قويغان قارا بايراققا ئوخشايمەن!
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، يېڭىسار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-5 00:03
|