جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 970 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 125|ئىنكاس: 3

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت -غەزەللەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 336
تۆھپە : 1
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 15:27:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  شائىر ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت 1966-يىل 3-ئايدا يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ توپلۇق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1975-يىلىدىن 1982-يىلغىچە ئۆز يېزىسىدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە  ئوقۇغان. 1982-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ كۆمۈركان مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ خەنزۇ تىلى(تەرجىمانلىق) كەسپىنى پۈتتۈرگەن.

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت  ئىلگىرى-كېيىن  بولۇپ يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ توپلۇق، سۆگەت، قىزىل يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر يېڭىسار ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

   1985-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە تۇنجى شېئىرى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان،ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 350 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە بىر قىسىم تەرجىمە ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان. 6 پارچە شېئىرى ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ، ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

   ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزىنىڭ نادىر ساتېرا  ۋە غەزەللىرى ئارقىلىق بەلگىلىك ئورۇن تۇتقان، مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە شائىرلارنىڭ بىرى.

  تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ،بۇرۇن يازغان بىر قىسىم غەزەللىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.


ياشلىقىمغا مەرسىيە


شەپەقتەك چاقنىدىڭ گويا ئۇپۇق سۆيگەن نىگاھىمدا،

تەبەسسۇم جىلۋىسى گۈلخان بۇ ئەلۋەك سۈبھىگاھىمدا.


تارالدىم نۇر بولۇپ تال-تال سىڭىپ ئەسلىمگە بوشلۇقتا،

سەبىيلەر پاكلىقى بالقىپ ئىلاھىي روھ، سىماھىمدا.


ئورالدىم بار گۈزەللىككە، بۈيۈك ئىستەكتە جەزبىم بار،

ھامان ئالتۇنچە ۋەزنىڭدۇر مېنىڭ ئۆلمەس گۇۋاھىمدا.


يېنىپ ئۆچتۈڭ گۇگۇم تاشلاپ، لېكىن تەپتىڭدە ئۆرتەندىم،

سېنى كۈيلەيدۇ تەنھا كۈيلىرىم تۈنلەردە ئاھىمدا.


خىياللار ئەۋجىدە بىھۇش ساما يولىغا تاشلاندىم،

قويۇق سۈر تۈس تۇمان ئۆرلەپ ئۆڭۈپتۇ جىلۋە ماھىمدا.


سوزۇلغاندۇر گۇگۇمدىن سۈبھىگە جىمجىت بۇ تۈن چەكسىز،

ئەزىم نۇر چاقنىماس قايدا ئۆزۈڭ، يوق سەن پاناھىمدا.


كېلەر پەر سىلكىتىپ بىر پارچە ئاسمان سۈرىتىڭ بويلاپ،

توقۇر ئەپسانە قەلبىم بۇندا خىلۋەت بارىگاھىمدا.


1993-يىلى، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، يېڭىسار.


ئۆمۈر خاتىرەمگە


ئاتامنىڭ روھىدىن پۈتتۈم، ئاتا بەركاتىدىن كەلدىم،

ئانامنىڭ باغرىدىن ساقىپ يۈرەكنىڭ قاتىدىن كەلدىم.


دىلىم ھەمدۇ-سانالارغا پەۋەس ئەي خالىقۇلئالەم،

ئۆزۈڭنىڭ مۆجىزاتى، قۇدرىتى، سېھراتىدىن كەلدىم.


قىنىمدا يالتىراپ تۇرغاي قىلىچنىڭ بىسىدەك ئىمان،

قەدىم جەڭگاھتىكى غالىب شۇ جەڭگاھ ئاتىدىن كەلدىم.


بولۇپ چۇقانلىرىمغا يەم، ئەسەبتىن خامتالاش بولدۇم،

ھاياتنىڭ تاش بولۇپ قاتقان تىرەن سۈكۈناتىدىن كەلدىم.


قېنى ئۇ چوققىلار نۇر چاقنىتىپ تۇرغان نىگاھىمدا؟

كۆرۈملەر پىلسىراتىدا ئۆلۈم سەكراتىدىن كەلدىم.


شۈكۈركىم، ياشىدىم ئۇيغۇر غۇرۇرى، شەۋكىتى بىرلە،

كېتەرمەن يەنە ئۇيغۇردەك، بۇ ئۇيغۇر زاتىدىن كەلدىم!...


قەبرىستان


يەلكىسىدە قەبرىلەر، ھارغىن زېمىن ئىمكانى يوق،

چىرىگەن تەن، بىخسىغان روھ جەننىتى-رىزۋانى يوق.


بۇندا مىڭ يىللىق ئۆلۈمدەك بار سۈكۈتلەر چۆكمىسى،

قايدا ئۇ يادنامىلەر، بىر سەلتەنەت قۇربانى يوق.


پىقىرار شەيتان قۇيۇن گويا ساما سالغان كەبىي،

زەررىسى ئۇچقان زېمىننىڭ شەۋكىتى-دەۋرانى يوق.


ئەگىمەس پەر سىلكىتىپ قۇشلارمۇ بۇ بوشلۇق ئارا،

قەبرىدۇرمەن مەنمۇ گويا مۇڭى يا خەندانى يوق.


بىر گىياھ ياپراقىچۈن ھەق مىڭ زېمىستان جەبرىسى،

كۆر، بۇ قاخشال قەبرىلەرنىڭ گۈلى يوق-رەيھانى يوق.


باشچىلاپ كىرسەم ئىدىم ئوت شارى، ئوت شارى ساڭا!

قەبرىلەر تاجىدا ئاپتاپ پارلىغان ئاسمانى يوق.


كەل غېرىبلىق، مەن ساڭا بىر قانغۇدەك ئۆكسۈپ بېرەي،

لەختە-لەختە قان يۈرەكىم، تەپتى يوق-گۈلخانى يوق.


يامرىغاي باغرىمدا كەلكۈندەك قىيامەت دەھشىتى،

قەبرىلەر قورشاۋىدا تەن لەرزى-روھ چۇقانى يوق.


زىكرىلەر، ھەمدۇ-سانالار ساڭىدۇر، بىر ساڭا جان،

ئۆز-ئۆزىگە بولدى يەم دەۋزىخىيلەر ئىمانى يوق.


بارمىغاي قوللار دۇئاغا، يوق قىلىچلار دەستىسى،

بەندىلىك پەرزى ئادادۇر ئۆلسە كىم ئارمانى يوق!


ھېمىتنىڭ سايلىرى

ئۆزلۈكۈم چاقنار غۇۋا قەھرى زېمىستانلار ئارا،

تاشقا ئۈنگەن بىر گىياھمەن بۇندا ھېجرانلار ئارا.


يالتىرار سوغۇق شاماللاردا قىلىچلار شولىسى،

چايقىلار كۆك بۆرىلەرنىڭ ھىدى بارخانلار ئارا.


ئارغىماقلار ئۆركىشىگە مىنگىشىپ تاغلار ياتار،

تاشقا ئايلانغان ساداق سېھرى باياۋانلار ئارا.


قۇرۇغان دەريا ئۈزۈك تاردەك سىنەمگە يۆگىشەر،

قوڭغۇراق تەلقىنلىرى كەلمەيدۇ كارۋانلار ئارا.


يۇلقۇنارمەن ئۆز-ئۆزۈمدىن بىر بۈيۈك روھ قەسرىگە،

چېقىلار تاش سۈكىتى باغرىمدا ۋولقانلار ئارا.


بىر قەدەھ سۇندۇم (نىشانەمدۇر ھېمىتنىڭ سايلىرى)،

كەل قېنى مەشرەپ، ئىچەيلى مۇندا گۈلخانلار ئارا!


1999-يىل 12-ئاي، يېڭسار.


ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا


قان پۇراپ تۇرغان زېمىن يۇتتى سېنى سەكراتىدا،

دەۋزىخىي ھېجران كۆيەر ئاتەش يۈرەكلەر قاتىدا.


لەرزىگەن كۆك گەردىشى ئىزگۈ سادايىڭ بەرقىدە،

بىر بۈيۈك تارىخنى زۇلمەت يالمىدى سېھراتىدا.


چاچتى ئىمانىڭغا نۇر باغرىڭدا ئالتۇندەك ئازاب،

چاقسا چاقماق كۆرمىدى قەۋمىڭ ئۆلۈم سۈكۈناتىدا.


نەيزىلەر سۇندى، قىلىچلار شولىسى ئۆڭدى تالاي،

ئوق بولۇپ ئۇچتۇڭ گويا قەھرىڭدە جەڭگاھ ئاتىدا.


ئاھ، يەنە تۇغقايمۇ خەلقىمنىڭ غۇرۇرى سېنى بىر،

بارمىدۇ سەندەك ئوغۇلدىن تەڭرىنىڭ بەركاتىدا؟


شۆھرىتىڭ باردۇر ئەلەم، تاجدار قەلەمدە قاندىشىم،

يادلىنار ئەشئارلىرىڭ، نامىڭ بۇ ئۇيغۇر زاتىدا!...


2000-يىلى، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، يېڭىسار


ئېيتمىغان بىر ناخشا بار


گۈل يۈزۈڭنى ئاچمىساڭ بەرگىدە گۈل رەيھان ئەمەس،

سەرۋىلەر ئابادى يوق، پەسلى خازان، بوستان ئەمەس.


كۆزلىرىڭنىڭ شولىسىدۇر چاقنىغان يۇلتۇز تامام،

چىقمىساڭ سەن كۈن بولۇپ، ئاسمان يەنە ئاسمان ئەمەس.


سۆزلىگەي قەلبىمگە ھېجران قىسسىسى ئەپسانىلەر،

قىلمىساڭ ۋەسلىڭنى پىنھان، ئۆزگىسى ھېجران ئەمەس.  


يانىمەن نە تەپ بىلە تەپتىڭدە جان، كۆيدۈرمىسەڭ؟

مەندىكى ئاتەش پىراق، ئاۋۇنغىنى گۈلخان ئەمەس.


تاپمىدىم قىسمەتكە مەنە ئۆتكۈلەر ئەسرارىدىن،

بىر كۈلۈپ باقساڭ ماڭا، بەلكى جاھان پىنھان ئەمەس.


پۈتكۈنۈم-پۈتكەن خىيالىڭ دەشتىدە مەجنۇن بولۇپ،

ئىستىمەي ۋەسلىڭنى يار، قەلبىمدە ئىشق جەۋلان ئەمەس.


يۈرىكىڭگە يول ئېلىپ ئوخچۇيدۇ باغرىمدىن بۇلاق،

كۆزلىرىمدە ئاقسا دەريا ھەم، ئولۇس ھەيران ئەمەس.


تۈنلىرىم بەردى بىشارەت چۈشلىرىمگە ئاقىۋەت:

چەككىنىم ھەسرەت ئەمەس، پەرياد ئەمەس، ئەپغان ئەمەس.


ئېيتمىغان بىر ناخشا بار قەلبىڭدە زىنھار مەن ئۈچۈن،

ئۆلمىسەم شۇ ناخشىدىن سۆيگۈم مېنىڭ داستان ئەمەس!


2012-يىلى، 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، يېڭىسار.


جۇنۇننامە


ئەزەلدىن پۈتمىشىم تۇپراق، يەنە تۇپراققا ئوخشايمەن،

ئۈنۈڭ ئۆركەشلىرى يەتمەس يوچۇن قىرغاققا ئوخشايمەن.  


سەير ئەتمەكنى تەرك ئەتتىڭ مالامەتلىك باھارىمنى،

قاقاس باغرىڭدا سولغان بىر خازان ياپراققا ئوخشايمەن.


دىدار-ۋەسلىڭنى ئىزدەيمەن جاھانغا لىق مۇھەببەتتىن،

ئوتۇڭ كەلكۈنگە ئايلانسا، شۇئان قولۋاققا ئوخشايمەن.


مېنى بىر قېتىغا ئالماس كۆزۈڭدە يەتتە قات ئاسمان،

تۈنۈڭدە يالتىراپ ئۆچكەن چېقىن-چاقماققا ئوخشايمەن.


پىراقتىن تالجىقىپ چەندان ھېجىر سەرۋەرلىكىدە جان،

قەسەميادكى، تېنى بىھۇش، دىلى ئويغاققا ئوخشايمەن.


غېرىبلىق شەھرىدىن تەنھا كېلۇر مەشرەپ باياۋانى،

ئاڭا تەقدىر قاداپ قويغان قارا بايراققا ئوخشايمەن!


2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، يېڭىسار.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 00:03  


ئەلمىساقتىن قەدرىسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 336
تۆھپە : 1
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خىزمەتداشلار سەمىگە



ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت



كاتتا زات شوجاڭ دېگەن، ھۆرمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى،

باش ئۇرۇپ تازىم بىلەن ئىززەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛

كۈندە مىڭ «خوش-خوش»نى پەرز-سۈننەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛

توغرا ئۆتمەڭ ئالدىدىن، دىققەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛

ئۆزىڭىزنى قۇل بىلىڭ، بەيئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.



ئالمىغان ھوقۇقنى ئۇ ھەرگىز ئاسانلا قولىغا،

تېشىلىپ كەتكەن تاپانلار كۈندە ماڭغان يولىغا،

ئورا كولاپ مىڭ جاپادا باشقىلارنىڭ ھۇلىغا،

سېتىۋالغان تۆگىنى ئۇ تۈگمە ساتقان پۇلىغا،

توشسىمۇ پەيمانىڭىز تاقەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.



شۇڭا ئۇ ھوقۇقنى شۇنداق كەلسە-كەلمەس ئىشلىتەر،

كوچىلاردا چاپتۇرۇپ ئات، خالىغانچە كىشنىتەر،

ئىتلىرى كۆپ ئالدىدا، بۇيرۇق بىلەن كىش-كىشلىتەر،

سىز بىلەن مەندەكنى بىر دوكلات بىلەن يەر چىشلىتەر،

مۆرىمەسلىكنى ئېسىل خىسلەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.



ئالتە كۈندە سىزگىمۇ «تارقاقلىشىش»①نىڭ گېپى بار،

بېشىڭىزدا ئوينىتىشقا باخشىلارنىڭ دېپى بار،

ياخشىلارنى «ئىقتىدارسىز»دەپ چېقىشقا ئېپى بار،

«يا قىزىل، ياكى ئىگىزيەر②گە مېڭىڭ»دەپ خېتى بار،

كۈندە بىر شوجاڭ بىلەن سۆھبەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.



سىزنى قوغلاپ ئورنىڭىزغا تۇققىنىنى قويىدۇ،

ئىززىتىنى-ھۆرمىتىنى ئۇققىنىنى قويىدۇ،

پايدا-مەنپەت نەدە بولسا يوققىنىنى قويىدۇ،

ھەر كۈنى كۆڭلىنى بىر رەت ئۇتقىنىنى قويىدۇ،

قولىڭىزنى كەڭ ئېچىڭ، ھېممەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.



بىرلىرى ۋالىيغا يا شۇجىغا يۇرتداش كېلىدۇ،

بىرلىرى ھاكىمغا تۇغقان، دوست-ساۋاقداش كېلىدۇ،

بىرلىرى شوجاڭ بىلەن سىرداش-پىكىرداش كېلىدۇ،

بۇنى ئېيتساق ئاغزىمىزغا ئاش ئەمەس، تاش كېلىدۇ،

سىزمۇ چوڭ باشلىقنى دوست-ئۈلپەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.



بولسىڭىز خانىم ئەگەر، لىپتىكنى سەل جىڭراق قىلىڭ،

مەيدىڭىزنى كۆتۈرۈڭ-ئەمچەكنى سەل دىڭراق قىلىڭ،

ساغرىڭىزنى ئارقىڭىزغا چىقىرىڭ-چىڭراق قىلىڭ،

ئەتە-ئۆگۈن دەپ يەنە يۈرمەڭ، بۇنى تېزراق قىلىڭ،

ئېرىڭىزنى كۆندۈرۈپ نەسىھەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.



ئۆيىڭىزگە ئاخشىمى پاقلان سويۇپ باشلاپ تۇرۇڭ،

«شوجىڭىم»دەپ، «باشلىقىم»دەپ كۆڭلىنى ياشلاپ تۇرۇڭ،

دۇمبىسىنى ئۇۋۇلاپ خوشياقتۇرۇپ قاشلاپ تۇرۇڭ،

تال چىۋىقتەك تولغۇشۇپ قاش-كۆزنىمۇ تاشلاپ تۇرۇڭ،

ۋايىغا بىر يەتكۈزۈڭ، غەيرەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.



«ئىشلىدىم جان كۆيدۈرۈپ خىزمەتنى مەن» دەپ جۆيلىمەڭ،

يەتمىسە شوجاڭغا نەپ، بۇ بىر قۇرۇق گەپ، جۆيلىمەڭ،

تاغنى تالقان قىلسىڭىزمۇ سىزگە يوق نەپ، جۆيلىمەڭ،

جۆيلىمەيمەن مەنمۇ ئەمدى بولدىلا«خەپ!» جۆيلىمەڭ،

ئولتۇرۇپ ئىشخانىدا غەيۋەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.



نېمە ئۇ جان كۆيدۈرۈپ بىز ئىشلىگەن خىزمەت دېگەن؟

نېمە ئۇ ھوقۇق-ئەمەلنىڭ ئالدىدا مېھنەت دېگەن؟

نېمە ئۇ ۋىجدان ، غۇرۇر، بىلىم دېگەن، خىسلەت دېگەن؟

نېمە ئۇ ۋەتەن دېگەن، ئەۋلاد دېگەن، مىللەت دېگەن؟

تىزلىنىپ شوجاڭغىلا خىزمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.



كۈندۈزى ئادەم سىياقتا، كېچىسى شەيتان بولۇڭ،

رېستۇرانلاردا، قاۋاقتا ئادىمىي ھايۋان بولۇڭ،

قىز تېىپىپ، چوكان تېپىپ بىر چەتتە سىز «مېھمان» بولۇڭ،

مەيلى خەق«دەللال» دېسە، شوجاڭ ئۈچۈن قۇربان بولۇڭ،

ئار-نومۇسنى ساتقىلى جۈرئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.



باغدىكى ئوغرى تىكەننى گۈل قىلار شوجاڭ دېگەن،

شۇ سېسىق ھۆپۈپنىمۇ بۇلبۇل قىلار شوجاڭ دېگەن،

بىر قوتۇر ئېشەكنىمۇ دۇلدۇل قىلار شوجاڭ دېگەن،

بولمىسا بىر يولىڭىز، بىر يول قىلار شوجاڭ دېگەن،

قەلبىڭىزنى گەندىدەك مەينەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.



قاغىلارنى «ئاق»دېسە«ئاق» دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ،

ئوغرىلارنى «ساق»دېسە «ساق»دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ،

«ئىككى»نى ئۇ «تاق» دېسە،«تاق»دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ،

«ياق»دېسە ئۇ، سىزمۇ ھەم «ياق!» دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ.

ئاغزىدىن چىققاندا ھور، ھەرىكەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.



يېزىغا قوغلانسىڭىز مىڭبىر جاپانى تارتىسىز،

دۇلىڭىزغا ئىككى تاغنى كۈندە يۈكلەپ ئارتىسىز،

باشقىلار«قوغلاندى» دەر، قايغۇ-ئەلەمگە پاتىسىز،

جۆرىڭىز يوق، بالىڭىز يوق، ئۇخلىماي دۈم ياتىسىز،

تۇتسىمۇ شوجاڭ زەھەر، شەربەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.



سىزنى خىزمەتداش بىلىپ، كۆڭلۈمدىكى گەپنى دېدىم،

تېخى تۆت كۈنلا بۇرۇن كەلگەن ئەلەم-دەرتنى دېدىم ،

مەيلى ئاڭلاڭ-ئاڭلىماڭ، گەپ بولسىمۇ نەپنى دېدىم،

ئوڭ دېدىم تارتتىم زىيان، ئەمدى شۇڭا چەپنى دېدىم،

ماڭىمۇ دەل ۋاقتىدا تۆھمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى!!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 23:59  


ئەلمىساقتىن قەدرىسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  717
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 77
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەل يازىمىز دەپ قەغەز بوياپ يۈرگەنلەرگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ئوقۇشلۇق! قەلىمىڭز يەنىمۇ چاپچىپ تۇرسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 336
تۆھپە : 1
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاناممىكىن دەپتىمەن


ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت


باھار كەلسە دالاغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن،

روھىمدىكى ساداغا«ئاناممىكىن» دەپتىمەن.


قۇياش دېگەن بالقىيتتى سايىسىدىن ئانامنىڭ،

تىلىم بارماس رىياغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن.


كۆزلىرىدە چاقنىتىپ شولىسىنى تاڭلارنىڭ،

ئاي ئۆرلىسە ساماغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن.


ھىدى پۇراپ ئاق سۈتنىڭ ۋۇجۇدۇمغا تارالسا،

قۇچاق ئېچىپ ھاۋاغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن.


سىلاپ ئۆتسە قەلبىمنى ھېسلىرىمنى ئويغىتىپ،

تەلمۈرۈپمەن ساباغا ئاناممىكىن دەپتىمەن.


ھېلى باردەك يېنىمدا، ئىشىنەمدىم تەقدىرگە؟

كۆز يۈگۈرتۈپ دۇنياغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن.


ئانىلار بار ئانامدەك، ئۇزاق ئۆمۈر تىلەيمەن-

قول كۆتۈرۈپ دۇئاغا، ئاناممىكىن دەپتىمەن!...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 21:02  


ئەلمىساقتىن قەدرىسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش