غەزەللەر
ئەھەدى
ۋەختى چۈش، كەلدى ئەزىز دوستۇم-قەدىرداندىن خەۋەر،
ئېڭرىغان تەنگە گويا كەلدى شىرىن جاندىن خەۋەر.
خەت-خەۋەر«يېرىم دىدار» دەپ ئېيتقىنى يالغان ئەمەس،
مۇنچە خۇش بولماس ئىدىم، گەر كەلسە سۇلتاندىن خەۋەر.
«ئەسسالام» دىن ئاقتى تەن-روھىمغا ئالەمچە ھوزۇر،
كەلسە تاپقاندەك شىپاھ بىمارغا لوقماندىن خەۋەر.
مەن ئەجەپ غېرىپسىنىپ، يۈرگەندە تاغدەك غەم بېسىپ،
كەلدى رەنجىمگە داۋا، دەردىمگە دەرماندىن خەۋەر.
دوستلىرىم بولسا ئېسەن، بولغايكى كۆڭلۈم شادىمان،
پەسلى جۇت كەلگەن كەبى بۇلبۇلغا بوستاندىن خەۋەر .
سەن سېغىنساڭ،دوستلىرىڭ يات ئەتسە، ئارمان ئۆچمىسە…
كۈلمىسۇن قاي جان چىچەكلەپ، كەلسە ھەرياندىن خەۋەر.
ئەي، ئەھەدى بولما غاپىل، سۆڭرى پەريات ئەيلىمە،
«ئەلۋىدا» دەپ تەڭلى بىر كۈن يەتسە نىمجاندىن خەۋەر...
2011-يىلى 14-يانىۋاركىچە
بىۋاپا، كۆڭلى قارا باغرىمنى قان – قان ئەيلىدى،
مىسلى ھالىمنى مۆشۈك ئالدىدا ساچقان ئەيلىدى.
زۇلپىنى سىرتماق قىلىپ ئاستى جۇدالىق دارىغا،
كىرپىگىدىن ئوق ئۈزۈپ جىسمىمنى تالقان ئەيلىدى .
قەترە مەي لەۋ جامىدىن ئوتلاشقا ئىمكان بەرمەيىن ،
خۇددى ئوۋچى ئالدىدا بىچارە تۇشقان ئەيلىدى.
جۈپ زىناق مەڭزى ئارا قىلغاي نامايىش دەممۇ–دەم ،
سۆڭرى ھىجران دەستىدىن كۆكسۈمنى خۇمدان ئەيلىدى.
گاھ ئوڭۇم، گاھى شىرىن چۈشلەر ئارا بەرمەي تۇتۇق،
گۈل سىياق رۇخسارىنى خىلۋەتتە پىنھان ئەيلىدى.
ئاھ ئۇرۇپ قان يىغلىسام نەزەر كۆزىن سالماقتا يوق ،
ئەكسىچە قەھ – قەھ كۈلۈپ ھالىم پەرىشان ئەيلىدى .
ئەھەدى ھەيرانكى، گۈلدىن كۆرمىسە بۇلبۇل ۋاپا ،
نە ۋاپا،كۆرمىڭ سىتەم،دەرت بىرلە نىمجان ئەيلىدى.
###
ئاھ، نېتەي كۈتتۈم ئوزاق، سۆيگەن نىگارىم كەلمىدى،
بال لېۋى ، ئايدەك يۈزىگە ئېنتىزارىم كەلمىدى.
يادىغا ئالدى ۋەيا ئۇنتۇلدى قىلغان ۋەدىلەر ،
دېدىمۇ ، كۆيسەڭ كۆيىۋەر نېمە كارىم ، كەلمىدى.
شام – سەھەر دىۋانىدەك يۇردۇم يولىغا تەلمۇرۇپ ،
سېغىنىپ سەۋدايىدەك كۈتسەممۇ يارىم كەلمىدى .
ئەسلىسەم ئۆتكەن شىرىن چاغلارنى كەتكەي جانغا ئوت،
قالمىدى كاللامدا ھۇش تەندە مادارىم ، كەلمىدى .
مەشۇغۇم كەلسۇن ۋەيا بەرسۇن ئۇچۇر ئەھۋالىدىن ،
ئەھەدى جۇت ئىلكىدە قالدى، باھارىم كەلمىدى .