خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 24-نويابىر كەچتە، بېيجىڭدا ئېچىلغان جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 9-قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيغا قاتنىشىۋاتقان يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان تەكلىپ بويىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىغا كېلىپ، ئۇيغۇر تىلى فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشپ، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىدىكى قىزغىنلىقى ۋە كەلگۈسىدىكى پىلانى توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ياسىنجان سادىق ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيەسى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى، گەرچە ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق دىپلومغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ھىس قىلىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى. ئۇ شۇنداقلا خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنىڭ چەكلىكى تۈپەيلىدىن، خەنزۇچە يېزىقتىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۆرەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قەدىرلەپ، كۆپلەپ بىلىم ئىگىلەپ، كۆپ كىتاب ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلدى. ياسىنجاڭ سادىق يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردا يازغان «باھادىرنامە»، «جاللات خېنىم» قاتارلىق تارىخىي رومانلار ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا خېلى داغدۇغا قوزغىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ سۆھبەت داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئىككى روماندىكى پېرسۇناژلارنىڭ يارىتىلىتىشى توغرىسىدىكى بىر قانچە سوئالىغا بىر-بىرلەپ جاۋاپ بەردى. ياسىنجان سادىق تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرنى يازغاندا، ھەقىقەتنى ھۆرمەتلەش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:«تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغاندا، تارىخ ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىش كېرەك، شۇنداقلا تارىخ ئىچىدىن قاڭقىپ چىقىشنىمۇ بىلىش كېرەك.» ئۇ ناھايىتى يۇمۇرلۇق قىلىپ :«مەن بەك ئۇنتۇغاق ئىدىم، ئەسەردىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئالماشتۇرۇپ قويماي يېزىپ چىققىنىمنىڭ ئۆزى بىر غەلبە» دېدى. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتى توغرىسىدا سورىغاندا، ئۇ كۈلۈم تۇرۇپ مۇنداق دېدى:« ھازىر تېخى نېمە يېزىشنى بېكىتمىدىم، مۇشۇ مەسىلىنى ئويلاۋاتىمەن، ھەر قېتىم بىر ئەسەرنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئەمدى يازمايمەن دەيمەن، لېكىن ، ئەسىرىم نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە قەلەمنى قولۇمغا ئالىمەن.»
ياسىنجان سادىق ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىتىنىڭ ئەزاسى، ھازىرغىچە «داۋان»،«جاللات خېنىم»، «باھادىرنامە»،« شەرەنداز ئايال» قاتارلىق ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان. (قەدىرىيە خەۋىرى)
http://www.nur.cn/news/2012/04/66180.shtml