كۆرۈش: 1733|ئىنكاس: 15

ياسىنجان سادىق مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  227
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1149
تۆھپە : 0
توردا: 128
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-23

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:50:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 24-نويابىر كەچتە، بېيجىڭدا ئېچىلغان جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 9-قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيغا قاتنىشىۋاتقان يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان تەكلىپ بويىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىغا كېلىپ، ئۇيغۇر تىلى فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشپ، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىدىكى قىزغىنلىقى ۋە كەلگۈسىدىكى پىلانى توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ياسىنجان سادىق ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيەسى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى، گەرچە ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق دىپلومغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ھىس قىلىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى. ئۇ شۇنداقلا خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنىڭ چەكلىكى تۈپەيلىدىن، خەنزۇچە يېزىقتىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۆرەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قەدىرلەپ، كۆپلەپ بىلىم ئىگىلەپ، كۆپ كىتاب ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلدى.   ياسىنجاڭ سادىق يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردا يازغان «باھادىرنامە»، «جاللات خېنىم» قاتارلىق تارىخىي رومانلار ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا خېلى داغدۇغا قوزغىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ سۆھبەت داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئىككى روماندىكى پېرسۇناژلارنىڭ يارىتىلىتىشى توغرىسىدىكى بىر قانچە سوئالىغا بىر-بىرلەپ جاۋاپ بەردى. ياسىنجان سادىق تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرنى يازغاندا، ھەقىقەتنى ھۆرمەتلەش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:«تارىخىي ئەسەرلەرنى يازغاندا، تارىخ ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىش كېرەك، شۇنداقلا تارىخ ئىچىدىن قاڭقىپ چىقىشنىمۇ بىلىش كېرەك.» ئۇ ناھايىتى يۇمۇرلۇق قىلىپ :«مەن بەك ئۇنتۇغاق ئىدىم، ئەسەردىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئالماشتۇرۇپ قويماي يېزىپ چىققىنىمنىڭ ئۆزى بىر غەلبە» دېدى. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتى توغرىسىدا سورىغاندا، ئۇ كۈلۈم تۇرۇپ مۇنداق دېدى:« ھازىر تېخى نېمە يېزىشنى بېكىتمىدىم، مۇشۇ مەسىلىنى ئويلاۋاتىمەن، ھەر قېتىم بىر ئەسەرنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئەمدى يازمايمەن دەيمەن، لېكىن ، ئەسىرىم نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە قەلەمنى قولۇمغا ئالىمەن.»
ياسىنجان سادىق ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىتىنىڭ ئەزاسى، ھازىرغىچە «داۋان»،«جاللات خېنىم»، «باھادىرنامە»،« شەرەنداز ئايال» قاتارلىق ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان. (قەدىرىيە خەۋىرى)

           http://www.nur.cn/news/2012/04/66180.shtml


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  227
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1149
تۆھپە : 0
توردا: 128
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-23

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 13:03:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئۇلىنىش ئادرىسىدىكى سۈرەتنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويساڭلار بوپتىكەن.

ھەقىقەت مەشئىلى كۆپ ھاللاردا كۆتۈرگۈچىنىڭ قولىنى كۆيدۈرىدۇ.
ARKZAT ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2139
تۆھپە : 8
توردا: 824
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 14:10:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پەخىرلىك ئوغلان ياسىنجان چوغلاننىڭ ئىجادىيەت ۋە سۆھبەتتىكى مانا مۇشۇنداق سەمىمىيلىكى ئۇنى ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ  قىممىتىدەك  يەنىمۇ يۇقىرى قىممەت ۋە  ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە قىلغۇسى.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 929
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2203
تۆھپە : 4
توردا: 343
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-1

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 14:22:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان سادىق ئاكىنىڭ ئىجادىيتىگە ئوتۇق ، تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلەيمەن.
خېلى يەرلىرىدە ئىملا خاتالىقى باركەن ھە؟

يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  558
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 256
تۆھپە : 2
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 16:16:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچان يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ  تېنىگە سالامەتلىك ، ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن !

ھايات - مەڭگۈلۈك ناخشا ، ئەمما  ئۇنىڭ مۇقۇم نوتىسى ۋە ۋايىغا يەتكەن ئاھاڭى بولمايدۇ .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  475
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 652
تۆھپە : 8
توردا: 132
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 18:19:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخرىمىز چوغلانبەگكە سالامەتلىك تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  317
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 479
تۆھپە : 1
توردا: 59
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:46:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئەنجۈمەنگە يىغىلغان دوستلارغا ھەۋەس قىلدىم، قۇتلۇق يىغىلىشىڭلاردىن سۆيۈندۈم. ئەل سۆيگەن يازغۇچىلاردىن ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابباس مۇنىياز تۈ*ركىيقان، ئابدۇكېرىم قادىر، ئابلىز ئوسمان، تۇرغۇن مىجىت قاتارلىق دوستلارنىڭ جەم بولغىنى ھەم چوغلانبەگكە تون ياپقىنى ئەستىن چىقمىغۇدەك ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ، ئېزىزلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى قەدەملىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى، چىن دوستلۇق رېشتىسىنىڭ مەڭگۈ باغلىنىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3139
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-20

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 13:00:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان سادىق سەمىمى گەپلىرى ئارقىلىق سەمىمى قەلبىنى ،راست كەمتەرلىكىنى ئايان قىپتۇ.بىر قىسىم ئادەملەر ئۇنىڭ ئەكسىچە يوشۇرۇپ ئۆزىنى بىلىملىك،دانا،كاتتا ھېساپلايدۇ.ياسىنجان سادىقتەق ئەسلى تەبئىتىنى ساقلاپ قالغاندىلا ماختاشلار ئالدىدا ئۈچۈپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.ياسىنجان سادىق ئۆزىنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيالمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.ئەمما جەمىئىيىەتتىن ئىبارەت قۇچىقى كەڭ ئالى مەكتەپتە تاۋلىنىپ ...چىققانلىقىنى پەقەت تىلغا ئالمىغان.قىسقىسى ئۇنىڭ كەمتەرلىكى .....باشقىلار ئۈگىنىشكە تېگىشلىك يەنە بىر تەرپىدۇر.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 671
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2354
تۆھپە : 16
توردا: 736
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-21

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 16:18:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جاللات خېنىم»  باتۇرۇم دېسە،
« شەرەنداز ئايال» بىلىدو ئەدەپ.
تەبرىكلەيمەن سىزنى ياسىنجان،
نەمۇنە ھەم  تارىخ يازدى دەپ.

ئىلھامىڭىز خەلقىم مېدېتى.
يېزىڭ يەنە توختىماي يېزىڭ.
توتىيادۇر «باھادىرنامە»،
سۆز كانىدىن گۇلدەستە تىزىڭ.

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1146
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 20
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 20:35:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ،يازغۇچىنىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1558
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 651
تۆھپە : 0
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 12:49:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى بوپتۇ يازغۇچىمىز ياسىنجانغا سالامەتلىك ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1558
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 651
تۆھپە : 0
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 12:47:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلانغا  كۆڭۈل سوغىسى
چوغلان
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن

ئەلگە مەشھۇر ياسىنجان پامىيلىڭىز ھەم چوغلان،
پەخىرلەندى ئەل سىزدىن ،بولغاچقا  ئاڭا ئوغلان،
ئەلنىڭ سۆيگۈ-ئوتىدا كۆيدىڭىز ھەم شام كەبى ،  
ئۆچمىسۇنچۇ  شۇ ئوتلار،يېنىپ ھەر قاچان چوغلان.

خۇش مۇبارەك ياسىنجان ‹‹تۇلپار››غا ئىرىشىپسىز،
ھاياتلىقنى قەدىرلەپ ئەل ئۈچۈن تىرىشىپسىز،
خۇش خەۋەركەن ئاڭلىسام،چارچىدىم دەپ ياتماستىن،
يېزىشقا‹‹ باھادىرنى ›› يەنە ھەم كىرىشىپسىز،


يېزىڭ ھەر ۋاقت تىنماي،ئەل تەشناسىغا قانسۇن،
ئوقۇپ ھەم  باھادىردىن،تارىخ-ساۋاقىنى ئالسۇن،
ئەجداتلارنىڭ  تارىخى  روھلىرىنى  ئۇرغۇتۇپ ،
چۈشكۈنلەشكەن غاپىللار،ئۆز خاتاسىدىن يانسۇن.



ئەل ئوغلانى ياسىنجان،سادىق ئوغلى ئىدىڭىز،
ھاردىم دىمەڭ ھەر قاچان ئەل غېمىنى يېدىڭىز،
ئۇنۇتمايدۇ ئەل سىزنى قەدىرلەيدۇ ھەر زامان،
ئەل سۆيگەننى ئەر سۆيەر، ھەم كۆمۈلمەس ئېزىڭىز.

ئەل دۇئاسى ھەم يەنە تەڭرى بولسۇن  يار –يۆلەك،
تېنىڭىزنىڭ ساقلىقى بىزدىكى ئارزۇ-تىلەك،
ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ ساغلام ياشاڭ بىر ئۆمۈر ،
ئەلگە سىزدەك ئوغلانلار  ھەر زامان لازىم-كىرەك.


ئاپتۇر قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  602
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 467
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 02:01:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنى بۇ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن ئۈمۈدى ئاكىغا نۇسرەتلەر ياغسۇن...ھارمىغايسىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1770
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 205
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 02:02:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغلان ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن.
ئۇنىڭ ئۇيغۇر روھىيىتىگە تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  195
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 308
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 12:44:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھا راستىنلا بەك سەمىمىيكەن چوغلۇق ئاكىمىز .
مەن جاللات خېنىم رومانىدا مۇنداق بىر ئىشنى بايقىغان ئېدىم .روماننىڭ باش قەھرىمانى بولىمىش مەلىكە جاللات خېنىمنىڭ ئىسمى ،بىرىنجى بابىدا مەلىكە مەھلىيا خېنىم دەپ ئېلىنىپ كەينىدىن بۇ ئىسىم مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمغا ئۆزگىرىپ قالغان.ھازىرغىچە مەھلىيا يەكى مۆھتىرەم خېنىم ئېكەنلىكىنى بىلمەيمەن.ئەمما مەن بىر خىىل ئىشتىياق بىلەن بۇ ئىككى توم كىتابنى 5كۈندە ئوقۇپ چىققان .كىچىچە ئۇخلامدىغان دەڭلار تېخى .

گۇناھكار كۆزلىرىمدە ئەمەس زەربىدار قارچۇقۇمدا رىئاللىققا تىك باقالايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش