كۆرۈش: 617|ئىنكاس: 82

يۈرەكتىكى ئارمانلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 07:58:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا مۇنبەردىن يېڭى مۇنبەرگە

ئۆز تىلىمنى قاناتتىم چىشلەپ


گۈل بېغىڭغا سالىمەن قۇلاق،

كاككۇك يىغلار، يىغلايدۇ گۈللەر.

ناتونۇشتۇر سەندىن باشقىسى،

دەرد ئىچىدە يىغلايدۇ كۆزلەر.



ئۆز تىلىمنى قاناتتىم چىشلەپ،

ئۆلۈم ھىدى تەرەپ-تەرەپتە.

كۆزلىرىمدە دەريا ئاقىدۇ،

تولۇپ كەتكەن  غەزەپ-نەپرەتكە.



تەشنا قەلبىم شىرىن دەملەرگە،

يىغلار ئۆكسۈپ ، يىغلار بۇقۇلداپ.

ھەسرەتلىرىم مۇجار يۈرەكنى،

ئازابلىرىم باغرىمنى غاجاپ.



ئۆرۈم-ئۆرۈم چاچلىرىڭ دادۇر،

ئۆرۈم-ئۆرۈم چاچلار سىرتماق.

قاناتلىرى قايرىلغان شادلىق،

ئىگىسىنى ئىزدەيدۇ ھەر ۋاق.



ھەر تال چېچىڭ بىر ئەزىم دەريا



كۆيدۈرمەكتە چوغدەك لەۋلىرىڭ،

كۆيمەكتىدۇر باغرىمدا قوقاس.

ھەر تال چېچىڭ بىر ئەزىم دەريا،

دولقۇنلىرى ئۆزىگىلا خاس.



ئۇ دەريانىڭ سۇلىرى سۈزۈك،

جان-جېنىمغا تارار دولقۇنلاپ.

جان قېتىڭدىن تۆكۈلگەن مېھىر.

يۈرىكىمنى قويغان قوقاسلاپ.


يۈرىكىمدە تىترىمەكتە جان

داۋا يوقتۇر كۆيگەن يۈرەككە،
ئىنتىزار مەن سېنى كۆرمەككە.
غازاڭ بولدى سەنسىز گۈلىستان،
توشۇپ كەتتى يۈرىكىم دەردكە.

كىزىپ يۈردىم ھىجران چۆلىنى،
چۈشىنەر كىم ئاشىق دىلىنى.
زىمىستاندۇر كۈنلىرىم مېنىڭ،
يىغلاپ يۈرەر قەلبىم ھەر كۈنى.

ئۇچرىشالماي ئۆتمەكتە كۈنۈم،
چۈشۈپ كەتتى ئىچىمگە ئۈنۈم.
ھاياتىمنىڭ كالتىسى قالدى،
غۇنچىسىنى تۆكمەكتە گۈلۈم.

يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ كۈندە،
يۈرىكىمنى يىرتماقتا ھىجران.
سېنى توۋلاپ مۇساپىر ئۈندە،
توشۇپ كەتتى ئىچىمگە پىغان.

نېمە ئامال شۇ ئىكەن تەقدىر،
ئىچ-ئىچىمگە پاتمىدى پىغان.

كېتىدىكەن ئادەملەر بىر-بىر،
يۈرىكىمدە تىترىمەكتە جان.


تاشتىن قاتتىق سەنسىز بۇ كۈنلەر

كۆڭلۈم تارتماس سەندىن باشقىنى،
كىم چۈشىنەر سېنى مېنىڭدەك.
يۈرىكىمدە ئىشقى-پىراقىڭ،
پورەك-پورەك ئېچىلدى گۈلدەك.

سەن يادىمغا يېتىسەن پات-پات،
يۈرىكىمگە سانجىلار تىكەن.
ئازابلىرىڭ باغرىمدا قات-قات،
سۆيگۈ دېگەن ئەسلى مۇشۇكەن.

باغدا مۇڭلۇق سايرىسا كاككۇك،
زەينەپ يىغلار بۇقۇلداپ ئۆكسۈپ.
ھىجران يېشى شاخلاردا قاتقان،
غازاڭلىرى كەتكەن تۆكۈلۈپ.

دىلىم سۇنۇق باغرىم يارا ،قان،
يۈرىكىمدە تۈمەنمىڭ دەردىڭ.
سەۋدالىقىم بېشىمدا چاقماق،
شادلىق دېسەم قايغۇنى بەردىڭ.

سەن قەلبىمدە قالدۇرغان ھەسرەت،
خۇددى شەمشەر گوياكى خەنجەر.
قان تامىدۇ ئارمانلىرىمدىن،

تاشتىن قاتتىق سەنسىز بۇ كۈنلەر.

سايراپ كاككۇك ،يىغلايدۇ زەينەپ،
قات-قېتىدىن يىرتىلار يۈرەك.
بۇ ھاياتنىڭ قىسمىتى ئەجەب،
تەنھالىقىم قىلماقتا بوزەك.


پايانىمدا ئۆركەشلەر سۆيگۈ،
قاينام بولدى مېھرىڭ تىلەكتە.

قاقشال بولغان ئەقىدەم كۆكلەپ،
ئىشقىڭ گۈلخان بولدى يۈرەكتە.


ئەركەك دېگەن


ئەركەك دېگەن ۋەتەن ، خەلق ، ئەل دەيدۇ،
ئەگىتمەيدۇ سۆزلىرىنى دەل دەيدۇ.
جاپالاردا كۆكرەك كىرىپ ئالدىدا،
بىرلىك بىلەن مۇشەققەتلەر ھەل دەيدۇ.


ئەركەك دېگەن تۈرۈپ ياشا يەڭ دەيدۇ،
تاپقىنىنى ئايىمايدۇ تەڭ دەيدۇ.
ھەقتىن يانماي دۇرۇس، ھالال ياشاشنى،
كەسكىن ئۇرۇش بىر ئۆمۈرلۈك جەڭ دەيدۇ.

ئەركەك دېگەن ۋىجدانىنى ساتمايدۇ،
نەپنى كۆزلەپ قالايمىقان چاپمايدۇ.
ئىمانىنى بۇلغىمايدۇ گالنى دەپ،
خاتا يولغا ھەرگىز قەدەم باسمايدۇ.

ئەركەك دېگەن مىسكىنلەرنى ئويلايدۇ،
ئۆز ئۆيىنى جاننى تىكىپ قوغدايدۇ.
قىزغانمايدۇ باشقىلاردىن بەختىنى،
يامان خىيال ، يامان ئويدا بولمايدۇ.


ئەركەك دېگەن دۈشمىنىگە يۈكۈنمەس،
نەپ ئالدىدا ئىرادىسى پۈكۈلمەس.
پۇختا ئويلار باشلىغاندا ھەر ئىشنى،
ئارقىسىدىن پۇشايماندا ئۆكۈنمەس.


ئەركەك دېگەن نامەردلەرنى رەڭ دەيدۇ،
ئازغۇنلۇقنى ئۆلۈم بىلەن تەڭ دەيدۇ.
(ئۆزى ئالماي گۆھەر ياغسا ئاسماندىن،)
پېقىرلارغا ئۈلىشىڭلار تەڭ دەيدۇ.

ئەركەك دېگەن ئەل يىغلىسا كۈلمەيدۇ،
نامەردلەرنىڭ دېگىنىگە كۆنمەيدۇ.
ھەر بىر نەپەس دۇرۇس ياشاش مىزانى،
ئاۋام بەختى ،كەلگۈسىنى كۆزلەيدۇ.

ئەركەك دېگەن بۆرىلەرنى ئوۋلايدۇ،
قۇۋ تۈلكىنى ئۆز مەيلىگە قويمايدۇ.
ئالدانمايدۇ ھىيلىسىگە شەيتاننىڭ،
غورۇرىنى جاننى تىكىپ قوغدايدۇ.

ئەركەك دېگەن ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ،
غېرىب دەيدۇ مىسكىن ئۈچۈن غەم يەيدۇ.
كۆمۈچىگە دۆۋلىمەيدۇ چوغلارنى،
ئاجىزلارنىڭ ئوتلىرىنى پۈۋلەيدۇ.

ئەركەك دېگەن مەڭگۈ ئەلنى ئويلايدۇ،
تۇزكورلارنى ئارامىدا قويمايدۇ.
پېقىرلاردىن ئايىمايدۇ مېھرىنى،
توڭلىغاننىڭ ئوچىقىنى چوغدايدۇ.

ئەركەك دېگەن ئەل بەختىنى كۆزلەيدۇ،
( خەققە قىلغان ياخشىلىقىنى « ھەج » دەيدۇ.)
ئالدانمايدۇ كىرمەس شەيتان كەينىگە ،
ھاياتىنى ھەق يولىغا خەجلەيدۇ.

ئەركەك دېگەن غورۇرىنى جان دەيدۇ،
ئازغانلارنى ھەق يولىغا يان دەيدۇ.
غادايمايدۇ غېرىبلارنى كۆرگەندە،
قۇشلارغىمۇ يەڭلار مانا دان دەيدۇ.

ئەركەك دېگەن ئاجىزلارنىڭ قولدىشى،
غېرىبلارنىڭ يۆلەكدىشى ،مۇڭدىشى.
ئەركەك دېگەن يەڭەلەيدۇ ئاچچىقنى،
دەردمەنلەرنىڭ دىلكىشى ھەم سىردىشى.

ئەركەك دېگەن ئەل-ۋەتەننىڭ غورۇرى،
تۇپراق بىلەن تۇتاش ئۇنىڭ تومۇرى.
لولىلىقىنى راۋا كۆرمەس ھەرگىزمۇ،
ئەل شادلىقى ئۇنىڭ بەختى ھۇزۇرى.

ئەركەك دېگەن ئانىلارنىڭ تىلىكى،
ئەركەك دېگەن دادىلارنىڭ يىلىكى.
داۋام قىلار يوللىرىنى ئەجدادنىڭ،
ئەركەك دېگەن ئەل-ئاۋامنىڭ تۈۋرۈكى.


قانىغان گۈللەرنىڭ چوغدەك لەۋلىرى

چىرايلىق تېنىڭدە ئۇخلىغان كېچە ،
ئويغىنىپ كەتتى ئاھ چۈشى بۇزۇلۇپ.
كۆزۈمگە قارىدى چالا ئۇيقىدا،
كۈزەتتى تېنىتمىنى ئەسنەپ ،تولغۇنۇپ.

كۆڭۈلنىڭ غارىدا مۇزدەك جىمجىتلىق،
كېچىنىڭ كۆكسىدە يۇلتۇزلار كۆيەر.
ئاينىڭكى باغرىدىن تۆكۈلمەكتە قان،
چېقىلغان ئەينەكتە قۇياش ئېسەدەر.

جاراھەت چېچەكلەپ كەتكەن كۆك ئاسمان،
قۇياشنى يىغلىتار ئاينى قۇچاقلاپ.
يۇلتۇزلار تۆكۈلەر كۆكنى يىغلىتىپ،
ھەددىدىن ئاشماقتا باغرىمدا ئازاب.

بۇلبۇلنىڭ ھالى ۋاي يۈرىكى يارا،
قان ئاقار گۈللەرنىڭ تاتلىق لېۋىدىن.
قانىغان ئۇپۇقنىڭ لەۋلىرى زىدە،
ئۆزۈمنى قاتىل دەپ ئاھ ئۇردۇم بىردىن.






گۈلخان بولدى مېھرىڭ يۈرەكتە،

ۋولقان بولدى ئىشقىڭ يۈرەكتە.


idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:00:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغ ئىچىدىكى غېرىبلىق

ئىسسىق تۇيغۇ دەۋرەپ كېلەر ھەر ياندىن،
يۈرىكىمنى كۆممەكتىدۇر يېشىل چوغ.
لاۋۇلدايدۇ جان-جېنىمدا يېشىل ئوت،
كۆيمەكتىمەن، كۆيمەكتىدۇر يېشىل تۇغ.

ئېرىمەكتە مۇزدەك سوغۇق جىمجىتلىق،
ئەگىز باستى سېرىق ئاپتاپ مىچىلدار.
ئازابلىرىم شاخلىماقتا ھەريانغا،
ئاھلىرىمدىن شاخلار ھەريان تولغىنار.

ياشتەك سۈزۈك ، چوغدەك قىزىق ھاياجان،
كۆيدۈرمەكتە يۈرىكىمنى گۈرۈلدەپ.
چوڭقۇر چۆكۈپ چىڭ قۇچاقلاپ گۈلخاننى،
ئىچ-ئىچىمدە يىغلار چوغلار ئېسەدەپ.

كۆيدۈرمەكتە چوغلار چوكان كۆزىدەك،
چوغ رەڭگىدە ھەممە ياققا قارىسام.
يەڭگىل يەلپۈپ ئۆتمەكتىدۇر شاماللار،
تىنىقىمدىن ئوت يانىدۇ ھەر تىنسام.

ئاپتاپ چىراي چوغ ئىچىدىن غېرىبلىق،
ماڭا قاراپ كەلمەكتىدۇر يۈگۈرۈپ.
چىڭ قۇچاقلاپ باستىم مەھكەم باغرىمغا،
كەتتى شۇئان مەشكە ئوخشاش قىزىرىپ.

ھەر سەۋدادا ھەريان ئۆتتۈم ئاھ ئۇرۇپ،
ئەركىن كېزەر خىياللىرىم دۇنيانى.
چۇچۇپ پات-پات ئاغار ئەنسىز يۈرىكىم،
يېرىلارمۇ كۆككە يەتسە ئارمانى.

يەتتە ئىقلىم ئارىسىدا دەردلىرىم،
داۋا ئىزدەپ چېپىپ يۈرەر ئۈمىدلىك.
قىسمەتلىرىڭ نىيىتىڭگە باغلىقتۇر،
مۇشەققەتلىك ، ئېگىز-پەستۇر تىرىكلىك.

كۆككە باقسام تالاي ھېكمەت قۇياشتا،
ئوتلۇق ئارمان يۈرىكىمنى تىلغايدۇ.
ئاي ، يۇلتۇزدا سىرلار باردۇر مىڭ تالاي،
زۆھرە يۇلتۇز كۆزلىرىمدە يىغلايدۇ،

چەكسىز زۇلمەت باش ئۈستۈمدە ھۇۋلايدۇ،
ئامان قويماس كۈلكەم سىڭگەن باغنىمۇ.
سەجدىگاھدا مۆمىنلەرنىڭ كۆز يېشى،
نەپەسلىرى يىقىتىدۇ تاغنىمۇ.

ئاپتاپ چىراي چوغ ئىچىدىكى غېرىبلىق،
ئىچىپ-ئىچىپ كۆز يېشىغا قانمايدۇ.
يۈرىكىمنى چىڭ قۇچاقلاپ جىمجىتلىق،
كۆيۈپ-كۆيۈپ ،ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايدۇ.

پەيتى كەلسە چوغ بولاركەن چېچەكمۇ،
رەزىللىكنىڭ ئەڭ تولىسى كېچىدە.
مۇشتاقلىقنىڭ دەردى يەيدۇ توختىماي،
قالغان گەپلەر قالدى دېمەي ئىچىمدە.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:00:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋاي



گۈلخانلاردا تاۋلانغان تونۇر

ئەتراپىغا پۈركەيدۇ لاۋا

سەن پەرۋايىڭ پەلەك

بۈركۈت كۆكتىن شۇڭغىغاندەك پەسكە

شۇڭقار شۇڭغىغاندەك دېڭىز ئىچىگە

شۇڭغۇيسەن يالقۇن ئىچىگە

پىشانەڭدىن يۇلتۇز ساقىيدۇ

قارچۇقۇڭدىن ئوتلار چاقنايدۇ

ناۋاي

قىزىل –قىزىل تونۇر ئىچىگە

تىزىۋېتىسەن قاتار-قاتار

قىزىل-قىزىل رەتلىك گۈللەرنى

شۇنچە رەڭدار، بەكمۇ جۇلالىق

ئولتۇرىسەن قوقاس ئۈستىدە

تاۋلىنىسەن ئوتنىڭ ئىچىدە

تاۋلىنىسەن چوغنىڭ ئۈستىدە

بېشىڭچە كىرىپ گۈلخان ئىچىگە

تونۇرغا گۈل ياقىسەن

تونۇرغا قۇياش ياقىسەن

تونۇرغا نان ياقىسەن

بىر نان ئۈچۈن نەچچە پىشىسەن

شۇڭغۇيسەن ئوت ئىچىگە

يۈرىكىڭ كاۋاپ

بىر نان ۋەسلىدە

جانغا جان

تەنگە مادار

قىزىل گۈلدەك نانلىرىڭ

كۈچكە كۈچ قاتار

ناۋاي!!

كەسپىڭگە قەلبىڭدە ئېچىرقىغان مۇھەببەت

ھۈنىرىڭگە يۈرىكىڭدە چاقنىغان سۆيگۈ

تونۇردىكى ئوتتەك لاۋۇلدار

سەن ياققان ھەر بىر نانغا

تۇز بىلەم مېھرىڭ قېتىلغان

كاۋاپتەك تاۋلىنىپ يانغان بەدىنىڭ

مېھرىڭ لاۋۇلدار...


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:01:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇزۇگۇم



مېنىڭدىكى بىر ئۆمۈرلۈك ئارمان سەن،

يۈرىكىمگە كىرىۋالغان گۈلخان سەن.

شىددەت بىلەن قومۇشلۇقلار كۆيگەندە،

ئوت ئىچىدە لەپىلدىگەن بىر تۇغ سەن.



بۇ كۈنلەردە ياشاپ كەلدىم يارىدار،

يۈرىكىمدە دولقۇنلايدۇ لىق ئازاب.

ئىچ-ئىچىمگە توشۇپ كەتكەن نادامەت،

نومۇس ،پاكلىق قان يىغلايدۇ بۇقۇلداپ.



ئېغىر تىنىپ ياتقان غېرىب بۇ زېمىن،

مىڭبىر سەۋدا، مىڭبىر ئازاب ئىچىدە.

يۈرەكلەردە يانغان ئوتقا ئايلاندىڭ،

ئويۇمدا سەن مەڭگۈ يىتۈك ئابىدە.



يۈرىكىمگە كىرىۋالغان ئارمان سەن،

يۈرىكىمدە يېنىپ تۇرغان گۈلخان سەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەردلەرنىڭ باغرىدا ياشاپ كەلدىم تىك  



ئارمانلىق ئاۋازلار كېلەر يىراقتىن،
بەرداشلىق بېرەلمەي تىترەيدۇ يۈرەك.
ئاۋازلار قۇلاققا پاتماي چىڭقىلىپ،
باغرىمغا تىنىمسىز سۈركەيدۇ ئىكەك.

نېمىشقا سىقىراپ تۇرىدۇ تىنىم،
نېمىشقا سانجىلىپ ئاغرىيدۇ يۈرەك؟!
ئازاپنىڭ دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئېقىپ،
دەھشەتلىك ئۆلۈمدىن بەرمەكتە دېرەك.

ئاۋازلار ئاۋازغا سوقۇلار دەھشەت،
ۋۇجۇدنى يۈرەكنى تىترىتەر ھەيھات!
ساداسى ھەرياندا  كۆتۈرەر چۇقان،
(ئايالنىڭ يالىڭاچ تېنىگە ئوخشاش.)

ئالدىراپ –تېنىشىپ ياشار ئادەملەر،
يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈش بىرەر ۋەھىمە...
ھۆرلۈك دەپ توۋلىغان تىللار ئۈزۈلگەن،
يۈرەكلەر ئۆمۈرلۈك دەردتە ،ئەلەمدە...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:02:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆل بويىدا غېرىب بىر دەرەخ



بىر تۈپ دەرەخ تۇرار سۈكۈتتە
قىشنى قۇچاقلاپ .
باھارنى چۈشەپ
يازنى سېغىنىپ
كۆل بويىدا غېرىبسىنىپ
ئازابلىرى قىلىقلىنىپ .

قېنى ئۇ بۇقۇلداپ سايرىغان قۇشلار
ئۇسۇل ئوينىغان يېشىل ياپراقلار

قېنى؟!....
                قېنى؟!!...

                      قېنى؟!!!...
يېتىمسىرىگەن كۆل بويى بەكمۇ
كۆز ياشلىرى سۈزۈك شۇقەدەر
يۈرىكىگە چوغلار لىق تولغان
ئارمانلىرى گۈرۈلدەپ كۆيەر
قاينىغان كۆز ياشلىرى تاش بولۇپ قاتقان.

كۆل بويىدا مىسكىن بىر دەرەخ
بۇ دەرەختە مىڭ يۈرەكنىڭ دەردۇ-زارى بار
مىڭ ئالەملىك ئاھلار ،پىغانلار
قوقاستەك ئازاب ، چوغدەك چۇقانلار...

كۆل بويىدا يالغۇز بىر دەرەخ
يۈرىكىدە چوغدەك پىراقلار
ئۇزاق قىشتىن زېرىككەن بەكمۇ
يېقىنلاپ كەلمەكتە ئوتتەك بىر تىۋىش
ئويغانماقتا شاخ-تاللىرى
سۇندۇرالماس جۇدۇن-چاپقۇنلار...

كۆل بويىدىكى تەنھا دەرەختە
ئاي مۇڭلىنىپ يىغلار ئېسەدەپ  
قونۇۋېلىپ ئۇنىڭ شېخىغا
تىنىدىكى قاراڭغۇلۇقتا
بىر تال چوغ يانماقتىدۇر چېچەكلەپ...

كۆل بويىدا تەنھا بىر دەرەخ
كۆلگە تۆكەر دەردى ، سىرىنى
كۈي تىلى بىلەن
قانىغان ئاۋازى...
ئىچ-ئىچىدىن كۈيەر تىك تۇرۇپ
( يىلتىزىنى شاخلاتماق بولۇپ )
تەتۈر قاراپ دۇنياغا
تۆكۈلۈپ كەتكەن يېشىل يوپۇرماقلىرىنى سېغىنىپ
قات-قېتىدا سۈپسۈزۈك ھىجران
بۇلدۇق-بۇلدۇق تۇرماقتا ئېقىپ...

كۆل بويىدا غېرىب بىر دەرەخ
ئوت يۈرەك ئەركەكتەك...
نومۇسچان قىزدەك...
ئۇنى سۆيۈپ قويساڭچۇ باھار !...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:03:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنجۈر

ئىشىك چىكىلىپ
تونۇش ھىدنى ئېلىپ كىردى شامال
ئارقىدىنلا
قوشنىمىزنىڭ رىسىدا بولغان قىزى
كۆتۈرۈپ كىردى بىر تەخسە ئەنجۈر
بېشىدا دوپپا
قېشىدا ئوسما
ئۆينىڭ ئىچى لىق تولدى نۇرغا
ئۆيدىن ئۆيگە ئېقىپ كىردى نۇر
كۆڭۈللەر لىق تولۇپ نۇرغا
كۆزلەردىن تېشىپ چىقتى پاتماي قالغىنى
مۇنچاق-مۇنچاق مارجان بولۇپ
توساتتىنلا توروكلاپ چۈشتى ئاسماندىن
دانە-دانە يامغۇر
ئاندىن
ھەسەن-ھۈسەن پارلاپ
چىقتى ئاقىدىن چىرايلىق ئاپتاپ
بىر تۇرىمىز ئەنجۈر شېخىنى مەھكەم قۇچاقلاپ
ياپراقلار ئارىسىدىن ماراپ.
تەنھالىقتىن بوزاردى ئەنجۈر
تېنىمىزدا
ئوغۇللار يېتىلدى
ئەنجۈرلۈك باغدا
بۇرۇتى خەت تارتىپ
قىزلار پىشتى مەي باغلاپ
ئەنجۈر ئىچىدە
بىز ياشايمىز نەپسىمىز تاقىلداپ
لىگەن-لىگەن كۆپكۈك كېچىدە...
گىرە-گىرە تاڭنى كۈتۈپ...
زارىقىپ..
شاخلارغا مەھكەم چاپلىشىپ ئۇخلايدۇ ئەنجۈر.





روبائىيلار



بەرىكەت ، سائادەت ھالال تەرىڭدە،
قىممىتىڭ ، ئىززىتىڭ ھەر بىر قەدەمدە.
ياشىغىن ئادەمدەك بولما تامادا،
ھايادىن ئايرىلساڭ ئۆتىسەن غەمدە.

كەرەشمە نازىڭغا قوشۇلۇپ كۈلدۈم،
ئوتۇڭدا قىل كەبى تولغۇنۇپ كۈيدۈم.
چوغلىرىڭ باغرىمغا چېچىلىپ تۇرار،
داغلانغان يۈرەكنى باغرىمغا كۆمدۈم.

تەييارتاپ نەپنى دەپ ۋىجدان ساتاركەن،
تۇز كورلار ئاشنى يەپ تاۋاق چاقاركەن.
زېرەكلەر زىنداننى قىلسا گۈلىستان ،
گومۇشلار گۈلزارنى زىندان قىلاركەن.

بەزىلەر نەپ ئۈچۈن ۋىجداننى ساتتى،
پۇلنى دەپ ئېتىقاد ، غۇرۇر يوقاتتى.
شۇنداقلار كۆپىيىپ كەتمەكتە بىزدە،
ياخشىلار ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەتكە پاتتى.

نومۇس قىل، ئىشلىمەي چىشلەيمەن دېمە،
باياۋان گۈلىستان بولار تەرىڭدە.
سىنايدۇ ئادەمنى جاپا-مۇشەققەت،
يېڭىسەن بولسىلا جاسارەت، غايە.

قورۇقچى،جىسەكچى غەپلەتكە پاتتى،
بەرىكەت يۈز ئۆرۈپ يىراققا قاچتى.
سارايۋەن ئاھ ئۇرار يۈرىكى زىدە،
ساراينى نادامەت ، دەرد –ئەلەم باستى.

ئەقلىڭنى ئىشقا سال چەكمەيسەن پىغان،
مەقسەتكە يىتىپتۇ نامەردلەر قاچان.
ئەسلىدىن يۈز ئۆرۈش ئىبلىسنىڭ ئىشى،
تامادا يۈرمىگىن ئۆزۈڭگە تايان.

سۆيگۈ ھەم ۋاپادىن بۇ دۇنيا گۈزەل،
ئەسلىنى بىلگەنلىك ھەممىدىن ئەۋزەل.
ئەخلاقتىن ئايرىلسا ئادىمىيلىككە داغ،
ئۆزلۈكنى يوقاتقان شەيتانلارغا ئەل.

ئۆزىنى بىلگەنلەر ئۆزگىنى بىلەر،
ئاۋامغا ھەمنەپەس ، ئامانلىق تىلەر.
قايغۇرسا قايغۇرۇپ ،يىغلىسا يىغلاپ،
شادلانسا شادلىنىپ، ئەل كۈلسە كۈلەر.


ئەل بىلەن جاپادا يانمۇ-يان تۇرغىن،
ھەر قاچان ، ھەر يەردە بىر نىيەت بولغىن.
ئەل بىلەن تەڭ يىغلاپ تەڭ كۈلۈپ ياشا،
سۈخەنچى ئاغزىغا مۇش بىلەن ئۇرغىن.

يۈرىكىمدە ئۆچمەس داغلار بار،
مېنى بېسىپ تۇرغان تاغلار بار.
ئىشەنچ ماڭا بولغاچقا ھەمرا،
كۈتۈپ تۇرغان گۈزەل چاغلار بار.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:04:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېتىق بازىرى




شەنبە بازار*نىڭ بىر بۇرجىكىدە،

قېتىق بازىرى

قاتار-قاتار تىزىلغان

قاپاق،كومۇرلاردا لىق قېتىق،

ئولتۇرىدۇ خېرىدار كۈتۈپ

قىز-چوكانلار ھەمدە مومايلار

ئالدىدىن ئۆتكەنلەرگە تەلمۇرەر كۆزلەر،

چىرايلاردا تەبەسسۈم،

چىرايلار پەرىشان

مۇھتاجلىق ئۆزىنى قىلماقتا كۆز-كۆز

يوقسۇزلۇقنىڭ ھاڭلىرى لىۋىدە...

قىزلار سۈتكە ئوخشايدۇ

ھېلىلا سېغىلغان

نىپىزگىنە قايماق تۇتقان،

قېتىققا ئوخشايدۇ جۇۋانلار،

ئىرىمىچىككە ئوخشايدۇ چوكانلار،

كۈنەلگۈگە ئوخشار ئاپئاق چاچ مومايلار.


سۈت ئوخشار ئاپئاق كۆڭۈلگە،

سۈت پۇشۇرۇلغان قازاننىڭ يۈندىسى،

ئوخشار ۋىجدانسىز يۈندە كۆڭۈلگە.

رايىش تۇرمۇشقا ئوخشار كۈنەلگە،

ئوخشىمايدۇ ئىشرەت يالقۇنىغا.

ئوخشىايدۇ غالىپ بىر جەريانغا،

تەلەيسىزنىڭ بەختىگە ئوىشايدۇ قايماق.

توپا ئۆرلەپ توزار ئاياقلار ئاستىدىن

كىيىملەر توپا،

قاپاق،كومۇرلار ئۈستىدە بىر قەۋەت توپا،

چىرايلار توپا،

قەدىمي ئۇيغۇر ھىدى كېلىدۇ دەۋرەپ

توپىلار ئىچىدىن،

كومۇرلاردا لىق قېتىق،

لىققىدە ئەنئەنە...

لىققىدە ئۇسسۇزلۇق،لىققىدە پاكلىق

لىققىدە مۇھتاجلىق،شۈكرى قانائەت...

..............................................







*- ئاتۇش كاتتايلاقنىڭ بازىرى شەنبە كۈندە بولىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:04:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى
‹1›
ھەر ئاڭلىسام تىترەيدۇ يۈرەك،
كارۋانلارنىڭ ئارمانلىرى بار.
ھەر ئاڭلىسام يىغلايدۇ يۈرەك،
ئەلنىڭ مۇڭى،ئاھ-زارلىرى بار.

يۈرىكىمنى كۆيدۈرەر سېھرى،
ھەسرىتى بار ئەجداتلىرىمنىڭ.
غېرىبلارنىڭ ئاھۇ-پىغانى،
ھىجرانلىرى ئاشىقلىرىمنىڭ.

بوۋىلارنىڭ قىسمەت،كەچمىشى،
ئاغرىتىدۇ يۈرەكنى چىم-چىم.
ھەر ئاڭلىسام ئۆلۈپ، تىرىلىپ،
ئىچ-ئىچىمگە پاتماس پىغانىم.

سەزگۈلىرىم ياتىدۇ ئۇخلاپ ،
(مەن ئاڭلايمەن يۈرىكىم بىلەن.)
كۈيەر بىر ئوت ئىچىمدە پىنھان،
سەنمۇ تىڭشا يۈرىكىڭ بىلەن.
‹2›
مۇڭلىرىڭ مۇڭۇمنى يىغلىتىپ بۇق-بۇق،
يۈرىكىم ئازاپلىق تىترەپ كېتىدۇ.
ئارمىنى،قايغۇسى ئەجدادلىرىمنىڭ،
يىغامغا قوشۇلۇپ يىغلاپ كېتىدۇ.

يۈرەكتىن يۈرەككە ئاققان دەريا سەن،
ئەۋجىڭدىن باغرىمدا گۈلخان ئاقىدۇ.
نېمە دەي ؟چۆكمەڭدە نەپسىم قىسىلسا،
روھىمدىن چىپىلداپ قانلار ئاقىدۇ.

بەزىدە سېھرىڭدىن چۆكىمەن مۇڭغا،
بەزىدە يىغلايمەن ھەسرەتلىرىڭدىن.
بەزىدە ھىجراننىڭ كەلكۈنى باسسا،
بەزىدە باغرىم قان قىسمەتلىرىمدىن.

كېلىسەن ئوينۇتۇپ سانسىز تۇلپارنى،
مۇڭۇڭدا ھۇۋلايدۇ سانسىز بۆرىلەر.
دۈپۈرلەپ تۈمەنمىڭ چىلانتۇرۇقلار،
تۇيغۇمدا پەر قاقار سانسىز بۈركۈتلەر.

كىشنەيدۇ ھەم يەنە سانسىز ئارغىماق،
ئەجدادنىڭ ئەۋلادقا قىلغان پەرمانى.
مىڭ يۇچۇن قۇدرەت بار ھەر بىر مۇڭۇڭدا،
خەلقىمنىڭ ئەڭ قەدىم ئارزۇ-ئارمانى...
(3)
مۇڭۇڭدىن يۈرەكلەر سېھىرلىنىدۇ،
مۇڭۇڭدا مۇھەببەت سۈيۈنەر ھايات.
ھەسرەتلىك يۈرەكنىڭ تەسسەللىسى سەن،
ئاھ يىراق ئۆتمۈشتىن كەلگەن مۇناجات.

بىپايان دالادەك كەڭرىدۇر باغرىڭ،
ئۆتەڭدىن ئۆتەڭگە كۆچىدۇ كارۋان.
ئۇيغۇرغا ئەڭ قۇۋۋەت روھى ئوزۇق سەن،
ئەقىلنىڭ بېغى سەن مىۋىگە تولغان.

مەن سېنى تىڭشايمەن يۈرىكىم بىلەن،
دەردىمنى ئۇنتۇيمەن ، شادلىقىم تولا.
بەزىدە خۇشال مەن تويۇم بولغاندەك،
بەزىدە ھازىدار كەلگەندەك قازا.

كۆڭۈلنى كۆڭۈلگە تۇتاشتۇرىسەن،
دۈشمەننىڭ باغرىغا خەنجەر ئۇرىسەن.
بىر ئۇلۇغ تارىخ سەن مەڭگۈ يوقالماس،
(ئەسىرلەر نۆۋەت بىلەن ئوقۇپ كەلگەن.)

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:05:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرىدۇ يېگانە بىر تۈپ مۇھەببەت

تۇرىدۇ يېگانە بىر تۈپ مۇھەببەت،
مەھەللىنىڭ چىتى بۇلاق بويىدا.
ھەسرەتلىك ئەسلىمە ، ئازابلىق خىيال،
ئۆرتەيدۇ قەلبىمنى ئېغىر بىر يارا.

تۇرىدۇ يېگانە بىر تۈپ مۇھەببەت،
غېرىب ئۇ مېنىڭدەك تولىمۇ غېرىب.
شۇنچىلىك مىسكىنلىك چىرمىغان ئۇنى،
ئازابلىق ياشلىرى تۇرماقتا ئېقىپ.

تۇرىدۇ يېگانە بىر تۈپ مۇھەببەت،
ھەسرەتتىن ئېسەدەپ يىغلايدۇ بۇلاق.
بۇ يەردە چوغ يۇتۇپ يىغلار سېغىنىش،
قاتمۇ-قات جىمجىتلىق چەكسىز بىر پىراق.

تۇرىدۇ يېگانە بىر تۈپ مۇھەببەت،
ئازابتىن ئىڭرايدۇ قارىسام ئاڭا.
تىتىلغان باغرىمدەك تىتىلغان تېنى،
بىر ئەنسىز تۇيغۇنى بىرىدۇ ماڭا.

تۇرىدۇ يېگانە بىر تۈپ مۇھەببەت،
ئۇسسۇزلۇق دەستىدىن كۆيمەكتە جىمجىت.
لىۋىنى بۇلاققا سوزىدۇ پات-پات،
چاڭقاقلىق دەستىدىن شۇنچىلىك تىت-تىت.

تۇرىدۇ يېگانە بىر تۈپ مۇھەببەت،
ئېچىشار يارىسى توختىماي پىژ-پىژ.
كۆيىمەن كۈتۈشنىڭ چوغدانلىرىدا،
قەلبىمنىڭ يارىسى ئالماقتا ئېغىز.

تۇرىدۇ يېگانە بىر تۈپ مۇھەببەت،
بىر تارىخ ئازابلىق كۆز ياشتا ئېقىپ.
ئاي نۇرى يىغلايدۇ چېچەكلىرىدە،
لىۋىنى بۇلاقنىڭ لىۋىگە يېقىپ.

تۇرىدۇ يېگانە بىر تۈپ مۇھەببەت،
لىققىدە دەرد تولغان بولاق بويىدا.
بۇ يەردە ھەممىسى ئارمانلىق شۇنچە،
ئاقماقتا بولاقتا بىر مىسكىن ناخشا.

تۇرىدۇ يېگانە بىر تۈپ مۇھەببەت،
غېرىبلىق غەملىرى سۆزلەيدۇ قىسسە.
يىغلايدۇ ئېسەدەپ ئۇزاق بىر كۈتۈش،
يۈرەكنىڭ قات-قېتى زەرداپ ھەم زېدە.

تۇرىدۇ يېگانە بىر تۈپ مۇھەببەت،
سەرسانلىق يىغلايدۇ تۇيغۇللىرىمدا.
بۇلاقتا بىر ئۇزۇن ئازابلىق ئۆكسۈش،
ئەسلىمە ئىچىدە يىغلايدۇ دۇنيا.

تۇرىدۇ يېگانە بىر تۈپ مۇھەببەت،
تۈۋىدە يىغلايدۇ ئوتلۇق پىچىرلاش.
بۇلاقتا يالىڭاچ يۇيۇنماقتا ئاي،
قارايدۇ يۇلتۇزلار ، چوغ يۇتار قۇياش.

تۇرىدۇ يېگانە بىر تۈپ مۇھەببەت،
قەلبىدە دەرد پىغان، قەلبىدە يارا.
نەقەدەر ئۇزۇن بۇ ھىجرانلىق دەملەر،
لىققىدە دەرد تولغان بۇلاق بويىدا...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:05:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچەلمىدىم



نەچچە باردىم مەھەللەڭگە كۆرسەتمىدىڭ قاراڭنى،
‹‹كەلمىدى››دەپ ئاغرىنىپ دوستلىرىڭغا داتلاپسەن.
ئۆلەي دىدىم ئۆلمىدىم،تاقەتلىرىم تاق بولدى،
‹‹ۋاپاسىز››دەپ،ۋاي تېخى،ئاغرىنىپسەن،قاخشاپسەن.

سېغىنىشلار قەلبىمدە گۈلخانلارغا ئايلاندى،
تولغىنىمەن پىراقتىن ئوتقا چۈشكەن قىل كەبى.
يۈرەك-باغرىم بۇلدۇقلاپ يىغلاپ كېتەر پات-پاتلا،
ئۇچرىتالماي،كۆرەلمەي كوچىلاردا مەن سېنى.

قاچانغىچە ئوينايمىز گۈلۈم مۈكۈ-مۆكۈلەڭ،
كاككۇك بىلەن زەينەپتەك جۇدالىقتا يۈرمەيلى.
ۋاپاسىز دەپ سەن مەندىن جاق تويمىغىن ئەزىزىم،
باھانەم يوق ئۆيۈڭگە كىرەي دەيمەن ئەمماكى...

يىللار ئۆتتى،ئۆچمىدى،كۈيۈپ كەلدى گۈرۈلدەپ،
سېنىڭ گۈزەل خۇلقۇڭدىن ئوت تۇتاشقان يۈرىكىم.
مەن سېنىڭدىن ئەنسىرەپ تىڭ-تىڭلايمەن ھەر كۈنى،
كېچەي دەپمۇ سېنىڭدىن كېچەلمىدىم دىلبىرىم.

ئۇزاق بولدى سەن ماڭا كۆرسەتمىدىڭ قاراڭنى،
ئانا قۇشتەك ئالدىراش دەيدۇ سېنى كۆرگەنلەر.
كۈنۈم ئۆتەر ئارماندا (ئىككى بولدى بىر كۆيۈك،)
سېغىنىشتا يۈرۈيمەن تولا مەندەك دەردمەنلەر...

كۈل بولمىدىم كۆيگەنگە ياكى ئۆلۈپ كەتمىدىم،
يارى تۇرۇپ يار تۇتقان سۈيۈق كۆڭۈل ئەمەس مەن.
چۈشۈمدىنغۇ چىقمايسەن،خىيالىمدا سەنلا بار،
‹‹يالغان سۆيۈش مەلئۇنلۇق،يالغان سۆيسەم ئۆلەي مەن››(1)

-بۇ مىسرا مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:06:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون بەش ياشقا كىرگەن كۈنۈڭدە



ئون بەش كۈنلۈك بولغانتى ئايمۇ،
ئون بەش ياشقا كىرگەن كۈنۈڭدە،
يۈرىكىمدە بىر قۇياش كۈلدى،
ئون بەش ياشقا كىرگەن كۈنۈڭدە،

ئون بەش ياشقا كىرگەن كۈنۈڭدە،
پۈتۈن ئالەم گويا نۇرىستان.
لەۋلىرىڭدە ئەنجۈر پىشىپتۇ،
زىنىقىڭدا ئانار ھەم بادان.

ئون بەش ياشقا كىرگەن كۈنۈڭدە،
ئىلاھى بىر ئوت ياندى كۆزۈڭدە.
يۈرىكىمگە رەتسىز  ئۇرۇلدىڭ،
ئوت تۇتاشتى ناخشا-كۆيۈمگە.

ئون بەش ياشقا كىرگەن كۈنۈڭدە،
بەس-بەس بىلەن گۈللەر ئېچىلدى.
شۇ سۆيۈملۈك بىر جۇپ كۆزۈڭدە،
مۇھەببەتنىڭ گۈلخانى ياندى.

ئىشقىڭدا مەن ياندىم لاۋۇلداپ
يۈرىكىمدە ئۆچمەس ئوتۇڭ بار.
ئون بەش ياشقا كىرگەن كۈنۈڭدە،
شادلىقىمغا كەلدى ئالەم تار.

ئون بەش ياشقا كىرگەن كۈنۈڭدە،
بولۇپ كەتتىڭ ئايدەك چىرايلىق.
سەن قەلبىمدە گۈزەل بىر ناخشا،
بەك يېقىملىق شۇنچە جاراڭلىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:06:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈللەرنىڭ كۆزىدىن ئاقار يېشىل ياش



قاينايدۇ پورۇقلاپ كۆزۈم ياشلىرى،
باغرىمدا كۆيمەكتە بىر توپ ھاياجان.
يۈرىكىم قاغجىراق، يۈرىكىم چاك-چاك،
جېنىمنىڭ ئىچىدە قىينىلىدۇ جان.



شائىرلىق بىر ئۆمۈر ئازابلىنىشمۇ؟
قايغۇرۇپ ئاھ ئۇرۇپ ئۆتمەكتە كۈنۈم.
پىچىرلاپ ھەسرەتلىك تۇيغۇللىرىمغا،
پات-پاتلا قەلبىمنى چەكمەكتە ئۆلۈم.



بىر ئۈمىد قەلبىمدە يانار گۈرۈلدەپ،
بۇ ئۈمىد تارىختىن ئېقىپ كەلگەندۇر.
بىر ئارمان قەلبىمدە گۈلخاندۇر گۈلخان،
بۇ ئارمان تارىخنى يۈدۈپ كەلگەندۇر.



ئىشقىدا بىر ئەلنىڭ يۈرىكىم گۈلخان،
ۋەتەن دەپ يۈرەكلەر كاۋاپلار بولغان.
گۈللەرنىڭ كۆزىدىن ياشلار بۇلدۇقلار،
(بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى تەسلىم قىلار جان.)



قۇلىقىم  تۈۋىدە  سېھىرلىك  نىدا،
روھىمنى ،چۆللەرنى سالار لەرزىگە.
بەزىدە ئۇ ماڭا ماڭار ئەگىشىپ،
بەزىدە مەن ئۇنىڭ يۈردىم كەينىدە...



مىڭ ئازاب ئاستىدا تولغۇنىدۇ جان،
تۈمەنمىڭ ھىجراندىن تولغىنار يۈرەك.
كۆزۈمنىڭ ئالدىدىن كەتمەيسەن گۈلۈم،
بەزىدە گۈل بولۇپ، بەزىدە ئايدەك.



يۈرەكنى چوققىلار ھىجران ھەم ئازاب،
جۇدالىق ئىلكىدە ئۆتمەكتە كۈنلەر.
ئۈمىدنىڭ كۈيلىرى ئۈزۈلدى تاردەك،
ئاھ كەچكۈز كەلمەيلا تۆكۈلدى گۈللەر...



ھەسرەتلىك بىر ئاۋاز مېنىڭ ئىچىمدە،
شۇقەدەر مۇڭلۇق ھەم يىغىغا ئوخشاش.
ئاھ چىكىپ تۇرىمەن گۈلنىڭ تۈۋىدە،
گۈللەرنىڭ كۆزىدىن ئاقار يېشىل ياش.


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:07:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن

ھالاكەت

( ھېكايە)

ئۇ چۈش كۆردى. چۈشىدە بىردە بىر توپ توڭگۇزلار بىلەن قىمار ئوينىسا،

بىردە بىر توپ ئىتلار بىلەن قىمار ئوينايتى.بەزىدە ئۇتاتتى،بەزىدە  ئۇتتۇراتتى.ئۇتقۇنىدىن ئۇتتۇرغىنى كۆپ بولۇپ كېتىۋاتاتتى...

ئۇنىڭ كاللىسى خىلمۇ-خىل خىياللار بىلەن تولۇپ كەتكەنتى. خىياللىرى تولىمۇ تاپپى-تۇپپاڭ،تولىمۇ رەسۋا، تولىمۇ پۈچەك ئىدى.ئۇ بەزىدە ئۆز خىياللىرىدىن ھوزۇرلۇنۇپ كۈلسە، بەزىدە قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ، كۆزلىرى قانغا تولۇپ، تولىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كېتەتتى.ئۇ قىمارغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەنتى،قىمار ئۇنى چاڭگىلىغىلا ئېلىۋالغانتى. چىرايىدا كىتىپ-كىتىپ چەكسىز خۇشاللىق پەيدا بولسا،كۆپ ھاللاردا ئېيتىپ تۈگۈتكۈسىز قايغۇ-ئازاپ ،ھەسرەت پەيدا بولاتتى.ئۇ ،ئۇتۇۋالغان چاغدا ئۆزىنى شەھەر ئالغان باھادىردەك ھىس قىلسا، ئۇتۇرىۋەتكەن چاغدا خوتۇن، باللىرى بىلەن ئۇرۇشقىنى يەتمەيدىغاندەك ، خىزمەتداشلىرى بىلەنمۇ ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرەتتى.باشقىلارنىڭ  ياخشى نىيەتلەر بىلەن قىلغان نەسەھەتى، بۇ قۇلىقىدىن كىرىپ ،ئۇ قۇلىقىدىن چىقىپ كېتەتتى.ئۇ شاڭگاڭنىڭ ‹‹قىمار شاھى››دېگەن فىلىمىنى كۆرۈپ قانمايتى.پات-پات كورتنى بىر نەچچە يەرگە ساناپ ،ئۆزى بىلەن ئۆزى قىمار ئوينايتى.بەزىدە چىرايىدا كۈلكە،بەزىدە بولسا قايغۇ،مۇڭ...

ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك قىمار ئويناپ چۈش كۆرەتتى.چۈشىدىكى قىماردا كۆپ ھاللاردا ئۇتىۋالاتتى.لېكىن ئوڭىدا ئوينىغان قىماردا داۋاملىق ئۇتتۇرىۋىتەتتى.

ئۇ،قىماردا ئۇتۇۋالغانلارغا بەكمۇ ھەۋەسلىنەتتى،ھەسەت ،ئۆچمەنلىك قىلاتتى.ئۇ ئۆزىدىن باشقىلار قىماردا ئۇتۇۋالسا،ھەتتا ‹‹پۇستانچى ئۇتىۋاپتۇ›› دەپ ئاڭلىسىمۇ قاتتىق ئازاپلىناتتى،كۆڭلى بىئارام، پاراكەندە بولاتتىى.ئۇنىڭ ئۇتۇۋالغان كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلىرى تولىمۇ مەنىسىز،كۆڭۈلسىز ئىدى.ئۇنىڭغا يىراق-يېقىن ناھيە (شەھەر) لەردىكى قىمارخانىلار، قىمارۋازلار بەش قولدەك تونۇش ئىدى.ئۇ، بار تاۋكادىكى قىمارۋازلار خۇددى غايىپ غەزىنىگە ئۇچراپ قالغاندەك خوش بولۇپ كېتىشەتتى.ئۇ باشتا ئۇتقاندەك قىلغان بىلەن ئاخىرىدا مىڭىسى قىزىپ، كونتورۇللۇقىنى يوقۇتۇپ،ئۇتىۋالغىنىغا يېنىدىكى بار دەسمىنى قوشۇپ ئۇتتۇرۇپ،كاكا سالتاڭ بولۇپ كېتەتتى-دە،‹‹سىللەر مەندىن بىرلىشىپ ئۇتىۋالدىڭلار،قىمارغا ھۈنەر ئىشلەتتىڭلار،ساختىلىق قىلدىڭلار... ››دەپ قىمارۋازلار بىلەن بىر ھازا تىركەشكەندىن كېيىن،باشقىلار بىلەن چوتو تالىشىپ ئۇرۇشاتتى،بوغۇشاتتى.قەرز سورايتى،ھىچكىم قەرز بەرمەيتى.ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇ تالاي قېتىم ياغلىق قاپاق بولۇپ كەتكەنتى.شۇنداق بولسىمۇ،ئۇ‹‹ چۇقۇم قايتۇرىمەن،قايتۇرمىسام ئادەم بولماي، ئىشەك بولۇپ كېتەي، قان قۇسۇپ ئۆلەي!...››دەپ قەسەملەرنى ئىچىپ، يالۋۇراتتى،يېلىناتتى ھەتتا كۆز يېشىمۇ قىلاتتى.بەزىدە بولسا ساق باللىرىنى‹ كېسەل بولۇپ قالدى،دەرھال ياتاققا ئالمىسا ئۆلۈپ كېتىدىكەن ›دەپ يالغان سۆزلەپ ،پۇل سورايتى.ئۇنىڭ بۇنداق يالغانچىلىقلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتكەچكە ھىچكىم ئۇنىڭغا قەرز بەرمەيتى. بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ قارامتۇل چىرايى ئاۋال تولىمۇ بىچارە بولسا، ئارقىدىنلا تېخىمۇ قارداپ،مىستەك پارقىراپ،كۆزلىرىگە قان تولۇپ كېتەتتى.

    ئۇ بۈگۈن يەنە ئۇتتۇرىۋىتىپ ئۆيىگە كىردى.كۆز ئالدىدا،بىردەمدىلا قولىدىن چىقىپ كەتكەن  100 يۈئەنلىك بىر تېڭىق پۇل. ئۆيىدىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ كۆزىگە غەلىتە،مېھرىسىز كۆرۈنىشكە باشلىدى.‹‹خەپ! مەنمۇ ئۇتارمەن،داۋاملىق سەمەت پاينەك بىلەن ياقۇپ تىتاڭ ئۇتۇۋەرمەس؟ ماڭىمۇ كېلەر؟ جەمشىت دېگەن گۇينىڭ نىمىسىنى بىر نىمە قىلغان بولغىتىم،ماڭا ئالدىنى قىلمايدۇ يا بۇ قىمار ...››ئۇ تا مۇشۇ چاققىچە، قىمار توغرۇلۇق باش قاتۇرغانچىلىك، ئويلانغانچىلىك ئاتا-ئانىسى،ئائىلىسى،خوتون-بالىلىرى توغرۇلۇق باش قاتۇرغان، ئويلىنىپ باققان ئەمەس.ئۇ بۇگۈن ئىشقىمۇ چىقماي ،ئۆزىنى ئوڭدا تاشلاپ،تورىسىغا قارىغىنىچە قىمار توغرۇلۇق ئاچچىق-چۈچۈك خىياللارغا غەرق بولدى.

-يەنە قىمار ئويناپسىز- دە؟-خوتۇنىنىڭ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا سورغان سۇئالى، ئۇنىڭغا خۇددى مۇزغا تاياق ئاتقاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى.

-ھەئە.

-نىمىشقا ئوينايسىز؟

-بۇرۇن ئۇتتۇرغىنىمنى ئۇتىۋالاي دەپ.

-نىمىشقا ئۆزۈڭىزنىمۇ،بىزنىمۇ پاراكەندە قىلىسىز دەيمەن،ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ؟

-ئوينايمەن قانداق؟ ئوينىسام قانداق قىلاتتىڭ؟

-ئوينايدىغان نىمىنى ئوينىماي، ئوينىمايدىغان نىمىنى ئوينايدىغان سىزدەكمۇ ئەقلى يوق ئادەم بولىدىكەن.

-ھې تېگى پەسنىڭ قىزى نىمە دەۋاتىسەن؟

-مېنى بەك بۇزەك ئىتىۋەتتىڭىز،بۇنىڭغا بوپتۇ دەي ،باللىلار ئىڭەككە تاقاشتى ،شۇلارنى ئويلاڭ،شۇلارنىڭمۇ باشقىلارنىڭ باللىرىدەك يىگۈسى، كەيگۈسى، خەجلىگۈسى كېلىدۇ.خوتۇن،باللىرىغا ئىگە بولماسلىق دېگەن ئىشەكنىڭلا ئىللىتى...

-تولا كاسىلدىمىغىنەۋا بىشەم، بېشىمنى ئاغرىتىپ.

-شۇنداق،بالىلارنىڭ گېپى چىقسىلا بېشىڭىز ئاغرىيدۇ،ئۆينىڭ گېپى چىقسىلا سەپىرايىڭىز تۇتىدۇ.سىزدە ئەرلىك، ئاتىلىق مەجبۇرىيەت بارمۇ زادى؟...

-سەن مۇشۇنداق قىلىپ ،مېنى ھالاكەت يولىغا قىستاپ ئاپپارماقچىمۇ؟

-ئۆزۈڭىزنى،ئۆزۈڭىز شۇنداق يولغا قىستاۋاتىسىز.سىز بىزنى شۇنداق يولغا قىستاۋاتىسىز.

-شۇنداق بولسىمۇ سەن قانداق قىلالايتىڭ؟ سەن نىمە دىمەكچى زادى؟

-ئۆز مەسئۇلىيىتىڭىز،مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ دېمەكچى،قىمار ئوينىماڭ دېمەكچى...

-مانا مەسۇلىيەت،مانا مەجبۇرىيەت دېگەن...-ئۇ ئەسەبيىلىك بىلەن خوتۇنىنى قاراقۇيۇق دۇمبالاشقا باشلىدى.

-ئۇرۇپلا ئۆلتۈرىۋىتە،شۇمپەن،بۇ جېنىمدىن تويدۇم...-ئۆي ئىچىدە قىيامەت-قايىم باشلادى.بالىلارنىڭ قىيا-چىيالىرى، ئاھۇ-زارلىرى يۈرەكنى ئىزەتتى.

-ئانامنى تىللىغىچە بىزنى تىللاڭ.

-ئانامنى ئۇرغىچە بىزنى ئۇرۇڭ.

- جېنىم دادا ،نىمىنداق قىلىسىز،بىزنى ئازىراق بولسىمۇ ئويلاپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟نىمە كۈن بۇ بىزگە؟ ...

-قاچانمۇ ئەتىراپىڭىزغا قاراپ ياشاشنى ئۈگۈنەسىز؟...

-ئاھ خۇدا،دادامغا ئىنساپ بەرگىن، ئۇمۇ باشقا دادىلارغا ئوخشاش ئائىلىسىگە كۆيۈنىدىغان، خوتۇن-باللىرىنى ئويلاندىغان دادا بولسۇن...

بۇ نالە-زارلار ئۇنىڭغا تەسىر قىلمىغان بىلەن ئانىنىڭ يۈرىكىنى ئىزىۋەتتى،پارە-پارە قىلىۋەتتى.ئانا باللىرىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان ياشلارنغا قاراپ ،ئىچ باغرىنى بىرى سۇغۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك ئازاپلىنىۋاتاتتى.

-يىغلىماڭلار باللىرىم، يىغلىماڭلار، يىغلىساڭلار يۈرىكىم سۇغۇرۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ كېتىدىكەن،يىغلىماڭلار! بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر، يىغلىماڭلار...-دۇنيادا ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان ئانىدىنمۇ ئۇلۇغ كىشى يوق.ئانا،‹بالا!› دەپ جېنىدىن كېچەلەيدۇ. بۇ دۇنيادا، ئانىنىڭ باللىرى ئۈچۈن تۆككەن يېشىدىنمۇ قايغۇلۇق، ھەسرەتلىك ياش بولمايدۇ.بارلىقىنى‹ بالا!›دەپلا قۇربان قىلىۋىتەلەيدىغان روھ پەقەت ئانىلاردىلا. بىچارە ئانا شۇ تاپتا باللىرىنى باغىرىغا مەھكەم بېسىپ، بۇقۇلداپ-بۇقۇلداپ يىغلىماقتا.قارا كۆڭۈل دادا،ئىسەدەپ يىغلىشىۋاتقان ئانا-بالىلارغا كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ، بىر ھازا سەت قارىۋەتكەندىن كېيىن، يەنە  خىياللار قاينىمىغا غەرق بولۇپ كەتتى...‹‹ بىر ئوڭ كىلىپ ئۇتىۋالسام،ئەڭ ئاۋال خوتۇننى يەڭگۈشلەيمەن،ئادىن كېيىن ئەڭ مۇدا بولىۋاتقان ماشىنىدىن بىرنى ئېلىپ مىنىپ، دۈشمەنلىرىمنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋىتىمەن.شەھەرمۇ شەھەر پۇخادىن چىققىچە ساياھەت قىلىپ،راسا كۆڭۈل ئاچىمەن... ئۆزۈم يالغۇز يولدا كېتىۋاتسام ئىككى ،ئۈچ يۈز مىڭ يۈئەن ئۇچراپ قالسا پۇخادىن چىققىچە بىر ئوينىۋالسام...››.بۇ بىگۇناھ بالىلار  ئەشۇنداق بىر دادىنىڭ باللىرى بولۇپ قالغنلىقى ئۈچۈن ،ھاياتنىڭ خوۋلۇقىنى كۆرمەي ،ئۆمۈر بويى دەرد تارتىپ،ئاھۇ-زار چىكىپ ئۆتەرمۇ؟

ئۇ تولىمۇ غەلىتە بىر چۈش كۆردى.كېچە ئاسمىنى كۈندۈزدەك يورۇپ ،قويلار ئىشەككە،ئىتلار توڭگۇزغا ئايلىنىپ كىتىمىش.ئۇ بىردەم توڭگۇزلار ئارىسىدا ،بىر دەم  ئىشەكلەر ئارىسىدا باپكانىڭ مۇكىسىدەك قاتىراپ يۈرۈيمىش.

-سەن كىم؟-سورىمىش بىر توڭگۇز  ئۇنىڭدىن.

-مەن بىر جان باققۇچى- دەپ جاۋاپ بىرىمىش ئۇ.

-ياخشى،ناھايىتى ياخشى، مەن بىلەن ھەمكارلاشساڭ، مەن سېنىڭ جېنىڭنى بېقىشىڭغا ياردەم قىلمەن.-دەيمىش توڭگۇز.

-بولىدۇ،بولىدۇ. قانداق ھەمكارىلىشىمىز؟-دەيمىش ئۇ.

-سەن ئىتلارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، نىمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى ماڭا پات-پات يەتكۈزۈپ تۇرساڭلا بولدى.-دەيمىش توڭگۇز.

-ماقۇل،بولىدۇ-دەيمىش ئۇ بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي.ئۇ توڭگۇز بىلەن قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ ئۇزاق كۇسۇرللاشقاندىن كېيىن،ھىچ نىمىنى بىلمەيدىغان بىغەم قىياپەتتە، ئىتلارنىڭ يېنىغا بارىمىش.

-سەن كىم –دەپ سورىمىش بىر ئىت ئۇنىڭدىن.

-كىملىكىمنى بىلمەيمەن،ئىش قىلىپ بىر جان باققۇچى- دەيمىش ئۇ ئەتىراپىغا تەپسىلى نەزەر تاشلىغاچ.

-ئۇنداق بولسا ، مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويۇنچە ئىش كۆرسەڭ، جېنىڭنى گۈلدەك باقىسەن،.-دەيمىش ئىت ئۇنىڭغا.

-ساڭا نىمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟-دەيمىش ئۇ ئالدىراپ.

-قىيىن ئەمەس،توڭگۇزلارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ،نىمە ئىش قىلماقچى بولىۋاتقىنى ماڭا ۋاختى-ۋاختىدا يەتكۈزۈپ تۇرساڭلا شۇ كۈپايە. يانچۇقىڭدىن پۇل ئۈزۈلمەيدۇ.-دەيمىش ئىت.

-بۇ جان بېقىشنىڭ بەك ئوبدان يولىكەن،چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن،سەن ۋەدىڭدە تۇراسەن؟-دەيمىش ئۇ .‹‹ ئەمدى تازا قىمار ئويناپ ،راسا  پۇخادىن چىقىدىغان بولدۇم-دە؟بۇ نۆۋەت چوقۇم سەمەت پاينەك بىلەن ياقۇپ تىتاڭدىن ئۇتۇۋالمايدىغان بولسام...››

-ھەلەك، ھوي ھەلەك...-بىرنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي توۋلاۋىرىشى ئۇنىڭ تاتلىق ئۇيقۇ ئىچىدىكى شىرىن چۈشىنى بۇزىۋەتتى.

-ھەي، ھەلەك...ھەلەك...-ئۇنىڭ يۈرىكى قارتىدە قىلىپ كەتتى.‹يامەت جازانىخور كەلدىمۇ نىمە؟ئۆيدە يوق دەڭلار دەي دىسەم خوتۇن-باللىرىم يوق.›

-ھې ھەلەك...ھەلەك...

-مانا.مانا يامەمىتىكا!

-ئۆيدە تۇرۇپ نىمىنداق مۆ دېمەيسەن؟

-ئوخلاپ قاپتىمەن.

-سەن خاتىرجەم –دە.

-ئۆيگە چىرىڭ.

- مەن ئالدىرايمەن ،يەنە شۇ پۇلنى دەپ كەلدىم .

-ھازىر مەندە بىر نىمە يوق.

-قاچان سەندە بىر نىمە بولىدۇ؟

-بىر يەردىن پىچكە پۇل ھەل قىلىۋاتىمەن.

-بۇنداق گەپلىرىڭنى تولا ئاڭلاپ قۇلىقىم پىشىپمۇ كەتتى،بۈگۈن نەردىن بولسا تېپىپ بەر.بولمىسا ساقچىخانىغا سۆرەپ چىقىمەن.

-جېنىم يامەتكا،ھازىر ئۆيدە يىگۈدەكمۇ بىر نىمە يوق...

-بۇنداق گەپلىرىڭنى قويۇپ پۇلنى نەردىن بولسا تاپ.

-راست دەيمەن ،ئۆيدە ھازىر ھىچنىمە يوق ...

-يوق بولسا مەن سېنى باقامدىم...

-مەندىن يانمىسا خۇدادىن يانا،جېنىم يامەتكا بىر نەچچە كۈنلۈك مۆلەت بىرىڭ مەن تېپىپ بىرەي.چوقۇم بىرىمەن.

- بەمىسەڭ بولامتى ئەمىسە؟يەنە بىرىنىڭ دوپپىسىنى، بىرىگە كەيدۈرەي دەۋاتامسەن ،ئەمدى سېنىڭ قاپقىنىڭغا ھىچكىم دەسسىمەيدۇ،بولدى مېنى تولا كولدۇرلاتماي پۇلنى تېپىپ بەر...

-‹ياماننى ياردا قىستاڭ ›دەپ بۇنداق قىستىسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن،ئازىراق پۇل ھەل بولغان زادى،مەن پۇل ئالماقچى بولغان ئادەمگە بىزنىڭ ھېلىقى پاكار باشلىقنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى دەپ بىرىپ ساپتىكەنمەن ، ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلسا ‹جازانىخور› دەپ تىللاپ سېسىتىۋىتىپتىكەن،پۇل بىرىشتىن يېنىۋالدى دەيمەن يامەتكا...نىمە كۈن بۇ ماڭا ؟... ھىچكىم ئىشەنمەس بولۇپ كەتتى...مۇشۇ تاپتا ئۆيدە يا كۆمۈر، يا ئۇن قالمىدى دەيمەن،كېسەلچان ئانامنىمۇ بىر جىڭ گۆش ئېلىپ يوقلالماۋاتىمەن،مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز، ئۆيىمىزنىڭ ئارلىقى 50 مىتىرمۇ كەلمەيدۇ..

-قاراقۇچقاچتەك سۆزلەپلا كەتتىڭغۇ،گەپ قىلمىسام ،تىز بول پۇلنى تاپ...

-ھازىر تاپ دەپ تۇرىۋالسىڭىز مەندە ئامال يوق. ئەتە –ئۆگۈنگىچە كىلىڭ مەن تېپىپ قوياي...مانا كۆردىڭىز ئۆيۈمدىن چاچقانلارمۇ يامانلاپ چىقىپ كەتتى...

-چاچقانلىرىڭ يامانلىسا يامانلىمامدۇ، ‹تاپىمەن-تاپىمەنلا›دەيسەن ،نەدىن تاپىسەن؟

-ئامال قىلىپ باقىمەن.

-ئامال قىلالمىساڭ يەنە يالغاننى توقۇيسەن شۇنداقما؟

-ئۇنداق بولماس.

ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ ئايىغى چىقماي تۇرۇپ ،يارى جازانىخور بىر كۆزىنى قىسقىنىچە پەيدا بولدى.ئۇنى كۆرۈپ، ھەلەك قىمارۋازنىڭ چىرايىنى تۈتەك ئېلىپ كەتتى.‹‹قونىچى قونىچىنى كۆرەلمەپتۇ››دېگەندەك، يامەت جازانىخورنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلدى.يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭدىن قەرز سۈيلەپ كېلىدىغانلار كۆپۈيۈپ كەتكەنتى.ئۇ، قەرز سۈيلەپ كەلگۈچىلەرنى بىر-بىرىدىن شىرىن يالغان گەپلەر بىلەن يولغا سالاتتى.ئۇنىڭدىن قەرز سۈيلۈگىچىلەر بۇ يەردە داڭقى چىققان يامەت بۇقا، يارى سىدىق،تىلىۋالدى بوبو قاتارلىق جازانىغورلار ئىدى.بۇلار ئۇنىڭدىن پۇلىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بەزىدە پوپۇزا قىلسا، بەزىدە يالۋۇرىشاتتى.‹‹پۇلنى جازانىغا بەرگۈچىمۇ،جازانىغا پۇل ئالغۇچىمۇ ھامان بىر كۈنى ۋەيران بولىدۇ دەيدىكەن، راست ئوخشىمامدۇ؟كۈندىن –كۈنگە ھەممە جەھەتتىن خاراپلىشىپ كېتىۋاتىمەن...شۇنچە قىلساممۇ ئۇتالماۋاتىمەن، ئۇتتۇرىۋىتىپلا يۈرىۋاتىمەن...››ئۇ پات-پات شۇنداق ئويلاپ، ئېغىر خۇرسىنىپ قوياتتى.بەزىدە تېخى ئۇ جازانىخورلارنىڭ بىر كېچىدىلا ئۆلۈپ قېلىشىنى تىلەيتى.

   تۈنۈگۈن،ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئولتۇرسا شەھەردىكى بىر ئاساسلىق  مەكتەپتە ئىشلەيدىغان سەمەت مۈلۈك كىرىپ كەلدى-دە،چالا-پۇچۇق سالامدىن كېيىن،‹نىمىنداق ئىشەكنىڭ بىرنىمىسىدىنمۇ قېلىن نىمە سەن،پۇلۇمنى قاچان بىرىسەن؟...›دەپ ھازازۇل خوتۇندەك جار سالغىنىچە ئۇنىڭ گېلىدىن،ئىت توشقاننى بوققاندەك بوغىۋالدى.خىزمەتداشلىرى  بۇ ئىشنى ئاران دېگەندە بىر تەرەپ قىلدى.

-ئۇنىڭدا نىمە قەرزىڭ بارتى؟-سوردى بىر خىزمەتدىشى،سەمەت مۆلۈك چىقىپ كەتكەندىن كېيىن.

-نىمە قەرز بولىدۇ شۇ ،قىمار ئويناپ، بوغۇلۇپ قالغان قەرز بولمامدۇ.

-ئۇمۇ قىمار ئوينامدىكەن؟

-ھەم قىمارۋاز ھەم جەزىخور. ئۇ ئۆيىدە قىمار ئورۇنلاشتۇرىدۇ.ئۇ قىمار ئوينىغاندا خوتۇنى چوتو ئالىدۇ، ئەگەر ئۇتتۇرىۋەتسە خوتۇنى ئوينايدۇ، ئۇ چوتو ئالدۇ.ئاڭلىسام ئۇ بۇرۇن خېلى نامى چىققان شائىر ئىكەن.بىز خەقنىڭ زىيالىلىرى شۇنداق ئېزىپ كېتىۋاتسا، مېنىڭ ئېزىپ كەتكىنىم نىمىتى...

-ئوينىمىسىلا بولىدىغۇ.

-ئوينىمايمەن دەپ ئوينىمىغىنى بولمايدۇ كۈنۈپ قالغاندا. مەن ئەمەس خېلى –خېلى ئادەملەر ئوينايدۇ دەيمەن.

-مەسلەن.

-شىركەتنىڭ باشلىقلرى دەمسەن،باشلىق،سېكرىتار دەمسەن،ئوغرى-قەلەندەر دەمسەن ئىش قىلىپ ھەممە ساھە،ھەر قانداق ئادەملەر توپىدىن قىمار ئوينايدىغانلار تېپىلىدۇ،مەن شۇلارنىڭ بىرى...سىللەرمۇ ئاڭلىغانسىلەر، ھېلىقى ناخشا ئوقۇپ ئازىراق نامى چىقىپ،كىچىككىنە پۇل تېپىپ قالغان قادى ناخشا ئۈلۈشكۈن 20 مىڭ يۈئەن نەخ پۇل بىلەن ماشىنىسىنى بىراقلا ئۇتتۇرىۋىتىپ ،دەلدەڭشىگىنىچە قىمارخانىدىن چىقىپ كەتتى،مەنمۇ شۇ يەردە باتىم...پۇلۇم بولسا ئويناپ باقاي دېگەن ،پۇلۇم يوق ئوينالمىدىم ،ئوينىساملا كېلەتتى ھەي ي!- ئۇ شۇنداق دىدى-دە، ھىچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە سىرىتقا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ بەستىگە قارىغاندا پۇت-قوللىرىنىڭ  سەل كالتە يارىلىپ قالغانلىقى، بىر قاراشقىلا بىلىنىپ قالاتتى.يول يۈرگەندە سەل ئالدىغا ئىڭىشىپ ماڭاتتى.بىلى كۈندىن-كۈنگە مۈكچىيىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.داۋاملىق قىزىللىق يوقالمايدىغان كۆزلىرىدىن ئادەمنىڭ قورقىسى كېلەتتى. نەسلى پەسلەرنىڭ قىلىقلىرىمۇ پەس بولىدۇ.كىلىپ چىقىشى ئېنىق بولمىغانلارنىڭ قىلىقلىرى سەت بولىدۇ.بۇنداقلارنىڭ قەلبىدە ئىپلاسلىقلار قۇترايدۇ.بۇنداقلار ئارىمىزدا كۆپۈيۈپ كېتىۋاتقاچقا، بىز بەختىگە كۆز تەككەن بەختسىزلەرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتۇق.

ئۇ، بۈگۈن يەنە، بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان، كېسەلچان ئانىسى بىر ئۆمۈر يىغىپ، ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ساقلاپ كېلىۋاتقان،3000 يۈئەننى ئوغۇرلاپ چىقىپ كىتىپ  ئۇتتۇرىۋەتتىپ ،بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئۆيگە كىردى.بىچارە ئانا‹‹ مەن بالا ئەمەس بىر بالا تۇغۇپتىمەن››دەپ مۇڭ-مۇڭ يىغلىدى،قاخشىدى،نىمە ئامال، بولغۇلۇق بولىۋاتاتتى. خوتۇنى ئۈچ بالىسىنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنتى.ئۇنىڭ قورسىقى قاتتىق ئېچىپ كەتكەن بولۇپ ئاچ قازىنى مۇجۇپ ئاغرىۋاتاتتى.يەي دېسە، ئۆيدە يىگۈدەك بىر نىمە يوقتى.ئىككى چىنە سوغوق سۇنى گۈدۈلدىتىپ ئىچىۋىتىپ،يىغىلمىغىنىغا نەچچە كۈن بولۇپ كەتكەن ئورانغا ئۆزىنى تاشلىدى.قورسىقى تولغاپ ئاغرىيتى.‹‹كامىل قاراممۇ داۋاملىق ئۇتتۇرىۋىتەتتى، مانا ئالدىنقى كۈنى 30 مىڭ يۈئەن بىلەن بىر‹سانتانا›نى كوم سوقتىغۇ،قۇزى شاڭجاڭمۇ ئۇدا ئۇتتۇراتتى، ئاخشام بىر كىلىۋىدى، 40 مىڭ يۈئەنلىك بولۇپ قالدى.ماڭىمۇ كېلىدىغان چاغ بولۇپ قالغاندۇ؟داۋاملىق ئۇتتۇرىۋەرمەسمەن؟...قېيۇم مۇئەللىمنى ساقچىلار سولاپ قويۇپتۇ دەپ ئاڭلىدىم ،راستىنلا شۇنداق بولسا ئۇنىڭغا بەك ئۇۋال بولۇپ كېتتىدۇ،ھەي!...ئۇنىڭ ئۇتتۇرغىنى ئالدىدا مېنىڭ 50 مىڭ يۈئەن ئۇتتۇرغىنىم نىمىتى؟ بىر يىللىق مۇئاشىنى ئالدىن قارز ئېلىپ،75 مىڭ يۈئەنگە يەر سېتىپ قەرز تولىسىمۇ، يەنە 95مىڭ يۈئەن ئېشىپ قاپتۇ دەيدۇ...››

ئۇ ئون يىلدىن كېيىن تاپىدىغان پۇلنى ئالدىن قەرز ئېلىپ، ئۇتتۇرۇپ،شامالدا سورىغاندەك سورىۋەتكەنتى.‹‹ قاچانغىچە جازانىخورلاردىن سېسىق تىل ئاڭلاپ،رەسۋا بولۇپ ياشارمەن؟... باش قاتۇرۇپ نىمە كەپتۇ مەندىن نەچچە ھەسسە جىق ئۇتتۇرىۋەتكەنلەر نىمە بولسا مەنمۇ شۇ بولارمەن... ئېلىشى بارلار مەن ئۇتۇۋالغاندا ئالار...ئارانلا مەن ئۇتتۇرۇپمىتىم؟...ھېلىقى پاكار باشلىق‹ بۇنداق مال-ماتاڭ ئىش قىلىپ يۈرگۈچە قايت،سېنى ئىشلەتمەيمەن،ئەرز قىلىدىغان يىرىڭ بولسا ئەرز قىل،سېنى ئىشقا بۇيرىماي،كۈتۈرۈپ يۈرۈيدىغان ئورۇن بولسا شۇ يەرگە بېرىپ ئىشلە...›دەيدۇ-يا، ئوغامنى قاينىتىپ،ماڭا ئىش ھەققىنى ھۆكۆىمەت بىرىدۇ ،ئۇ بىرەمتى...ماقۇل دەپ قويۇپ ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى قىلىۋەرسەم  بولمىدىمۇ؟...قاچانمۇ بىرئۇتۇۋالارمەن...خوتۇن دېگەن نائەھلىغۇ كەتسۇن پۇشتىمدىن بولغان ھاراملىقلارمۇ مەندىن يۈز ئۆرىدىغۇ...بىر ئۇتىۋالسام بولىتى... ››ئۇ باش-ئاخىرى چىقمايدىغان خىياللار بىلەن  ئۇيان تولغۇنۇپ، بۇيان تولغۇنۇپ ئاخىرى ئۇخلاپ قالدى.

ئۇ چۈش كۆردى. چۈشىدە بىردە بىر توپ توڭگۇزلار بىلەن قىمار ئوينىسا، بىردە بىر توپ ئىتلار بىلەن قىمار ئوينايتى.بەزىدە ئۇتاتتى،بەزىدە ئۇتتۇراتتى...

ئۇ بىردىنلا ئۆزىنى ئەينەك ئالدىدا كۆردى.ئەينەككە قارىدى.ئەينەكتە ئوڭ قۇلىقى كىسىۋىتىلگەن، بىر ئىشەك تۇراتتى.ئىشەكنىڭ بۇرنى ئادەمنىڭ بۇرنىغا ئوخشسا،ئاغزى چوچقىنىڭ ئاغزىغا،كۆزلىرى ئىتنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاپ كېتەتتى.ئەينەكتە بىردە ئىشەك پەيدا بولسا، بىردە ئىت پەيدا بولاتتى-دە، ئارقىدىنلا چوچقا ئىتنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيتى.ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆڭدى. يۈرۈكى قارتىدە قىلىپ كەتتى.كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئېچىپ، ئېچىپ يۇمۇپ ئەينەككە قارىدى، ئەينەكتە ئىشەك،ئىت،چوچقا...ئىت چوچقا، ئىشەك...چوچقا،ئىشەك ،ئىت...‹‹ ئاھ،مەن، مەن يۈسۈپاخۇنىكامنىڭ قۇلىقى كۆتمەك ئىشىكىگە ئايلىنىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟...››دەپ ۋاقىرىغىنىچە ئويغۇنۇپ كەتتى ئۇ.ئۇنىڭ چىرايىنى ئەنسىزلىك قاپلىغانتى...كۆزلىرىدىن ئەندىشە تۆكۈلەتتى...لاغىلداپ تىترەيتى.كۆز ئالدىدا داۋۇت مۇسانىڭ ئون مىڭ كويغا سېتىۋالغان تالاشچى تاغىل ئىتى پەيدا بولدى-دە، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئورنىنى، بۇرنىنى ئۆزىنىڭ پوق-سۈيدىكىگە تىقىپ،ماتىلاپ،خاتىلداۋاتقان بىر  چوشقا ئىگىلىۋالدى. ئۇنىڭ چۈشى بىلەن خىيالى،خىيالى بىلەن چۈشى جۆۋەندە بولۇپ كەتكەنتى...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 08:08:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز



بۇلبۇلنى باغلاردىن قوغلىغانمۇ بىز،

قۇزغۇننى باغلارغا باشلىغانمۇ بىز.

ھۇقۇشنى بەس-بەستە ماختاپ ئۇچۇرۇپ،

ئەنقانى قەپەزگە تاشلىغانمۇ بىز.



بۈركۈتنىڭ پىيىنى قىرقىغانمۇ بىز،

ھۆپۈپنى لاچىن دەپ ماختىغانمۇ بىز.

تۈلكىگە توخۇنى كۆرسىتىپ قويۇپ،

بۆرىنى قوتانغا باشلىغانمۇ بىز.



نەپ ئۈچۈن ۋىجداننى،غورۇرنى سېتىپ،

چىرىتىپ پاك روھنى بۇلغىغانمۇ بىز.

بىر نىيەت،مەخسەتتە توۋلىشىپ ‹‹ھۇررا!››،

چىلبۆرە،تۈلكىنى قوغلىغانمۇ بىز.



ئازغىنە نەپنى دەپ شەيتان چالسا داپ،

بەسلىشىپ ئۇسۇلنى ئوينىغانمۇ بىز.

بولدى بەس ياشايلى ئەجدادىمىزدەك،

ئوت يۈرەك ئەجداتلار پۇشتىدىنغۇ بىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش