«تۇرپان» ژۇرنىلى
«تۇرپان» ژۇرنىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان پەسىللىك ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، 1981-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان. «تۇرپان» ژۇرنىلى 32 يىلدىن بېرى كەڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنى چېنىقىش سورۇنى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپلەپ يازغۇچى، شائىرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئۈزلۈكسىز تىرىشىش نەتىجىسىدە تارقىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى.«تۇرپان» ژۇرنىلى دۆلەت ئىچى – سىرتىغا ئوچۇق ئاشكارا تارقىتىلىدۇ.
خەلقئارا ئۆلچەملىك ژۇرنال نومۇرى:ISSN1006-3803 مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ژۇرنال نومۇرى:CN65-1042/I-W ژۇرنال ئادرېسى:تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت يولى 155-نومۇر 吐鲁番市高昌路155号 پوچتا نومۇرى:838000 تەھرىر بۆلۈم تېلېفونى: 0995-6255220، 6255130 ئېلخەت ئادرېسى:turpanli@163.com پوچتا ۋاكالەت نومۇرى:40-58 پارچە باھاسى:7.00 يۈەن
ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪىقنىڭ تەرجىمھالى
ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻖ- 1971 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 23 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﮕﯩﻢ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪا ﻣﻪدەﻧﯩﻲ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن. 1992 - ﻳﯩﻠﻰﻗﻪﺷﻘﻪر ﭘﯩﺪاﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﯩﻨﻰ (ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرس) ﺑﺎﻛلاۋﯦﺮﻟﯩﻖﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻣﺎﻣلاپ، «ﺗﯘرﭘﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. شۇنىڭدىن بۇيان «ﺗﯘرﭘﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ئىدارىسىدە مۇخبىر، مۇھەررىر، ئەدەبىي بەت مۇھەررىرى، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺧﻪۋەرﻟﻪر ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔﻣﯘدﯨﺮى ﺑﻮﻟﯘپ 20 يىل ئىشلەپ، 2012 – يىلى 2 – ئايدا تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكەلگەن. ھازىر ئۇ تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى. شۇنداقلا «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررى. ﺋﯘ 2009- ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﺪا ﻛﺎﻧﺪﯨﺪات ﺋﺎﻟﯩﻲ دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻐﺎ، ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘدﯨﺮ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮﯨﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﻐﺎﺋﯧﺮىشكەن. ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﻳﺎﺷلار ﺑﯩﺮﻟﻪشمىسىنىڭ ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎزﻏﯘچىلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت - ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ رەﺋﯩﺴﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪشنىڭ ﺋﻪزاﺳﻰ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە. ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى 1989 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦﺑﺎﺷلاپ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮن ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎتلاردا ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﺎزﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪدەر 800 ﭘﺎرﭼﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ، ﻧﻪﺳﯩﺮ ۋە ﮬﻪرﺧﯩﻞﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. 1995-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻐﺎن ( رازاق ﺗﯚﻣﯜر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ) «ﭘﻪرۋاز ﻗﯩﻞ ﺗﯘرﭘﺎن»، «ﺋﺎﺗﻪش ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﻪر» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎبتىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ھەر قايسى مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن «ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪن دﯨﻠﺪار»(ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ)، «ﺑﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت، ﺑﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎزاب»(ﺷﯧﺌﯩﺮلار ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ)، «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘت ﺋﻮﻏلاﻧﻠﯩﺮى»، «ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎن»، «ﺳﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ زﯦﻤﯩﻦ -ﺗﯘرﭘﺎن»، «ﻳﺎﻏﺎﭼﭽﯩﻠﯩﻖﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ»، «ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﻳﯘرﺗﯩﻤﯩﺰ» (قوش تىللىق ئۇنىۋېرسال قوللانما)، «ﺑﻪرﮔﻪن ۋەدﯨﻤﯩﺰ ۋەدە»(ئىجتىمائىي ماقالىلەر، ئەدەبىي خاتىرىلەر)، «ئىناق ئىكولوگىيە ئابىدىسى كارىز » قاتارلىق 11 كىتابى نەشر قىلىنغان. ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗلار ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻳﯜرەﻛﺴﯩﺰ ﺳﯚﻳﮕﯜ»، «ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰﻳﻪر ﺷﺎرى»، «ﻛﯚﻣﯜﻟﻤﻪس ﺋﯩﺰلار»، «ﻣﯧﮭﻨﻪت ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮى» ، «ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ 40 ﻳﯩﻞ»، «ﻳﯜرەك ﺳﻮۋﻏﯩﺴﻰ»، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎللاﻧﻤﺎ»، «ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪﯨﻜﻰ ﮔﯘﮔﯘم ﭘﻪﺳﻠﻰ»، «ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢﺋﯚﺗﻜﯜر ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﺴﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ توپلاملارغا ئەسەرلىرى ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. «ﻳﺎرﻏﻮل ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮى»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﺗﯩﻞ - ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت»دەرﺳﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 4 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 - ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻐﺎ، «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘت ﺋﻮﻏﻠﻰ»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺑﺎشلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﺗﯩﻞ - ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت»دەرﺳﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 6 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 - ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. «ﺋﺎﺑﺪۇﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋە <3 ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪر> » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮى ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن «ﻣﻪرﯨﭙﻪت»(سىلاۋﯨﻴﺎﻧﭽﻪ)ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ژۇرﻧﺎﻟﻨﯩﯔ 2007 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 8 - ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﯩﺪا ئاپتورنىڭ ﺳﯜرﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺟﯘﯕﮕﻮﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎزﻏﯘچىلار ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ - ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎللاﻧﻤﺎ»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪت 4 - ﺗﻮﻣﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ﺗﯚت ﭘﺎرﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮى ﺧﻪﻧﺰۇﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. 2010 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎن ﺳﻪﻳﻴﺎھ، ﺷﺎﺋﯩﺮ دۇرﺳﯘن ﺋﯚزدەن ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ «ﻗﺎﻳﻨﺎق» ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺗﯜرﻛﭽﻪ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻛﺎرﯨﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﭘﻪر»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺘﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ﻛﺎرﯨﺰ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯩﺌﯧﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜرﻛﭽﻪ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪن.
مۇئاۋىن باش مۇھەرىر : تۇرغۇن جالالىدىن
|