كۆرۈش: 6516|ئىنكاس: 38

«تۇرپان» ژۇرنىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
Turpan.jpg

«تۇرپان» ژۇرنىلى


            «تۇرپان» ژۇرنىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان پەسىللىك ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، 1981-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان. «تۇرپان» ژۇرنىلى 32 يىلدىن بېرى كەڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنى چېنىقىش سورۇنى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپلەپ يازغۇچى، شائىرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئۈزلۈكسىز تىرىشىش نەتىجىسىدە تارقىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى.«تۇرپان» ژۇرنىلى دۆلەت ئىچى – سىرتىغا ئوچۇق ئاشكارا تارقىتىلىدۇ.

خەلقئارا ئۆلچەملىك ژۇرنال نومۇرى:ISSN1006-3803
مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ژۇرنال نومۇرى:CN65-1042/I-W
ژۇرنال ئادرېسى:تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت يولى 155-نومۇر
吐鲁番市高昌路155号
پوچتا نومۇرى:838000
تەھرىر بۆلۈم تېلېفونى: 0995-6255220، 6255130
ئېلخەت ئادرېسى:turpanli@163.com
پوچتا ۋاكالەت نومۇرى:40-58
پارچە باھاسى:7.00 يۈەن


umar.jpg


ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪىقنىڭ تەرجىمھالى

     ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻖ- 1971 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 23 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﮕﯩﻢ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪا ﻣﻪدەﻧﯩﻲ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن. 1992 - ﻳﯩﻠﻰﻗﻪﺷﻘﻪر ﭘﯩﺪاﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﯩﻨﻰ (ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرس) ﺑﺎﻛلاۋﯦﺮﻟﯩﻖﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻣﺎﻣلاپ، «ﺗﯘرﭘﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. شۇنىڭدىن بۇيان «ﺗﯘرﭘﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ئىدارىسىدە مۇخبىر، مۇھەررىر، ئەدەبىي بەت مۇھەررىرى، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺧﻪۋەرﻟﻪر ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔﻣﯘدﯨﺮى ﺑﻮﻟﯘپ 20 يىل ئىشلەپ، 2012 – يىلى 2 – ئايدا تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكەلگەن.
      ھازىر ئۇ تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى. شۇنداقلا «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررى. ﺋﯘ 2009- ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﺪا ﻛﺎﻧﺪﯨﺪات ﺋﺎﻟﯩﻲ دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻐﺎ، ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘدﯨﺮ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮﯨﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﻐﺎﺋﯧﺮىشكەن. ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﻳﺎﺷلار ﺑﯩﺮﻟﻪشمىسىنىڭ ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎزﻏﯘچىلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت - ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ رەﺋﯩﺴﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪشنىڭ ﺋﻪزاﺳﻰ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
     ﺋﯚﻣﻪرﺟﺎن ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى 1989 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦﺑﺎﺷلاپ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮن ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎتلاردا ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﺎزﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪدەر 800 ﭘﺎرﭼﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺷﯧﺌﯩﺮ، ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ، ﻧﻪﺳﯩﺮ ۋە ﮬﻪرﺧﯩﻞﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. 1995-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻐﺎن ( رازاق ﺗﯚﻣﯜر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ) «ﭘﻪرۋاز ﻗﯩﻞ ﺗﯘرﭘﺎن»، «ﺋﺎﺗﻪش ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﻪر» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎبتىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ھەر قايسى مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن «ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪن دﯨﻠﺪار»(ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ)، «ﺑﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت، ﺑﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎزاب»(ﺷﯧﺌﯩﺮلار ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ)، «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘت ﺋﻮﻏلاﻧﻠﯩﺮى»، «ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎن»، «ﺳﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ زﯦﻤﯩﻦ -ﺗﯘرﭘﺎن»، «ﻳﺎﻏﺎﭼﭽﯩﻠﯩﻖﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ»، «ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﻳﯘرﺗﯩﻤﯩﺰ» (قوش تىللىق ئۇنىۋېرسال قوللانما)، «ﺑﻪرﮔﻪن ۋەدﯨﻤﯩﺰ ۋەدە»(ئىجتىمائىي ماقالىلەر، ئەدەبىي خاتىرىلەر)، «ئىناق ئىكولوگىيە ئابىدىسى كارىز » قاتارلىق 11 كىتابى نەشر قىلىنغان. ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗلار ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن «ﻳﯜرەﻛﺴﯩﺰ ﺳﯚﻳﮕﯜ»، «ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰﻳﻪر ﺷﺎرى»، «ﻛﯚﻣﯜﻟﻤﻪس ﺋﯩﺰلار»، «ﻣﯧﮭﻨﻪت ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮى» ، «ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ 40 ﻳﯩﻞ»، «ﻳﯜرەك ﺳﻮۋﻏﯩﺴﻰ»، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎللاﻧﻤﺎ»، «ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪﯨﻜﻰ ﮔﯘﮔﯘم ﭘﻪﺳﻠﻰ»، «ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢﺋﯚﺗﻜﯜر ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﺴﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ توپلاملارغا ئەسەرلىرى ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. «ﻳﺎرﻏﻮل ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮى»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﺗﯩﻞ - ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت»دەرﺳﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 4 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 - ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻐﺎ، «ﺋﯩﺪﯨﻘﯘت ﺋﻮﻏﻠﻰ»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺑﺎشلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ «ﺗﯩﻞ - ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت»دەرﺳﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 6 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 - ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. «ﺋﺎﺑﺪۇﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘر ۋە <3 ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪر> » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮى ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن «ﻣﻪرﯨﭙﻪت»(سىلاۋﯨﻴﺎﻧﭽﻪ)ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ژۇرﻧﺎﻟﻨﯩﯔ 2007 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 8 - ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﯩﺪا ئاپتورنىڭ ﺳﯜرﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺟﯘﯕﮕﻮﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎزﻏﯘچىلار ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ - ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎللاﻧﻤﺎ»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪت 4 - ﺗﻮﻣﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ﺗﯚت ﭘﺎرﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮى ﺧﻪﻧﺰۇﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. 2010 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎن ﺳﻪﻳﻴﺎھ، ﺷﺎﺋﯩﺮ دۇرﺳﯘن ﺋﯚزدەن ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ «ﻗﺎﻳﻨﺎق» ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺗﯜرﻛﭽﻪ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻛﺎرﯨﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﭘﻪر»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺘﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ﻛﺎرﯨﺰ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯩﺌﯧﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜرﻛﭽﻪ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪن.

turgun.jpg

مۇئاۋىن باش مۇھەرىر : تۇرغۇن جالالىدىن












ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-3 02:09:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان ئاكىمىزنىڭ بۇ ژورنالغا باش مۇھەرىر بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن . بۇ كىشىنىڭ ھەم بۇ ژورنالنى ياخشى باشقۇرۇپ كىتىدىغانلىقىغا ، تۇرپان ۋە دىيارىمىز ئەدەبىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل .

مۇشۇ ژورنالدىكىلەردىن بىر گەپنى سورىسام . سىلەر ئېلان قىلغان ئېلخەت ئادىرىسىغا يوللانغان ئەسەرلەرگە قاراۋاتامسىلەر يە، ئەۋەتىلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپلىگىدىن ئۇ تەرەپلەرگە ۋاقتىڭلار يەتمەيۋاتامدۇ ؟؟؟

ۋاقتى: 2012-5-3 02:22:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          تۇرپان ژۇرنىلى تەھرىراتىدىكى جاپاكەش مۇھەررىرلەر مەيلى قايسى جايدىن كەلگەن ئەسەر بولسۇن ناھايىتى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.  يىلسېرى رەڭدار ۋە مول-مەزمۇنلۇق نەشىر قىلىنىپ،تاللانغان ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىش بىلەن بىللە، بىر قەدەر كەڭ بولغان شېئىرىيەت سەھىپىسى ئارقىلىق شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئاپتۇرلارغا، ھەۋەسكار دوستلارغا ئازادە سورۇن، مەنىۋى مەيدان ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ. مەن ئاتةش زېمىن باغرىدىكى مةنىۋى بۇلاق_ ‹تۇرپان› نىڭ ھةر بىر قةدىمىگة قۇت- بةرىكةتلةر تىلةيمةن!... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئا.سەئىدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 10:48  


ۋاقتى: 2012-5-3 09:25:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو ژورنال ياخشى چىقىۋاتقان دورناللارنىڭ بىرىدۇر، بارلىق ئاپتۇرلارغا ۋە مۇھەرىرلەرگە سالام يوللايمەن

ۋاقتى: 2012-5-3 10:47:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« تۇرپان ژۇرنىلى » - ئۆزىنىڭ سەرخىل سەھىپىلىرى بىلەن ئىزچىل تۇردە رايۇنىمىز ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ .   يازغۇچى ، شائىرلارنى يېتىشتۈرۈپ ، ئۇلار ئۈچۈن  ياخشى ئىجادىيەت سورۇنى ھازىرلاپ ، قوللاپ كېلىۋاتىدۇ .  مەن  بۇ  سۆيۈملۈك ژۇرنالنىڭ  بۇندىن كىيىنكى تەرەقىيات مۇساپىسىگە شان - شەرەپ ۋە  ئۇتۇق تىلەيمەن ! ئۆمەرجان سىدىق  ۋە تۇرغۇن جالالىدىن قاتارلىق  مەسئۇلىياتچان  ،  مېھنەتكەش مۇھەرىرلەرنىڭ  تېنىگە سالامەتلىك ، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن ! ئاپتورلارنى يېتەكلەش ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى قېزىپ چىقىش جەھەتتە  تىنىمسىز  سىڭدۈرىۋاتقان ئەجرىگە رەخمەت ئېيتىمەن !

ۋاقتى: 2012-5-3 11:03:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ژۇرنالنى ئۇيغۇر ژۇرنالچىلىغىكى باشلامچى ژۇرناللاردىن دەپ بىلىمەن. شۇنداقلا مەتبۇئات ساھەسىدىكى باشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى قەلەمكەشلەرگە ئەڭ بۇرۇن ئورۇن بەرگەن، نورغۇن قەلەمكەشلەرنى يىتىشتۈرگەن گۈلزار دەپ قارايمەن. ئۆمەرجان ئاكىنىڭ قەدىمىنى قۇتلۇقلاش بىلەن مەزكۇر ژۇرنالغا زور كۈچلەرنى قوشقان ئەكبەر داۋۇتنى سىغىنىپ ياد ئىتىمەن! ئىجادىيەت ۋە تەھرىرلىك خىزمىتىگە تەڭ يىتىشىۋاتقان تۇرغۇنجاندىن سۆيۈنىمەن. ئىشىنىمەنكى ئۆمەرجان ئاكا ۋە تۇرغۇنجان ھەمكارلىغىدا بۇ ژۇرنال ئىلگىركىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ياخشى چىققۇسى!...

ئاخىردا ئوت دىيارىدىكى «بالدۇر ئويغانغان» ئەزىزلەرگە سالام يوللايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 11:05  


ۋاقتى: 2012-5-3 11:22:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2012-5-3 13:17:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تۇرپان» ژۇرنىلىغا ئۆمەرجان سىدىقنىڭ باش مۇھەررىر بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. ژۇرنىلىمىزنىڭ تىخىمۇ ياخشى، سۈپەتلىك چىقىشىغا ئىشىنىمەن.

ۋاقتى: 2012-5-3 14:22:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورپان ژۇرنلىدىكى مۇھەرىرگە سالام

ۋاقتى: 2012-5-3 14:52:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ئۆمەرجان سىدىق بىلەن تۇرغۇن جالالىدىن ئەپەندىگە بۈركۈتتىن ئوتلۇق سالام!

ۋاقتى: 2012-5-3 16:04:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان سىدىق، تۇرغۇن جالالىدىن ئەپەندىلەرنىڭ «تۇرپان»دىن ئېبارەت بۇ ئېسىل مەنىى داستىرخاننى كۈنسايىن موللاشتۇرۇش يولىدا سەرپ قىلىۋاتقان قان-تەرلىرىنىڭ تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇشۇنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-5-3 16:18:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكا ساۋاقدىشىم ئۆمەرجان سىدىقنىڭ «تۇرپان»ژۇرنىلىغا باش مۇھەررىر بولغانلىقىنى مۇبارەكلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-5-3 20:14:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان ئاكىمىزنىڭ باشچىلىقىدا بۇ ژورنالنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تىلەكداشمەن ! ......

ۋاقتى: 2012-5-3 20:18:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۆمەرجان ۋە تۇرغۇن جالالىدىن ھەر ئىككىڭلارغا قۇت يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2012-5-3 21:39:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تىرىشچان، ئىجتىھاتلىق مېھنەتكەشلەرنىڭ ئەجرىدە ژورنىلىمىزنىڭ تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش