يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2339|ئىنكاس: 46

ئەرك:«ئۈرۈك چېچىكى»تېمىسىدا ئەدەبى ئەسەر قوبۇل قىلىندۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلمۇرات تەلئەت ئەپەندىنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە «ئۈرۈك چېچىكى »تېما قىلىنغان(يەنى ئۈرۈك چېچىكىگە ئائىت تەپسىلاتلار بولسىمۇ كۇپايە) ئەدەبى ئەسەر جىددى لازىم.بېيجىڭدىكى مەلۇم نوپۇزلۇق  ژۇرنالنىڭ تەلىپى بويىچە دىلمۇرات ئەپەندى «ئۈرۈك چېچىكى»تېما قىلىنغان شېئىر،نەسىر،قىسقا ھېكايە،فىليەتون،ئەدەبى خاتىرە...نى  خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ،ئۇشبۇ ژۇرنالنىڭ تەلىپىنى بىجا كەلتۈرمەكچى.ئەدىب دوستلارنىڭ يېقىندىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەسەر مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا چاپلانسىمۇ،ئايرىم تېما قىلىپ ئۇشبۇ تور بېكىتىمىزگە يوللانسىمۇ بولىدۇ.لېكىن زاكاس قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىنىش لازىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرھات كازىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 16:30  


باھا سۆز

ماۋۇ ئۇچۇر تازا ئىنىق بولمىدىمۇ نېمە ،تەپسىلىرەك بولۇپ كەتكەن بولسا ئەسلى.  ۋاقتى: 2014-4-21 06:08 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-4-21 16:39:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىكىم مۇھەممەد ساكارائۇلى


ئۆرۈك چېچىكى


ئېچىلدىڭ ئەڭ دەسلەپتە باغلار ئارا،
قۇرىغان زىمىستاننى يولغا سېلىپ.
بەرگىڭدە ئۇسۇل ئوينار يېڭى ھىسلار،
يۇرتۇمدەك مەزمۇت غولغا شوخ مىنگىشىپ.

قاغجىراق گىياھلارغا جان كىرگۈزۈپ،
چاچىدۇ خۇش ھىدىڭنى ئەركە شامال.
باھارنىڭ قوللىرىدىن تۇتقنىڭچە،
زېمىنغا ياغدۇرىسەن شەبنەم مىسال.

قولىغا كەتمىنىنى ئالدى ئاتام،
مىڭلارچە ياشقا كىرگەن ئېتىزىدا.
مۈشكۈل ئىش قوينىدىمۇ شاتلىق چۇلغار،
مىھنەتنىڭ چەكسىز،سۈزۈك دېڭىزىدا.

تاقىدى گۈلدەستەڭنى يېڭى قەبرە ،
ئىگىسى ئەمدى ئارام تاپتى جەزمەن.
تاقىدى تۆت ياشلىق قىز قۇلىقىغا،
قىيغىتار ،ئەسكە چۈشەر گويا جەرەن.

تارىمنىڭ چېكىسىگە قونغان گۈلسەن،
تاقىغان ئەسىرلەرگە ئۇلىغانچە.
يارىمنىڭ دىل بېغىغا ئۈنگەن گۈلسەن،
كۆيدۈرۈپ ھەر كۆكلەمدە  قانچە-قانچە...





باھارنىڭ بەلگىسى


كېلىسەن يەڭگىللا باغلار ئارىلاپ،
گۈللەرنىڭ سىماسى ئۆچكەن دىلىڭدىن.
چېچىڭنى سىيپىغان ئەركە شاماللار
ھاياتنى ئېسىڭگە سالىدۇ بىردىن.

شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتتى ئېقىن سۇدەك،
بالدۇرقى ئەسلىڭگە قايتالمايسەن ھېچ.
باھارنىڭ بەلگىسى ئۆرۈك چېچىكى
توزىدى ئۆمرۈڭدەك ئۆتەلمەي تىنىچ.

ئايرىلىش كۈنۈڭمۇ خىرە شىلدىرلار
باشلانغان چېغىدا تۈنجى سۆيۈشۈش.
ئەيىپلەپ كەتمەيدۇ بۇندا بىر كىشى
ئەقىدەڭ چېكىگە قىلساڭمۇ بۆسۈش.

ئاشىقلىق ئىنسانچۈن بىپايان ئازاپ،
ئەگىشەر بىر ئۆمۈر كۆلەڭگەڭ كەبىي.
باھاردا چىچەكلەر رەڭگە تولىدۇ
يىغلىۋال پىنھاندا،يىغلا ئەسەبىي.


«ئۈرۈك چېچىكى»تېمىسىغا زاكاس قىلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sakarauli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 17:12  


ۋاقتى: 2014-4-21 16:45:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتىچۇ؟

ۋاقتى: 2014-4-21 17:01:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .  ئەسەرنى تاپشۇرىدىغان ۋاقىت چەكلىمىسىنى بىلىۋالغان بولساق ياخشى بولاتتى .كۆڭلىمىزدە سان بولسا دىمەكچى .....ئەزىزلەر ،ۋاقىت توغرىسىدىكى تەلەپنى يوللاپ قويغان بولساڭلار.

ۋاقتى: 2014-4-21 17:05:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ ‹‹ باھار چېچىكىدىن بىر تەسىر ›› دىگەن شېئىرىنىلا يوللىسا بولماسمىدى؟

ۋاقتى: 2014-4-21 17:09:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 13:51  


ۋاقتى: 2014-4-21 17:23:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈم ئۆچۈردۈم!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 17:47  


ۋاقتى: 2014-4-21 17:25:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈم تەھرىرلىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 17:48  


ۋاقتى: 2014-4-21 17:26:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارزۇلىرىم ئاچماقتا چېچەك

يەلپۇپ ئۆتتى باھار شامىلى،
تەبىئەتنىڭ جىمجىت يۈزىنى.
بىردىن تاشلار بىخ سۈرۈپ شۈئان،
قىيا بېقىپ ئاچتى كۆزىنى.

ئۆزگىچىلا رەڭلەندى دۈنيا،
پاتماس باغلار ئاپئاق چېچەككە.
ھەر چىرايدا جىلۋە قىپ شادلىق،
ئىنتىلىدۇ ئارزۇ-تېلەككە.

ئاپئاق چېچەك كۆككە بوي سوزۇپ،
شاخ-شاخلاردا چاقنار يۈلتۈزدەك.
قانات قېقىپ قەلبىمدە ئارمان،
ئارزۇلىرىم ئاچماقتا چېچەك.


بۇ تېمىنى ئالىم ياسىن ئارمانى يوللىدى.

ۋاقتى: 2014-4-21 17:26:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈك چېچىكى

دىلشات مەتنىياز

نورۇزنىڭ سۆز بېشى ئۈرۈك چېچىكى،
ئەتىياز ئەلچىسى ئۆرۈك چېچىكى.
پەسىللەر ئەركىسى-گۈزەل باھارنىڭ،
ھۆسىنىنى ياسىغان ئۈرۈك چېچىكى.

قوياشنىڭ تەپتىنى چىللاپ ئەكىلىپ،
جاھاننى ئىللىتقان ئۈرۈك چېچىكى.
تەبىئەت قوينىغا تۆكۈپ مۇھەببەت،
بارچىنى ئويغاتقان ئۈرۈك چېچىكى.

باغلارنىڭ جىلۋىسى سېېنىڭ بېلەن ئۇز،
گۈللەرنىڭ سەركىسى ئۈرۈك چېچىكى.
سەن بىلەن تۇغۇلار زېمىن ئانىنىڭ،
ئەڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈرۈك چېچىكى.
2014-يىل25-مارت

«ئۈرۈك چېچىكى»تېمىسىغا زاكاس قىلىندى.

ۋاقتى: 2014-4-21 17:29:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارزۇلىرىم ئاچماقتا چېچەك

يەلپۇپ ئۆتتى باھار شامىلى،
تەبىئەتنىڭ جىمجىت يۈزىنى.
بىردىن تاشلار بىخ سۈرۈپ شۈئان،
قىيا بېقىپ ئاچتى كۆزىنى.

ئۆزگىچىلا رەڭلەندى دۈنيا،
پاتماس باغلار ئاپئاق چېچەككە.
ھەر چىرايدا جىلۋە قىپ شادلىق،
ئىنتىلىدۇ ئارزۇ-تېلەككە.

ئاپئاق چېچەك كۆككە بوي سوزۇپ،
شاخ-شاخلاردا چاقنار يۈلتۈزدەك.
قانات قېقىپ قەلبىمدە ئارمان،
ئارزۇلىرىم ئاچماقتا چېچەك.

«ئۈرۈك چېچىگى»تېمىسىغا زاكاس قىلىمەن.


بۇ تېمىنى ئالىم ياسىن ئارمانى يوللىدى.


ۋاقتى: 2014-4-21 17:34:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 13:50  


ۋاقتى: 2014-4-21 17:40:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكلەم تەسۋىرى

ئۈمىدجان قادىرى

ئانا يەرگە تۆكۈپ يېشىل نۇر،
كەلدى كۆكلەم-پەسىل ئەركىسى.
چېھرىسىدىن بالقىتىپ غۇرۇر،
يەڭ تۈرىدى مېھنەت سەركىسى.

مەۋجۇداتقا يار بولۇپ شادلىق،
رىيال چۈشكە ئىشەندى زېمىن.
قۇش تىلىدىن بالقىدى تاتلىق،
ئىزگۈلەرگە تويۇنغان گېمىن.

دەريا-ئېقىن ئۇخچۇپ ئۇلغۇيۇپ،
قىرغاقلارغا لەۋ ياقتى زىلال.
شەيدالىقى ئارتىپ تولغۇنۇپ،
كۆز قىيمىدى ئۇيقۇغا ھىلال.

سۆلكىتىنى ئەيلەپ نامايان،
چاچ تارىدى تاللار زوقلۇنۇپ.
بولمىقىدىن تىلەكنىڭ ئايان،
ئېكىنزارلار كەتتى شوخلۇنۇپ.

مەئىشەتتىن بەردى خۇشخەۋەر،
مېۋىزارغا قونغان گۈل-چىمەن.
ئىرادىگە چىقىپ قانات-پەر،
ئىلھامغا ئوت ياقتى ئەنجۈمەن.

دىلخانىگە يېقىپ ئىشقى ئوت،
كەلدى كۆكلەم –گۈزەل دىلرەبا .
بىشارەتتىن ئەيلەپ زەپەر-قۇت،
ۋۇجۇدلارنى ئويغاتتى سابا.

سۆيۈنۈشكە تولدى چىغىر يول،
كەچكۈز كەتكەن كەتمەننى كۆرۈپ.
يانچۇق، يەڭدىن ئازاد بولغان قول،
ئەھدە تۆكتى كۆكرەككە ئۇرۇپ.

موڭسىرىماس بولدى جىگدىزار،
ئاشىق-مەشۇق كەلگەچ قېشىغا.
ساداقەتنى ئەيلىشىپ ئىزھار،
ۋاپا تاجى كېيىپ بېشىغا.

رەستە-بازار ئالدى يىنىك تىن،
يەلكە باسماي كېيىم ئېغىرى.
تەبەسسۇملار بولۇپ قۇياش سىن،
كۆرۈنمىدى غەمناك ھېچبىرى.

ئېما قىلىپ پەيتى سەھەرنى،
نەرە تارتتى كۆكرەكتە ھېسلار.
نىسار ئەيلەپ بەلگەكەمەرنى،
ئەتە تامان چېكىلدى ئىزلار.

(ئاپتۇر:گۇما ناھېيە پىيالما يېزىلىق ھۆكۈمەتتە)
皮山县皮亚勒玛乡人民政府:吾米提江卡迪尔
تېلىفۇن: 13094090085
邮号:845154
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 17:42  


ۋاقتى: 2014-4-21 17:41:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق چېچەك
موھەممەدروزى ئابدۇقادىر

نۇر قوينىدا ئۇخلار شۇنچە پەرۋاسىز،
ئورۈكزارغا كەڭ يېيىلغان ئاق چېچەك.
جىملىق ،ئىچرە باھار بىلەن ئوينىشىپ،
ئارتقان زېمىن يەلكىسىگە  ئاق چېچەك.

ئاق نۇر قونغان ئانا سەھرا مەڭزىگە،
ئاقلىق ئارا نازۇك ھېسلار كۆيۈشكەن.
ئاق چېچەكنىڭ مەست قىلغۇچى ھىدلىرى،
شوخ قۇشلارنىڭ ناۋاسىغا سىڭىشكەن.

ئەركە شامال سۆيگۈسىگە ئاق چېچەك،
ئوپۇققىچە قول ئۇزاتقان تەلمۈرۈپ.
ياتار گويا ئۇيقۇدىكى گوزەلدەك،
چىغىر يوللار ئاق چېچەككە پۈركىنىپ.

1999-يىل 23-يانۋار
«ئۈرۈك چېچىكى»تېمىسىغا زاكاس قىلىندى.


بۇندىن 15يىل بۇرۇن يازغان شېئىر ئىكەن. ساقلاپ قۇيۇپتىكەنمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   روزى2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 17:47  


ۋاقتى: 2014-4-21 17:43:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇركەن.مەنمۇ قاتنىشىپ باقتىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 17:46  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش