يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئەرك

ئەرك:«ئۈرۈك چېچىكى»تېمىسىدا ئەدەبى ئەسەر قوبۇل قىلىندۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-4-22 11:39:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق چېچەك

سۈبھى خۇدابەردى

كىردىم شۇنداق بىر گۈزەل باغقا،
ئىچى ئۇنىڭ تولغان چېچەككە.
ئاق لېباسقا تولۇپتۇ ئەتراپ،
ئوخشاپ گويا مەشۇت يىپەككە.

ئەجەپ مۇڭلۇق سايرايدۇ كاككۇك،
ھۆسىن قوشۇپ باغنىڭ ھۆسنىگە.
مەدھىلىدىم مەنمۇ كۈي قېتىپ،
ئاشىنا بوپ باغ سەيلىسىگە .

ئاق ئېچىلغان ئۆرۈك گۈللىرى،
ھوزۇر بېرەر دىلغا ئۆزگىچە .
سەيلە قىلىپ چېچەكلىك باغنى،
شاتلىق تاپار ئاشىق يۈرەكلەر.

ئاق چېچەكنى ئوخشاتتىم مەنمۇ،
پاك،غوبارسىز سەبھى قەلىپكە.
گەر قېقىلسا بەرگىدىن چېچەك،
ئاق ئۆرىكىم بەرگەيمۇ مېۋە؟...

چاپچال ناھيە قاينۇق يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سۈبھى خۇدابەردى

ۋاقتى: 2014-4-22 13:21:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرك يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 21:28
ئەسەر بىلەن تەمىن ئەتكەن دوستلارغا رەھمەت...ئەسەر جىدد ...


                           ئىزناسى يوق قىشتىكى قارنىڭ

                                   قۇربانجان ئابدۇرېھىم ئەلرام

                            ئېچىلىپتۇ ئۆرۈك چېچىكى،
                            گۇيا شاخنى باسقاندەكلا قار.
                            قوزغالمامدۇ كۆڭۈل ئىستىكى؟
                            ئۇ يېنىدا كۆلۈپ تۇرسا يار!

                            سۆرىتىنى سىزىدىم يارنىڭ،
                            ئۇ ئالدىمدا، (ئۆرۈكزاردا بىز).
                            ئىزناسى يوق قىشتىكى قارنىڭ،
                            كۆلگەن چېچەك، كۆلگەن ئۇماق قىز.

                            يار سىماسى، ئۆرۈك چېچىكى،
                            نۇر ئاستىدا تۇرار كۆرۈنۇپ.
                            بىلدۈرگەندەك كۆڭۈل تىلىكى،
                            -‹رەھمەت› دېدى يارمۇ، كۆلدۈرۈپ.

                            بىر تال چېچەك ئۆزۈپ مەن شۇئان،
                            چېكىسىگە قىستۇردۇم يارنىڭ.
                            چېچەك ئىككى، دىلدا ھاياجان،
                            ئىزناسى يوق قىشتىكى قارنىڭ...
     
   «ئۆرۈك چېچىكى» تېمىسىغا تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 13:27  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-22 14:11:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈك چېچىكى

ئۈرۈك چىچەكلىدى،چىچەكلەر گۈللەر،
ئايىقىمدىكى پاتقاق گۈللىرى.
ئەت ئالغان يارامنى تاتلىغىنىمچە،
ئىككى تۆشۈكتىن باقتىم ئاپتاپقا.
قىش سوزۇلۇپ بارار ئۇزاققا،
ئەگىز ئاققان كوچا -بۇ كۇنلەر.
سەھەرنىڭ ئىزغىرىن شامىلى ئەسكەن،
بۇ دەمدە مەن غېرىب،بىگانە.
سۆزلەپ بەرگىلى بولمايدۇ ئەسلا،
بىر ۋەسۋەسە چۇلغار دىلىمنى.
بىر ھاياجان قوشۇلار يەنە،
ئۆلۇپ كېتىمەن شۇ ھاياجاندا.
باھار يەنىلا بۇلتۇرقى باھار،
ئۆلۈك قۇرۇتلار تېرىلىپ كېلەر ،
قىزلار يالىڭاچلىنىپ قىلار تەنتەنە.
مەن شۇ مىنۇتلارغا قىيالمىساممۇ،
ئۆلۈم پەرىشتىسى قۇچاقلىغاندا،
سىزىمەن سېنىڭ ئىللىق تەپتىڭنى.
ئاپپاق-ئاپپاق ئۈرۈك چېچىكى ،
ئۇزۇتۇڭلار مېنى ئەبەتكە.

2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۇنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 14:12  


ۋاقتى: 2014-4-22 14:13:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق چېچەك،ئاپئاق چېچەك،
پەرشتىلەر يەرگە كۆچكەندەك.

ۋاقتى: 2014-4-22 15:26:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ كۆز بىر دەرەختە

مىڭ كۆز بىر دەرەختە،
ئاڭا كۆزلىرىمنى بەردىم،
بىغۇبار ياشلىق ،كەتتى قايان،
مەن بىرتەنتەك قۇش ئىدىم!

سەلتەنەتلىك شەھەردە
ئۈرۈك چېچەكلىرى
ئۇچماقتا،
ئۇچماقتا ...
مەن بىگانىنىڭ
يۈرىگىنى ئېلىپ بىللە ...

مەن شەھەرنىڭ
يۇمران بەدىنىنى
سىلىماقتىمەن...
چېچەك ھىدى قوللۇرۇم  بىلەن.

توقۇماقتىمەن
تەغدىرنىڭ گۈللۈك كەشتىسىنى....
ھاياتنىڭ بىر بۇلىڭىدا
كۈلۈپ تۇرار ئۈرۈك چېچىكى...







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-27 13:47  


ۋاقتى: 2014-4-22 23:37:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                               چىچەك بەرگى ئۇيغاتقان ھېسلار                                  رابىيگۈل ئىبراھىم ئاسىم
                                              1

باھار نۇرىغا تۇيۇنغان ئۆرۈك نوتىلىرىدىكى ياپراق  تىخى بىخلانمايلا ، ئاپپاق ئىچىلۋالغان ئۆرۈك چىچەكلىرىدىن سورىدىم:
-ئەي ئۆرۈك چىچىكى، باھاردىمۇ بوران بارغۇ، سېنى قۇغدايدىغان ياپرىقىڭ تىخى باش كۆتۈرمىدى، بۇنچە بالدۇر ئېچىلۋالغىنىڭ نېمىسى؟
-مەن مېۋە بېرىشكە ئالدىرايمەن، يۇمران مېۋىلىرىم يازنىڭ ئاپتىپىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەندە ياپراق ئۇنى كۈچلۈك نۇردىن قۇغدايدۇ، ياپراقنىڭ رولى قۇغداش، مېنىڭ رولۇم مېۋىلەش.
ئويلىنىپ قالدىم  زاماندىشىم، بىزدە قاچان چىچەكچىلىك ئەقىل بۇلار ، قاچانغىچە ئۆز ئەمگىكىمىزنى مىننەت قىلىپ، باشقىلارنى يارىماسلىقتا ئەيىبلەرمىز-ھە؟
ئەيىبلەش سوغۇق ئېقىمدەك بىخ ھالىتىدىكى گۈزەل ئىستەكلەرنى ئۈششىتەر.
                                 2

گۈل غۇنچىسى ئۆرۈك چىچەكلىرىنىڭ تۈكۈلۈپ كەتكەن بەرگىلىرىگە قاراپ ئىچىنغان ھالىدا :
      - « بالدۇر ئېچىلغان گۈل بالدۇر توزىيدۇ » دېگەن ھىكمەتكە بويسۇنماي، شۇنچە ئالدىراپ ئېچىلىغانتى، مانا بىچارىلەرنىڭ ئۆمۈرى بەكمۇ قىسقا بولۇپ قاپتۇ،- دېدى.
- ئەي چولتا ئويلۇق غۇنچە، چىچەكلەر مىۋە قالدۇرۇش ئۈچۈن بالدۇر ئېچىلغان. ئۇلارنىڭ ئىزىدا يىمىش قالدى. ئەڭ ئىچىنىشلىقى ئىزىدا ھىچنىمە قالماسلىق .-دېدى زېمىن.

مەنبە : ئۆزۈم. ( ھوزورلىنىش ئۈچۈن يوللىدىم )

ۋاقتى: 2014-4-23 15:36:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<ئۆرۈك چېچىكى>> تېمىسىغا ئاتاپ زاكاس قىلدىم
ھۈسەيىن ئەسئەت

               چېچەك چاچقۇلىرى ( بالىلارچاتما شېئىرى)
                                   
                                                      
مۇقەددىمە
  
سالام، سالام سىلەرگە،
چېچەك-چېچەك،گۈل-چېچەك.
ئەۋەتتىمۇ سىلەرنى،
نورۇز بوۋام كۈلگۈنچەك.

سېغىنغانتۇق سىلەرنى،
بولۇپ بەكمۇ ئىنتىزار.
غۇنچە-غۇنچە چېچەكلەر،
ئۆسمۈرلىككە بەك ئوخشار.

كۆرۈپ بىزمۇ سىلەرنى،
چېچەك بولۇپ ئېچىلدۇق.
دوسىت بولۇشچۈن سىلەرنىڭ،
ئاراڭلارغا قېتىلدۇق.



ئۆرۈك چېچىكى

سالام ئۆرۈك چېچىكى،
سەن چېچەكنىڭ كىچىكى.
ئاپئاق رەڭگىڭ گوياكى،
جان مومامنىڭ لېچىكى.

غوراڭ بەكمۇ چۈچۈكتۇر،
يېسەم چىشىم قامايدۇ.
قاماتسىمۇ چىشىمنى،
يېمەي كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ.

غوراڭ ئۆرۈك بولغاندا،
شىرىنلىكتە تەڭداشسىز.
مېغىزىچۇ ئۈچكىسىنىڭ،
پايدىلىقتۇر، نان-ئاشسىز.

گۈلە بولۇپ قۇرىساڭ،
تالاش-تالاش بولىدۇ.
سالساق ئەگەر تاماققا،
شىپالىق ئاش بولىدۇ.


شاپتۇل چېچىكى

سالام شاپتۇل چېچىكى،
چېچەكلەرنىڭ ئۇزىسەن.
ئىچىم كۆيەر  رەڭگىڭگە،
ھەممەيلەننىڭ كۆزىسەن.

شاپتۇل بولۇپ پىشقاندا،
مويسىپىتلار سۆيۈنەر.
«شاخ مانتىسى»دەپ سېنى،
لەززەتلىنىپ يېيىشەر.

بەك يېيىشلىك قاق بولىسەن،
ئاپتاپقا يېيىپ قويسا.
شۈمۈرگىلى بولىدۇ،
يانچۇققا سېلىپ قويسا.


ئالما چېچىكى

سالام ئالما چېچىكى،
رەڭگىڭ نېچۈن ئاق سېنىڭ؟...
ھە، چۈشەندىم-چۈشەندىم،
چۈنكى تېنىڭ ساق سېنىڭ.


مەجنۇن تال

ئەسسالام، مەجنۇنتالىم،
يېشىل كەپسەن.
ساڭا ھەمرا باھارغا،
ئىجىل كەپسەن.

تەبىئەتنىڭ بىرىنچى،
بالىسىمۇ سەن؟
ياكى پەسىل بالىلارنىڭ
ئانىسىمۇ سەن؟

بەك ئەۋرىشىم بەللىرىڭ،
ئۇسۇلچىمۇ سەن؟
يېشىللىقنىڭ-باھارنىڭ،
ئەلچىسىمۇ سەن؟

ئېتىۋاپـۇ سەندىن قىزلار،
قېرىق كوكۇلا.
ساڭا ئوخشاش ئوماق دوسىت،
نەدىن تېپىلار؟

تېپىلىشى تېپىلار،
سەندەك ئۇز ئەمەس.
بىراق سېنىڭ بېلىڭزە،
پەقەت تۈز ئەمەس.

خاتىمە
چېچەكلەرنى سانىسام،
يەتمەيدىكەن رەقەملەر.
چېچەكلەپتۇ  كائىنات،
چېچەكلەپتۇ يۈرەكلەر.

ئاپتۇر: يەكەن ناھىيە يېڭىئۆستەڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىن ھۈسەيىن ئەسئەت
莎车县英吾斯塘乡中学   玉赛音·艾赛提
电话:13899148034——09988558034
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھۈسەيىن ئەسئەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-23 15:57  


ۋاقتى: 2014-4-30 18:44:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسىمجاننىڭ ماۋۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى 7-8كۈن بولۇپ قاپتۇ،تورداشلارنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشقىنىغا لايىق جاۋاپ بېرىدىغان ۋاقت بولمىغانمىدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sakarauli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-30 22:02  


ۋاقتى: 2014-5-5 15:08:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆرۈك چېچىكى ( نەسىر )
رابىيگۈل ئىبراھىم ئاسىم

ئۆرۈكنىڭ جەزىبدار چىچىكىدىن نورۇزنىڭ سېھىرلىك قەدىمىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان قەلىبلەرنىڭ تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن پەيتلىرى يېتىپ كەلدى. باش ئەتىيازنىڭ ئىللىق نۇرىدا زېمىن تومۇرىدىكى قاتقان ئەگىزلەر ئېرىپ، تەبىئەت چىچەكلىك يېشىل تون كېيىشكە تەرەددۇتلاندى.
چىچەككە بولغان تەشنالىق بىلەن بېغىڭغا نەزەر سالغىنىڭدا تېرەك، تاللارنىڭ ئىنچىكە چىۋىقلىرىغا يېشىللىق يۈگرەۋاتقانلىقىنى، ئۆرۈك نوتىلىرىنىڭ چىلانرەڭ تۈسكە كىرۋاتقانلىقىنى بايقايسەن. يېقىن كېلىپ سەپسالساڭ، چىچەك تۆرۈلۋاتقاندەك ھالەت- ئۆرۈك نوتىلىرىنىڭ قۇرساق كۆتۈرۈپ مۈدۈر بولغانلىقىنى كۆرىسەن-دە، بۇ يېڭى ھاياتلىققا يەنە گۇۋاھچى بولۇش پۇرسىتىڭدىن قەلبىڭ يىنىك دۇلقۇنلىنىدۇ. بالىلاردەك قىزغىنلىق بىلەن ھەر بىر سەھەردە بېغىڭغا چىقىپ چىرىيلىق چېچەكنىڭ ئېچىلىشىنى تاقەززالىقىڭ بىلەن كۈتىسەن. ئۆرۈك نوتىلىرىدىكى مۆدۈرلەرنىڭ ئاز-ئازدىن چوڭلاۋاتقانلىقىغا نەزەر بېرىسەن. ئاز كۈندىن كېيىنلا بۇ مۈدۈرلەرنىڭ سۈت چىشلىرىنى كۆرسىتىپ تەبەسسۈم ئەيلىگەن سەبى قىزچاقتەك، ئاپپاق  چېچىكىنىڭ  جامالىنى يېرىم كۆرسىتىپ غۇنچىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرىسەن. بۇ ئۆزگىرىشتىن دىلىڭ سۆيىنىدۇ، چېچەك غۇنچىسىغا يانداشقان ئىلھاملىرىڭ باش كۆتۈرۈپ ئارمانلىرىڭغا يېڭى رەڭ قاتىدۇ.
ئەتىيازنىڭ شامالسىز كۈنلىرى يوق دېيەرلىك. نورۇزنىڭ قوينى ئانىنىڭ باغرىدەك ئېچىلغان بەزى كۈنلىرى تېخى بوران چىقىپ ھاۋا سۇۋۇپمۇ قالىدۇ. بۇنداق كۈنلەردە چېچەكلەرنى كىچىكىپ ئىچىلىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ قالىسەن. ئەمما ھاۋا ئېچىلىپلا، چىچەكلەردىن ۋايىم يېگەن كۆڭلۈڭگە شادلىق چىللاپ، تېخى تۈنۆگۈنكى غۇنچە ساڭا تويدۇرمايلا بىر كېچىدە بەرىق ئۇرۇپ، غۇچچىدە ئېچىلىپ كەتكەن بولىدۇ.
باغلىرىڭدىكى شاخلارنى ئېگىپ جەلىبكار ئۆرۈك چىچەكلىرىنى پۇراپ باققۇڭ، سۇز خوش ھىددىدىن بەھىرلەنگۈڭ كېلىدۇ. ئاپپاق چىچەكلەرگە پۈركىنىپ، جىلۋە قىلىپ تۇرغان باغ ئىچىدە بۇلۇتلار قوينىدا ئۇچۋاتقان پەرىزاتتەك تويغۇغا كېلىپ قالىسەن-دە، ھاياجانلىق قەدەملىرىڭنى يېنىك ئېلىپ، چىچەكلىك دەرەخلەرنى بىئىختىيار ئارلاپ كېتىسەن. چىكەڭگە چىچەك قىسىپ، چىچەكتەك ئىچىلىپ كۈلىۋالغۇڭ، رەسىمگە چۈشۋالغۇڭ، شوخ بالىدەك ئۆرۈك شاخلىرىغا قۇنۇپ، نەپىس ئىچىلغان  ئاپپاق چىچەكلەر قوينىدا خاتىرە قالدۇرىۋالغۇڭ كېلىدۇ. بۇ تەبىي گۈزەللىك ئىچىدە رېتىمى تېز، رىقابەتلىك تۇرمۇشىڭنىڭ باش قېتىمچىلىقى، غىمى نەلەرگىدۇ غايىپ بولۇپ، ۋۇجودۇڭ پەيدەك يەڭگىللەپ، قەلبىڭنىڭ سەبىي بالىدەك ساپلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىسەن. چىچەكنىڭ تەۋەللوت بولۇشىغا ئەگەشكەن پىكىرلىرىڭ تەپەككۈر چوڭقۇرلىقىغا قاراپ يۈكسىلىدۇ. ئۆزۈڭچە چېچەك ھاياتىنى ئىنسان ھاياتىغا تەدبىقلاپ قالىسەن. ھەئە، چىچەك ئەنە شۇنداق خىسلەتلىك، ئۇز جامالى بىلەن سېنى ھوزورلاندۇرىدۇ، يىڭى– يىڭى تەپەككۈرگە باشلايدۇ. چۈنكى ئۇ يېڭى بىر مېۋىنىڭ تۇنجى ھاسىلاتى-دە.
چىچەك بەرىق ئۇرار، نورۇز كۈلۈپ كېلەر. خۇددى نورۇز بىلەن ئۆرۈك چېچىكىنىڭ سىرلىق باغلىنىشى باردەك. ئەنە، نورۇز شادلىقى ئۆرۈك چىچەكلىرىدىن تۈكۈلگەندەك  ئۆرۈكلۈك باغلاردا نورۇزلۇق مۇشائىرە، ناخشا-ئۇسۇل، ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن. ئۆرۈك چېچەكلىگەن ئېرىق بويلىرى يېنىدىكى كەڭ سەينالاردا دارۋازلىق، مەدداھلىق، چىلىشىش، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش، توخو-سۇقۇشتۇرۇش ئۇيۇنلىرى قىزىغان. بارچە خۇشاللىق چېچەك پەسلىدىن باشلانغاندەك چوڭ-كىچىكنىڭ چېھرىدىن كۈلكە، كۆزىدىن جۇشقۇنلۇق، قەلبىدىن ئۆملۈك پارلىغان. شۇنداق، بۇ ھەممە ئىزگۈلۈك ئاپئاق ئۆرۈك چېچىكىدىن باشلىنار. ھەممە ئاقلىق ئىچىدە مېيۋىلىك پەسىلگە  قەدەم ئالار.
بەزىدە  سىنچى نەزىرىڭ بىلەن ياپراقتىن بۇرۇن ھاياتلىققا كۆز ئېچىپ، ئەتىراپقا گۈزەللىك، قايناقلىق تارىتىۋاتقان چېچەكلەرگە، پىرىلداپ ئۇچۇپ چېچەكلەردىن شىرنە يىغۋاتقان بۇغۇنلارغا، بۇ گۈزەللىكىنى زوق-شوخ بىلەن كۈيلەپ ناخشا ئېيتۋاتقان قۇشلارغا قاراپ ئۆرۈك چېچەكلىرىنىڭ مەنىلىك ھاياتقا ئىشارەت قىلىنىپ يارىتىلغان خاسىيىتىنى چۈشەنگەندەك بولىسەن.
چېچەك گۈزەل، مەپتونكار. گۈزەللىك دېگەن سېھىرلىك، جەلىبكار. بىراق تاشقى گۈزەللىك ۋاقىتلىق بولىدۇ. ئۇزۇن ئۈتمەيلا ئۆرۈك چېچەكلىرىنىڭ ئاپئاق تال-تال بەرگىلىرىنىڭ زىمىن يۈزىنى قاپلىغانلىقىنى كۆرۈپمۇ ئەجەپلىنىپ كەتمەيسەن. يېڭى تۈكۈلگەن بەرگىلەرنىڭمۇ ئۆزىگە خاس چىن مەنىسى بار ، قىممىتى بار. ھەقىيقى گۈزەللىك ئۇنىڭ مېۋىلىرىدىن بالقىيدۇ. قارا، ئاق بەرگىلەرنىڭ ئىزىدا قالغان ئۆزى كىچىك بولسىمۇ غەيور غورىلارغا ! تاڭنا كۈندە ئۇ چېچەك ھاياتىنىڭ داۋامى بولۇپ، ئىشتىھايىڭنى قوزغايدىغان، كۆزۈڭنىڭ يېغىنى يەيدىغان مېۋىگە ئايلىنىدۇ. چېچەك ئۆز قىممىتىنى يارىتىپ، تىللاردا قالىدىغان  شىرنىلىك، ئالتۇن رەڭلىك ئۆرۈككە ئايلىنىدۇ.
شۇنداق، ئادەمدىن باشقا تەبىيەت دۇنياسىدىكى بارچە مەۋجوداتقا ئۆلچەملىك قىممەت بىكىتىلگەن. پەقەتلا ئىنسانغا ئەڭ ئالىي ئىمىتيازنى تەپەككۈرنى ئاتا قىلىپ، ئۆزىنى يارىتىش يۇلىنى داغدام ئېچىپ بەرگەن. ئادىمىيلىك قىممەتنى كۆزىتىش، تەدبىقلاش، ئۆگۈنىش، ئىزدىنىش پۇرسىتىگە چېچۋەتكەن. ھەر كىم ئۆز تىرىشچانلىقىغا قارىتا قىممەت يارىتالايدۇ. تەبىئەتنى  كۈزىتىسەن، دىتىڭ بولسا ئۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بايقايسەن، تەدبىقلايسەن. ئۇنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىدىن ھۇزورلىنىسەن، ھەر بىر شەيئىنىڭ قىممەت يارىتىشىدىن ئۆگىنەلەيسەن.
تەپەككۈرنى قوزغايدىغان تەبىئەت دۇنياسىدا ئۆرۈك چېچىكىنىڭ ئۆزگىچە لاتاپىتى، مەپتۇنكارلىقى بار، شۇنداقلا ئۆز قىممىتىنى يارىتىش يولى بار. ئاقلىقتىن يېشىللىققا، يېشىللىقتىن سېرىقلىققا ئايلىنىشتەك بۇ بىردىن-بىر ھېكمەت ئۆرۈك چېچىكىگىلا خاس بولغان قىممەت يارىتىش پەلسەپەسىدۇر.
ئۆرۈك چىچىكى ئېچىلماقتا، باھار قۇياشىنىڭ مېھىرلىك سۈيىشىدە ئاپئاق بولۇپ. مېھىرلىك سۆيگۈلەردىن ئاقلىق، ساپلىق يارىلىشىغا ئەنداز بولۇپ.
ئۆرۈك چىچىكى تۆكۈلمەكتە، ياپ-يېشىل غورىلار ئۈچۈن بەرگىلىرىنى قۇربان قىلىپ. جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولمايدىغان ھېكىمەتنى ئەسلىتىپ.
ئۆرۈك چېچىكى ئەتە ئايلىنىدۇ ساپسېرىق ئۆرۈكلەرگە، كىشىنىڭ تىلىدا تەمى مەڭگۈلۈك قالىدىغان شىرىن مېۋە بولۇپ. قىممەتنىڭ يېشىل يوللاردىن كېلىشىگە بىشارەت بولۇپ.

ئاپتور:پىچان لۈكچۈن1-ئوتتۇرا مەكتەبتىن
鄯善鲁克沁一中热比古丽。依布拉音

ۋاقتى: 2014-5-5 17:11:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھار تۇيغۇلىرى

1  
كۆككە باقسام كۆك باغرىدا تۈمەن ئوي،
بۇلۇتلىرى تۈرمەل - تۈرمەل ئۆزگىچە .
زىمىن بىلەن كۆكنىڭ يېشى قىلدى توي،
ئېرىقلاردا سۆيگۈ ئاقار بۇ كېچە .
قاقشال دەرەخ، سۆگەتلەرگە چىقتى موي،
گۈزەل كۆكلەم ۋەسلىدىن سۇ ئىچكۈچە .

تۆكۈلگەندە مېھرى ئالتۇن قۇياشنىڭ ،
رەڭگە چۈمكەر رەڭلەنمىگەن قورغاننى .
ھەربىخىدا مىڭ جىلۋە -ناز ئوتياشنىڭ ،
جىلۋىلەردە بەرپا قىلار ئورماننى .
سۇمبۇلىغا جالا ئاسقان بۇ باشنىڭ ،
كۆرمىدىڭمۇ كۆركەم تاجى تۇرغاننى .

قۇشلار ناخشا ئېيتار جۇشقۇن ۋە جۇشقۇن،
قان بوپ سىڭەر قارمۇ تاغلار باغرىغا .
ئات- ئېشەكتىن ساقىت ئىگەرۋە قۇشقۇن ،
يايلىماقتا نورۇز چالغان ناغرىغا .
كۆڭۈللەردىن كۆزگە تەپتى بىر ئۇچقۇن،
سولىمىدۇق مۇھەببەتنى تاغرىغا .

2
قارايغان تاغ يېشىل، يېرىلغان تاشمۇ،
چېچەكتەك پارلايدۇ يۈزلەردە باھار.
ئەئندازى قارلىغاچ قانىتى قاشمۇ ،
ياپيېشىل ئوسمىدىن ئوتلىغان كۆكنار.
بىلمىدىم، گۈللەرگە قۇشلار ئاداشمۇ ،
بۇلبۇلدەك ناۋادا سۆيگۈسى ئىزھار.

كۆڭۈلدە ساقلىنىپ ، لەۋدە غۇنچىلار،
نورۇزنىڭ ھىممىتى تاپسا ئىپادە .
چورۇقنى تاشلىغان يولدا يولچىلار،
چىمەننى باغاشلاپ يۈردى پىيادە .
بارمىكىن كۆكلەمدەك ئۇستا رولچىلار،
پەسىللەر كۆركىنى قىلغان  زىيادە .

ھۆسۈن ۋە خىسلەتتە يەككە بىر پەرى ،
ئادەمنىڭ ، ئالەمنىڭ تارتتى مەيلىنى .
تۈرۈلسە تەسادىپ ئاسماننىڭ تەرى ،
خۇشلۇقتىن ياش تۆكتى دېگىن پەيلىنى .
ئۆرۈكمۇ، جىگدىمۇ ئەتىردۇر بەرى ،
ئىختىيار ئەيلىدى نەپسىم سەيلىنى .
ئەتىرگۈل ھاۋامسەن، سۇ ئوتنىڭ تەرى ،
ئاھ  ، بۈگۈن سۆيۈلدۈم، سۆيدۈم ھەممىنى
قىرمىزى، لەيلىقات، ياۋا لەيلىنى .

3
سىز قەلبىمگە تاشلاپ كەتكەن بىر تال چوغ زىمىستانغا يالقۇن پۈركىدى. جان - جېگىرىم، قىشتا ئۆلگەن گىياھلارنىڭ باھاردا ئۇچ تارتىپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ سىزنى ياد ئەتتىم. مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمىزنى كۆكلەمگە ئوخشاتقۇم كېلىدۇ، بۇ جۇدالىقنىڭ ئۇزاققا بارماسلىقىنى تىلەپ كېتىمەن. سىز تۈندەك تەمكىن، كۈندەك سېخى، ئايدەك كەمتەر...
تۈن نىسپىدە ئۆيدىكىلەرگە تۇيدۇرماي ھويلىغا چىقتىم، ئاندىن ئۆرۈكلەر گۈللىگەن چېچەكلىك باغدا ئولتۇرۇپ سىزنى خىيال قىلدىم. كۆكتە جىمىرلاپ تۇرغان ئۇياتچان يۇلتۇزلار ماڭا ئۆرۈك دەرەخلىرىگە قۇنۇۋالغاندەك بىلىندى....

4
قەدرىنى بىلمەيدۇ ئادەمنىڭ ئادەم،
نورۇزدەك قىسقىلا ياشاپ ئۆتسىمۇ.
قەدرىڭىز بىلمىگەن نالىدى نالەم،
خۇرسەنلىك كۆڭۈلنى يالماپ يۈتسىمۇ.
نورۇزلۇق خورداققا تولغان پىيالەم،
سىز باردەك بولمىدى ئەللەر كۈتسىمۇ.

تاشلىدى ھەممىلەر كونا ئەڭلىنى ،
سىز ئۈچۈن مەنمۇ ھەم تاشلىدىم قاسراق .
بېلىقچى كەمپىرى سۇنۇق تەڭلىنى -
ئۈچ مەرتەم تېگىشىپ قالغىنىدەك تاق ،
سەيلىتىپ كۆكلەممۇ ئۆتەڭ- دەڭلىنى
كېتەرمۇ تۇيۇقسىز قالدۇرۇپ بويتاق .

مەيلىغۇ ئەزىزىم دۇنيا دېگەن شۇ،
سىز بىلەن مەنمۇ شۇ ئەسلى بىر چەمبەر.
كەتسىمۇ خوش دېمەي قارلىغاچ، ئاققۇ
سەپ تارتىپ باھاردا قايتىپ كېلىشەر.
ۋەدىمىز باھاردا كۆرۈشمەكتىغۇ،
باھار بوپ كېلەمسىز ياكى ئەي دىلبەر.

5

نورۇزنى بوۋاي دەپ ئېيتقان كىم ئۆزى،
ئۇ يېڭى تەۋەللۇت بولغان بىر بوۋاق .
نورۇزدا يورۇيدۇ ئالەمنىڭ كۆزى ،
ئۇ قىشنىڭ باغرىغا چۈشكەن ئوت- پىراق .
كۆزىمىز تۈنلەرنىڭ نۇرلۇق يولتۇزى ،
سۆيگۈمىز قۇياشقا رەڭ بەرگەن چىراغ .

سىز بەرگەن رىغبەتتىن گۈزەل مىسرالار،
سىز بەرگەن مۇھەببەت بەردى ئاڭا جان .
سىز سۆيگەن تەبىئەت ، يېشىل دالالار،
بۇلبۇلغا دان بەردى گۈل ھۆسنىگە قان .
سۆيگۈسىز ھاياتتا يۈزمىڭ ۋابالار،
سۆيگۈنى سۆزلىمەي بولمايدۇ ھامان .

سۆزلەشتۇق تالاي رەت سۆيگۈ ھەققىدە،
قەلبىمىز لىق غۇنچە- چېچەككە تولدى .
نېمە بار سۆيگۈ ۋە كۆكلەم پەرقىدە،
پەرقى شۇ كۆز بىلەن كۆڭۈلچە بولدى.
نەرقىسىز نەرسە بارسۆيگۈ نەرقىدە ،
نەرقى بار، ناۋاسىز نەرسىلەر سولدى .

مۇھەببەت ئېتىزى ھەننىۋا كۆڭۈل،
ياپيېشىل مايسىلار ھاياتنىڭ رەڭگى .
بىز توشقان قوغلىغان سايدا قىزىلگۈل،
يەر بىلەن كۆكتىكى جانلار پىرچەڭگى .
باھارنى،- سىز مېنى سېغىنغاندەك، چۆل-
سېغىنار، (ئۇ تونسىز بىر قارا زەڭگى ).

كۆكلەمدە بىخ سۈرگەن سۆيگۈ پەسلىمىز،
گۈللىگەن ئۆرۈكلەر سۆزلىگەن قىسسە .
كۆكلەمدۇر يايلىغان يېشىل يەسلىمىز،
ياتلىشىپ بارىدۇ دىلدىن غەم- غۇسسە .
ھاياتلىق كۆكلەشتۇر، كۆكلەم ئەسلىمىز،
توزىغان گۈل ئۈنەر چېچەكلەر چۈشسە .  


ۋاقتى: 2014-5-5 19:09:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى ئىنىق بولغان بولسا ياخشى بولاتتى ھە ؟

ۋاقتى: 2014-5-6 07:20:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇبۇلقاسىم ئاكاش يۇقاپ كەتتى دېسە....

ۋاقتى: 2014-5-6 10:19:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈك چېچىكى ھەققىدە چىرىلىق شائىر ۋە شائىرەلەر جىقراق قەلەم تەۋرەتسە ئوبدان بولاتتى-دە؟!

ۋاقتى: 2014-5-20 22:13:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋارىسجان ئاتىخان

ئۆرۇك چىچكى



باھار پەسلى كېلش بىلەن تەڭ

چچەكلىدى ئۆرۇكلەر ئاپئاق

ھەرچچەكتن ئالەمچەمىسرائ

چىقار  ئالەم كۆككىگە بىخلاپ

قىزغۇچ سۆسۇن  رەڭدار چىچەكلەر

تارتتى شۇدەم كۆڭۆل زوقۇمنى

شۋىرلايمەن قۇشلار تىلىدا

ئاھ،باسالماي بۇندا ئۆزۇمنى

ئەي چىرايلىق ،ئوتلۇق چىچەكلەر  

سەن ئەمەسمۇ ئەجىر مېيۋىسى

ئشچانلارنى باشلاپ ئەتىگە

ئېيتپ كەلدىڭ زەپەر ناخشسى

تەر تۆككەنلەر ،ئەجىر قىلغانلار  

ئالارچوقۇم  تەردىن مول-ھوسۇل

چىچەكلەردىن ياغار نۇر شەربەت

گويا تويى بولغاندەك سۇمبۇل  


ئۆرۇك چچىكى ناملىق سەھىپگە تەۋسيە




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-20 22:39:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۈرۈك چېچىكى»تېمىسىدىكى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۈرۈلغان ئەسەرلەرنىڭ بىرتەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى ئۇقۇشتۇم. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى دىلمۇرات تەلئەت ئاكا ئۇشبۇ تېما ئاستىغا چاپلانغان ھەممە ئەسەرلەرنى دېگۈدەك خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ،بۇ تېمىدىكى ئەسەرلەرنى زاكاس قىلغان شاڭخەيدىكى مەلۇم بىر ژۇرنالغا ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى،بۇ ئەسەرلەر شۇ ژۇرنالدىكى تەھرىرلەرنىڭ تاللاش ئۆتكىلىدىن ئۆتۇپ،ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ،مۇنبىرىمىز ئارقىلىق ئاپتۇرلارنى ۋاقىپلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئاپتۇر ۋە تورداشلارنى مالال قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزرە سورايمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش