شىئېرلار
ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى
ئۈرۈك دەرىخى
ئېھ،نۇرسىز كۆزۈمدە چايقىلار كېچە،
دەرىزە سىرتىغا باقتىم پەرىشان.
ئېسىمگە سۈركىلىپ ئۆتتى بىر ئايال،
تىپتىنىچ كۆيمەكتە قاراڭغۇ ئورمان.
تىڭشايمەن ئىچىمنىڭ جىمجىتلىقىنى،
سۆزلەرنىڭ تېنىدە كۆكلەيدۇ يارا.
تاملارنىڭ قېتىدىن يېلىنجايدۇ چوغ،
ئاقىدۇ ئۆركەشلەپ ئۇسسىغان دەريا.
كېچىنىڭ تىنىقى مەست قىلار شۇدەم،
گۈللىدى ئېھتىمال ئۈرۈك دەرىخى.
قاراڭغۇ شاخلاردا تۇرار ئېسىلىپ،
ھېلىقى ئايالنىڭ چوغدەك يۈرىكى...
كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ چۆكتۈم ئۆزۈمگە،
ئېچىلدى تۇيغۇمنىڭ گۈللىرى قات-قات.
كۆيمەكتە بىر تال دان ئالقىنىم ئۆزرە،
باش قويۇپ كۆكسۈمگە ئۇخلايتتى ھايات!
ئاق رەڭ
ئاق رەڭدە ئىدى
بۇ يەردىكى بارچە نەرسىلەر
كارۋات، تام ۋە يالغان كۈلكىلەر…
ئاق رەڭدە ئىدى
لەۋلەردىكى ھارغىن تىنىقلار.
دەرىزىدە ئۇخلاپ قالغان گۈل،
كوچىدىكى غېرىپ چىراقلار.
ئاق رەڭدە ئىدى
ئۇسساۋاتقان ئىستەكلەر، يەنە
كۆزلەردىكى سۈزۈك بۇرجەكلەر.
ئىچىپ چەكسىز قاراڭغۇلۇقنى،
چۇل-چۇل بولغان يورۇق ئەينەكلەر.
ئاق رەڭدە ئىدى
پاسىلىدا ئىككى ئالەمنىڭ
كۆكلەۋاتقان گۈزەل قىسمەتلەر…
چېچەك پەسلى
ئۇرۇلۇپ دىماقلارغا پۇراقلىرى،
مەھلىيا قىلار دىلنى چېچەك پەسلى.
شاخلاردا ۋىلىقلايدۇ ھاياجان ھەم،
بۇلبۇللار ياڭرىغان چاغ باھار ئەسلى.
زوقلىنىپ چېچەكلەرنىڭ جىلۋىسىگە،
يايرايدۇ كېپىنەكلەر قانات قېقىپ.
مەست بولۇپ شۇ خۇشپۇراق ھىدلىرىدىن،
كېتەلمەس پەرۋانىدەك كۆكرەك يېقىپ.
مۇھەببەت جاملىرىدىن ئىچىپ كەۋسەر،
پىچىرلاش توختىمايدۇ خىلۋەتلەردە.
شۇ گۈلگۈن چېچەكلەردىن پۈتكەن ئارمان،
ۋىلىقلاپ تېلىقىدۇ يۈرەكلەردە...
ئاق چېچەك
باھارنىڭ تىنىقى چوغلاندى ئاخىر،
سۇدەكلا ئېرىدى تىلنىڭ سۆڭىكى.
خىيالدەك كونىراپ كەتتى توساتتىن،
دىلبەرنىڭ يىرتىلغان ئەتلەس كۆڭلىكى.
دەرەخنىڭ ھەسرىتى تۇپراقتىن ئىللىق،
ئاق چېچەك چالغىتار كۆزنىڭ يېغىنى.
بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى كۆيۈپ قىپقىزىل،
قان قىلدى كۆكلىگەن كۆڭۈل دېغىنى.
ئىچىمدىن ئىچىمگە چۆكتۈم بىر ھازا،
سۈپسۈزۈك سۇدىنمۇ سۈزىۋالدىم دۇغ.
سەن چۇل-چۇل چاقساڭمۇ قەھرىڭنى جېنىم،
مېھرىمنىڭ ئاقلىقى قەدرىڭدىن ئۇلۇغ!
›ئۈرۈك چېچىكى‹ تېمىسىغا تەۋسىيە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەرداھى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-21 22:53