ئىلى يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت كۇرسى باشلاندى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن ئىلى قازاق ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن << ئىلى يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت كۇرسى >> 2014-يىلى 4- ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى ئىجادىيەت مەركىزىدە باشلاندى.
كۇرۇسنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى پائالىيەتكە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلمۇرات تەلئەت، يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت – ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ،ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، << ئىلى كەچلىك گېزىتى >> نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى پەرھات جامال، ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ، << ئىلى دەرياسى >> ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەسئەت ئابدۇرىشىت قاتارلىقلاردىن بولۇپ 20 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
كۇرۇسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت – ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ رىياسەتچىلىك قىلدى. تۇ/obنجى كۈنلۈك كۇرۇستا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلمۇرات تەلئەت يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەدەبىي تەرجىمە قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى، نەتىنجىلىرى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى، نۆۋەتتىكى تەرجىمە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە يۈرگۈزىلىش نىشانى، ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، ئەسلى ئەسەرنىڭ سۈپىتى ۋە ئۇنى تاللاش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە دەرىس سۆزلىدى ۋە ئۆزئارا سۆھبەتتە بولدى.