يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: admin

ئىلى يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت كۇرسى باشلاندى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-4-25 10:38:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاراڭلاردا گۈل چىراي ئىككى قىزىمىزمۇ بار ئىدى ، ئۇلار قېنى ؟ كۆرۈنمەيدىغۇ ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-25 16:46:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، "تەڭرىتاغ" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى پولات ھېۋىزۇللا ئىجادىيەت مەركىزىگە كېلىپ كۇرسانتلار بىلەن سۆھبەتتە بولدى ۋە ئەسەر ۋە تەھرىرلىك، تور ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى، تور ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەتبە ئەدەبىياتىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان خىرىسلىرى، "تەڭرىتاغ" ژۇرنىلى بىلەن "ئىلى دەرياسى" ژۇرناللىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

_MG_7311.JPG

_MG_7336.JPG

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-25 16:50:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4-ئاينىڭ 25-كۈنى شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەھمىدى ئاكا كۇرسانتلارغا شىئېر ئىجادىيىتى، شىئېر تەرجىمىچىلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تەجىرلىرى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ كۇرسانتلار دەرىس ئۆتتى. كۇرسانتلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدى سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەردى ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولدى.

IMG_7346.JPG

IMG_7360.JPG

ۋاقتى: 2014-4-25 22:24:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلى ئەدىبلىرنىڭ  كۈنلىرنىڭ خۇشال خۇرام ئۆتىشىگە تىلەكداشمەن.ئىنكاسلارنى ئوقۇپ مەنمۇ كۇرىسقا قاتناشقاندەك بولدۇم.

ۋاقتى: 2014-4-25 22:55:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەل سۆيگەن، ئەلنى سۆيگەن قەلەمداشلىرىمغا ئوتلۇق سالاملىرىم يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2014-4-27 11:01:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقمىدىمو بىلمىدىم،
تاغ تۇرانىڭ ھاۋاسى.
كەملەپ قالدى مۇنبەردە،
شائىرلارنىڭ سىماسى.

كۇرۇش ئۇچۇن سىلەرنى،
تەلمۇردۇم مەن مۇنبەرگە.
ئىلھام ئۇتۇق تىلەيمەن،
شائىرلىرم سىلەرگە.


ۋاقتى: 2014-4-30 17:55:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى پائالىيىتىنىڭ كۆڭۈللۈك ، ئىجادىيەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-5-3 15:08:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلى دىيارىدىكى يازغۇچى-شائىرلارنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى پائالىيىتىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى، ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا يەنە نىجات سۇپى، ئاسىمجان قاتارلىق تۇنۇش سىماھلارنى كۆرۈپ قەلبىم ئىللىق تۇيغۇغا چۆمۈلدى، ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەمەتجان سەمەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-3 15:09  


ۋاقتى: 2014-5-21 23:05:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئىلى گۈل ئىلى،
تۆھپىكارغا مول ئىلى.
ئىجاد-ئەمگەك بېغىدا،
مىۋىلىرى خىل ئىلى.

ئەينى چاغدىكى تۆھپىكار ئۇستازلىرىمنى كۆرۈپ بەكمۇ سۆيۈندۈم.ھارمىغايسىلەر ئۇستازلار،قەلىمىڭلار بەرىكەت تاپقاي.پائالىيىتىڭلار كۆڭۈللۈك ھەم نەتىجىلىك بولغاي.

ۋاقتى: 2014-5-21 23:51:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخېلىل مىرخېلىل،
ئاۋازى تۈگەل خىر_خىر.
ياز دەپ يېپىنچا ئالماي،
سوغۇقتا تىترەر دىر_دىر.

ۋاقتى: 2014-5-25 12:22:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قۇتلۇق بولسۇن،   ئېلى ئەدىپلىرىگە ئالى سالام.

ۋاقتى: 2014-5-30 19:46:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلى ئەدىپلىرىگە قۇتلۇق بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-6-17 20:03:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات كازىم يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 16:33
ئىلىلىق ئەدىبلەرنىڭ جەنۇبى تاغدىكى كۈنلىرى مەنىلىك ئۆ ...

              ئىلى  دەرياسىنىڭ  شاۋقۇنلىرى  [ چاخچاقلىرى ]   جەنۇبىي  تاغ  شاقىراتمىلىرىغا  

سىڭىپ  كەتكەي،  ئامەت  تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2016-2-24 11:35:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۈنلەرنى سېغىنىپ قالدۇق...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش