4- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، "تەڭرىتاغ" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى پولات ھېۋىزۇللا ئىجادىيەت مەركىزىگە كېلىپ كۇرسانتلار بىلەن سۆھبەتتە بولدى ۋە ئەسەر ۋە تەھرىرلىك، تور ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى، تور ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەتبە ئەدەبىياتىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان خىرىسلىرى، "تەڭرىتاغ" ژۇرنىلى بىلەن "ئىلى دەرياسى" ژۇرناللىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.