نىياز ئاخۇن بىلەن نۇسرەتخان كىچىك قىزى ئالمىرەنىڭ ياردىمىدە دۇكاننى يىغىشتۇرۇپ قايتقاندى.ناماز شامغا تاھارەت ئېلىشقا چىققان نىياز ئاخۇن مېھمانخانىغا يانداش ھۇجرىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ،ئەلفىرەنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىنى چېلىقتۇردى.دادىلىق قەلبى بېسىپ بولماس ئىچ ئاغرىقىدىن ئۆرتىنىپ،ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئىستىنجاغا ماڭدى.ئاتا-ئانىسىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلگەن ئەلفىرە ئالمان-تالمان كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلمۇراتنى كۆتۈردى-دە،ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقتى.نىياز ئاخۇن تاھارەت ئېلىپ ئۆيگە كىرگەندە ئەلفىرە بىلەن ئالمىرە داستىخان تەييارلاپ كەچلىك غىزاغا تەرەددۇتلىنىۋاتاتتى.نىياز ئاخۇن بىلەن نۇسرەتخان شامنى ئوقۇپ بولۇپ داستىخانغا ئولتۇردى.دادا ئەلمۇراتنى ئەركىلەتكەچ،قىزىنىڭ چىرايىغا سەپسالدى.ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىدىن يۈرەك باغرى ئېزىلگەن بولسىمۇ،كەيپىياتنى كۆتىرىش ئۈچۈن خۇشال قىياپەتتە ھەممەيلەنگە كۈلۈپ سۆزلىمەكتە ئىدى.
-قىزلىرىم!-دەيتتى نىياز ئاخۇن كۈلكە ئۇچقۇنى تۆكۈلگەن كۆزلىرىنى ئەلفىرە بىلەن ئالمىرەگە تىكىپ-قۇربان ھېيىتقىمۇ ئاز قالدى،دۇكاننىڭ سودىسى ئىنتايىن ياخشى يۈرۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ.ئاپاڭلار بىلەن ئىككىمىز ئىككىڭلارغا ھېيىتلىق سوۋغات تەييارلاپ قويدۇق.سىلەرنى شۇنداق خۇشال قىلىمىزكى،ئۈستى-بېشىڭلاردىكى يىپ-يېڭى يارىشىملىق كىيىمىڭلار،ئالتۇن زىبۇ-زىننىتىڭلاردىن ئەتراپىڭلاردىكى كىشىلەر ھەيرەتتە قالىدۇ.
-ۋاھ!-دەۋەتتى ئالمىرە خۇشاللىقىدىن كىچىك بالىلاردەك سەكرەپ-راستما؟!
-ئەلۋەتتە راست قىزىم!داداڭلار سىلەرگە قاچان يالغان سۆزلىگەن؟
ئەلفىرەنىڭ ئويچان كۆزلىرىگە زورىغا يامرىغان كۈلكە نۇسرەتخاننى ئەجەبلەندۈردى.
-قىزىم،سىز خۇشال بولمامسىز؟
ئەلفىرە ئاپىسىدىن كۆزىنى قاچۇرۇپ پەس ئاۋازدا:
-مەن خۇشال بولىمەن ئاپا،بىراق،ئىنىم ئابدۇۋەلى بۇ يىل تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدۇ.ئۇ ناۋادا ئوقۇشقا بېرىپ قالسا،ئۇنىڭ غېمىنى قىلىشڭلار كېرەك،بىز ئاچا-سىڭىللارغا جىق ھەشەم قىلىپ كەتمەڭلار،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ مائاشىمىز بار تۇرسا.
ئالمىرە ئاچىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دومسايدى.
-قىزىم-دىدى نىياز ئاخۇن قىزىنىڭ سەمىمىيلىكىدىن تەسىرلىنىپ-بىزدە ئىنىڭىزنى ئوقۇتقۇدەك ئىقتىساد بار، بۇنىڭدىن ۋايىم يىمەڭ.
-سىلەر مېنى كۆڭلى پەرىشان،تەسەللىگە مۇھتاج دەپ ئويلاپ شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر،مەن قۇبۇل قىلالمايمەن،چۈنكى،مەن چوڭ بولۇپ پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلغىنىم يوق،شۇنداق تۇرۇپ يەنە سىلەرگە ئېغىرچىلىق سېلىشنى راۋا كۆرمەيمەن.
ئەلفىرە شۇنداق دەپلا ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ ئۆزىنى سىرىتقا ئاتتى.كەڭ كەتكەن ھويلىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى توخۇ كاتىكى يېنىدا دۆۋىلەنگەن قار دۆۋىسى گۈگۈم پەردىسى يېيىلغان ھويلا ئىچىدە كىچىك قارلىق تاغ چوققىسىنى ئەسلىتەتتى.ئەلفىرە ئاشۇ قار دۆۋىسى يېنىدا قەلبىنى ئۆرتەۋاتقان ئازابىنى يەڭگىللەتمەكچى بولغاندەك چەكسىز ئاسمان بوشلۇقىغا باقماقتا ئىدى.يەلكىسىگە قۇيۇلغان ئىسسىق بىر قول ئۇنى تەگسىز خىياللار قاينىمىدىن تارتىپ چىقاردى.
-ئاچا-دىدى ئالمىرە پەس ئاۋازدا-نىمە ئويلاۋاتىسىز؟بولدى،ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ.كۆڭلىڭىزنىڭ يېرىملىقىنى بىلىمەن،بۈگۈن خەلق مەيدانىدا ساليۇت ئېتىپ يېڭى يىل بايرىمىنى تەبرىكلەيدىكەن،ئەلمۇراتنى ئېلىپ كۆڭلىمىزنى ئېچىپ كېلەيلى بولامدۇ؟
ئۇ ئاسماندىكى چىمىرلىشىۋاتقان سانسىز يۇلتۇزلاردىن كۆزىنى ئېلىپ،سىڭلىسىنىڭ ھىسداشلىق ۋە چوڭقۇر قېرىنداشلىق مۇھەببىتىگە تولغان كۆزلىرىگە قاراپ بېشىنى بوش لىڭشىتتى.
خەلق مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا ساليۇتنى تاماشا قىلىش قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئادەملەر مىغىلدايتتى.كىشىلەر باشلىرىنى ئىگىز كۆتىرىپ،يۇلتۇزلۇق ئاسماندا"بوڭ"قىلغان ئاۋاز بىلەن پەيدا بولغان ھەر خىل رەڭ ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى ساليۇتلارغا قىزىقىش نەزەرىدە قارايتتى.بەزى ساليۇتلار ئېتىلغان ھامان ئاقار يۇلتۇزغا قارشى يۆنىلىشتە ئاسمان بوشلۇقىغا قاراپ ئالتۇن مەشۈت تارتقاندەك سوزۇلۇپ بېرىپ پارتىلاش ئاۋازى بىلەن تەڭ پانۇس شەكىلدە سانسىزلىغان ئالتۇن زەررىچىلەرگە ئايلىنىپ ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.بەزى ساليۇتلار تويى بولغان قىز-يىگىتلەرگە چاچقان چاچقۇلاردەك ھال رەڭ،سۆسۈن،ئاپئاق رەڭلەردە بولۇپ،ھاۋا بوشلۇقىدىن پىلدىرلاپ ئۇچۇپ چۈشۈپ،ئادەمنى رومانتىك ھىسسىياتلارغا چۆمۈلدۈرەتتى.يەنە بەزى ساليۇتلار پارتىلاشتىن ھاسىل بولغان ئىس-تۈتەكنىڭ ئەتراپىدىن چەمبەرسىمان شەكىلدە فۇنتاندەك ھەر تەرەپكە تەكشى ئېتىلىپ چىقىپ،ئادەمنى گويا كۆكتىن سانسىزلىغان ئۈزۈلمەس يىپلار قوشۇنى كېلىۋاتقاندەك تەسىراتقا كەلتۈرەتتى-دە،ھاۋادا ئۆز ئىزىنى قالدۇرۇپ غايىب بولاتتى.ئەلفىرە ئونۋىرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ كەڭ ئاسمىنىدا رەڭمۇ-رەڭ شەكىل چىقىرىپ ئېتىلغان ساليۇتلارنى ياتاقداش قىزلار بىلەن بىرگە ياتاق بىناسىنىڭ ئۆگزىسىدە تاماشا قىلغان.ئەلفىرەنىڭ قىن-قىنىغا پاتمايۋاتقان خۇشاللىقى قېتىدا ھامان بىر ھەسرەت قۇتراپ،ئاشۇ گۈزەل خۇشاللىق دەقىقىلەرنى كامران بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشنى ئويلايتتى.ۋىسالسىزئىزتىراپ پاك قەلبىنى تىنىمسىز غاجىلاپ،ھەر قانچە كۆپ ئادەملەر ئارىسىدا تۇرسىمۇ ئۆزىنى يەككە-يىگانە ھىس قىلاتتى.ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەن شۇ دەمدە ئۇ ئاللىقاچان بېشىدىن كۆپ ئىسسىق-سوغۇق ئۆتكەن،قەلب ئاسمىنى يىلتىزسىز دەرەختەك قاغجىرىغان،ھەممە نەرسىدىن رايى قايتقان ئوماق بىر بالىنىڭ ئاپىسى ئىدى. ئۇنىڭ دەز كەتكەن قەلب ئەينىكى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئوتلۇق مېھىر-مۇھەببىتى،ئوماق ئوغلىنىڭ چۈچۈك قىلىقىلىرىدىن تەسكىن تاپاتتى.ئەلفىرە كۈندىلىك خاتىرەنىڭ ھەر بېتىگە "ئادەمنى ئۈمىد ياشنىتىدۇ،غەم قاقشىتىدۇ"دىگەن ئاقىللارنىڭ سۆزىنى چوڭ قىلىپ خاتىرىلىۋالغاندى.ۋاقىتنىڭ ئازابنى ئۇنتۇلدۇرالايدىغانلىقىغا چەكسىز ئۈمىدۋار ئىدى. دەرسىنى بالدۇرلا تەكرار قىلىپ بولغان ئابدۇۋەلى ئىككى ئاچىسىغا ھەمراھ بولۇپ چىققاندى.قېلىن كىيىندۈرۈلگەن ئەلمۇراتنى كۆتىرىپ،ساليۇتلارنى ئەلمۇراتقا كۆرسىتىپ،خەلق مەيدانىنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان كەڭ مەيدانىدا جىيەنىنىڭ ۋىلىقلاپ كۈلۈشلىرىدىن ئۆزگىچە ھۇزۇر ئالماقتا ئىدى.
دەرۋازا ئالدىدا ئۈچ بالىسى ۋە نەۋرىسىنى خەلق مەيدانىغا ئۇزىتىپ چىققان نىياز ئاخۇن ۋە نۇسرەتخان ئۇلارنىڭ قارىسى يىتكەندىلا ئاندىن ئۆيگە كىرىپ كېتىشتى.نىياز ئاخۇن سوغۇق ھاۋادا مۇزلىغان قوللىرىنى مەشكە قاقلىغاچ،كەچلىك دورىسىنى يىيىشكە تۇتۇنغان نۇسرەتخانغا قاراپ گەپ باشلىدى:
-ھەي،بىچارە ئەلفىرە قىزىم-دىدى ئۇ ئېغىر خۇرسىنىپ-شەۋكەت دىگەن مەلئۇن ئىبلىس چاڭگىلىدا قىزىمىزنى تۈگەشتۈرۈپلىۋەتتى.نىمە تارتقۇلۇق بۇ ئەمدى؟قىزىمىز ئاجرىشىپمۇ كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ.قاچانلا قارىسا سۇلغۇن،ئەلمۇراتجان بالام كىچىك بولغاندىن كېيىن ھىچنىمىنى ئۇقمايدۇ،بىراق،ئاپىسىغا:«دادامنىڭ يېنىغا بارايلى»دەپ خاپىلىق سېلىشلىرى مېنىمۇ قاتتىق ئازابلايدۇ،ئۇ ئاشۇنداق ناچار ئەبلەخ بولمىغاندا ئىدى،ئەلفىرە بالىنى يىتىم قىلمىغان بولاتتى.ھەي...
-شۇنى دىسىلە، ئانا بالا ئىككىسىگە قاراپ مېنىڭمۇ ئىچىم سىيرىلىپ كېتىۋاتىدۇ.بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر،قىزىمىزنىڭمۇ كۈلىدىغان چاغلىرى كېلەر...-دىدى نۇسرەتخان كۆزدىن ئاققان ھەسرەتلىك يېشىنى ياغلىقنىڭ ئۇچىدا سۈرتكەچ.
ئۈزۈلمەس قارا يىپتەك كۆرۈنگەن كەڭ ئاسفالىت يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ئائىلە ئىلكتىر ئۈسكۈنىلىرى سېتىش دۇكانلىرى،تاللا بازىرى،مەخسۇس گىرىم بۇيۇملىرى سېتىش ۋە توي مۇلازىمەت مەركىزى، توپ سېتىش دۇكانلىرى،گېلەم سېتىش دۇكىنى،دورا دۇكانلىرى كۆزگە چېلىقاتتى.يولنىڭ كىرىش ئېغىزىدا غالتەكتە مىۋە-چىۋە سېتىۋاتقان باققاللار خېرىدار چاقىرىشاتتى.يول قىرىدىكى دۇكانلارنىڭ ئوتتۇرىسىنى قاق ئىككى تەرەپكە ئايرىپ تۇرغان تۈمۈر دەرۋازا ئۈستىگە"تەكلىماكان سودا بازىرى"دىگەن چوڭ ۋىۋىسكا ئېسىلغاندى.دەرۋازىنىڭ ئىچىگە قەدەم بېسىپ ئوڭ تەرەپكە قايرىلىشى ھامان خېرىدارلارنىڭ كۆزىگە تۇنجى بولۇپ چېلىقىدىغىنى خىلمۇ-خىل شايى ئەتلەس،شىفىڭ دۇخاۋا،چېكەن رەخىتلەر،رەڭگا-رەڭ كىيىم-كېچەكلەر بىلەن تولغان دۇكان بولاتتى.دۇكاندىكى ماللارنىڭ سەرخىللىقى ئۆتكەن-كەچكەن خېرىدارلارنىڭ مەيلىنى تارتىپ،ئۆز خاھىشىغا بويسۇنمىغان ھالدا بۇ دۇكاننىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىماي ماڭمايتتى.نىياز ئاخۇن ئەينى چاغدا دادىسى سەلىم ئاخۇننىڭ قولىغا-قول،پۇتىغا-پۇت بولۇپ ياردەملىشەتتى.سودىگەرلىكنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرى ئۇنىڭ ياش ۋۇجۇدىغا سىڭىپ،خېلىلا پىشىلىپ قالغاندى.ئۇ دادىسى بىلەن خوتەندىن شايى ئەتلەس ئەكىلىش داۋامىدا دائىم مال ئالىدىغان چۆپقەتنىڭ قىزى نۇسرەتخان بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭ خوتەن قىزلىرىغا خاس ئاقكۆڭۈللۇكى،خۇش پىچىم مىجەز-خۇلقى،ئەقىلنى لال قىلىدىغان گۈزەل ھۆسنى-جامالىغا ئاشىق بىقارار بولدى.ئۇ يۇرتقا قايتقاندىن كېيىن قويغان-تۇتقىنىنى بىلمەيدىغان خىيالچان بولۇپ قالدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تاماققا ئىشتىھاسى تارتماي كۈنسېرى جۈدەپ كېتىۋاتاتتى.دادىنىڭ تۇيغۇن يۈرىكى ئوغلىدىكى ئۆزگىرىشنى پەرق ئېتىپ ئۈلگۈرگەندى.ئۇ ئوغلىنىڭ ئالدىدا ئېغىز ئېچىپ،ئۇنىڭ قەلب دەرۋازىسىنىڭ سىرىنى ئاچماقچى بولدى.دادىسىنىڭ مېھرىۋانلىق بىلەن سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىش نىياز ئاخۇن ئۈچۈن بەسى مۈشكۈل تۇيۇلدى.چوڭ ئوغلىنى بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇقۇش ئۈچۈن ئارىغا سالغان سەلىم ئاخۇن ئوغلى ئارقىلىق مەسلىنىڭ تۈپ نىگىزىنى تېپىپ چىقىپ،نىياز ئاخۇنغا كۆپ نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ قىلچە ئۈنۈمى بولمىدى.
-يىراقتىن خوتۇن ئالما،يېقىندىن ئېشەك دەپتىكەن كونىلار-دەپ چۈشەندۈرەتتى سەلىم ئاخۇن ئايالى مەرەمنىساخان بىلەن نىياز ئاخۇننىڭ بېشىنى مېھرىۋانلىق بىلەن سىيلاپ-شۇنچە يىراقتىن ئۆيلەنمىسەڭمۇ يۇرتتا تىرناقتا توختىغۇدەك قىزلار كۆپ،جاھىللىق قىلما.
ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئۆزلىرى ياقتۇرغان بىرنەچچە تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ قىزلىرىنى تىلغا ئېلىۋىدى،نىياز ئاخۇن غىپلا قىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.ئۇ شۇ چىقىپ كەتكەنچە ھەپتىلەپ ئۆيگە قەدەم باسمىدى.سەلىم ئاخۇن ئەر-خوتۇن قويغان-تۇتقىنىنى بىلەيدىغان ساراڭ ئادەملەردەكلا بولۇپ قالغاندى.بىر كۈنى تۇيۇقسىز بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىرگەن نىياز ئاخۇننىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ ئۇلار ھۆڭرەپ يىغلىۋېتىشتى.نىياز ئاخۇن سەلىم ئاخۇننىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆيىدە بىرنەچچە ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن،تاغىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆيگە مەجبۇرەن قايتىپ كەلگەندى.تۈرمىدىكى مەھبۇستەك قۇيۇۋېتىلگەن چاچ-ساقاللار،بىر-تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن،گۈنىسى كەتكەن خۇنۈك كۆزلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈرەك باغرىنى ئېزىپلىۋەتكەندى.ئۇلار ئامالسىز مەسلىھەتلىشىپ خوتەنگە قىز سوراش ئۈچۈن يولغا چىقىشتى.نۇسرەتخاننىڭ ئاتا-ئانىسى ئاۋال ئۇلارغا خۇش چىراي مۇئامىلە قىلدى،كېيىن قىزىنىڭ بىراقلا توي قىلىپ يىراققا كېتىشى،يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئىبارەت دەرد-ئەلەمنىڭ قارا كۆلەڭگۈسى ئۇلارنى ئىنتايىن ئىتتىكلا سەلىم ئاخۇن قاتارلىق بىر نەچچەيلەننىڭ ئەلچىلىكىنى رەت قىلىشىغا سەۋەب بولدى.ئەمما،نۇسرەتخان ئاتا-ئانىسىنىڭ قارارىنى ئاڭلىغاندا چاچلىرىنى يۇلۇپ يىغلاپ،يىغا ئاۋازى ئارقا ھويلىنى بىرئالدى.يولنىڭ يىراق بولۇشىغا قارىماي،سەلىم ئاخۇن ئوغلىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن خوتەنگە بىر نەچچە قېتىم قىز سوراپ باردى.نۇسرەتخاننىڭ ھەسرەت-نادامەت قاپلىغان يىغا-زارىسى ئاتا-ئانىسىنىڭ جاھىللىقىنى بەرباد قىلىپ،ئامالسىز تويغا قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدى...ئۇلار توي قىلغان 35يىلدىن بۇيان ئىنتايىن ئىجىل-ئىناق ئۆتتى.بۇ جەرياندا ئىككى قىز،بىر ئوغۇلغا ئاتا-ئانا بولدى.بالىلار بىر-بىرىدىن ئەقىل-پاراسەتلىك،كۈيۈمچان،ئەدەبلىك،رايىش بولۇپ قاتارغا قېتىلدى.نىياز ئاخۇن ئاتا مىراس سودىگەرلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ،قول ئىلكىدە بار،شەھەرگە داڭقى كەتكەن سودىگەر بولۇپ تونۇلدى...
ئەلفىرەلەر قايتىپ كەلگەندە ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن تېلىۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇراتتى.بالىلار سىرىتتا كۆرگەنلىرىنى بەس-بەستە ئۇلارغا ئېيتىپ بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ھاياجان ۋە شادلىقتىن كۆزياشلىرى مۇنچاق بولۇپ تۆكۈلدى،نەۋرىسىنىڭ چۈچۈك قىلىقلىرىدىن كەيپىيات تېخىمۇ كۆتىرىلىپ،ئەلمۇراتنى سۈيۈپ ئەركىلەتكىنىچە قولدىن قولغا ئېلىشتى.
※ ※ ※
شەۋكەت ئاجراشقاندىن كېيىن ئوغلىنى بارغانسىرى سېغىنىشقا باشلىدى.
-ھەي بالام-دەيتتى ھەجىخان ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ-ئادەم دىگەن بالىغا ئۆلۈپ كېتىپمۇ چىدايدۇ.ئەلمۇراتجان بالام چوڭ بولسا ھامان سېنى تاپىدۇ.بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ يېنىدا بولغىنى ياخشى بولدى.سەن يېنىڭدا بالا يوق ئەركىن يۈرەلەيسەن،بالا يېنىڭدا بولسا يەنە توي قىلساڭ،بالاڭنى يېڭى ئالغان ئايالىڭ ياخشى كۆرمەيدۇ-دە،سەن باش ئاغرىقى تارتىپ ئۆتىسەن،ئەلفىرەخان بالا ماكىلاپ ئولتۇرسا ئۇنى ئەر ئالمايدۇ،ئالغاندىمۇ بالىنى ئۆگەيلەپ،ئۇ خېنىمنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمايدۇ.شۇچاغدا ئۇيۇننىڭ قىزىقىنى كۆرىمىز،تولا ھەسرەتلەنمەي سىرىتلارغا چىقىپ كۆڭلۈڭنى ئېچىپ كەل...
شەۋكەت ئۇزاق ئۆتمەي مەلۇم شىركەتتە ئىشلەيدىغان ھەنىپە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن دوستىنىڭ تويىدا تونۇشۇپ قالدى.ھەنىپەنىڭ گۈزەل ھۆسن-جامالى ۋە شوخلۇقى شەۋكەتنى ئاسانلا ئۆزىگە رام قىلىۋالدى... شەۋكەت ئەلفىرە بىلەن ئاجرىشىپ بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا ھەنىپە بىلەن توي قىلدى.شەۋكەت ھەنىپە بىلەن يېڭى توي قىلغاندا،بەخىتلىك ئۆتۈپ كېتەرمەن دەپ ئويلىغاندى،ھەنىپە ھەر قېتىم تاماق ئەتكەندە،كىر يۇيغاندا،ئۆي رەتلىگەندە،شەۋكەتنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ ئۇنىڭغا ئەركىلەپ تۇرۇپ:
-جېنىم شەۋكەت،مېنىڭ سەل مىجەزىم يوق،بۇئىشلارنى سىز قىلىۋېتىڭچۇ-دەيتتى.
ھەنىپەنىڭ ناز-كەرەشمىلىرىدىن ئۆزىنى يوقاتقان شەۋكەت ھەنىپەنىڭ گېپىنى يىرمايتتى.شۇنداق چاغلاردا ئەلفىرەنىڭ شەۋكەتكە ھىچقانداق سېلىق سالماي ئۆز ئالدىغا تاماق ئېتىپ ئالدىغا قويغانلىرى،كىر-قاتلارنى يۇيۇپ دەزماللاپ چامادانلارغا سالغانلىرى،ئۆيلەرنى پاك-پاكىز تۇتۇشلىرى كۆز ئالدىغا غىل-پال كېلىپ قالاتتى.كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ ئىشلار شەۋكەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىگە ئايلىنىپ قالدى.ئىشلار ھەنىپەنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىسا شەۋكەت بىلەن سوقۇشاتتى،ئۆينى بېشىغا كىيىپ ۋارقىراپ جارقىرايتتى.ھەجىخاننىڭ ئۆيىگە كىرگەن چاغلىرىدا قېينىئانىسىنىڭ ھىچقانداق ئىشلىرىغا ياردەملەشمەيتتى.ئەكسىچە شەۋكەتنىڭ ئاتا-ئانىسىغا،قېرىنداشلىرىغا ئەيىب قوياتتى.قايسى كىيىم يېڭى چىقسا غەلۋە قىلىپ،شەۋكەتكە شۇ كىيىمنى ئالدۇرماي قالمايتتى.كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئۇلار چىقىشالمىغىلى تۇردى.ھەنىپە ھەدىسىلا ئۆزىنىڭ قىز تۇرۇپ شەۋكەتتەك بىر قېتىم ئۆيلەنگەن،بالىسى بار ئادەمگە تېگىپ قالغانلىقىدىن زارلىنىپ شەۋكەتنى كەمسىتەتتى.شەۋكەتمۇ تولا كاپشىپ ئۆزىنى خاپا قىلغان ھەنىپەنى ئۇراتتى.
مەلۇم بىركۈنى شەۋكەت ھەنىپە بىلەن تاللا بازىرىدا نەرسە-كېرەك ئېلىۋاتاتتى.ئەلمۇراتنى قۇچىقىدا ئەركىلەتكەچ نەرسە سېتىۋېلىۋاتقان ئەلفىرە بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى.ئەلفىرەنىڭ نەپرەتلىك شەھلا كۆزلىرى شەۋكەتنىڭ ھاكاۋۇرلۇق چاقناپ تۇرغان كۆكۈش كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا،شەۋكەت ئاۋال سەل ھۇدۇقتى،كېيىن گويا ھەنىپەنى ئەلفىرەگە كۆز-كۆز قىلىۋاتقاندەك،ھەنىپە ئارقىلىق ئەلفىرەنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرماقچى بولغاندەك،بىلەكلىرىنى ھەنىپەنىڭ مۈرىسىگە ئېلىپ،ئۇنىڭغا باشقىچە يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى.ئەلفىرە شەۋكەتنىڭ يىرگىنىشلىك تۇرقىغا نەپرەت بىلەن ئالىيىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن"شارتتىدە"كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭدى.ئەلمۇرات شەۋكەتنى كۆرۈپلا:«دادا!...دادا!...دادامنىڭ يېنىغا بايىمەن!...»دەپ يىغلاپ ئەلفرەنى ئۇرۇپ چاچلىرىنى يۇلۇشقا باشلىدى.ھەنىپە بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ئىچىنى گويا چايان چاققاندەك بولۇپ شەۋكەتكە ئىتتىك قارىدى.
-ئاۋۇ جومباق ئەجەپ بىزگە ئالىيىپ كەتتىيا؟قۇچىقىدىكى بالا سىزنى«دادا» دەپ چاقىرىۋاتىدىغۇ؟سىزنىڭ بالىڭىز ئاشۇما؟
شەۋكەت سوغۇق تەرلەپ كەتتى.
-ھە...ئە...-دىيەلىدى ئۇ ئارانلا.
ئەلمۇراتنىڭ«دادا!»دەپ زار-زار يىغلاشلىرىدىن يۈرەك باغرى ئېزىلگەن شەۋكەت ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئەلفىرە كەتكەن تەرەپكە قاراپ قالدى.
يۈرەك پارىسىنىڭ بوزلاپ يىغلاشلىرى ئۇنىڭ دادىلىق مېھرىنى ئۇرغۇتۇپ،قەلبىدىكى سېغىنىش ئوتى يالقۇنجاپ،كۆز چانىقى ياشقا تولدى.
-ۋۇي،نەگە قاراۋاتىسىز؟قارايدىغان ئادىمىڭىز مانا مەن،تۈكۈرىۋەتكەن تۈكرۈكىڭىزدىن ئەجەپ كۆز ئۈزەلمەي قالدىڭىزا؟-دىدى ھەنىپە چاڭىلداپ سۆزلەپ.
ھەنىپەنىڭ گېپى شەۋكەتنىڭ قۇلىقىغا گويا مۇشت بىلەن ئۇرغاندەك تۇيۇلۇپ،ئۇنىڭغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى.
-كۆزنى قاراشقا ياراتقان،قارىسام نىمە بوپتۇ؟
-قارىسام نىمە بوپتۇ دەيدىغان ئادەم نىمە ئۈچۈن شۇ پاسكىنىغا قاراپ ئولتۇرماي مەن بىلەن توي قىلغان؟-دەپ ۋارقىرىدى ھەنىپە شەۋكەتنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە سوقۇشۇشقا باشلىدى.ئۇيان-بۇيان ئۆتۈپ مال كۆرۈۋاتقان خېرىدارلار ئورۇنلىرىدا توختاپ ئۇلارغا قاراپ قېلىشقاندى.
-گېپىڭ بولسا ئۆيگە بېرىپ قىل،نۇمۇس قىلمايدىغان ئاۋاق!-دىدى شەۋكەت ھەنىپەگە قول شىلتىپ.
-ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە ھايۋان!مېنى قارىتىپ قويۇپ ئاۋۇ مېكىجىنغا كۆزۈڭ تېشلىپ كەتكۈچە قاراپ كېتىپسىنا!مەن ئۇ پاسكىنىدەك سەن نىمە دىسەڭ قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرىدىغان لامزەللە ئەمەس،ئۇقۇپ قوي،مېنى بوزەك قىلالايدىغان ئادەم تېخى بۇدۇنياغا تۆرەلمىدى!
شەۋكەت تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ تاللا بازىرىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئېلىپ،ئالاقزادىلىك بىلەن ئەتراپىغا قارىدى.ئۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆزلىرىنى تاماشا كۆرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ،نۇمۇستىن ساقىلىنى پاكىز قىردۇرىۋەتكەن يۈزى لازىدەك قىزىرىپ،ئوڭايسىز قىياپەتتە ھەنىپەنىڭ قوللىرىنى ياقىسىدىن ئاجراتتى.ئۇنىڭ ھازازۇللۇق بىلەن قىلغان سۆزلىرىگە جاۋابمۇ بەرمەي ئىتتىك سىرىتقا چىقىپ كەتتى.شۇ كۈنى كەچلىكى ئۇلار پاراڭنى تەگىشىپ تاڭ ئاتقۇچە سوقۇشۇپ چىقتى.
شەۋكەتنىڭ كۈندىن-كۈنگەئەلمۇراتنى سېغىنىش ئوتى كۈچىيىپ،ئوغلىنىڭ«دادا!»دەپ قىقىراپ يىغلىغان ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ،ھازىرقى تۇرمۇشىدا نىمىدۇر بىرنىمىنىڭ كەملىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.نارەسىدە بالىسىنىڭ يىتىملىكىدىن ۋۇجۇدى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازابلاندى.گايىت ئاخۇن بىلەن ھەجىخانمۇ ئوماق نەۋرىسىنى سېغىنىشقاندى.ئۇلار گۈلنىگارنى ئەلمۇراتنى ئەكىلىشكە ئەۋەتتى.ئەلمۇراتقا تىل چىقىپ،خېلى كۆپ تاتلىق سۆزلەرنى قىلالىغۇدەك،خىلمۇ-خىل قىلىق چىقىرىپ ئادەمنى كۆيدۈرگىدەك بولغاندى.ئەلمۇرات كېلىش بىلەنلا بۇ ئائىلىدە ئېغىر سوغۇقچىلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى.ھەنىپە ئەلمۇراتقا تۈزۈككىنە چىراي ئېچىپمۇ باقمىدى.شەۋكەت سىرىتقا چىقىپ كەتكەن چاغلاردا ھەنىپە ئەلمۇراتنى چىمدىپ تۇرۇپ:«بۇ ئۆيدە ساڭا نىمە بار ھاراملىق؟ئاپاڭنىڭ يېنىغا كەت!»دەپ تىللايتتى.ئەلمۇرات ھەنىپەنى كۆرسىلا قورقۇپ قىقىراپ يىغلايتتى.ھەنىپەنىڭ ئەلمۇراتنى خورلاشلىرى شەۋكەتنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ،ھەنىپەگە قاتتىق تېگەتتى.
-ئاپىسىغا بېرىۋەتكەن بالىنى بۇ ئۆيگە ئەكىلىپ نىمە قىلاتتىڭىز؟ھېلىمۇ بۇ ئۆيدە بىر ھەپتە تۇرغۇزدۇق.ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋېتىپ قايتا ئەكەلمەڭ!-دەيتتى ھەنىپە شەۋكەتكە قەھىرلىك ۋارقىرىپ.
بالا ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋېتىلگەندىن كېيىن شەۋكەت كۈنبويى ئوغلىنى سېغىنىپ،بالا دەردىدە تولا تاماكا چېكىپ،ھاراق ئىچەتتى.ئەلمۇراتنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇش،تامىقىنى يىگۈزۈش،پوق-سۈيدۈكىنى ئادالاشتەك ئىشلارغا يېقىن يولاپمۇ قويماي ئەكسىچە ئۇنى خورلىغان ھەنىپە شەۋكەتنىڭ كۆزىگە بارغانسىرى گويا ئالۋاستىدەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى.ئەنە شۇ كۆڭۈلسىز تۇرمۇش ئىچىدىن ئەلفىرە بىلەن ئەلمۇراتنى ئويلاش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بىلىنەتتى.گايىت ئاخۇن بىلەن ھەجىخان بولۇۋاتقان كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ھەسرەت چېكەتتى.ئۆز ئوغلىنىڭ خۇي-پەيلىنى بىلىپ تۇرۇپ،ئۇنىڭغا تەربىيە بېرىشنىڭ ئورنىغا ئەلفىرەگە قاتمۇ-قات گۇناھ ئارتىپ،ئۇنى بۇ ئۆيدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىلسا،نەۋرىسى ئەلمۇراتنىڭ يىتىملىكىدىن پۇچىلىناتتى.ھەنىپە بىلەن ئەلفىرەنىڭ ئوبرازى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ گەۋدىلىنىپ،ئەلفىرە ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن بۈيۈك شەخىس بولۇپ نامايەن بولۇپ،ئۇنى سېغىنىشقا،ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى ئەيىبكار ھېس قىلىشقا باشلىدى...
بىر قېتىم بالىنىڭ سەۋەبىدىن شەۋكەت بىلەن ھەنىپە ئۆيدا مۇشتلىشىپ كەتتى.ھەنىپەنىڭ زەھەردەك ئاچچىق سۆزلىرىدىن شەۋكەت ئۇنىڭ ئالدىدا قىلچە قەدىر-قىممىتىنىڭ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى.ھەنىپەنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئاياللارغا خاس مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئىزناسىنىمۇ تاپالمىدى.كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ ئۆز تارتقۇلۇقىنى ئۆزىنىڭ ئەلفىرەگە قىلغان ۋاپاسىزلىقىدىن كۆرۈپ،ئاچچىق پۇشايمان ئوتىنىڭ ئاتەشلىك يالقۇنىدا جانسىز تىپىرلىدى.ھەنىپەنىڭ كاللىسىدا شەۋكەتتىن ئۆچ ئېلىش ئىستىكى كۈنسىرى ئۇلغىيىپ بارماقتا ئىدى.ئۇ ئۆز ياشلىق باھارىنىڭ شەۋكەتتەك بىرئەرزىمەس ئادەمنىڭ قولىدا توزۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا زادىلا چىداپ تۇرالمايتتى...
كەچلىك تاماقتىن كېن قورسىقى قاتتىق ئاغرىغان شەۋكەت كۆڭلى ئېلىشىپ قەي قىلىشقا باشلىدى.ھەنىپە ياندىكى ئۆيدە قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇش بىلەن بەند ئىدى.
-ھەنىپە...ھەنىپە...تېز بۇياققا چىقىڭ!...-شەۋكەت زەئىپ ئاۋازدا ھەنىپەنى چاقىردى.
-ھە،مانا مەن-دەپ يۈگرەپ چىققان ھەنىپە شەۋكەتنىڭ يېنىغاكېلىپ ھەيران قالغان قىياپەتتە:
-ۋۇي،نىمە بولدىڭىز؟ھېلىلا بىر ئوبدان تۇراتتىڭىزغۇ؟-دەپ سورىدى.
-قورسىقىم ئاغرىپ زادىلا بولالمايۋاتىمەن...ماڭا دورا ئەكىلىپ بېرىڭ...
ھەنىپە دەرھال قايناقسۇ بىلەن ئاغرىق پەسەيتىش دورىسىنى ئەكىلىپ شەۋكەتكە سۇندى.دەل شۇ پەيتتە ئىشىك چېكىلدى.ھەنىپە چۆچۈگەن ھالدا ئىشىكنى ئاچتى.ئىشىك ئالدىدا ئۇدۇل خوشنىسى مۇقەددەس قولىدا چىنە تۇتقان ھالدا تۇراتتى
-كەچتە چۆچۈرە ئەتكەن ئىدىم،كۆڭلۈم سىلەرنى تارتىپ قالدى،ئاز بولسىمۇ تېتىپ باقارسىلەر-دىدى مۇقەددەس كۈلۈپ تۇرۇپ.
-رەھمەت،ئۆيگە كىرىڭە-ھەنىپە خۇشياقمىغاندەك قىياپەتتە مۇقەددەسنىڭ قولىدىكى چىنىنى ئالغاچ،ئۇنى ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا رەسمىيەت يۈزىسىدىن ئۆيگە تەكلىپ قىلدى.
شۇ ئەسنادا شەۋكەت ھەدەپ ياندۇرۇشقا،قورسىقىنى تۇتۇپ نالە قىلىشقا باشلىدى.
-ۋۇي،شەۋكەتكە نىمە بولدى؟-مۇقەددەس ئەنسىرىگەن ھالدا ئىشىكنى توسۇپ تۇرغان ھەنىپەنى ئىتتىرىۋېتىپ ئالدىراپ ئۆيگە كىردى.
-نىمە بولغىنىنى ئۇقالمىدىم،بايا دورا ئىچكەن ئىدى،ياخشى بولۇپ قالار-دىدى ھەنىپە زورىغا كۈلۈمسىرەپ.
-مەن ئەبەينى چاقىراي،شەۋكەتنى دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى!
مۇقەددەس جىددىيلەشكىنىچە چىقىپ كەتتى.ھەنىپە مۇقەددەسكە نىمىدۇر دىمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئاچقانچە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى.
جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن چىقىپ بالنىتسىدا ياتقان شەۋكەتنىڭ چىرايى مۇردىدەك تاتىرىپ كەتكەندى.يېنىدا كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي ھېقىقداۋاتقان ئائىلىسىدىكىلەرگە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ئاستا قارايتتى.دوختۇرنىڭ:"تەكشۈرۈش ئارقىلىق چاشقان دورىسى يەۋالغانلىقىڭىز ئىسپاتلاندى.ھېلىمۇ ۋاقتىدا ئېلىپ كەپتۇ.پىشانىڭىز ئوڭ ئىكەن..."دىگەن گەپلىرى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئەكس سادا بولۇپ ياڭراپ،كۆزلىرىدىن ئەلەملىك ئۇچقۇن چاقنايتتى،قېلىن لەۋلىرى ئۈمچىيىپ قالغاندى.
-سېنى جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي دوختۇر مېنى ئاستا چاقىرتىپ،سېنىڭ چاشقان دورىسى يەۋالغانلىقىڭنى ئېيتتى-دىدى گايىت ئاخۇن-بۇ ئىشتىن قاتتىق گۇمانلىنىپ دەرھال ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلدىم.ساقچىلار ئاۋال ھەنىپە دىگەن چاياندىن گۇمانلىنىپتۇ.ئۇلار ھەش-پەش دىگۈچە ئۆينى ئاختۇرۇپ،گۇمانلىق پاكىتلارنى بىردەمدىلا تېپىپ چىقىپ،دوختۇرخانىدا ساڭا يالغاندىن ھېسداشلىق قىلىپ يىغلاپ ئولتۇرغان ھەنىپەنىڭ قولىغا كويزا سالدى...ئۇ چاغدا سەن يەنىلا ھۇشسىز ياتاتتىڭ.ئاھ خۇدا!...
شەۋكەت كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالدى.ئۇ كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى ھەنىپەنىڭ جىددىيلىشىش،تىترەش،تاقا-تۇقا سۆزلەشتەك روھىي ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەكتە ئىدى.ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەرد-ئەلەم ۋە ئاچچىق ھەسرەت يۈرىكىنى تىلغاپ،كۆز ياشلىرى چاچلىرىنىڭ ئارىسىغا سىرغىيتتى.
شەۋكەت شۇ ياتقانچە ئۆرە بولالمىدى.پۇت-قوللىرى ماغدۇرسىز بولۇپ،بېشى قېيىپ،كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشاتتى،گاھىدا قەي قىلىپ قۇرۇق ھۆ بولاتتى.بىر نەچچە قېتىملىق خېمىيىلىك تەكشۈرۈشتىن كېيىن دوختۇر گايىت ئاخۇننى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى.ئۇ گايىت ئاخۇنغا ھېسداشلىق نەزەرىدە قاراپ پەس ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى:
-ئوغلىڭىز چاشقان دورىسى بىلەن قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن،سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تۆۋەن بولماقتا.بىمارنىڭ قېنى تەركىبىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىسى بىلەن قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ نىسبىتىىدە كۆرۈنەرلىك پەرق مەۋجۈت.بىر نەچچە قېتىملىق كىلىنكىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، بىمارغا ئاق قان كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى دەپ دىئاگنۇز قويۇلدى. ئىلگىرى كېسەلنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بولغاچقا،ئۇ ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشنى ۋاقتىدا بايقىيالمىغان.بۇ ھادىسىدىن كېيىن ئۇنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى تېزلا ناچارلاپ،ھازىرقىدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان. دەرھال تەييارلىق قىلىپ بىمارنى تېز يۇقىرى دوختۇرخانىغا يۆتكەڭلار.
گايىت ئاخۇننىڭ قۇلاقلىرى غۇڭۇلداپ.يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى.ئۇ دوختۇر ئىشخانىسىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. پۇتلىرى گويا نەچچە كىلوگىرام تاش ئېسىلغاندەك ماغدۇرسىز بولۇپ،ئاران يۆتكەپ ماڭاتتى.
شەۋكەت كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ كۈنبويى ئەلفىرەنى،ئوغلى ئەلمۇراتنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىنى كۆزئالدىغا كەلتۈرەتتى.ئۆي تۇتۇش جەريانىدا ئەلفىرە بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ،ئۇنى ئۆزىگە مۇتلەق بويسۇندۇرۇش كويىدا ئۇنىڭغا بىھۇدە قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى ئويلاپ پۇشايمان ئوتىدا ئۆرتەنسە،يۈرەك پارىسىنىڭ يىتىملىك كوچىسىدا سەرسان بولۇپ يۈرگەنلىكىدىن ئۆزىنى گۇناھكار ھىسابلايتتى ھەم ئۆزىنىڭ ئانا-بالا ئىككىسىگە سالغان دىشۋارچىلىقىدىن ئۇلارغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلاتتى.ھەنىپەنىڭ گۈزەل ھۆسنى-جامالىغا مەپتۇن بولۇپ،ئۆز پۇشتىدىن تامغان ئوغلىغا ئاتىلىق مېھرىنى يەتكۈزمىگەنلىكىگە،بىگۇناھ نارەسىدىنى ھەنىپەدەك ئالۋاستىنىڭ قولىغا تاشلاپ بېرىپ خورلىغانلىقىغا پۇشايمان قىلاتتى.ھەنىپە تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغان ئەرلىك غورۇرىنى قايتا تىكلەشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى ھېس قىلاتتى.ئۆز ھاياتى بىلەن ئويناشقان ھەنىپەنى قىيما-چىيما قىلىۋەتكۈسى كېلەتتى.ئۇ تۇرۇپلا يەنە ئەلفىرە بىلەن ئەلمۇراتنى ئويلاشقا باشلايتتى.ئەلمۇراتنىڭ «دادا!...»دەپ چاقىرغان يېقىملىق ئاۋازى،ۋىلىقلاپ كۈلۈشلىرى،تاتلىق قىلىقلىرى،ئەلفىرەنىڭ مۇلايىم كۈلكىلىرى كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ ئۇنى بىئارام قىلىدىغان،كۈنبويى تىت-تىت بولۇپ،قانداقتۇر بىر ئارماننىڭ قىينىشىدا تولغىنىدىغان بولۇپ قالدى.ئۇ گويا ئەلفىرە ئەلمۇراتنى كۆتۈرگەن ھالدا ياتاق ئىشىكىدىن كىرىپ كېلىدىغاندەك ئىشىكتىن كۆز ئۈزمەيتتى.
گۈلنىگار مەيۈس ھالدا ياتاققا كىرىپ شەۋكەتكە قاراپ پەس ئاۋازدا:
-ئاكا،بايا ئەلفىرە ئاچام سىزنى يوقلاپ كەپتىكەن،بۇخەت بىلەن پۇل چېكىنى سىزگە بېرىشىمنى ئېيتتى-دىدى قولىدىكى قەغەزنى شەۋكەتكە سۇنۇپ.
-ھە؟!...ئۇ قېنى؟!ئۇنى نىمىشقا ياتاققا باشلاپ كىرمىدىڭ؟!-شەۋكەت جىددىيلەشكىنىچە ۋارقىرىۋەتتى.يۈرىكى ئەنسىز دۈپۈلدەپ سوقاتتى.
-ئۇ كىرىشكە ئۇنىمىدى.بالىنى ئەكەپتىكەن،بالا ئاپامنىڭ قۇچىقىدا.
شەۋكەت ماغدۇرسىز بەدەنلىرىنى تاشلاپ ئوڭدىسىغا يېتىپ قالدى.ئورۇقلاپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىدە چوڭقۇر ئازاب ئەكىس ئېتەتتى.ئۇ تىترەڭگۈ قولىدا خەتنى ئاستا ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى:
«شەۋكەت،ياخشىمۇسىز؟
سىزنىڭ ئېغىر كېسەل ئازابىدا تولغىنىۋاتقىنىڭىزدىن خەۋەر تاپتىم.نىمىلا بولمىسۇن،ئىككىمىز بىر نەچچە يىل ئەر-خوتۇن بولۇپ ئۆتكەن،ئاشۇ بىچارە بالامنىڭ تەقدىرىگە بەكمۇ ئېچىنىمەن.مەن ئارىمىزدىكى ئۆچ-ئاداۋەتنى قايرىپ قويۇپ،30مىڭ يۈەننىڭ چېكىنى سىزگە بەرمەكچىمەن،كېسەل تېنىڭىزنى داۋالىتىشىڭىز ئۈچۈن ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالار.ئوماق ئوغلۇم دادا مېھرىگە مۇھتاج.شۇڭا ئۇنى سىزنىڭ يېنىڭىزغا ئېلىپ كەلدىم.
خەير-خوش
ئەلفىرە»
شەۋكەت خەتنى باغرىغا باسقىنىچە ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى.ئەلفىرەگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشىغان ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ قانماي ھىدلايتتى.
گايىت ئاخۇن دوختۇرخانا رەسمىيىتىنى بېجىرىپ،شەۋكەتنى يۇقىرى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلىدى.ئۇلار ئامالسىز گۈلنىگاردىن ئەلمۇراتنى ئەلفىرەگە ئەۋەتىپ بەردى.
شەۋكەت چۈش كۆردى.چۈشىدە كەڭ كەتكەن چىملىقتا ئەلمۇرات شوخلۇق بىلەن ئويناپ يۈرگۈدەك.بىر تۈپ قارىغاي دەرىخىنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈنىۋالغان ئەلفىرە:«ئەلمۇراتجان بالام!...»دەپ يېقىملىق توۋلاپ،بالا تەرەپكە غۇلاچلىرىنى كېرىپ يۈگۈرگىدەك،ئانا-بالا ئىككىيلەن قۇچاقلىشىپ،ناخشا ئېيتىشىۋاتقاندا،تۇيۇقسىز بىر تەتۈر قۇيۇن كېلىپلا ئۇلارنى پىرقىرىتىپ كۆك قەرىگە ئېلىپ چىقىپ كېتىپ كۆزدىن غايىب بولغىدەك.شەۋكەت تەرەپ-تەرەپكە يۈگرەپ،ئۇلار چىقىپ كەتكەن بوشلۇققا قاراپ:«ئەلفىرە،ئەلمۇراتجان بالام،سىلەر قەيەردە؟!...»دەپ ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىرىغۇدەك.توساتتىن ھاۋا ئۆزگىرىپ ئاسماندىن شارقىراپ يامغۇر ياغقىدەك.يامغۇرنىڭ رەڭگى قىپقىزىل قان رەڭگىدە بولۇپ،پۈتۈن كائىنات قىپقىزىل قان تۈسىگە كىرگۈدەك.قاننىڭ قىزىقلىقىدىن پۇتلار كۈيۈپ كۆسەيگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقۇدەك.كۆز يەتكۈسىز يىراقتىن كۈيۈپ كۆسەيگە ئايلانغان چوڭ-كىچىك ئىككى ئىسكىلىت ئاستا-ئاستا شەۋكەتكە يېقىنلاپ كېلىۋاتقۇدەك.ئىسكىلىتلار شەۋكەتكە يېقىنلىشىپ كېلىپلا كارنىيىنى سىقىپ،ئۇنىڭ جېنىنى ئالغىلى تاس قالغۇدەك.شەۋكەت ھەر قانچە تىپىرلاپمۇ بوشىنالمىغۇدەك.بىر چاغلاردا ئىككى ئىسكىلىت ئىختىيارسىز ئۇنى بوغۇشتىن توختاپ بىر شۇڭغۇپلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كۆزدىن غايىب بولغىدەك.ئىسكىلىتقا ئايلانغان شەۋكەت ئىككىسىنىڭ كەينىدىن ۋارقىرىغىنىچە قالغۇدەك.
«ئەلفىرە،ئەلمۇراتجان بالام،سىلەر قەيەردە؟!...»دەپ ۋارقىرىغىنىچە قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغانغان شەۋكەت ۋەھىمە ئىچىدە كۈچىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ،ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە ئەنسىزلىك بىلەن قاراپ چىقتى.ئۆز چۈشىگە ئۆزى تەبىر بېرىپ،ئەلفىرە بىلەن ئەلمۇرات بىرەر كېلىشمەسلىككە يۇلۇققاندەك جىددىيلىشىشكە باشلىدى.ئۆينىڭ نېرى بۇلۇڭىدا گۈلنىگار بىلەن ھەجىخان تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.قول سائىتىگە قارىۋىدى،سائەت سىتىرىلكىسى ئىككى يېرىمنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.ئۇ ھەر قانچە جىددىيلەشكىنى بىلەن قېينىئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايسى يۈزى بىلەن بارىدۇ؟يەنە كېلىپ كېچىدە.ئۇ لاسسىدە بوشاشقان ھالدا سوغۇق تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى.ئۇ كارۋاتتىن ئاستا چۈشۈپ كىيىملىرىنى كىيدى.پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ سىرىتقا چىقتى.قىشنىڭ سوغۇق ھاۋاسى بەدىنىنى بەزگەكتەك تىترىتىپ،قىرتاق سۇيۇقلۇق كۆزلىرىدىن سىرغىپ ئاغزىغا كىرمەكتە ئىدى.ئۇ تىترەڭگۈ قوللىرىدا تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ كۈچەپ شوراشقا باشلىدى.كۆز ياشلىرى بارغانسىرى ئۇلغىيىپ ياقىسىغا تامچىلاشقا،ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدى.ئۆي تۇتۇش جەريانىدا ئۆزى ئۈچۈن ھەقلىق دەپ قارىغان،ئەلفىرەگە قىلغان زورلۇق-زومبۇلۇقلىرىنى پۇشايمان ئىچىدە ئەسلەپ چىقىپ،ئۆز خاتالىقلىرىنى يەكۈنلىدى.كەلكۈندەك يامراپ كېلىۋاتقان بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە دەس ئورنىدىن تۇرۇپ ئاپئاق قارنى غاچىلدىتىپ دەسسەپ،تېز-تېز ماڭغىنىچە گۈگۈم پەردىسى يېيىلغان سۈبھى قوينىغا سىڭىپ كەتتى...