كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 3

تەقرىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  560
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 310
تۆھپە : 50
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 18:11:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ئارۇز بەھىرلىرى" ناملىق غەزەللەرگە قىسقىچە تەقرىز

ئابدۇقادىر سادىر

شائىر ياسىنجان ئېبراھىمنىڭ شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى مۇنبىرىدە بېرىلگەن "ئارۇز بەھرلىرى" تېمىسى ئاستىدىكى غەزەللىرى خېلى كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دېققىتىگە سازاۋەر بولدى. جۈملىدىن مەنمۇ  ئۈچ يۈرۈش غەزەلنىڭ ھەممىسىنى بىر بىرلەپ ئوقۇپ چىقتىم. شائىر ئارۇز ۋەزىنىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن ئارۇز شېئىرىيىتىنىڭ ھەر قايسى بەھىرلىرىدە قەلەم تەۋرىتىپ، بىر بۆلۈك ئىزدەنمە غەزەللەرنى ئىجاد قىلغان. تور ئېنكاسلىرىدا ئەكىس ئەتكەندەك، مەيلي ئۇ قەدىمقىلار كۆپ قوللانغان بەھىرلەر بولسۇن، مەيلى ئاز قوللانغان بەھىرلەر بولسۇن، ھەممىسىگە دادىللىق بىلەن كىرىشىپ، ھەر قايسى بەھىرلەردە ئۆزىنى سىناپ باققان. ئايرىم بەھىرلەردە ئارقا- ئارقا بىر نەچچىدىن غەزەل رۇياپقا چىققان. بەزى بەھىرلەرنىڭ ئوخشىمىغان بەھىر تۈرلىرىدە يېزىپ باققان. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن شائىرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدېنىش رۇھى قەدىرلەشكە، ئىلھام- مەدەت بېرىشكە ئەرزىيدۇ.
ۋەھالەنكى، بۇ "ئارۇز بەھرلىرى " دە سادىر بولغان يېتەرسىزلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس. ھېچ بولمىغاندا مەن ئوقۇۋىتىپ شۇنداق ھېس قىلدىم. بۇ يېتەرسىزلىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى بەھىرلەر قائىيدە- قانۇنلىرىغا دائىر بولۇپ،  ئۇنى ئېنىق كۆرسەتمىگەندە، سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈزىۋەتكەندە، شائىرنىڭ ئۆزىگىمۇ، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ توغرا ئىگەللىشىگىمۇ زور زىيان يېتىدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، "بىلمىگەننى سورا، بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما" دېگەن ئەقىيدىگە ئاساسەن بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى سۇنغاچ، ھېس قىلغان يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم. بۇ مەندىكىلا ئەمەس، ھەر قانداق ئىلىم ئەھلىنىڭ ئىلىم ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىدۇر.
ئەمدى، "بەھىرلىك غەزەللەر" نىڭ ئۆزىگە كەلسەك، شائىر ئەشۇ ئىزدېنىشلىرى ئىچىدە ھەر قايسى بەھىرلەرنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىنى پىششىق ئۆگىنىش، ئالاھىدىلىكنى ئىگىلەش قاتارلىق زۆرۈر تەرەپلەرگە سەل قارىغان ياكى يۈزەكى، ھېسسى چۈشەنچە ئاساسىدا پىرىنسىپلىق خاتالارغا يول قويغان. بولۇپمۇ ھەر بىر بەھىردىكى شېئىر مىسىرالىرىنى تەشكىل قىلغۇچى بۆلەكلەرنىڭ تەفئىلى، شۇ تەفئىلدىكى بوغۇملارنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىق جايلىشىشى قاتارلىقلارغا ئىنچىكىلىك بىلەن دېققەت قىلمىغان. نەتىجىدە، شۇ غەزەلدە رېتىمسىزلىق، ۋەزىندە "پەدە چېقىش" ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەزى بەھىرلەر سەل يېقىن كەلگەن بولسىمۇ، تازا مۇكەممەل چىقمىغان. بەزىلىرىدە ھەتتا، بىرىنىڭ "دوپپىسى" بىرىگە كېيگۈزۈلۈپ قالغان. يەنى، غەزەل باشقا بەھىردە، ئۇنىڭغا قويۇلغان نام باشقا بەھىرنىڭ بولۇپ قالغان.


ئالدى بىلەن "بەھرى بەست" نامىدىكى غەزەللەرگە قاراپ باقايلى:
بەھرى بەسد (بەسد ئەمەس، بەسىت)
ۋەسلىڭ- دىدا رىڭنى سېنىڭ كەلدىم ئۇزاقلاردىن سوراپ،
ئشقى ئوتۇڭدا ئۆرتىنىپ دەردۇ-پىراقلاردىن سوراپ.
كۆكتە تولۇن ئاي كۆرسىلا ھۆسنۈڭگە ئەيلەيدۇ ھەسەت،
بىلدىم ھىدىڭنى گۈلدىكى خۇشبۇي پۇراقلاردىن سوراپ.
چولپان سورايدۇ نۇر-زىيا شەھلا كۆزۈڭگە تەلمۈرۈپ،
كۆردۇم قېشىڭنى قىردىكى يۇمران قىياقلاردىن سوراپ.
ئەسلەتسە شىرىن لەۋلىرىڭ تاڭدا يېرىلغان غۇنچىنى،
سۇمبۇل چېچىڭنى تۈن دىدىم تۈندەك بوياقلاردىن سوراپ.
سۇمبۇل چېچىڭنىڭ سالمىسى چۈشتى بويۇنغا نە ئىلاج،
ئەمما بارالمايمەن مۇھاببەتنى توزاقلاردىن سوراپ.
قەلبىم سىمايىڭنى ئايان قىلسا كۆزۈم ئېكرانىدا،
شىرىن چۈشۈممۇ بىر سېنى كەلدى ئۇزاقلاردىن سوراپ.
كۆيدى نىمىشقا تۈن بويى ئاتەشنى پەرۋانە سۆيۈپ،
ئىشقىمنى بىلگەيسەن ئەشۇ نۇرلۇق چىراقلاردىن سوراپ.
      توغىرلاش:
مەزكۈر غەزەل تۇراققا (رۇكىن بۆلەكلىرىگە) مۇنداق ئايرىلىدۇ:
ۋەسلىڭ- دىدا /رىڭنى سېنىڭ/ كەلدىم ئۇزاق/لاردىن سوراپ،
ئشقى ئوتۇڭ/دا ئۆرتىنىپ/ دەردۇ-پىراق/لاردىن سوراپ.
بەست بەھرى: "مۇستەفئىلۇن/ فائىلۇن/ مۇستەفئىلۇن/ فائىلۇن/" دىن ئىبارەت ئىككى تەكرار تەفئىلىدە چۈشىدۇ
يۇقىرىقى غەزەل: "مۇستەفئىلۇن/ مۇستەفئىلۇن/ مۇستەفئىلۇن/ مۇستەفئىلۇن/" دىن ئىبارەتەت تۆت تەكرار تەفئىلىدە چۈشكەن بولۇپ، بۇ تەفئىلدىكى بەھىرنى "رەجەز مۇسەممەنى سالىم" ( مۇكەممەل سەككىزلىك كۈيلەش) دەيمىز. شۇڭا بۇ غەزەل "بەھرى بەسىت" ئەمەس،  "بەھرى رەجەز" دەپ ئاتىلىدۇ.

بەھرى بەسد (بەسد ئەمەس، بەسىت)
سۆيگۈ باھارى ئۆزگىچە ئىنسانغا رىشتە باغلىدىم،
قەدرىمگە قوندۇرماي غۇبار لەۋزىمدە تۇردۇم ئاغمىدىم.
قەلبىڭگە يازغىن بىمالال ئىسمىمنى ۋىجدان ھەل بېرەر،
جاننىڭ قېتىدا جان بىلىپ ئەھدۇ-ئىماننى ساقلىدىم.
ئۆمرۈمدە بۇردا ناننىمۇ چىشلەي ھالاللاپ تەر بىلەن،
مېھنەتكە تالىق بارلىقىم بىخ سۈردى ئەجرىم شاخلىدىم.
دىلنىڭ بايانى تىل دىسەم باركەن قەسەم قىلتاقلىرى،
چۆكمەي تىرەن ئاھ كۆڭلىگە شىرىن سۈخەننى ماختىدىم.
كۆڭلۈم بېغى دەپ بەزىلەر ئالۋۇننى كۆرسەتتى ئۇدۇل،
دەسسەپ قوقاسقا ۋاي دىدىم باغرىمنىمۇ تەڭ داغلىدىم.
باردۇر بەدەللەرنى تۆلەش مۇشكۈل سىناقتۇر بۇ ھايات،
ئالغان ساۋاقلارنىڭ بېتى ئاق قالسا بەزەن يازمىدىم.
كۈلمەي تېپىشماقتەك نىگار سۆيسەڭلا دىلدىن بەس ماڭا،
يۇلتۇزلىرىڭنى چاقنىتاي مېھرىمنى ئاسمان چاغلىدىم.
بۇ غەزەلمۇ ئېنىقلا رەجەز بەھرىگە ("مۇسەممەنى مەتۋىيى"- قاتلاپ ئوقۇلىدىغان سەككىزلىك تۈرى) گە چۈشۈپ قالىدۇ. "بەست بەھرى" گە يېقىنمۇ كەلمەيدۇ.
سۆيگۈ باھا/ رى ئۆزگىچە/ ئىنسانغا رىش/ تە باغلىدىم،/
قەدرىمگە قون/ دۇرماي غۇبار/ لەۋزىمدە تۇر/ دۇم ئاغمىدىم./
مۇفتەفئىلۇن/ مۇفتەفئىلۇن/ مۇفتەفئىلۇن/ مۇفتەفئىلۇن/

                        بەھرى رەجەز

مۇئەممادۇر ھايات ئىلكى ياشاپ كەلدۇق جاۋاپ ئىزدەپ،
تىرەن مەنا جۇلاسى بار تىرىك ئىزنى ساناپ ئىزدەپ.
دىدى بىر ئىز:«ئىشىق ئەھلى ياراتقاندۇر مۇھاببەتنى،
كۆيۈپ باققىن لاۋا ئىچرە ئۆزۈڭگە دەرت-ئازاپ ئىزدەپ»
دىدى بىر ئىز:«ئىمانىڭ سۇس سوراق كۆپتۇر قىيامەتتە،
گۇناھ ساقىت ئۆتەر بولساڭ ئىبادەتتە تاۋاپ ئىزدەپ»
دىدى بىر ئىز:«مۈلۈك ئەۋزەل،ھوقۇق ئەۋزەل جانان ئەۋزەل،
ئۇنىڭسىز نە ھوزۇر مەنا يېتەرسەن جان ئاتاپ ئىزدەپ.
دىدى بىر ئىز:«دىلىڭدىن نۇر تىلىڭدىن بال تېمىپ تۇرسۇن،
ھالال ئەجرىڭ بىلەن ئۆتكىن ساخاۋەتلىك ساۋاپ ئىزدەپ.
يېزىپ پۈتمەس ساناقسىز ئىز سىرى-ۋەسلى بايانىنى،
نە ھاجەتكى بېشىمدا بىر قۇياش تۇرسا جاۋاپ ئىزدەپ.
توغىرلاش: يۇقىرىقى غەزەل: "مەفائىيلۇن مەفائىيلۇن مەفائىيلۇن مەفائىيلۇن" تەفئىلىدە چۈشكەن بولۇپ، بۇ تەفئىلدىكى بەھىرنى "ھەزەج بەھرى" دەيمىز. ئۇ ئەشۇ ھەزەج بەھرىنىڭ "ھەزەجى مۇسەممەن "  (تەركىپىدە مۇكەممەل سەككىزلىك بولغان ھەزەج) تۈرىدە يېزىلغان. شۇڭا ئۇنى "رەجەز" دېگىلى بولمايدۇ. يۇقىرىقى غەزەلنىڭ تۇراقلىرىنى مۇنداق ئايرىشقا بولىدۇ.
مەفائىيلۇن/ مەفائىيلۇن/ مەفائىيلۇن/ مەفائىيلۇن/
مۇئەممادۇر/ ھايات ئىلكى/ ياشاپ كەلدۇق/ جاۋاپ ئىزدەپ،
تىرەن مەنا /جۇلاسى بار/ تىرىك ئىزنى/ ساناپ ئىزدەپ.
بىلمەك كېرەككى، "رەجەز بەھرى" بولسا، تۆت تەكرار "مۇستەفئىلۇن" تەفئىلىدە چۈشۈرىلىدۇ. ئاۋۇ غەزەل "ھەزەج بەھرى" نىڭ  "مەفائىيلۇن/ مەفائىيلۇن/ مەفائىيلۇن/ مەفائىيلۇن/" تەفئىلىدە يېزىلغان.
بەھرى مۇزارئى
ئەجەپ يالغۇز ياڭاق چاقتىڭ يارانلار يوق،
بىر چاغلاردا بىللە پادا باققانلار يوق.
چىقىۋالدىڭ مەيدە كېرىپ قىرغاققا تېز،
يېرىپ دولقۇن سۇدا بىللە ئاققانلار يوق.
بولۇپ چولپان سەھنىلەردە چاقناپ ئۆزۈڭ،
مەدەت بېرىپ ناخشاڭغا ساز چالغانلار يوق.
يۇۋاشلارنىڭ يەلكىسىنى قىلدىڭ شوتا،
يولۇڭغا ھەم تۈندە مەشئەل ياققانلار يوق.
ئەمەس باقى ئالەم ئامەت ئىنسانغا ھەم،
سۈرۈپ دەۋران باقىيلىقتا قالغانلار يوق.
ياشالمىدى نى غالىپلار قورغانغا تەڭ،
قېلىپ قورغان شۇ قورغاننى ئالغانلار يوق.
قالاركەنغۇ چوققىلارمۇ ئىز ئاستىدا،
ئەلگە چۆكمەي ئەلدە ئابروي تاپقانلار يوق.
توغىرلاش: 1. ئىسپات: "مۇزارئ بەھرى" دە 12 تارماق بەھىر تۈرى بولۇپ، ھەرقايسى بەھىر تۈرلىرى تەفئىللەرنىڭ (رۇكىن بۆلەكلىرىدىكى) بوغۇم سانى جەھەتتە 10، 11، 14، ۋە 15 بوغۇمدىن تۈزۈلىدۇ. (ئەلبەتتە تەفئىللەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئورنى ئوخشىمايدۇ). شۇڭا ئۇنىڭ تەفئىللىرى: "مەفائىيلۇ فائىلاتۇ مەفائىيلۇ فائىلۇن"، " مەفائىيلۇ فائىلۇن مەفائىيلۇ فائىلۇن"،مەفائىيلۇ فائىلاتۇ مەفائىيل"، مەفئۇلۇ فائىلاتۇ مەفائىيلۇن"، "مەفئۇلۇ فائىلاتۇ فەئۇلۇن" دېگەندەك 12 تۈرلۈك بەھىر تۈرى بويىچە ماڭىدۇ.
2. يەكۈن: يۇقىرىقى غەزەلنى "مۇزارى بەھرى" دېگىلى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بىرىنچى مىسىراسى "ھەزەج بەھرى" نىڭ "ھەزەجى مۇسەددەس سالىم" (مۇكەممەل ئالتىلىك ھەزەج) دە، ئۈچ تەكرار "مەفائىيلۇن" تەفئىلىدە يېزىلىپ، ئىككىنچى مىسىراسىنىڭ ئۇزۇن- قىسقا بوغۇملار ئورنى تولىمۇ قالايمىقان ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مىسىرانىڭ رېتىمى قاتتىق بۇزۇلۇپ، ھەزەج بەھرىنىڭ باشقا تۈرلىرىگىمۇ ئۇدۇل كەلمەي قالغاننىڭ سىرتىدا باشقا بىرەر بەھىرنىڭ بىرەر تۈرىگىمۇ تەۋە بولالماي قالغان. شۇنداقلا بىرىنچى مىسىرا ۋەزىنىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلىيالمىغان.خۇلاسىلىغاندا، ھەرقايسى بېيىتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مىسىرالىرىنىڭ ۋەزىن رىتىمى ئىگىز- پەس، پۈتۈن غەزەلنى مۇقىم بىرەر بەھىرنىڭ بىرەر تۈرىگە مەنسۇپ قىلماق قېيىن. قاراپ باقايلى:
ئەجەپ يالغۇز/ ياڭاق چاقتىڭ/ يارانلار يوق/
بىر چاغلاردا بىللە پادا باققانلار يوق. (بۇ مىسىرا ھېچقانداق بەھىرگە چۈشمەيدۇ. ھېچ بولمىغاندا، مەلۇم رىتىم ئىچىدە دىكلىماتسىيە قىلغىلى بولمايدۇ. "ئارۇز" لۇق خۇسۇسىيەت تولىمۇ كەم.)
ئاخىرقى خۇلاسە: بۇ غەزەلنى "پالانى بەھىردە يازغان" دېگىلى بولمايدۇ.
بەھرى مۇزارئى
باغلاردا قۇش بەزمىسى يوق بېسىقىپتۇ،
كۈز جامالى كۆزلىرىمگە  چېلىقىپتۈ.
سارغىيىپتۇ ياپرىقى دەل- دەرەخلەرنىڭ،
غازاڭ بولۇپ يول-يوللارغا يېيىىلىپتۇ.
شوخ بالىلار يوق جىگدىنىڭ شاخلىرىدا،
پىشىپ كەتكەن مىۋىلەرمۇ قېقىلىپتۇ.
يوق ھەم ساپاق-ساپاق ئۈزۈم باراڭلاردا،
نوگاي قاپاق  كاۋىلارمۇ  كېسىلىپتۇ.
تولۇپ كەتكەن قوي كالىلار ئېتىزلارغا،
چەللىلەرگە  شاخ-شادىلار بېسىلىپتۇ.
چۆنەكلەردىن چىلگە قوغۇن ھىدى كەلمەس،
قارانچۇقسىز ساتمىلارمۇ يىغىلىپتۇ.
ئاق قۇشقاچلار ئىزدەپ خامان ئۇچار توپ-توپ،
ئۆگزىلەردە كەپتەرگە دان چېچىلىپتۇ.
سۇڭگۇلغاچلار تاقلىشار كەڭ شۈدىگەردە،
ھەر جانلىقنىڭ رىسقى يەردىن تېپىلىپتۇ.
قەيەردىندۇ ئاڭلىنار شوخ توي ناۋاسى،
بىر جۇپ ياشنىڭ سۆيگۈ رىشتى چېتىلىپتۇ.
بۇ غەزەل مۇزارىئ ئەمەس. مۇزارىئدا بوغۇم سانى 15، 14، 10، 11 دا چەكلىنىدۇ (12 بوغۇملىقى بولمايدۇ. بولمىغان ئىكەن، يوق نەرسىنى "مۇزارىئ دەۋالغىلى بولمايدۇ)
مەفائىيلۇ فائىلاتۇ مەفائىيلۇ فائىلۇن، مەفائىيلۇ فائىلاتۇ مەفائىيل،  مەفائىيلۇ فائىلۇن مەفائىيلۇ فائىلۇن، مەفئۇلۇ فائىلاتۇن مەفئۇلۇ فائىلاتۇن، مەفئۇلۇ فائىلاتۇ مەفائىيلۇ فائىلۇن، مەفئۇلۇ فائىلاتۇ مەفائىيلۇ فائىلان، مەفائىيلۇ فائىلاتۇ مەفئۇلۇن، مەفائىيلۇ فائىلاتۇ مەفائىيلۇن، مەفائىيلۇ فائىلاتۇ فەئۇلۇن.
بەھرى مەنسەرىھ (مەنسەرىھ ئەمەس، مۇنسەرىھ)
سېھىرلىكسەن ئاسماندا ئاي تولغان كېچىلەر،
تەنھالىقتا تالاي ھەمراھ بولغان كېچىلەر.
چاچقۇ قىلىپ يوللىرىمغا يۇلتۇزلىرىڭنى،
يىراقتىكى يارنى ئەسكە سالغان كېچىلەر.
ھەسرىتىمنى شاماللارغا تۆكسەم مۇڭلۇنۇپ،
مۇڭداش بولۇپ باغرىغا چىڭ باسقان كېچىلەر.
باغلاردىكى شىلدىرلىغان ياپراقلار ئارا،
شىۋىرلىغان ئاشىقلارغا ياققان كېچىلەر.
چىللايسەن گاھ بالىلىققا خىياللىرىمنى،
شۇنچە سىرلىق چۆچەكلىرىم قالغان كېچىلەر.
گۈزەل تاڭلار ۋىسالىنىڭ تەشنايى قىلىپ،
سىرداش بولۇپ كىرپىكىمدە قونغان كېچىلەر.
بۇ غەزەلمۇ "مۇنسەرىھ" ئەمەس، باشقا بەھىرلەرگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. كېلىدۇ دېيىلسە، بىرەر بەھىر بىلەن ئىسپاتلاپ دەلىللىسە بولىدۇ.            
  بەھرى مۇقتەزەب
قار-مۇز ئېرىپ ئەگىز ئاقار تۇنجى سىم-سىم يامغۇر ياغار،
بىخ سۈرىدۇ  شاخ  نوتىلار قىشنى سۈرۈپ كەلدى  باھار.
ئۆچەكتە جان مىدىرلايدۇ ئورماندا قۇش ۋىچىرلايدۇ،
مەيىن سابا شىۋىرلايدۇ ئاچتى قۇچاق  كۈلۈپ باھار.
شاتلىنار ئەل نورۇز كېلىپ يۇرت-يۇرتلاردا مەشرەپ قىلىپ،
دىللارغا ئوت-ئىشىق سېلىپ كەلدى نۇرغا چۆمۈپ باھار.
چاچقۇ قىلسا چىچەكنى باغ كۆز يېشىنى ئاققۇزدى تاغ،
يېشىللىقنى ئېتىپ باغ-باغ كەلدى يەرنى سۆيۈپ باھار.
ئۆيگە مېھمان بولدى قالغاچ ئۆتكەن باھار ئۇۋا سالغاچ،
ئەتمەي ئاڭا ئىشىكنى ئاچ  ياش تۆكمىسۇن چۆچۈپ باھار.
ماڭدى دېھقان ئېتىزىغا كەتمەن سېلىپ دولىسىغا
چۆكسۇن ھوسۇل دېڭىزىغا ئاڭا كۆيۈپ كەلدى باھار.
   بۇ غەزەل "مۇقتەزەب" نىڭ "مۇسەممەنى مەتۋىي" (قاتلىنىدىغان سەككىزلىك راۋان بەھرى) گە چۈشكىلى ئاز- ئازلا قالغان. تولۇق چۈشمەسلىكىدىكى سەۋەپ، ئۇزۇن- قىسقا بوغۇملار ياكى تاۋۇشلارنىڭ تەرتىپى بۇزۇلغان. يەنى: تۆۋەندىكىدەك جايلىشالمىغان
/-vv -/v -v -  /-vv -/v -v -  
       بەھرى قەرىب
بولۇپ گۈل ئال دىدا گاھى ،
تىكەنسەن ئار قىدا گاھى.
ھىلەڭ كۆپ قىلمىشىڭ چانسا،
ياتارسەن دالدىدا گاھى.
بېرىپ ئۈن-شەپىنى تاغدىن،
مارايسەن باغچىدا ەاھى.
خوشالسەن ئىككى پاختەكنى،
سوقۇپ بىر چالمىدا گاھى.
ئىگىز شاخ ئالمىسى مەن دەپ،
چۈشەرسەن ئاستىغا گاھى.
چالالماي چاندۇرۇپ سازنى،
خىيالىڭ ناخشىدا گاھى.
غۇلاتقاي تېگى يوق ھاڭغا،
ھالاكەت ساختىدا گاھى.
پۇشايمان ياشلىرىڭ ئاققاي،
گۇناھنىڭ ئاستىدا گاھى.
بۇ غەزەل "رەجەز مۇسەممەنى مەخبۇن" نىڭ قاتلاپ سۇندۇرۇلغان يەنى، ئىككىگە پارچىلانغان  شەكلى) بولۇپ، "قەرىب بەھرى" گە توغرا كەلمەيدۇ.
مەفائىلۇن مەفائىلۇن مەفائىلۇن مەفائىلۇن
بولۇپ گۈل ئال/ دىدا گاھى/، تىكەنسەن ئار/ قىدا گاھى/،
ياكى،
مەفائىلۇن مەفائىلۇن
بولۇپ گۈل ئال/ دىدا گاھى/
تىكەنسەن ئار/ قىدا گاھى/
شەكلىدە بولغاچ، ئېنىقكى، ئۇنى "رەجەز بەھرى" دېسەك توغرا بولىدۇ.

بەھرى قەرىب
ھاياتقا ھىممىتىم لايىق،
رىسىققا مېھنىتىم لايىق.
جۇلالاپ ماڭلىيىمدا تەر،
ئەجىرگە نېممىتىم لايىق.
تىلەكلەر نۇر-زىيا دىلدا،
ئىشىمغا رىغبىتىم لايىق.
چىچەكلەپ ئىزلىرىم يولدا،
ياشاشقا قىممىتىم لايىق.
بېرەر ھەل بەلكى ئالتۇندىن،
غورۇرغا زىننىتىم لايىق.
تۇغۇلدۇم ئادىمىلىكتىن،
دىلىمغا خىسلىتىم لايىق
بۇ غەزەلدە "بەھرى قەرىب" نىڭ ھېچقانداق يۇقۇندىسى يوق. بار دېيىلسە،  قەرىب قائىيدىلىرىدىن ئىسپات بىلەن دەلىللەپ كۆرسىتىلسە بولىدۇ. لېكىن بۇ غەزەل "رەجەز بەھرى" نىڭ تۆتلىك شەكىلدىكى "مەخبۇن" تۈرىگە تەۋە كېلىدۇ. يەنى: "مەفائىلۇن/ مەفا ئىلۇن/
ھاياتقا ھىم/ مىتىم لايىق/
رىسىققا مىھ/ نىتىم لايىق/
(بىراق، رەجەزگە چۈشىدىكەن دەپ، روكىن بۆلەكلىرىدىكى ئۇزۇن- قىسقا بوغۇملارنىڭ تەرتىپىدە چاتىقى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ)
                 بەھرى كامىل
ئەقىدە باغلاپ دىلدىن سۆيەي دەپ سېنى تاللىدىم،
كۈلبەڭدە شامدەك ئۆچمەي كۆيەي دەپ سېنى تاللىدىم.
سۆيگۈ بېغىدىن ئىزدىگەن گۈلۈم بىر سەن ئەمەسمۇ،
بۇلبۇلۇڭ بولۇپ سايراپ ئۆتەي دەپ سېنى تاللىدىم.
بۇلدۇقلاپ تۇرغان زىلال چەشمىدەك شەھلا كۆزۈڭگە،
ئىشقىمنى تاشلاپ چوڭقۇر چۆكەي دەپ سېنى تاللىدىم.
تولغىنىپ تۇرغان بېلىڭدە ئوينار چېچىڭ دولقۇنى،
بېلىقىڭ بولۇپ ئۇندا ئۈزەي دەپ سېنى تاللىدىم.
قوشۇلدى ئىشىق قوشۇلدى رىسىق قوشۇلدۇق سۇدەك،
ھىممەتلىرىمنى كۈندە تۆكەي دەپ سېنى تاللىدىم.
ھالال ئەجىردە مورىدىن بىللە چىقىرىپ تۈتۈن،
بەخىت تەمىنى تېتىپ كۈلەي دەپ سېنى تاللىدىم.
بۇ بەھىر ئۆز- ئۆزىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، ئۇ "تولۇق، پۈتۈن" لىكنى ئىپادىلەيدىغان ھەر جەھەتتە كامىل دېگەن مەنىگە ئىگە. يۇقىرىقى غەزەل بېيىتلىرىنى تۆۋەندىكى تەفئىلگە سېلىپ، رۇكىنلىرىدىكى ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملارنىڭ جايلىشىش تەرتىپىنى سېلىشتۇرۇپ باقساقلا، يېتەرسىزلىكنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. بۇ ئاپتۇر ۋە قىزىققۇچىلارنىڭ تەھلىل قىلىپ كۆرىشىگە قالدۇرۇلدى.
كامىل بەھرىنىڭ سالىم ئالتىلىك شەكلى:
مۇتەفا ئىلۇن/ مۇتەفا ئىلۇن/ مۇتەفا ئىلۇن/
-/v - v v/  -v - v v /  -v- v v
مۇتەفا ئىلۇن/ مۇتەفا ئىلۇن/ فەئىلاتىن/
بەھرى ۋافىر
ياشاش ئىمتىھان ئۆتەلمەيدىغان كۈنۈڭ بار،
بەخىت دەپ بەدەل تۆلەلمەيدىغان كۈنۈڭ بار.
جاھاننى دېڭىز ئۆزۈڭنى بېلىق چاغلايسەن،
گاھى تۇنجۇقۇپ ئۈزەلمەيدىغان كۈنۈڭ بار.
باھار يامغۇرى ساڭىلا ياغماس ياشنىتىپ،
قاغجىراپ-چاڭقاپ ئۆسەلمەيدىغان كۈنۈڭ بار.
ئىنسان بېشىدا باردۇر مۇھتاجلىق ئەلگە باق،
چېلىشقا تەنھا چۈشەلمەيدىغان كۈنۈڭ بار.
پاتقاققا يولدا پاتقاندا ھارۋاڭ بىئىلاج،
تەنھا بىر ئۆزۈڭ كۈچەلمەيدىغان كۈنۈڭ بار.
نىجاتكارىڭ ئەل مەدەتكارىڭ دوست-ياراندىن،
ھامان رىشتىڭنى ئۈزەلمەيدىغان كۈنۈڭ بار.
"ۋافىر بەھرى" 20 بوغۇملۇق (نەپەس ۋەزىندىكى) شېئىر شەكلى بولۇپ، "مەفائىلاتۇن" نىڭ ھەر مىسىرادا تۆت تەكرارىدىن ھاسىل بولىدۇ. بۇ بەھىرنىڭ ئايرىم قىسقا تۈرلىرىمۇ بار بولۇپ، يۇقىرقى مىسىرا شەكلىنى پارچىلاپ،  بىر تۈرىدە "مەفائىلاتۇن" نى ھەر مىسىرادا ئىككى تەكرارلايدۇ. يەنە بىر تۈرىدە "مەفائىلاتۇن" ئۈچ تەكرارلىنىدۇ.
ئەمما، يۇقىرىقى "ۋافىر بەھرى" دەپ ئاتالغان غەزەل 13 بوغۇملۇق بولۇپ، "ۋافىر" نىڭ رۇكىن بۆلەكلىرىگە ۋە بۆلەكلەرنى تەشكىللەش قانۇنىيىتىگە چۈشمەيدۇ. باشقا بەھىر تۈرلىرىگە چىنەپ باققاندىمۇ ۋەزىنلىرى، ياكى روكىن بۆلەكلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى ئۇدۇل كەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ غەزەل ۋافىر بەھرىدىكى غەزەل ئەمەس.
(ئاساسلانغان ماتىرىياللار: ئەلىشېر نەۋايى: "مىزانۇل ئەۋزان". زەمىر سەئدۇللازادە: "ئارۇز ئىلمى")

idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1024
تۆھپە : 114
توردا: 185
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 20:04:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئۇستاز ، دېگەنلىرى بىز دىمەكچى بولغان ئەمما تىخىچە دىيىشكە قۇربىمىز يەتمەيۋاتقان نوقتىلار ئىدى. ئەمدى مەسىلە ياسىنجان كەتكۈزۈپ قويغان موشۇ نوقتىلاردىن تۈزۈتۈپ تۇرۇپ، باشقا غەزەللەرنى تۈزۈش مۆمكىنمۇ؟...

يەنە بىر سۇئال: كونا مۇنبىرىمىزدە سىلىنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىي شەكىللىرى ھەقىقدە بىر كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغانلىقلرى قەيىت قىلىنغاندەك ئېسىمدە، شۇ كىتابنى تەقەززارلىق بىلەن كۆتىۋاتقان كىتابخانىلىرى قاچانلاردا ئوشبۇ نەتىجىلىرى بىلەن يۈز كۆرىشەلەيدىكىن؟...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  560
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 310
تۆھپە : 50
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 10:06:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىسالە ھازىر تەھرىرلەش باسقۇچىدىكەن.قاچان چىقىشنى ھازىرچە بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.

مۇۋەپپەقىيەت تېرىشچانلىقت

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1743
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 108
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 20:59:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم،ئۇستاز !مەن ئىزچىل شىئىرىيەت، ۋەزىن توغرىسىدا ماتىريال ئىزدەپ يۈرەتتىم ،سىزنىڭ يۇقارقى بايانلىرىڭىزنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم. سىزنىڭچە شىئىر يېزىش ئۈچۈن شائىردا قانداق شارائىتلار يېتىلىشى كېرەك ؟ بىز يازماقچى بولغان ئوبكتنى قايسى نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ پىكىر يۈرگۈزىمىز؟

ياخشىلىق يامانلىق ئاللاھدىن كىلۇر ،
ئىنسان ئۈچۈن سەۋر قىلماقلىق كىرەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش