جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2094 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 49|ئىنكاس: 0

بويتاق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  748
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 175
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:05:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇقېيۇم ئابدۇرېھىم

(ئادىل تۇنىيازنىڭ «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى» دېگەن شېئىرلار توپلىمىغا)

شائىر

ئەزەلدىنلا بويتاق تۇغۇلغان،

تەپەككۇرى ئىسيان ھەر قاچان.

تەنھالىقتا ئەسلا ۋايسىماس،

يۈرىگىدە ئارمان پارلىغان.



مىنىۋېلىپ تۈننىڭ بوينىغا،

يۇلتۇزلارنى ئەسىر قىپ بۇندا.

ئۇ ياشايدۇ ۋاقىتنى غاجاپ،

ئۇپۇقلاردا يۈرۈيدۇ تەنھا.



ئەقىدىسى مەھكەم بەك تېرەن،

بويتاق روھى ئالەمنى كېزەر.

جۈپ كۆزىدىن چاقنىغان ئوتلار،

قاراڭغۇنى كۆيدۈرۈپ ئۆتەر.



ئارزۇلىرى ھەريان سەيلىدە،

قەدەملىرى تەمكىن بەك تەمكىن.

ۋاقىتلارنى تىترىتىپ يۈرەر،

قۇرلىرىدا سۆيگۈ بار  چېقىن.
شائىر

ئۇخلار يەنە ھەممە كىشىدەك،

لېكىن ئۇنىڭ يۈرىگى ئويغاق.

بۇ ھاياتنىڭ چەكسىز يولىدا،

جۈپتى بارۇ ۋە لېكىن بويتاق.



شائىر قەلبى قۇتىرىغان نىگاھ،

تىنىقلىرى تۇغىدۇ ناخشا.

تىلەكلىرى تۇتسا بىر قەدەھ،

ئىچىۋېتەر مەست بولۇپ دۇنيا.



ئارمانلىرى قىلىدۇ پەرۋاز،

توسىيالماس ئۇنى ھېچكىممۇ.

قاراشلاردا گۈزەل ئېچىرقاش،

زاھىر ئۇندا چىكىت، ئۈندەشمۇ.



شائىر بولماق ھەجەپ تەس، بەك تەس،

خىياللار پىنھان بەك گۈزەل.

سۈكۈتتىكى ئوتلۇق قاراشلار،

چېقىن بولۇپ ئوقۇيدۇ غەزەل.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش