«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سۈپەت، سۈرئەت ۋە ئۈنۈم قارىشى، كەڭ ئوقۇرمەنلەر ۋە ئاپتورلارنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالماقتا. ژۇرنال ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگۈچىلەرنىڭ تۆھپىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلماستۇر، ژۇرنال ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا، ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى قەدەملىرىنىڭ يەنىمۇ نۇسرەتلىك بولۇشىغا سەمىمىي تىلەكداشمەن!
رۇقىيە ئابدۇللانىڭ شېئىرلار توپلىمى ___ «فېۋرالنىڭ چۈشى»نى قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم ھەم بۇ توپلامدىكى كۆپ قىسىم ئەسەرلىرىنىڭ تولىمۇ ياخشى يېزىلغان، سالمىقى بار ئەسەرلەردىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىي ئىزدىنشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، قەلىمىنىڭ يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|