كۆرۈش: 3388|ئىنكاس: 40

'' كۈسەن مەدەنىيتى '' ژۇرنىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1624
تۆھپە : 78
توردا: 591
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا تۆھپىكار مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 14:05:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1.1.jpg



龟兹文化2010 封面 1-4.jpg


«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى




          1980-يىللاردا شاپىگىرافتا بېسىپ تارقىتىلىپ كىتابخۇمار خەلقىمىزنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان «كۇچا ناخشىلىرى»دىن باشلانغان كۇچادىكى ژۇرناللارنىڭ قەدىمى «ئاممىۋى كۇلۇب»، «كۈسەن ئەدەبىياتى»، «مارجان بۇلاق» قاتارلىق ناملار بىلەم ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ، بەزىدە بىر يىلدا ئىككى-ئۈچ سان ۋە بەزىدە ئىككى-ئۈچ يىلدا بىر سان بولسىمۇ چىقىرىلىپ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى چاڭقاشلىرىغا خىلۋەت ئېكىنزارلىقتىكى «مارجان بۇلاق» تەك مەلھەم بولۇپ كەلگەن ئىدى.

          2008 -يىلىغا كەلگەندە كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندىن قوللىشى؛ ناھىيەلىك پاتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى ۋە ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى بىلەن «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سىناق سانى چىقىرىلىپ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى. 2011-يىلى 1- سانىدىن باشلاپ پەسىللىك ئۇنىۋېرسال ژۇرنال بولۇپ تەستىقلىنىپ، رەسمى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىچكى نومۇر بىلەن چىقىرىلىپ ئەدەبىيات ئاشىنالىرى ۋە ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ نېمەتلىك داستىخىنىغا، قەلەمكەشلەرنىڭ بەيگە مەيدانىغا ئايلاندى.

      «كۈسەن مەدەنىيىتى» نەشر قىلىنغاندىن بۇيان 2009-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ناھىيەمىزدىكى چىمەن بازارلىق مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى قۇربان نىياز ئاكا ھەر يىلى ئۆز يېنىدىن 5000 يۇەن پۇل چىقىرىپ «چىمەنزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلغان بولۇپ ھازىرغىچە ئىككى قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

يېقىندا يەنى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كۇچادا «كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تەسس قىلىنىپ، «كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ تاللاش، مۇكاپاتلاش چارىسى ئېلان قىلىندى. كۇچا ناھىيەسى تارىخىي مەدەنىيەت ماركىسى يارىتىش ئۈچۈن مەخسۇس «كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تەسىس قىلىپ، ناھىيە ئىچىدىكى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنى زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ كارتىنىسىنى سىزىپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.

       بىز بۇ يەردە ئاشۇ مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنى خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل ھوزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقلاردا ژۇرنالچىلىق بىلەن بەنت بولۇپ، ھاياتىنى مەنالار خەزىنىسىدە تامام ئەتكەن، ئىجاد تۇلپارىغا مىنىپ، خەلقىمىزنىڭ قەلب دالاسىغا، كۆڭۈل قەسىرىگە بۆسۈپ كىرىشكە مۇشەررەپ بولغان مەرھۇم شائىرلىرىمىزدىن ئىمىر ھېزىم، سۇلايمان ھېزىم، قارى بايىزى، نىياز مەھمۇت، غۇپۇر راخمان، ئابدۇرېشىت داموللا، مەترېھىم ئېلى، ئەخمەت تۆمۈر... قاتارلىقلارنى ھۆرمەت بىلەن سېغىنىپ ئەسكە ئالىمىز ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت ئېھتىرامىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئەدەبىيات–سەنئىتىمىزنىڭ سۈيىدە ئېقىپ، ئوتىدا كۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلىغان ئاشۇ ئۇستازلارنىڭ مېھنەت تەرىگە خەلقىمىز گۇۋاھ. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا بۈگۈنكىدەك بىر كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن، تەشنا بولغان، زارىققان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ تىلەكلىرى ئىشقا ئاشتى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇلار تىككەن كۆچەتىنىڭ مېۋىسىگە بىزلەر ئېغىز تېگىپ ئۈلگۈردۇق. ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى شۇنداق. بىز يولىمىزغا تىكەن تېرىساق كېيىنكىلەرنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ.   مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكسەك   كېيىنكىلەر ئېغىز تېگىدۇ.


ژۇرنال ئادرېسى:

كۇچا ناھىيە ئازاتلىق يولى ئىشچىلار ئويۇشما بىناسى 3-قەۋەت

库车县解放路工会大楼三楼

تېلېفون نومۇرى: 0997-7151109

پوچتا نومۇرى: 842000



ئېلخەت ئادرېسىمىز: zarina973@sohu.com




مۇھەررىر :  رۇقىيە ئابدۇللا

IMG_2554.JPG


مۇھەررىر رۇقىيە ئابدۇللانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى




      '' كۈسەن مەدەنىيتى '' ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى  رۇقىيە ئابدۇللا 1972-يىلى 5- ئايدا كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. تولۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. كۇچا ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.

1990-يىللاردىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان بولۇپ، «ھەسرەتلىك تىنىقلار»، « قايسىمىز مەست؟»، «سەبىلەر قەلبى»، «ئەقىدە»، «سۇۋەرەك»... قاتارلىق ھېكايە-نەسىرلىرى؛ «ئۆزۈمنى دوئېلغا چىللايمەن ھەردەم»، «ئايال»، «تارىم لىرىكىسى»، «تۇمارىس»، «مۇھەببەت»، «زېمىننىڭ چۈشى»... قاتارلىق داستان-شېئىرلىرى؛ «مائارىپنى گۈللىنىشكە يېتەكلەيدىغان ئالتۇن ئاچقۇچ ــ ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىشەنچ»، «سەنئەتكار ۋە ھالقىش ئىچىدىكى سەنئەت روھى» قاتارلىق ماقالىلىرى؛ پاتىگۈل نىياز بىلەن بىرلىشىپ يازغان «بۈگۈنكى ياپونىيە جەمىيىتى، ئۈرۈمچى ۋە كۇچا...»، «مەدەنىيەتنىڭ سىڭىشى ۋە زىيالىلارنىڭ سەمىمىيىتى»، «مەدەنىيەت قىرغاقلىرىنى بويلاپ» ۋە ئۆزلۈك روھىمىزدىكى ئىزدىنىشلەر سەرلەۋھەلىك بىر يۈرۈش   ماقالىلىرى «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ مائارىپى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «كۈسەن مەدەنىيىتى»، «كروران»... ژورناللىرىدا ئېلان قىلىنغان. «تۇمارىس» ناملىق داستانى كۈسەن مەدەنىيىتى ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2009-يىللىق «چىمەنزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. «فېۋرالنىڭ چۈشى» ناملىق داستانى ئاقسۇ ئەدەبىياتى ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2010-يىللىق «تارىم باھارى»ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ يىل 3-ئايدا «فېۋررالنىڭ چۈشى» ناملىق شېئىر-داستانلار توپلىمى نەشردىن چىقتى. ئاپتور يېقىندا ئىككىنچى كىتابى «ساڭا خوش دېيەلمەيمەن» ناملىق ھېكايە، نەسىرلەر توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى. ھازىرمۇ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئىچىدە.

     رۇقىيە ئابدۇللا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، كۇچا ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە كۇچا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ 2008-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە تەكلىپ بىلەن مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرىتى تىللاسى تۆھپىسى يىغىش سەۋەبى
ئادىلجان ئىمىن + 10 + 10 + 10 --------

ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرىتى + 10  تىللاسى + 10  تۆھپىسى + 10   باھا خاتىرىسى

مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...
mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 697
تۆھپە : 0
توردا: 134
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 15:24:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹كۈسەن مەدەنىيىتى ›› نىڭ بۇندىن كېيىنكى يوللىرى تېخىمۇ پارلاق بولسۇن . سىڭلىمىز رۇقىيە ئابدۇللانىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن ...

شېىئر مېنىىڭ ئاسمىنىم ...!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  317
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 440
تۆھپە : 1
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 15:51:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇقىيە خانىمنىڭ «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىغا سىڭدۈرۈۋاتقان ئەجرىدىن تور ئەھلى بەكمۇ رازى. بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەملىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  465
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 19
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 16:08:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا يۇرتۇم ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا گۈللەپ - ياشنىشىنى، رۇقىيە ئابدۇللا، قۇربان داۋۇت شاھىدى... قاتارلىق ئەدىبكارلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت ئېتىزىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەم رەڭگا - رەڭ «مول ھوسۇل»لارنى كۇچا خەلقىگە بېغىشلاپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى تۇيۇندۇرۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1715
تۆھپە : 10
توردا: 222
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 16:08:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژورنالنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تىلەكداشمەن .....

ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
بۇ يۇرتتا نىمەسى بار -
مېنىڭدەك بەختى قاچقاننىڭ ؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 0
توردا: 218
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 16:44:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فېۋرالنىڭ چۈشى-نى بېرىلىپ ئوقۇپ چىقتىم.
«ساڭا خوش دىيەلمەيمەن» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنىڭ تېزراق رويابقا چىقىشىنى، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  152
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1101
تۆھپە : 9
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:33:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەتك بولسۇن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  558
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 256
تۆھپە : 2
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 17:56:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژۇرنالغا  قانداق  ئوسۇلدا مۇشتىرى بولغىلى بولىدۇ ؟  سىرتتىكىلەر  ئەسەر ئەۋەتسىمۇ  بولامدۇ ؟

ھايات - مەڭگۈلۈك ناخشا ، ئەمما  ئۇنىڭ مۇقۇم نوتىسى ۋە ۋايىغا يەتكەن ئاھاڭى بولمايدۇ .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  154
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 812
تۆھپە : 0
توردا: 265
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:06:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژۇرنىلىمىزغا  ئەسەر قوبۇل قىلىشتا ناھىيەمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئاپورلارنىڭ ئەسەرلىرى ئوخشاشلا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەسەر قوبۇل قىلىشتا چەكلىمە بېكىتىلمىگەن... ئەسەر ياخشى بولسىلا ئىشلىتىلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بىزگە ياخشى ئەسەرلەرنى ئەۋەتكىنىڭلا بىزنى قوللىغىنىڭلا، ژۇرنىلىمىزنى قوللىغىنىڭلاردۇر...  .

سۆيەلمىسەڭ سۆيىمەن دېمە!...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1020
تۆھپە : 1
توردا: 296
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 23:26:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلخەت ئادرىسىنى يوللاپ قويامسىلەر؟

Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4180
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 23:45:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كۈسەن مەدەنىيىتى» سانمۇ-سان ئېسىل چىقىۋاتىدۇ.  ئەسەر قوبۇل قىلىشتا رايون چەكلىمىسى يوق. ياخشى ئەسەر بولسىلار  ئىشلىتىدۇ.   مەن بۇ ژۇرنالغا مەسئۇل  باشچىلارغا، ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلەرگە قايىل.
بۇنىڭ ئەكسىچە، قوشنا ناھىيە بولغان يەنە بىر ناھىيەدە چىقىدىغان «مۇزات دولقۇنلىرى» بولسا ئۆز رايون ئاپتورلىرىنى ئاساس  قىلىش، ئۆز رايونىدىكى ھەۋاسكارلارنى يېتىشتۈرۈش، باشقا ئورۇنلاردىكى ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىش نىسبىتىنى  15% تىن ئاشۇرماسلىق، ئەڭ كۆپ بولغاندا 20% تىن ئاشۇرماسلىق تەلىپى بويىچە چىقىدۇ. بولسا بۇ ژۇرنالمۇ ئەسەر ئىشلىتىش چېكىنى كەڭ  قويۇۋەتسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

«كۈسەن مەدەنىيىتى» نىڭ مۇشۇ يولدىن تايماي، ئۈزۈكسىز   چىقىپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  93
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 476
تۆھپە : 8
توردا: 28
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 00:16:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەر خىل گۈللەرنىڭ گۈلدەستىسى ۋە گۈلدەستە تىزغۇچىلار ئامان بولغاي!!!

شىنجاڭ يەكەندىن: تۇراپ نۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  767
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 603
تۆھپە : 6
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 01:29:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كۈسەن مەدەنىيتى»ئۈچۈن تەر ئاققۇزۇۋاتقانلارغا ئېھتىرام!

بىلىم دوست تۇتمايدۇ ماختانچاقنى.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  758
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 54
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 14:30:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژۇرنالنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن!

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 3
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 19:00:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كۆسەن مەدەنىيىتى» مەن ھەر سانى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان ژورناللارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ يەنىمۇ جۇلالىلىنىشى، بەرق ئۇرىشىنى تىلەيمەن. ئەلۋەتتە، باغۋەنلەرگە ھەم چىن دىلىمدىن ھۆرمەت بىلدۈرىمەن!

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش