«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى
1980-يىللاردا شاپىگىرافتا بېسىپ تارقىتىلىپ كىتابخۇمار خەلقىمىزنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان «كۇچا ناخشىلىرى»دىن باشلانغان كۇچادىكى ژۇرناللارنىڭ قەدىمى «ئاممىۋى كۇلۇب»، «كۈسەن ئەدەبىياتى»، «مارجان بۇلاق» قاتارلىق ناملار بىلەم ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ، بەزىدە بىر يىلدا ئىككى-ئۈچ سان ۋە بەزىدە ئىككى-ئۈچ يىلدا بىر سان بولسىمۇ چىقىرىلىپ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى چاڭقاشلىرىغا خىلۋەت ئېكىنزارلىقتىكى «مارجان بۇلاق» تەك مەلھەم بولۇپ كەلگەن ئىدى.
2008 -يىلىغا كەلگەندە كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندىن قوللىشى؛ ناھىيەلىك پاتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى ۋە ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى بىلەن «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سىناق سانى چىقىرىلىپ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى. 2011-يىلى 1- سانىدىن باشلاپ پەسىللىك ئۇنىۋېرسال ژۇرنال بولۇپ تەستىقلىنىپ، رەسمى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىچكى نومۇر بىلەن چىقىرىلىپ ئەدەبىيات ئاشىنالىرى ۋە ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ نېمەتلىك داستىخىنىغا، قەلەمكەشلەرنىڭ بەيگە مەيدانىغا ئايلاندى.
«كۈسەن مەدەنىيىتى» نەشر قىلىنغاندىن بۇيان 2009-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ناھىيەمىزدىكى چىمەن بازارلىق مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى قۇربان نىياز ئاكا ھەر يىلى ئۆز يېنىدىن 5000 يۇەن پۇل چىقىرىپ «چىمەنزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلغان بولۇپ ھازىرغىچە ئىككى قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
يېقىندا يەنى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كۇچادا «كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تەسس قىلىنىپ، «كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ تاللاش، مۇكاپاتلاش چارىسى ئېلان قىلىندى. كۇچا ناھىيەسى تارىخىي مەدەنىيەت ماركىسى يارىتىش ئۈچۈن مەخسۇس «كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تەسىس قىلىپ، ناھىيە ئىچىدىكى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنى زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ كارتىنىسىنى سىزىپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.
بىز بۇ يەردە ئاشۇ مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنى خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل ھوزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقلاردا ژۇرنالچىلىق بىلەن بەنت بولۇپ، ھاياتىنى مەنالار خەزىنىسىدە تامام ئەتكەن، ئىجاد تۇلپارىغا مىنىپ، خەلقىمىزنىڭ قەلب دالاسىغا، كۆڭۈل قەسىرىگە بۆسۈپ كىرىشكە مۇشەررەپ بولغان مەرھۇم شائىرلىرىمىزدىن ئىمىر ھېزىم، سۇلايمان ھېزىم، قارى بايىزى، نىياز مەھمۇت، غۇپۇر راخمان، ئابدۇرېشىت داموللا، مەترېھىم ئېلى، ئەخمەت تۆمۈر... قاتارلىقلارنى ھۆرمەت بىلەن سېغىنىپ ئەسكە ئالىمىز ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت ئېھتىرامىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئەدەبىيات–سەنئىتىمىزنىڭ سۈيىدە ئېقىپ، ئوتىدا كۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلىغان ئاشۇ ئۇستازلارنىڭ مېھنەت تەرىگە خەلقىمىز گۇۋاھ. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا بۈگۈنكىدەك بىر كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن، تەشنا بولغان، زارىققان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ تىلەكلىرى ئىشقا ئاشتى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇلار تىككەن كۆچەتىنىڭ مېۋىسىگە بىزلەر ئېغىز تېگىپ ئۈلگۈردۇق. ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى شۇنداق. بىز يولىمىزغا تىكەن تېرىساق كېيىنكىلەرنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ. مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكسەك كېيىنكىلەر ئېغىز تېگىدۇ.
ژۇرنال ئادرېسى:
كۇچا ناھىيە ئازاتلىق يولى ئىشچىلار ئويۇشما بىناسى 3-قەۋەت
库车县解放路工会大楼三楼
تېلېفون نومۇرى: 0997-7151109
پوچتا نومۇرى: 842000
مۇھەررىر : رۇقىيە ئابدۇللا
مۇھەررىر رۇقىيە ئابدۇللانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
'' كۈسەن مەدەنىيتى '' ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى رۇقىيە ئابدۇللا 1972-يىلى 5- ئايدا كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. تولۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. كۇچا ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.
1990-يىللاردىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان بولۇپ، «ھەسرەتلىك تىنىقلار»، « قايسىمىز مەست؟»، «سەبىلەر قەلبى»، «ئەقىدە»، «سۇۋەرەك»... قاتارلىق ھېكايە-نەسىرلىرى؛ «ئۆزۈمنى دوئېلغا چىللايمەن ھەردەم»، «ئايال»، «تارىم لىرىكىسى»، «تۇمارىس»، «مۇھەببەت»، «زېمىننىڭ چۈشى»... قاتارلىق داستان-شېئىرلىرى؛ «مائارىپنى گۈللىنىشكە يېتەكلەيدىغان ئالتۇن ئاچقۇچ ــ ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىشەنچ»، «سەنئەتكار ۋە ھالقىش ئىچىدىكى سەنئەت روھى» قاتارلىق ماقالىلىرى؛ پاتىگۈل نىياز بىلەن بىرلىشىپ يازغان «بۈگۈنكى ياپونىيە جەمىيىتى، ئۈرۈمچى ۋە كۇچا...»، «مەدەنىيەتنىڭ سىڭىشى ۋە زىيالىلارنىڭ سەمىمىيىتى»، «مەدەنىيەت قىرغاقلىرىنى بويلاپ» ۋە ئۆزلۈك روھىمىزدىكى ئىزدىنىشلەر سەرلەۋھەلىك بىر يۈرۈش ماقالىلىرى «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ مائارىپى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «كۈسەن مەدەنىيىتى»، «كروران»... ژورناللىرىدا ئېلان قىلىنغان. «تۇمارىس» ناملىق داستانى كۈسەن مەدەنىيىتى ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2009-يىللىق «چىمەنزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. «فېۋرالنىڭ چۈشى» ناملىق داستانى ئاقسۇ ئەدەبىياتى ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2010-يىللىق «تارىم باھارى»ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ يىل 3-ئايدا «فېۋررالنىڭ چۈشى» ناملىق شېئىر-داستانلار توپلىمى نەشردىن چىقتى. ئاپتور يېقىندا ئىككىنچى كىتابى «ساڭا خوش دېيەلمەيمەن» ناملىق ھېكايە، نەسىرلەر توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى. ھازىرمۇ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئىچىدە.
رۇقىيە ئابدۇللا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، كۇچا ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە كۇچا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ 2008-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە تەكلىپ بىلەن مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.