- UID
- 11
- ھوقۇقى
- 255
- ھەقىقىي ئىسمى
- ئەيبۇ ياقۇپ
- يازما
- 511
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 2634
- تىزىملاتقان
- 2012-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-11
- توردا
- 669 سائەت
|
|
|
|
|
ئورخان پامۇك ــ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا مەن «كامال»
- u3 C: u9 F" M( x
يوشۇرۇن كۆيۈش بەزىدە ئادەمنى گومۇشمۇ قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ 4213 تال تاماكا قالدۇقى، 237 دانە چاچ قىسقۇچى، 419 پارچە لاتارىيە بېلىتى، ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ كەلگەن نەچچە يۈز دانە تۇرمۇش بۇيۇمى يەنە سىز كۈن ئارىلاپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەچلىك تاماقتا بىللە بولىسىز، توققۇز يىلدىن بۇيان ئۇنىڭغا تولىمۇ ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىسىز. سىزنىڭچە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بىر موزىينى تولدۇرۇش مۈمكىنمىدۇر؟ ئەمەلىيەتتە بۇلار ئورخان پامۇكنىڭ يېڭى رومانى ـ «پاكلىق موزىيى»دا تەسۋىرلىنىدىغان قىسمەن مەزمۇنلاردىنلا ئىبارەت. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى پامۇك سىياسىنى يازغاچقا ئاۋارىچىلىقلاردىن خالى بولالمىدى. بۈگۈنكى كۈندە 57 ياشقا كىرىپ، نىيۇيورىگدا ياشاۋاتقان پامۇك «مۇھەببەت» ھەققىدە سۆز ئاچتى.
5 }8 Y7 M( v6 Q/ [0 P" ]$ V« بۇ يوشۇرۇن كۆيۈش ھەققىدىكى بىر ھېكايە»2 I d' y- O3 P3 ~$ R" b( w
پامۇك ئايرىم چاغلاردا قىزغىن ۋە تېتىك بولۇپ سۆزگە ئارلىشىپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنى «پاكلىق موزىيى»دىكى گاراڭ باش پىرسۇناژ بىلەن ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇردى. بۇ ئۇنىڭ 8-رومانى يەنى 2006-يىلى ئۇ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالغاندىن كېيىنكى تۇنجى رومانى ئىدى. & ], A9 z( ^6 ^8 X0 q+ M
پامۇك مۇنداق دەيدۇ: «ئىستانبۇلدا خېلى كۆپ ئاياللار مەندىن كۆزلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ: ‹روماندىكى كامال سىزمۇ؟› دەپ سوراشتى. مەنمۇ ھىجىيىپ تۇرۇپ: ‹مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا شۇنداق، سۆيگۈ قاينىمىغا چۆككەن ھەممە كىشى شۇنداق بولىدۇ› دىدىم. ئاياللار مەندىن بۇنى سورىغان چېغىدا ئۇلارنىڭ مۇلايىم كۈلكىسىنىڭ ئىچىدە بىر خىل خۇشاللىق، قائىللىقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى ئۇلاردا ئەرلەرنى سۆيگۈ قاينىمىغا سۆرەپ كىرەلىگىدەك جەزىبە تولۇق ئىدى».# J9 }( e) H7 |3 l& ?; L
«پاكلىق موزىيى»دا مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى ۋە ئەرلەرنىڭ رەت قىلىشقا ئىلاجىسىزلىقىدەك ۋەقەلەر تەسۋىرلىنىدۇ. روماندىكى ۋەقەلەر 1975-يىلىدىن باشلىنىدۇ. باي سودىگەر يىگىت كامال، پارىژدا ئوقىۋاتقان پۈتۈشۈپ قويغان لايىقى بولسىمۇ، نامىرات تۇققىنى پىركازچىك ھۆسۈننى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ھۆسۈن بولسا كۆڭلىدىكىدەك بىر كېنو رىجىسسورى بىلەن توي قىلىپ كېتىدۇ. ھۆسۈنگە ئېرىشىش چۈشى گۇمران بولغاندىن كېيىن كامىل مەست ـ مەستانە بولۇپ يۈرىدۇ. توي قىلىدىغان لايىقىنى، دوستلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ خوشاللىقى ھۆسۈننىڭ نامرات ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بېرىش ـ كېلىش قىلىش بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئۆز ئۈمىدىنى ھۆسۈننىڭ ھەر بىر ھەركىتى، سۆزىگە باغلاپ قويىدۇ. لېكىن ھۆسۈن ئۇنىڭغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقىمۇ كامال ئۆزىگە ھۆسۈننى ئەسلىتىدىغان ھەممە ئۇششاق ـ چۈششەك نەرسىلەرنى يىغىشقا باشلايدۇ.
. E' X Z2 \. t) R' f1 X پامۇك مۇنداق دەيدۇ:«بۇ يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈش ھەققىدىكى يېڭى ھېكايە»، «مەن ھېچقانداق ئاساسسىز ھالەتتىكى مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتىنى قېزىپ باقماقچى بولدۇم.» پامۇكنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىدە سىياسىي ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى. «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»، «قار»، «قارا تاشلىق كىتاپ» قاتارلىقلار ئەنە شۇ جۈملىدىن ئىدى. ئۇ «پاكلىق موزىيى» ئۆزۈمنىڭ خۇسۇسى كىتاۋى دەيدۇ.5 Z8 o: O$ O H3 _
تۈ*ركىيەلىكلەر ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان پامۇكنى تاپقاندەك بولۇشتى7 l# q; `3 n8 g4 ], {0 R! }
پامۇك ئوقۇرمەنلەرنىڭ كامىلغا ھېسداشلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. پامۇك «مەن دوختۇر ئەمەس، يازغۇچى» دەيدۇ. ئۇ يەنە: «كامال روھى كېسەل ئەمەس، نورمال ئادەم، بىز ھەممىمىز ئوخشاش، پەقەت تۇيغۇ ۋە ھەركىتىمىزنى يوشۇرۇپ يۈرىمىز» دەپ قارايدۇ. ئۇ ئۆز باش قەھىرمانىنى تەنقىد قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەكسىنچە «كامال»نى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇنى ئىستانبۇل يۈقۇرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ساختا، چىرىك تۇرمۇشىنى رەت قىلدى، دەپ باھالايدۇ. ئەلۋەتتە، پامۇك ئۆزىمۇ رىياللىقتا شۇنداق قىلغان ئىدى., S+ X8 y+ i, B+ U+ B( |
پامۇك 2001-يىلى تارىخشۇناس ئايالىدىن ئاجىرىشىپ كېتىدۇ. يالغۇز قىزى بولسا ئايالىغا قالىدۇ. 2005-يىلى تۈرلۈك زىيارەت پائالىيەتلىرىدە تۈ*ركىيەنى بىر مىليۇن ئەرمەنلەرنىڭ، 30مىڭ كوردلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك دەپ ئاغرىنىدۇ. تۈ*ركىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى «تۈ*ركىيەگە ھاقارەت قىلغانلىق» جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەيدۇ. كېيىن ئۇ ئەيىپلەشتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ لېكىن تۈ*ركىيە مىللەتچىلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغان «مىخ» بولۇپ قالىدۇ. 2008-يىلى بىر تۈ*رك ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سەۋەبىدىن سوتقا تارتىلىدۇ. ئۇنىڭ تۈ*ركىيەدىكى ئىككى داچىسىنى دائىم ساقچىلار مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدۇ. 2 f! A1 W/ Y- e" Q5 |6 G, S
ھازىر ئۇ خوشال، چۈنكى «پاكلىق موزىيى»نىڭ نەشر قىلىنىشى بىلەن تۈ*ركىيەلىكلەر ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان پامۇكنى تاپقاندەك بولۇشتى.پامۇك: «ئۇلار ھازىر مېنىڭ سىياسى مەسىلەمنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشتى. ھېچبولمىغاندا ھازىرچە شۇنداق»، «بۇرۇنلاردا تۈ*ركىيەدە بولسام دەھشەتلىك ھۇجۇملارنىڭ ئارىسىدا قالاتتىم. لېكىن بۇ قېتىم ھەرھالدا يامان ئەمەس» دەيدۇ.
1 p. Z6 V# h9 w! l3 P; r, Z& g! u+ h8 r* | i8 j
http://book.ifeng.com/zuojia/detail_2010_01/04/337879_0.shtml
3 ^ P' @3 j1 Y9 |. ^+ e% u. m http://news.qq.com/a/20100107/000922.htm لاردىن قىسقارتىپ تەييارلاندى.
- I9 j. {- L: U* y! S. d& C$ n' W/ g/ V- c8 _/ Z
|
|
|
|
|
|
|