كۆرۈش: 223|ئىنكاس: 2

قەلەمدەشلارغا پۇتكەن ئابىدە -ئابلەت ئابدۇللا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1544
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 00:39:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەمدەشلارغا پۇتكەن ئابىدە



ئابلەت ئابدۇللا

  


ـ بۇ تۇپراقتا ياتقان قەلەم ساھىبىلىرى قانداق ئادەملەر ئىدى، تەقسىر؟

ـ ئۇلار ئىگىسىنىڭ ئاجىز، گۇناھكار، مۆمىن بەندىلىرى ئىدى. ئۇلار مەنزىلىگە قايتتى. ئەمدى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ. ئۇلار بىزنىڭ زامانداشلىرىمىز، قەلەمداشلىرىمىز، يۇرتداشلىرىمىز، مەھەللىداش، قېرىنداشلىرىمىز ئىدى. ئۇلار بىزنىڭ مەسلەكداشلىرىمىز، پىكىرداشلىرىمىز، دەردداش، مۇڭداشلىرىمىز، سەپەرداش-غايىداشلىرىمىز ئىدى! ئۇلار بىلەن بىزنىڭ كۆڭلىمىز توق، چېغىمىز چاغ، كۆكسىمىز باغ، كۈلكىمىز، ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز ئورتاق ئىدى... مەرھۇم قەلەم ساھىبىلىرىغا بۇ پانى ئالەمنىڭ خۇشاللىقى، كۆڭۈللۈك چاغلىرى ناھايىتى قىسقا، ئاز، خاپىلىقى كۆپ بولدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار بۇ دۇنيا ئۆتەڭلىرىدىكى كىشىلىك ھايات سەپىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرى، قەلەمگە ئاشىق مەستانىلىقى؛ تۇرمۇشقا چىدامچانلىقى، يىراقنى كۆرەرلىكى، مىللىتىگە سادىقلىقى ۋە ۋەتىنىگە، خەلقىگە بولغان ئوتتەك مۇھەببىتى بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

ھازىر ئۇلارنى ۋە ئۇلارغا ئوخشاشلارنى كۆڭۈل ئاسمىنىدا كۆرۈپ تۇرىدىغانلار ئاز، ھالبۇكى ئۇلار ئەلنىڭ ئۆزلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرسى توغرىسىدا خاتىرە-ئەسلىمىلەر يېزىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار ھەر بىرسى بىر تارىخ، ئىلى تارىخى ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى، بولۇپمۇ ئىلى ئەدەبىياتىنى ئۆزلىرىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە يارىشا رەڭمۇ رەڭ گۈل-چېچەكلەر بىلەن بېزىگەنىدى. ئۇلار مۇشۇ يۇرتىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ قەدىرلىك ئادەملىرى ئىدى...  

كەمىنە ئۇلار بىلەن كۆپ ۋاقىت ئەسرا بولغاچقىمۇ گاھى چۈشلىرىمدە ئۇلارنى كۆرۈپ پات-پات ئەسلەپ قالىمەن. ئۇلارنىڭ ئويچان، قانداقتۇر كىشىگە ئېيتقىلى بولمايدىغان مۇڭ-ھەسرەتنى يوشۇرۇپ، زورىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان مۇڭلۇق كۆزلىرى؛ تۇرمۇش، ئائىلە غېمىدە سۇنغان سۇلغۇن، ھارغىن، ئەمما مېھىرلىك چىرايلىرى؛ ئۆڭۈپ كەتكەن كىيىم-كېچەكلىرى، تەمكىن، مۇلايىم ئاۋازلىرى... كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.

كەمىنە قەلەمداش شۇ ۋەجىدىن بىر قىسىملىرى ھەققىدە چالا-بۇلا خاتىرە پۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسىگە چامى، ۋاقتى يەتمىدى. ئاخىرى ھەر بىرسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، ئالاھىدىلىكى ۋە ھايات سەپىرىگە مۇناسىپ بۇ شېئىرىي تاش ئابىدىنى پۈتتى. كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئاشۇ جاپاكەش، دەردمەن قەلەمداشلارنىڭ روھى، ھاياتىنى ئاز-تولا چۈشىنىپ قېلىشى ئۈچۈن، ئۇلار ھەققىدە قىسقا رىسالە بېرىلدى.



تاجىدىن قادىرى



(1925-1977)



ئۇستاز ئىدىڭ ئەدەپ-ئەخلاق، قەلەمدە،

يۈرۈش-تۇرۇش، ئىسسىق مۇئامىلەڭدە.

كۈيلىرىڭدىن مەستتى ئىلى باغلىرى،

كېتىپ قالدىڭ ئارمان بىلەن ئەلەمدە.

ئەجەپ قىسقا كەلدى ھايات پىلىكى،

بۇلبۇل يىغلار دەريا بويى-مەھەللەڭدە.

ئارامىڭغا ئارام قوشسۇن پەرىشتە،

جۇدالىقتىن سېرىق زەرداپ مەيدەمدە.

                                    1977- يىل 7- سىنتەبىر



تاجىدىن قادىرى ـ ئىلىنىڭ پېشقەدەم لېرىك شائىرى، ئاخبارات ئۇستازى. ئۆمرى ئاساسەن ئاخبارات ساھەسىدە ئۆتكەن، ھاياتى بوران-چاپقۇنلۇق يىللارغا توغرا كەلگەچكە شېئىرىيەت بارىڭىدا مەھسۇلاتى ئازراق.

مەن مەرھۇم تاجىدىن قادىرى بىلەن 1960- يىللاردا تونۇشقان. ئۇ مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپتا ئوقۇۋاتقان، تاجىدىن قادىرىنىڭ «ئىلى گېزىتى» نىڭ يەرلىك خەۋەرلەر بېتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتقان چاغلىرى ئىدى. مەن پات-پات ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتىدىن خەۋەر-ماقالىلەرنى يېزىپ تۇرغاچقا ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە بەزىدە تاجىدىن قادىرىنىڭ قېشىغا كىرىپ قالاتتىم. ئۇ سۈرلۈك، ھەيۋىسى بار ئادەم بولغاچقا، ئۇنى كۆرگەندە تارتىنىپ گەپ-سۆزمۇ قىلمايتتىم. خەۋەر ماقالەم بولسا بېرىپ قويۇپلا چىقىپ كېتەتتىم.

ئۇ چاغلاردا «ئىلى گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى 1948- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى ئائىلىسى ئۈچۈن مەخسۇس سېلىپ بېرىلگەن، ئەمما بىر ئائىلىگە نىسبەتەن چوڭ، ھەشەمەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەخمەتجان قاسىمى ئولتۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت بىناسى قىلىنغان چېدىرلىق، ياۋروپا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئاق بىنادا ئىدى.

تاجىدىن قادىرى ئاشۇ بىنانىڭ زالدىن كىرگەندىن كېيىنكى ئوڭ قول تەرەپتىكى ئىككىنچى بۆلۈمىدە خىزمەت قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ بۆلۈمى كەڭ، ئازادە، يورۇق بولۇپ، شىمال تېمىدا ئىككى چوڭ دېرىزىسى، غەربتىكى تامنىڭ بۇرجىكىدە يوغان بېغىررەڭ ئىشكاپى بار ئىدى. ئاستى سارغۇچ سىرلانغان تاختايلىق بولۇپ، ھەر قاچان ناھايىتى پاكىز پارقىراپ تۇراتتى.

تاجىدىن قادىرى ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىرىنچى ئۈستەلدە ئولتۇراتتى. ئۇ ئوتتۇرا بوي، غوللۇق، قارىغا مايىل بۇغداي ئۆڭ، قويۇق، ئۆسكىلەڭ قاشلىق، كۆزلىرىنىڭ ئېقى يوغان، ئېگىز بۇرنى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان، قاپقارا چاچلىرىنى كەينىگە رەتلىك تارىۋالىدىغان، مىجەزى ئېغىر، كەم سۆز، ئويچان كىشى ئىدى. ئۈستى-بېشىنى ناھايىتى رەتلىك، پاكىز تۇتاتتى. ئۇ ياز كۈنلىرى دائىم دېگۈدەك قارا كاستيۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، گالىستۇك تاقاپ يۈرەتتى. پۇتىدىكى قارا شىبلىتى پارقىراپلا تۇراتتى. كۈز مەزگىلى، يامغۇر-يېشىنلىق كۈنلەردە ئۇ ئەترەڭ يامغۇرلۇق چاپاننى كىيىپ، سومكىسىنى قولتۇقلاپ، بەش-ئالتە كىلومىتېر يىراقلىقتىكى ئاغۇ مەھەللىسىدىن ئىدارىسىغا پىيادە كېلەتتى. باشقا ۋاقىتلاردا چېخۇسلوۋاكىيىدىن ئىمپورت قىلىنغان چىرايلىق ۋە يەڭگىل ۋېلسىپىتىنى مېنىپ كېلەتتى. مەن ئەتىگەندە مەكتەپكە ماڭغاندا ياكى كەچتە دەرۋازا ئالدىدا تۇرغىنىمدا مەرھۇمنىڭ ئاشۇ ۋېلسىپىتتا كېتىۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرەتتىم.

ئۇ يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە ۋە چېخۇسلاۋاكىيىدىن ئىمپورت قىلىنغان ۋېلسىپىتلەر بازارغا سېلىنغانىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيە ۋېلسىپىتلىرى پۇت تورمۇز (پىدالنى كەينىگە باسسىلا دەررۇ توختايدىغان) بولۇپ پەقەت چېخۇسلاۋاكىيىنىڭ ۋېلسىپىتىلا قول تورمۇز ئىدى. ئۇ ۋېلسىپىتنىڭ شەكلى ھازىر بىزدىكى «توز» ماركىلىق ۋېلسىپتقا ئوخشايتتى. ئەمما ئۇ «توز» دىنمۇ چىرايلىق ئىدى. رولنىڭ ئالدىدا چىرايلىق چىرىقى بار بولۇپ، ئۇ كەينى چاققا بېكىتىلگەن دىنامىنىڭ چاققا سۈركىلىشىدىن پەيدا بولغان توك بىلەن يورۇيتتى. تاجىدىنكام ئۇنى خۇددى بالىسىدەك ئاسراپ پاكىز تۇتاتتى.

ۋېلسىپىت توغرىلىق گەپ بولغاندا مەرھۇم شائىر مۆمىن سەپىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى شېئىرىي لەتپىسىنى نەقىل قىلساق ئوقۇرمەنلەرگە ئارتۇق كەتمەس، بەلكى شۇ دەۋرنى، «ئىلى گېزىتى» دىكى ئاشۇ جاپاكەش مۇھەررىرلەرنىڭ قانداق جاپالىق ياشىغىنىنى چۈشىنىشكە ئاز-تولا پايدىسى تېگەر.


مۆمىن سەپىرى 1958-، 1959- يىللىرى يول ئازابىنى كۆپ تارتقانىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن ئىدارىسىنىڭ ئارىلىقى بەش كىلومىتىر بولۇپ، ئەتىياز، كۈز پەسىللىرىدىكى پاتقاقچىلىق، قىش سوغىقى، ئائىلىسىدىكى يەتتە جاندىن ئېشىنىپ بىرەر ۋېلسىپىتكە يېتىشەلمىگەن بۇ ئاق كۆڭۈل، ساددا شائىرنى ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتكەنىدى. ئۇ چاغلاردا ۋېلسىپىتى بارلار خۇددى چەت ئەل ماشىنىلىرىنى ھەيدىگەندەك تۇيغۇدا بولۇپ، ۋېلسىپىتلىرىنى كۈندە سۈرتۈپ، پارقىرىتىپ يۈرۈشەتتى.

ۋېلسىپىتنىڭ ئەلىمى جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن مۆمىن سەپىرى ئاخىرى كۈنەستىكى دادىسى «سېغىپ ئىچىڭلار» دەپ بەرگەن ۋە ئۆزلىرى سېغىپ سۈتىنى ئىچىۋاتقان بىر موزايلىق سېيىرنى سېتىپ ۋېلسىپىت ئالماقچى بولىدۇ. ئۇ سېيىرىنى بازارغا ئاپارسا توقسەن يۈەندىن ئاشمايدۇ. مال بازىرىدا بىر خېرىدار ئۆزىنىڭ بىرەر يىل مىنگەن ۋېلسىپىتىنى سېتىپ سېيىر ئالماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مۆمىن سەپىرى ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىپ ۋېلسىپىت بىلەن سېيىرنى باشمۇ باش تېگىشىدۇ.

ئايلار، يىللار ئۆتۈپ مۆمىن سەپىرىنىڭ بىر موزايلىق سېيىرىنىڭ خۇنىغا كەلگەن ۋېلسىپىتمۇ كاردىن چىقىپ، كېرەكسىز تۆمۈرگە ئايلىنىدۇ. مۆمىن سەپىرى ئامباردا تاشلاندۇق بولۇپ ياتقان ۋېلسىپىتكە قاراپ، ئۆتكەنكى ئىشلارنى ئەسلەپ بۇ شېئىرنى ئوقۇيدۇ:

بىر موزايلىق سېيىرغا سېتىۋالدىم ۋېلسىپىت،

سېنى مىنگەن كۈنى مەن قېتىۋالدىم ۋېلسىپىت.

تالاي مۇھىم يەرلەرگە بارالمىغان پىيادە،

بارالمىغان يېرىمگە بېرىۋالدىم ۋېلسىپىت.

ۋېلسىپىتى بارلارنىڭ تولا ئۆتكەن ئەلىمى،

ماڭا باقماي كەتكەنگە تېتىۋالدىم ۋېلسىپىت.

ئىشقا بېرىش-كېلىشمۇ ماڭا ئەمدى بەك ئاسان،

بەزمىدىن كەچ قايتساممۇ كېتىۋالدىم ۋېلسىپىت.

...  ...

ئايلار ئۆتتى، يىل ئۆتتى، كېسىلىڭمۇ كۆپەيدى،

چىقىم بولدى بىر تالاي كېسىلىڭنىڭ تۈپەيلى.

(كېسەل بولسا قېرىنداش ئەلۋەتتە بىز كۈتەيلى،

شۇ كېسەلنىڭ ھالىغا بۇرادەرلەر يېتەيلى)

ئىنجۇ مارۇق، ساقايماي يېتىۋالدىڭ ۋېلسىپىت،

كۆپ داۋالاپ مەن سېنى ھېچبىر ھالىم قالمىدى.

بۇ ساقايماس كېسىلىڭ نۇرغۇن پۇلنى يالمىدى،

بىردەم ئىسپىس ئۈزۈلسە، تېشىلەتتى كامىرى.

راست گېپىڭنى ئېيت ماڭا يەنە جاپايىڭ بارمىدى،

لاينى كۆرسەڭ پاتقاققا پېتىۋالدىڭ ۋېلسىپىت.

ئاخىر بېرىپ ئامباردا يېتىۋالدىڭ ۋېلسىپىت...



ئۇ كۈنلەر ئەنە شۇنداق جاپالىق، ئەمما ئادەملەر روھلۇق، ھاياتقا مۇھەببەتلىك ئىدى. مەرھۇم تاجىدىن قادىرىمۇ قىش –شىۋىرغانلاردا ئاشۇ يىراق ئۆيىدىن پىيادە كېلەتتى. بۆلۈمگە كىرىپ، چاپىنىنى ئىشكاپ يېنىدىكى كىيىم ئاسقۇغا ئاساتتى-دە، ئۆتۈك- كالىچىنى يېشىپ، ئىشخانىدىكى كونا كالاچنى كىيەتتى. ئاندىن ئۈستەل ئورۇندۇقلىرىنى پاكىز تازىلاپ، ھەممە يەرنى سەرەمجان قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى تۈزەپ ئىشقا كېتەتتى.

دۇنيادا مۇنداق سەرەمجان، پاكىز، رەتلىك ئادەملەر ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ. مۇنداق مىجەزلىك ئادەملەر ھەممە نەرسىگە ناھايىتى ئەستايىدىل ، ئىنچىكە قارايدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن، تاجىدىن قادىرى خىزمەتكە ناھايىتى ئەستايىدىل، مەيلى خەۋەر-ماقالىلەر بولسۇن، مەيلى ئەدەبىي ئەسەرلەر بولسۇن بىرەر سۆز، بىرەر چېكىتنىمۇ نەزىرىدىن نېرى قىلمايدىغان ئادەم ئىدى. گەپنىمۇ خۇددى سېتىۋالغاندەك ئويلىنىپ ئاستا قىلاتتى. سىز گەپ قىلسىڭىز ئىللىق كۈلۈمسىرەپ ئاڭلاپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ 1963- يىلى 4- ئايدا ئوبلاستلىق پارتكوم كۈنەس ناھىيىسىنىڭ زىكتى دېگەن يېرىدىكى تاشلاندۇق پولات زاۋۇتىدا ئاچقان 1962- يىلىدىكى «29- ماي» ۋە «چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چەتكە قېچىش ۋەقەسى» بىلەن چېتىشلىقى بار «قوش يۈرەك»، «تەۋرەنگەن» كورسانتلار ئارىسىدا يوق ئىدى. چاقچاقمۇ قىلمايدىغان، خۇددى ھەر بىر سۆزىنى دانالاردەك ئويلاپ سۆزلەيدىغان بۇ ئادەم ئاشۇ چوڭ ھەرىكەتلەر ئەۋج ئالغان يىللاردىمۇ بۇرۇتى تەۋرەنمەي مويىغا سۇ يۇقتۇرماي ئۆتتى، بەلكى ئۇ شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلى بولۇپ قالغانىدى.

1970- يىللىرىدىن كېيىن، مەن تاجىدىن قادىرى بىلەن قويۇقراق پاراڭلىشالايدىغان بولدۇم. بۇ چاغدا ئۇ ئەدەبىي بەتنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتى. مەن غۇلجا شەھەر «قىزىل يۇلتۇز» (ھازىرقى خەنبىڭ) گۇڭشىسنىڭ سانائەت كارخانىسىدا ئىشلەيتتىم. ئۇزۇنغا سوزۇلغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»، «كۈرەش قىلىش، پىپەن قىلىش، ئۆزگەرتىش» قاتارلىق سولچىل ھەرىكەتلەر، شوئارۋازلىق مېنىڭ شېئىرىيەتكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىمنى سوۋۇتۇۋەتكەنىدى. شۇنداقتىمۇ خەلق ئىچىدىكى رىۋايەت، ماقال-تەمسىل ۋە بېيىت-قوشاقلارنى توپلاپ قويۇۋاتاتتىم. ئەمما ئىلىدىكى بىر قىسىم ياش قەلەمكەش-ھەۋەسكارلار شېئىر-ھېكايىلىرىنى يېزىشىپ، گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرۇپ تۇراتتى.

تاجىدىن قادىرى چۈشتە ئۆيگە قايتمىغاچقا، تاماقتىن كېيىن پات-پات ئۆستەڭ بويىغا چىقىپ، پۇت-قوللىرىنى يۇيۇپ، ئارام ئالاتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىردە مەن ئۇنىڭ بىلەن خېلى تەپسىلىي پاراڭلىشىپ قالدىم.

شۇ كۈنى ھاۋا ئوچۇق، كۈن قىزدۇرۇپ تۇرسىمۇ دەل-دەرەخلەرگە پۈركەنگەن ئۆستەڭ بويى سالقىن ئىدى. مەن دەرۋازىمىز ئالدىغا چىقىپ، تاجىدىن قادىرىنىڭ نېرىقى دوقمۇشتىكى ئۆستەڭگە قاراپ نېمىنىدۇر خىيال قىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم-دە، ئالدىغا بېرىپ قول ئېلىشىشتىن ئەيمىنىپ، بۇ قاتتا تۇرۇپلا ئۇنىڭغا سالام بەردىم. تاجىدىن قادىرى سالىمىمنى ئىلىك ئېلىپ كۈلۈمسىرىدى ۋە:

ـ نېمە ئىش قىلىۋاتىسز؟-دەپ سورىدى.

مەن ئىشلەۋاتقانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ:

ـ نېمىشقا شېئىر يازمايدىغان بولۇپ كەتتىڭىز، يېزىڭ، ياخشى كۈنلەر كېلىۋاتىدۇ،- دېدى. ئاندىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىمۇ سولچىل ھەرىكەتلەر تۈپەيلى شائىر-يازغۇچىلارنىڭ بىر مەزگىل قەلىمىنى  تاشلىغانلىقى، كېيىن سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش باشلىنىپ، يېڭى ھايات يۈز ئاچقاندا، ئۇلارنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىپ، ياخشى ئەسەرلەرنى يازغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ سوۋېت ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيتتى. بولۇپمۇ ئۆمەر مۇھەممىدى ۋە ئىسمائىل ساتتارنىڭ شېئىرلىرىغا ئامراق ئىدى. شۇڭا مەرھۇمنىڭ شېئىرلىرىدا ئۇلارنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك، تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر، تىل ۋە بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتتە ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبى ياندىشىپ تۇراتتى.

ـ توغرا، شېئىرنى يازىمەن دېگەن بىلەنلا يازغىلى بولمايدۇ. ھېسسىياتىڭىز بولمىغاچقا يازماپسىزدە، شېئىردا ھېسسىيات بولۇشى كېرەك، ھېسسىياتىڭىزنى ئۇرغۇتۇڭ، كۆپرەك ئوقۇڭ، تەسەۋۋۇر قىلىڭ، ئىسمائىل ساتتارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغانمىدىڭىز؟

ـ ئوقۇغان.

ـ ياخشى، ھە، تەبىئىي ھېسسىياتلىق، ئۇنىڭ «شەپقەتلىك قېرىنداش» دېگەن شېئىرى پەقەت يادىمدىن چىقمايدۇ،- ئۇ شېئىرنى ئاستا ئوقىدى:

ـ تامارا!

سىز روس قىزى،

باغ ئىچىدەك،

كۆك كۆزىڭىز بار سىزنىڭكى.

قارا كۆزلۈك يىگىت بولساممۇ مەن،

قېنىمىز بىر سىڭلىم بىزنىڭكى.

... ...

1973- يىلى يانۋار ئايلىرى ئىدى. بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئۇنى يەنە كۆۋرۈك ئۈستىدە ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ سومكىسىنى قولتۇقلاپ ئىشتىن چۈشۈپ قايتقانىكەن. ئۇنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكەندىكى تۇنجى سۆزى:

ـ سىز شېئىر يېزىپ بەرسىڭىز بولاتتى، ئەدەبىيات بېتىمىز بارغانسىرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ،- دېگەن ئىلھام ۋە ئۇچۇرى بولدى. ئاندىن ئۇ يەنە،-  تاشلىۋەتمەڭ، يېزىڭ،- دەپ كۈلۈمسىرەپ خوشلاشتى-دە، كېتىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ قار باسقان بۈككىدە تېرەكلىك كوچا بويلاپ كېتىۋاتقان ھالىتىگە كۆز ئۈزمەي قارىغىنىمچە ئويلىنىپ قالدىم ۋە خىجىل بولدۇم. ئۇ ھەر قېتىم ئۇچراشقاندا ماڭا يېزىشقا ئىلھام بېرەتتى. قاراڭ، ئۇ ياشلارغا، ھەۋەسكارلارغا قانچىلىك كۆيۈمچان ھە... گەرچە ئۇ كۆپ گەپ قىلمىسمۇ ئاشۇ سۆزلىرىلا يېتەرلىك ئىدى.

بىرەر ھەپتىدىن كېيىن مۇھەررىر تۇرسۇن لېتىپمۇ ئاشۇ كۆۋرۈك ئۈستىدە ئۇچرىشىپ قېلىپ خۇددى تاجىدىن قادىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك مېنى شېئىر يېزىشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇ چاغلاردا شېئىر يېزىشتىن ناھايىتى رايىم يېنىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ئۇستازلارنىڭ سۆزىنى يەردە قويۇشقا خىجىل بولدۇم. ئۇلار شۇنچە قىلغىدەك مەن قانچلىك ئادەم ئىدىم. ئويلىنا، ئويلىنا ئاخىرى شېئىر يېزىش قارارىغا كەلدىم. بىراق نېمىنى يېزىش كېرەك؟ خەلق گۇڭشېسى ياخشى، مېنبىىڭ بولدۇم ۋەھاكازالار... بىر نەچچە كۈن ئويلىنىپ ئاخىرى «چىنە» ناملىق شېئىرنى يازدىم. ئۇ مۇنداق باشلىناتتى:

مېھنىتىم!

كەلسەڭ سەن جانان چىنىدە،

قىلىمەن خۇش تەكلىپ خۇنەن چېيىغا.

سۆزلىشىپ بەختىيار ھايات ھەققىدە،

باقىمەن داھىينىڭ نۇر چىرايىغا.

مۇبادا،

يىگىرمە تۆت يىل مۇقەددەم،

كەلسەڭ سەن غۇربەتلىك مېنىڭ ئۆيۈمگە.

ئالدىڭغا قويۇش چۈن بىر چىنە تائام،

(يوقسۇزلۇق ئازابى پېتىپ كۆكسۈمگە)

قوياتتىم خىجالەتتە ئىككى تال بادام.

ئېيتاتتىم:

كەچۈرگىن ئەزىز مېھمىنىم،

نە قىلاي كۈنىمىز شۇنداق ئاچ زېرىن.

كۆرەتتىڭ تاكچىدا سۇنۇق ھېجىرىم،

بارى-يوق بىساتىم، مۈلكۈم شۇ مېنىڭ...

... ...



شېئىر شۇ يىلى 27- يانۋار «ئىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قىقاس چىقىرىۋەتتى. قەلەمكەش ھەۋەسكارلار ھەتتا بەزى پېشقەدەملەرمۇ بۇنى قانداق يازدىڭىز ؟ دەپ سورىشاتتى. تەتقىقاتچى، شائىر ئابدۇساتتار ناسىرى:

ـ مەن خەنزۇچە بىر شېئىر ئوقۇغانتىم، ئۇ پۈتۈن مەملىكەتكە داڭقى كەتكەن «چاي» دېگەن شېئىر ئىدى. سېنى شۇ شېئىرنى ئوقۇدىمكى دېسەم سەن خەنزۇچە بىلمەيسەن، ئەمما بۇ شېئىرىڭ ئاشۇ شېئىرغا ئوخشاش چىقىپتۇ. ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسەن،- دېدى.

ماختاشلارغا كىم ئېرىمايدۇ دەيسىز، ئۇ چاغلاردا مۇنداق باشقىچە كەڭ تەسەۋۋۇر بىلەن شېئىر يازماق ئوڭاي ئەمەس ئىدى. ھەممە شائىر خۇددى رىلىستە ماڭغاندەكلا بىر خىل مۇقامدا توۋلىشاتتى. شۇڭا بۇ شېئىر ئىلىدا مېنىڭ داڭقىمنى چىقىرىپ، مەن قايتىپ كەتكەن ئەدەبىيات سورۇنىغا يەنە باشلاپ كىردى.

مېنىڭ بۇ شېئىرىمنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىپ، داڭقى چېچەكلەپ ئەدەبىيات سېپىگە قايتا كىرىشىمدە ئەلۋەتتە ئۇستاز  يوللۇق مەرھۇم تاجىدىن قادىرى ۋە تۇرسۇن لېتىپلارنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى بار. ئەگەر ئۇلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى، ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە ئۈمىد تەلىپى بولمىغان بولسا ئېھتىمال بۇ شېئىر تۇغۇلمىغان بولاتتى ئەلۋەتتە.

مەن 1977- يىلى ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلسەم تاجىدىن قادىرى ئاغرىپ بالنىستتا يېتىپ قاپتۇ. يوقلاپ باردىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرماقچى بولدى. مەن ئۇنىمىدىم.

ـ بولدى، بولدى تاجىدىنكا، يېتىڭ، قوزغالماڭ. مۇشۇنداق پاراڭلاشساقمۇ بولىدۇ. ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ مەن ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كېلىپلا سىزنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكمۇ بىئارام بولدى،- دېدىم ئۇنىڭ قارىداپ كەتكەن سۇلغۇن چىرايىغا قاراپ.

تاجىدىنكام ماڭا گەپ قىلماقچى بولۇپ تەمشەلدىيۇ، ئەمما سۆزىنى راۋان ئىپادىلىيەلمىدى. ئۇ شۇنداق بولسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ: «تىلىم!... » دېدى-دە، تىلىنى چىقىرىپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ تىلى قارىداپ يوغىناپ كەتكەنىدى. شۇڭا گەپنى راۋان قىلالمايۋاتاتتى. ئۇ ئۆپكە راكى كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ئاخىرى شۇ يىلى 7- سىنتەبىر 52- يىشىدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى...

1925- يىلى قىرغىزىستاننىڭ كوچىلىرى غۇلجىنىڭ كوچىلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۈككىدە سۇۋادان تېرەكلىك پىرژىۋالىسكىي (قارا قول) شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، (مەن بۇ شەھەرنى 1991- يىلى زىيارەت قىلغانىدىم) 1930- يىللاردىن تا ۋاپات بولغۇچە غۇلجىدا ياشاپ ئۆتكەن مەرھۇم تاجىدىن قادىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئۇستاز يوللۇق، ئېسىل ئادەم ئىدى. 1946- يىلى «مۇبارەك» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات ۋە ئاخبارات سېپىگە كىرىپ، تا تىنىقى توختىغۇچە خەلقىمىزگە مەنىۋي گۈل-چېچەكلىرىنى بېرىپ كەلدى.

گەرچە ئۇ ئۆمرىدە نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ پەقەت ئۇنىڭ 1977- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «يۈرەك سوۋغىسى» ۋە 1983- يىلى نەشىر قىلىنغان «گۈدۈك» ناملىق بىرلەشمە شېئىر توپلامدىكى بىر قانچە ئون شېئىرىلا بىزگە يادىكار بولۇپ قالدى، ئۆزىنى ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقى ۋە ئەدەبىياتىغا بېغىشلىغان بۇ قەيسەر ئادەم ھاياتىدا ھېچكىمگە يامانلىق قىلماي، تالاش-تارتىش قىلماي، بەلكى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىپ، ئىلھام بېرىپ، پۈتۈن يۈرەك قېنىنى گېزىت سەھىپىلىرىگە سىڭدۈردى. ئۇ كۆيۈمچان، مېھرىبان، ئاتا يوللۇق ئۇستاز ئىدى. تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن بىر قىسىم ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ داڭلىق يازغۇچى-شائىرلىرى بولۇپ قالدى.





تېيىپجان ھادىي

(1925-1989)





نىگارىڭ بىلمىدى قەدرىڭ، ئىلىغا تۇتىيا ئەردىڭ،

كىشىنىڭ مەيلىدۇر مەيلى، كۆڭۈلگە ئەتىۋا ئەردىڭ.

پېقىر كۈلبەڭ ئارا دەردمەن مۇھەببەتتە قەلەم يىغلاپ،

يۈرەكتە كۆپ ئىدى ئارمان، ئەجەبمۇ بىۋاپا كەتتىڭ.



                                                 1989-يىل 24- مارت  ①

تېيىپجان ھادىي ئىلىنىڭ مەشھۇر تارىخ، فولكلور تەتقىقاتچىسى، تارىخىي ھېكايىلەرنى يېزىش ئۇستىسى. ئۇ 1943- يىلى تۇنجى ھېكايىسى «بىر كۈنلۈك ياتاق» نى ئېلان قىلغان. كېيىنكى يىللاردا ئۆرە-تۆپىچىلىكتە بولۇپ، ياشىنىپ قالغاندىلا ئاندىن قولىغا قەلەم ئېلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىلىدىكى مەشھۇر تارىخىي شەخسلەر، سادىر پالۋان، چورۇق ھېكىم ۋە غېنى باتۇرلارنىڭ ھاياتىغا دائىر «پالۋان كەلدى»، «چورۇق ھېكىم»، «باتۇر كەلدى»... قاتارلىق ئوقۇرمەنلەر كۆڭلىنى ئۇتقان بىر قانچە تارىخىي ھېكايىلەرنى يېزىپ شۆھرەت قازانغان. بۇ ھېكايىلەر 1996- يىلى «چورۇق ھېكىم» نامى بىلەن توپلام بولۇپ نەشىر قىلىندى.

ئۇنىڭ «ئىلىنىڭ بىر قانچە خەلق ناخشىلىرى ھەققىدە»، «ئىلى گۇڭ بەگلىكلىرى ھەققىدە» قاتارلىق بىر قانچە فولكلور ۋە تارىخ تەتقىقاتىغا دائىر ماقالىلىرى ئۇنى تارىخ تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە ئەلگە تونۇتقان.

ت.ھادىي بىزگە يانداش مەھەللىلىك، مەن ئۇنىڭ بىلەن 1978- يىلى غۇلجا شەھەر خەنبىڭ يېزىسىنىڭ باشكۆۋرۈك كەنتىگە كادىر بولۇپ چۈشكەندە تونۇشقان. شۇندىن بۇيان تا ئۇ تىنغانغا قەدەر ئىزدىشىپ يۈردۇق.

مەرھۇم ئاددى-ساددا، كەمتەر، مۇلايىم سۆزلۈك، غۇرۇرلۇق، خەلقپەرۋەر، ئىلىنىڭ يەرلىك خارەكتېرى كۈچلۈك ئادەم ئىدى. ئۆزى ئېغىر-بېسىق، ئازراق بىغەم لېكىن قەلەمگە ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى. مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا ئۈستەل ياكى شىرە ئۈستىدە سېلىندىر شەكىللىك قەلەي قاچىدىكى خىلمۇ-خىل قەلەملەرنى كۆرەتتىم. ئۇ دەسلەپكى يازغىنىدا باشقا قەلەمنى، ئەسەرلىرىنى كۆچۈرگەندە باشقا قەلەمنى ئىشلىتەتتى. ھەر بىر سۆز، ھەر بىر جۈملىنى كۆچۈرگەندە ئالدىرىماي، ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن چىرايلىق قىلىپ كۆچۈرەتتى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ يازغان جۈملىلىرىگە تەھرىرلەرنىڭ قىزىل قەلىمى ئوڭايلىقچە ھۇجۇم قىلالمايتتى.

ئۇ ئۆز ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ خەلق فولكلورى، تارىخىي ماتىرىياللار ۋە تەتقىقات قىلىشىقا دائىر نۇرغۇن خاتىرىلەرنى توپلىغانىدى. ئۇ كۆڭلىدە ئىلىنىڭ چوڭ ھەجىملىك تارىخىنى، تارىخىي شەخسلەر ھەققىدە كىتاب يېزىشنى پىلانلاپ بىر قىسمىنى باشلىغانىدى. بىراق تۇرمۇش، ۋەزىيەت، ھايات غەملىرى ئۇنى پات-پات ئۈزۈپ قويغاچقا، ئاخىرىغا چىقىرالماي كەتتى... ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاقتى يەتمىگەن بۇ ماتىرىياللاردىن باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا خۇشاللىق بىلەن بېرەتتى ۋە رىغبەتلەندۈرەتتى. مەرھۇم شائىر، فولكلورچى تۇرسۇن زېردىن ئۇنىڭ توپلىغان نۇرغۇن خەلق قوشاقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانىدى.



تېيىپچان ھادى ئۇششاق بالىلىق، تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر، باشقا قۇرداش قەلەمداشلىرىغا ئوخشاشلا غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئەمما ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ناھايىتى كەڭ ئىدى. ھەتتا چەت ئەللەردىن ئۇنى ئالىملار ئىزدەپ كېلىشەتتى. ئۇ ياشىنىپ قالغان چېغىدىمۇ ئېرىنمەي ئىلىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا دائىر ماتىرىياللارنى توپلاپ يۈرگەنىدى. خەنزۇچە بىلمىسىمۇ يەنىلا بېيجىڭدىن چوڭ تارىخىي ماتىرىياللارنى ئالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلى تارىخىغا دائىر بىرەر سۆز، بىرەر جۈملە چىقسا، (ئۇ خەنزۇچە伊犁 دېگەن خەتنى بىلىۋېلىپ، كىتابنىڭ ئىچىدىكى ئۇ خەت چىققان يەرنىلا تەرجىمە قىلدۇرۇپ) خاتىرىلىۋالاتتى.

ئۇ ئەنە شۇنداق ئىلى تارىخى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىدىغان، ئەستايىدىل ئىزدىنىدىغان قەلەمكەش ئىدى. مەرھۇم 1989- يىلى نورۇز توغرىسىدا ماقالە ئىشلەۋاتقاندا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ 24- مارت بىز بىلەن ئەبەدىي خوشلاشتى.





جالالىدىن جارۇللا

(1937-1989)





يا شۆھرىتى قونمىدى دۆڭگە،

يا قەلەمنى تاشلىمىدى ئۇ.

جىجىت كەتتى مۇڭلۇق قەبرىگە،

قېتىپ قالدى يۈرەكتە قايغۇ.

تۇپرىقىدا يىغلايدۇ شىۋاق،

ئېڭراپ تۇرار ئۇندا ئاجىز روھ.

«ياشاڭ ئاددىي، كۆڭۈللۈك، بىراق،

بولماڭ مەندەك سەۋدايى» دەر ئۇ.

                                                1989-يىل 3- دىكابر



جالالىدىن جارۇللا ـ ئىلىنىڭ ئەڭ جاپاكەش، تەلەيسىز قەلەمكىشى. ئۇ 1952-، 1954- يىللىرى ئۈرۈمچى تىببىي تىخنىىكومىدا ئوقۇغان. ئاغرىپ قايتىپ كەلگەنلىكتىن غۇلجىدا ئالتە ئاي بوغالتىرلىق كۇرسىنى تاماملاپ، نىلقا ناھىيىسى ۋە غۇلجا شەھىرىنىڭ قول-سانائەت سېستىمىسىدا مالىيە، تەشۋىقاتقا مەسئۇل كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1951- يىلى «سالام يېڭى يىل» ناملىق شېئىرىي سوۋغىسىنى تەقدىم قىلىپ، قەلەم ئىشانغا ئىخلاسمەن مۇرت بولغان. شۇندىن بۇيان مەرھۇمدا ئەدەبىيات ۋە ئاخباراتچىلىققا ئاشىقانە ھەۋەس پەيدا بولغان.

مەن ئۇنىڭ بىلەن 1970- يىللاردا تونۇشقان بولساممۇ، ئاساسەن 1980- يىللاردا ئارىلاشقان. ئۇ يوقسۇزلىقىغا قارىماي ناھايىتى مېھماندوست، كەڭ قورساق، ئوچۇق، گەپدان، ئۆزىنى ئالاھىدە تۇتۇشقا تىرىشىدىغان، قەلەمگە، قەلەم ئەھلىگە تولىمۇ ھەۋەس قىلىدىغان، سولچىللىققا مايىلراق، تېتىك ئادەم ئىدى. ئۇ تۇرمۇش، جەمئىيەت ۋە قەلەمدىن ھېچقانداق خۇشاللىق تاپالمىغان جاپاكەش ئادەم. ئۇنىڭ يەتتە بالىسى بار ئىدى. مەن تونۇشقان يىللاردا ئۇ شەھەرلىك ئۇلاق ترانسىپورت خەلق ئىچىدە («تەخەي ترانسىپورت» دەپ ئاتالغان) ئىدارىسىدا ئىشلەيتتى. ئايالى تاشگۈل ماشىنىچى ئىدى. بالىلىرى كىچىك بولغاچقا تۇرمۇشىنىڭ قىرچاڭغۇ ئېتى ئارانلا ماڭاتتى. ئۇ 1970- يىلىدىكى كۈرەش قىلىش، پىپەن قىلىش، ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىدە بىزنىڭ كارخانىغا كادىر بولۇپ چۈشكەنىدى. ئەمما بىرەر ئاي ئىشلىمەيلا يوقالدى. كېيىن ئۇقساق، ئۇ مەرھۇم يازغۇچى ئىمىنجان ئېكرامنىڭ جىنايەت ئەنزىسىگە چېتىلىپ يەر ئاستى لەخمىگە سولانغانىكەن. ئۇ شۇ تۈپەيلى بىر مەزگىل خېلى قاتتىق دەرد تارتىۋالدى.

قەلەمدىن تەلەيسىز دېگىنىمىز: ئۇ ئىلىدىكى ئۆزىنى ئەدەبىياتقا بېغىشلىغانلار ئىچىدىكى ئەڭ پىداكارى، ئەڭ ئاشىق سەۋدايىسى ئىدى. ئۇنىڭ قەلەمگە ئاشىقلىقى شۇ دەرىجىدە ئىدىكى، ئايالى تاشگۈل ماڭا: «ئۇ كېچىلىرى بالىلارنى باشقا ئۆيگە چىقىرىۋېتىپ، يېرىم كېچىگىچە، بەزى كۈنلىرى تاڭ ئاتقۇچە بىر نېمىلەرنى يازاتتى. ھەر يەكشەنبە كۈنى مۆمىنكاملار كېلىپ، كەچكىچە شېئىر ئوقۇشاتتى، بىر نېمىلەرنى تاكاللىشاتتى. مېھمان بولۇشاتتى... ئۇ ئاغرىپ قالغان كۈنلەردە پات-پات ھوشىدىن كېتىپ تۇردى. ھوشىغا كەلسىلا: ‹مېنىڭ ئەسەرلىرىم... مەن نۇرغۇن نېمىلەرنى يازماقچى ئىدىم، ‹يىللار قوينىدا› دېگەن پوۋېست، ‹شەرۋانەم›، ‹قەيسەر ۋە ھەجەر›، ‹قۇددۇس ۋە قۇندۇز›، ‹ئۆمەر ۋە گۆھەر›... دېگەن درامىلارنى، يەنە نۇغۇن ھېكايە، نەسىر، ئىلمىي ماقالىلەرنى يازماقچى ئىدىم. ھەي، يامان بولدى، ساقايسام بولاتتى!› دەيتتى-دە، يەنە ھوشىدىن كېتىپ جىمىپ قالاتتى» دەپ ھېكايە قىلىپ بەردى. گەرچە ئۇ قەلەمگە شۇ دەرىجىدە ئاشىق بولسىمۇ، ئەمما بىۋاپا قەلىمى ئۇنى كۆتۈرگىدەك ۋە ھازىر ئەسلىگۈدەك ھېچنىمە تۇغالمىدى. ئۇ شېئىر، ناخشا تېكىستلىرى، ھېكايە، فىليەتون، دارامىلارنى يېزىپ باقتى. مەرھۇم 1951- يىلىدىن تا ۋاپات بولغانغا قەدەر نۇرغۇن ئاخبارات خەۋەرلىرى يازغاننىڭ سىرتىدا «ئانا ۋەتەن»، «كېلۇر باھارىڭ»، «بالىلارغا خەت»، «پاناما قىزىغا»، «كوممونىزم قۇرىمىز»، «گۈزەل ئەخلاق» قاتارلىق ۋەكىل خارەكتېرلىك شېئىرلارنى؛ «كۈلدى ئەلنىڭ ئارمىنى»، «ئوقۇتقۇچىلارغا مەدھىيە»، «قىز كۆڭلى»، قاتارلىق ناخشا تېكىستلىرىنى؛ «قار ياغقاندا»، «يۈرەك تەشەككۇرى»، «ئېبرەت» قاتارلىق ھېكايىلەرنى؛ «ئۇنتۇلماس تەلىم»، «ئۇنتۇلماس بىر كۈن» قاتارلىق خاتىرە ئەسلىمىلەرنى، «كۈلكىنىڭ كۈچىدىن»، «ئۆزىگە كەلگەندە» قاتارلىق فىليەتونلارنى، «گۈزەل قەلبلەر»، «يېڭىلىق»، «شەمشى ۋە قەمەر»، «يېڭىلانغان گالىستۇك» ۋە «ئالدامچىنىڭ ئاقىۋىتى» قاتارلىق دارامىلارنى يازغان بولسىمۇ، پەقەت ھازىر ئۇنىڭ «شەمشى ۋە قەمەر» ناملىق بەش پەردىلىك، مۇزىكىلىق دارامىسىلا مەرھۇمنى ئەسكە سېلىپ تۇرىدۇ.

ئۇ 1978-، 1979- يىللىرى ئوبلاستلىق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى نەشىرگە تەييارلىغان «ئىشچىلار مۇھەببىتى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە 1983-، 1987- يىللىرى غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى بىلەن ئەدەبىياتچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «گۈلدەستە» ناملىق مەجمۇئەنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەنىدى. مەرھۇم جاپا تارتتى، كۆپ جاپا تارتتى. لېكىن ھېچقانداق راھىتىنى كۆرەلمىدى. بىرەر كىتابمۇ چىقىرالمىدى.

ئۇ ئاخبارات، مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلەشنى ناھايىتى ئارزۇلايتتى، ھەۋەس قىلاتتى. بۇمۇ بىر سەۋدالىق ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتىدا بولغان بىردىن بىر خۇشاللىقى «ئىلى گېزىتى» دە مۇھەررىر بولغانلىقى. 1980- يىللاردا ئۇنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، قارىمايدىكى تۇغقانلىرى يۇقىرى مائاش، تەييار ئۆيلەر بىلەن ئىككى ياراملىق ئورۇننى تېپىپ قويغان بولسىمۇ ئۇ بېرىشقا قىزىقماي «ئىلى گېزىتى» دە تەھرىر بولۇشنى تاللىغانىدى. ئۇ بۇ يەردە تۆت يىل قېتىرقىنىپ، ئەستايىدىل، جان كۆيدۈرۈپ ئىشىلىدى. نەمۇنىچى بولدى. ئۇنىڭ ئۆيى گېزىتخانىغا يىراق، ئايدۆڭ مەھەللىسىدە بولسىمۇ، ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك كېچىسى كېلىپ، ئىككى سائەت گېزىت نۇسخىسىنى كۆرەتتى.  بۇ چاغدا گېزىتخانىنىڭ كونا ئادەملىرى دەم ئالاتتى. جاپالىق خىزمەت ئاخىرى ئۇنى يىقىتتى. مەرھۇم 1989- يىلى 3- دىكابىردا 52 يېشىدا بۇ ئالەمدىن ئىزسىز، جىمجىت، دەرد بىلەن كېتىپ قالدى.





ئەركىن نىزامى

(1940-1996)





مەست قىلغانتى ئۇنى شېئىر مېۋىسى،

بىراق، تۇرمۇش مىخلاپ قويدى دوسكىغا.

لىرىك قەلبى چېچەك ئاچماي ئۈششىدى،

بالدۇر كەلدى ئاڭا كەچكۈز، ئەلۋىدا.

پەرىشتىلەر قەلىمىنى كۆتۈرگەي،

بولغاي خالىس نىيىتىگە ھەم گۇۋاھ!...

                                               1996- يىلى 18- نويابر



ئەركىن نىزامى ـ ئىلىنىڭ پاكىز، ھەققانىي، ھېسسىياتلىق يازىدىغان لىرىك شائىرى. يېزىقچلىق دەۋرى قىسقا، لېكىن شېئىرلىرى ناھايىتى لىرىكىلىق، تېتىملىق ۋە ئوبرازلىق.

مەن ئۇنىڭ «كەچكۈز چېچەكلىرى» نى پۇراپ، زوقلىنىپ، مەرھۇمنىڭ قەلىمىنىڭ ۋاقىتسىز مەڭگۈلۈك ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىگىمۇ ئېچىندىم. ئەگەر ئۇ بۇ كۈنلەرگىچە ياشىيالىغان بولسا ئىلىنىڭ كەڭ دالا-قىرلىرى تونۇيدىغان نامدار شائىر بولۇپ قالاتتى. ئەپسۇس!...

مەن ئۇنىڭ بىلەن يېڭى تونۇشقان 1970- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇ غۇلجا شەھەر ئەتراپىدىكى خەنبىڭ يېزىسىغا شەھەردىن تارقاقلاشتۇرۇلۇپ چىققان «دېھقان» ئىدى. 1960- يىللاردىن تارتىپ قارا قۇيۇن ئىچىدە قالغان بۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كاتتا زىيالىي پومىشچىك نەسلىنى زامان بورانلىرى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىپ سالغا تېشىدەك ئاخىرى بۇ يېزىغا ئاتقانىدى. ئۇ بۇ يەردە مومىسىنى كۆردى، ئاچ-توق قالدى. ئازابلاندى، خورلاندى، بىراق ھەممىگە بەرداشلىق بەردى.

بىز تۇنجى كۆرۈشكەندە ئۇ ماڭا ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇردى. ئۇ «دېھقان» بولغىنىغا قارىماي، رەتلىك، پاكىز، سالاپەتلىك كىيىنگەنىدى. ئۇ يىللاردا كىشىلەرنىڭ بېشىدا تۈگمەن چۆرگىلەپ تۇرغاچقا، كىيىم-كېچەك، ئۈستى-بېشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋاقتى يوق ئىدى. لېكىن ئەركىن نىزامى ئۇلارغا ئوخشىمايتتى. سالاپەتلىكنى قوغلىشاتتى. ئورۇنلۇق گەپ قىلاتتى. كېيىنرەك ئارىلىشىش جاريانىدا مەن ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، يىراقنى كۆرەر، راستچىل، خۇشامەت-تەخسىچىلىكتىن يىرگىنىدىغان، خۇشخۇي، گەپلىرى ئارىسىغا ئارىلاپ چاقچاق قىستۇرۇپ قويىدىغان خارەكتېرى بار ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇ خۇسۇسىيەت ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىمۇ كۆرىنىپ تۇراتتى.

1980- يىللارغا كەلگەندە ئۇنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كېلىپ، ئەسلى كەسپىي-ئوقۇتقۇچى بولدى. ئۇ ئەدەبىياتقا قاتتىق ئىشتىياق باغلىغان پائالىيەتچان ئادەم ئىدى. ئۇ غۇلجا شەھىرىدىكى قەلەمكەشلەرگە بىر نەچچە نۆۋەت ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەنىدى. بىر قىسىم ياشلارنى يېتەكلىگەنىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچى بولغاچقىمۇ ئەۋلاد تەربىيىلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئېرىنمەيتتى. غۇلجا شەھىرىدىكى ياش قەلەمكەشلەرنى تەربىيىلەش، يېتەكلەش جەھەتتە تا ھازىرغىچە ئۇنىڭدەك بىرەر جان كۆيەر چىققىنى يوق. ئۇ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تۈزىتىپ بېرەتتى، مەسلىھەت بېرەتتى.

1986- يىلى «ئىلى تەڭرىتاغ كەسىپىي مەكتىپى» دە ئەركىن نىزامىنىڭ تەكلىپى بىلەن بەدىئىي ئىجادىيەت سىنىپى ئېچىلىپ، بىر تۈ*ركۈم ياش ھەۋەسكارلار تەربىيىلەندى. مەرھۇم ئەركىن نىزامى مانا مۇشۇ سىنىپنى ئۆزى بىر قوللۇق تۇتۇپ تەربىيىلەپ چىقتى. كېيىن بۇ سىنىپتىكى ياش قەلەمكەشلەر ئەدەبىيات قوشۇنى بولۇپ يېتىشىپ، «ئابرال ئۈمىدلىرى» ناملىق ئىككى سان ئەدەبىي ژۇرنالمۇ چىقارغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە كۈندىن-كۈنگە قەلىمى نۇرلىنىپ چاقناۋاتقان شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى، مەتبۇئات، نەشرىيات، ئاخبارات ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئابلېكىم ھەسەن، پەرھات جامال، نىجات ئەخمەت، ئەيبۇ ياقۇپ... قاتارلىق ياش يازغۇچى-شائىرلار ئاشۇ سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. ھازىر بۇ ياشلار بىرەر سورۇنغا جەم بولسىلا ئۇستازى ئەركىن نىزامىنى ئەسلەپ سېغىنىشىدۇ، شېئىرلىرىنى ئوقۇشىدۇ...

ئەركىن نىزامى ئاز ياشىدى، ئەۋلادقا، ئەدەبىياتقا كۆيۈپ ياشىدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئېغىر كېسەل چىرمىۋالغاندا بىر كۈنى مۇزىكانت پەرھات ئابىت بىلەن يوقلاپ بارغانىدىم. ئۇ ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا سالاپىتىنى بۇزماي بىزنى زورىغا كۈلۈمسىرەپ قارشى ئالدى. ئاشقازان راكى ئۇنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانىدى. نېمە دەيمىز، ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. ئۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، خالتىلاشقان نۇرسىز كۆزلىرىنى بىزگە تىكىپ تۇراتتى. پەرھات ئابىت ئۇنىڭ بىر ناخشا تېكىستىگە مۇزىكا ئىشلىگەنىكەن. ئۇ بۇ خۇش خەۋەرنى ئۇنىڭغا يەتكۈزمەكچى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

ـ ئەركىنكا، سىزگە خۇشخەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم. تېكىستىڭىز شۇنداق ياخشى كەلدى، مۇزىكىسىمۇ ياخشى ئىشلەندى، ناخشىچىلار تالىشىپ كەتتى. ھازىر ئىلى خەلق رادىئو ئىستانىسى بېرىۋاتىدۇ، ئاڭلىدىڭىزمۇ؟

مەرھۇم ئەركىن نىزامى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ھاياجانلىنىپ سۆزلەشكە ئاغزىنى ئۆمۈللىدى-يۇ، ئەمما سۆزلىيەلمەي كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش ئالدى. پەرھات ئىككىمىز بىر قىسما بولۇپ قالدۇق. كۆڭلىمىز ئېچىشىپ داۋالغۇپ كەتتى. ھەي تەڭرىم...

يىقىلسام تىرماشتىم، يازدىم، قازدىم،

قالسۇن دەپ ئاۋازىم نەسلىمىزگە.

ياشىدىم بىر ئۆمۈر ئادەم سۈپەت،

تۇزكورلۇق قىلمىدىم ئەسلىمىزگە.

مەرھۇم ئەركىن نىزامى ئەنە شۇنداق يازغان ۋە ياشىغانىدى.



تۇردى سوپى

( 1931-1997)



«بۇ دۇنيا»② قالدى ئاھ، كەتتى ئۇ غەمكىن،

كۈلگىنىدىن يىغلىغىنى كۆپ بولدى.

بولسىمۇ گەر مۇڭ قەلىمى ئۆزگىچە،

بۇ رەھىمسىز تۇرمۇش ئۇنى سۇندۇردى.

ئى رەببىم، ئاڭا رەھىم قىلغايسەن،

ھۆر-پەرىلەر ئاچقاي مىسكىن كۆڭلىنى.

                                                  1997- يىل 14- يانۋار  



تۇردى سوپى ـ ئىلىنىڭ نامى ھازىر كۆپكە ئانچە مەلۇم بولمىغان مۇڭلۇق، پەلسەپىۋى شائىرى. ئۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىلا ئەدەبىياتقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاپ، 1951- يىلى «كەلدى» ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات باغچىسىغا كىرگەن. 1950- يىللاردا ئۇنىڭ شېئىرلىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى مەتبۇئاتلىرىدىلا ئەمەس، ھەتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا چىقىدىغان ئۇيغۇرچە «يېڭى ھايات»، «شەرىق ھەقىقىتى» قاتارلىق ژۇرناللاردىمۇ ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. كېيىنكى يىللاردا ئېغىر روھى ئازاب، يوقسۇزلۇق ئۇزۇن مەزگىل ئۇنى قەلەمدىن چەتنىتىۋەتكەن.  

تۇردى سوپى بىر مەزگىل بىزنىڭ مەھەللىدە ئولتۇرغانىدى. شۇڭا ئارىلىشىپ ئۆتەتتۇق. ئۇ ئوبلاستلىق پارتىيە مەكتىپىدە ئىشلەيتتى. ئاقكۆڭۈل، مۇئامىلىدە دوستانە، كەمتەر، كۆپ گەپ قىلمايدىغان، ئۆزىنى چوڭ سۈپەت، سالاپەتلىك تۇتىدىغان ئادەم ئىدى. مەن ئارىلاپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قالسام ماركېس، فېيىرباخ ۋە باشقا پەيلاسوپلارنىڭ كىتابلىرىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى چېلىقتۇرۇپ قالاتتىم. ئۇ تالانتلىق ناتىق ئىدى. ئۇنى سولچىلىققا مايىلراق ھېس قىلاتتىم. ئائىلىسىدە بالىلىرى كۆپ، بىر ئۆزى ئىشلەيتتى. قورۇ-جايىمۇ يوق، ئىدارىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇراتتى. روھى چۈشكۈن يۈرەتتى. مەن ئۇنىڭ بىرەر قېتىم ئىچ-ئىچىدىن تېلىقىپ قاقاقلاپ كۈلگىنىنى كۆرمىگەن. ئۇ ئالەم-دۇنيا، كىشىلىك ھايات، پەلسەپە ۋە تۇرمۇش توغرىسىدا كۆپ ئويلىناتتى.

1980- يىلى تېيىپجان ئېلېيىۋ غۇلجىغا كەلگەندە مېھمانلار قاتارىدا ئىككى «قالپاق» لىق يۈرىكى مۇجۇلۇپ كەتكەن ئاكام «ئاغىنىلىرىم»ـ تۇردى سوپى ۋە ماناپ قادىرىنى چاقىرىپ قويغانىدىم. شۇ چاغدا ئۇلار مېنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانىدى.

تۇردى سوپى ئاساسەن پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە باي شېئىرلارنى يازاتتى. مەرھۇم ماناپ قادىرى بىر كۈنى ماڭا ئۇنىڭ «بۇ دۇنيا» ناملىق شېئىرىنى ئۈنئالغۇدا قويۇپ بېرىۋېتىپ: «تۇردى سوپى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەندە مۇشۇ شېئىرىنى ئالاھىتەن ئالغاچ كەلگەنىكەن. ئوقۇپ بەرگەنىدى. مەن يىغلاپ كەتتىم...» دەپ سۆزلەۋېتىپ، مىشىلداپ كۆزىگە ياش ئالغانىدى. شۇ چاغدا ئۈنئالغۇدىن مەرھۇم تۇردى سوپىنىڭ غەمكىن، مۇڭلۇق ئاۋازىنى ئاڭلاپ مېنىڭمۇ ئىچىم ئېچىشىپ كۆزۈمگە ياش كەلگەنىدى.

مەرھۇمنىڭ يازغان شېئىرلىرى كۆپ بولسىمۇ، پەقەت 1988- يىلى ئۇ ۋاپات بولۇپ بىر يىلدىن كېيىن، ئۈچ باسما تاۋاققا يەتمىگەن (90 بەتلىك) «ئۆمۈر خاتىرىلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.

ئۆمۈر بويى شېئىرىيەتكە مەپتۇن بولغان بۇ مەرھۇم شائىر شېئىرىيەت خامىنىنى ئەلگە كۆرسىتەلمەي:

يېتەلمەي كەتتىم مۇراتقا، دۇنيا،

مەنزىلىڭ يىراق، مەزگىل ئۇزاقكەن.

بارغا ھالاۋەت، ئىشرەت ماكانى،

يوققا بۇ دۇنيا تىرىك دوزاخكەن.



دەپ 67 يېشىدا ئارمان بىلەن كېتىپ قالدى.





تۇرسۇن زېردىن

(1937-1998)





رەسۇلىللا يېشى بىلەن ئۇزىدىڭ،

شۇنىڭ ئۆزى چىن دۇنياغا غەنىمەت.

ئۆيىمىزدىن تېخى ھېدىڭ كەتمىگەن،

قوشاقلاردىن تون كىيىپتۇ بىر جەسەت...

ئۇنتۇلغانلار قەلىمىڭدە تىرىلگەن،

قالدى قانچە ئوي-دالادا سۈرىتىڭ.

پارلاپ تۇرار چىن ئەقىدەڭ تىرىكسەن،

ئەۋلادلارغا كەلدى سېنىڭ نۆۋىتىڭ.

خاتىرجەم يات، ئەي پاك قەلب ئىگىسى،

رەھمەت تاپقاي ھەقتىن ئەجرىڭ-ھۆرمىتىڭ!

                                                 1998- يىل 30- مارت



تۇرسۇن زېردىن ـ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ پىداكار خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىنى توپلىغۇچىسى، تەتقىقاتچىسى ۋە پېشقەدەم ئەدىبى.

ئىلى خەلقىنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى، كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە يېقىنقى زامان ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىنى يىغىش، يورۇقلۇققا چىقىرىشتا ئۇنىڭ تۆھپىسى ئالاھىدە زور. ئۇ 20 يىللىق (1978-1998) ئىجادىي ھاياتىنى مەخسۇس مۇشۇ ساھەگە بېغىشلىغان ئېجتىھاتلىق، تىنىمسىز تەر ئاققۇزغان، جاپاكەش قەلەمكەش. ئۇيغۇر فولكلورچىلىرى ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر ھېچكىم ئۇنىڭدەك خەلقنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقان مەنىۋىي بايلىقىنى ئىزچىل، ئەستايىدىل توپلىيالىغان ئەمەس. ئۇنىڭ توپلىغان، رەتلىگەن نەشىرگە تەييارلىغان، نەشىر قىلىنغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە يېقىنقى زامان ئەدەبىيات ۋەكىللىرىدىن: ناسۇھا داموللا، نۇر بوساقۇپ، قاسىمجان قەمبىرى، نىياز باقى...  قاتارلىق 15 نەپەر شائىرنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرى ئۈچ مىليۇن خەتتىن ئاشىدۇ. (خەنزۇچە خەت ھېسابىدا كىتابنىڭ بىر بېتى 500-550 خەت ھېسابلىنىدۇ) ئەگەر ئۇ كىتاب قىلىنىپ تۈپلەنسە، پۈتۈن ئۇيغۇر جامائىتى بىلىدىغان «ئانا يۇرت» رومانىدەك قېلىنلىقتىكى 10 كىتاب بولىدۇ.

تۇرسۇن زېردىن توپلاپ نەشىر قىلدۇرغان خەلق ئېغىز ئەدەبىيات ئەسەرلىرى مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى چەت ئەللەردىمۇ ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى. بەزىلىرى قايتا-قايتا نەشىر قىلىندى. شۇڭا ئۇ 1981- يىلى مۇستاپا كامال تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈ*ركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فولكلور ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ قىلىندى.

ئۇيغۇر خەلقى مەشھۇر قەلەمكەشلىرى قاتارىدا ئۆزلىرىگە ئۈن-تىنسىز ساۋاپلىق ۋە خاسىيەتلىك ئىش قىلىپ بەرگەن بۇ پاك، ۋىجدانلىق قەلەمكىشى بىلەن پەخىرلەنسە ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ يەنە نەشىر قىلدۇرىدىغان نۇرغۇن كىتابلىرى بار ئىدى. ئەپسۇس ئۆمرى قىسقا كەلدى. 1998- يىلى 30- مارت كۈنىدىكى ئەزرائىلنىڭ سىرلىق قەدىمى خۇددى سۈپسۈزۈك ئاسماندا چاقماق چېقىپ، ھاۋا گۈلدۈرلەپ بېغەم يۈرگەن كىشىلەرنى ساراسىمگە سېلىۋەتكەندەك بولدى. مەرھۇم تۇيۇقسىز ئاغرىپ كۆپ ياتمايلا ئەل-يۇرتنى داغدا قويۇپ ئارماندا مەڭگۈ قايتماس يەرگە كەتتى.

ئېسىت، ئېسىت باھار رۇجەك چەككەندە،

كېتىپ قالدىڭ ئارمانىڭنى قالدۇرۇپ.

ئىشەن دوستۇم، قىزىلگۈللەر كۈلگەندە،

پىچىرلايمەن تۇپرىقىڭدا ئاي بولۇپ...



ئىھ! ياخشى دوستۇم، ئارمانلىرىڭ چېچەك ئاچقۇسى، خاتىرجەم ياتقىن.  





زوردۇن سابىر

(1937-1998)





تۇرمۇش، ھەسەت ئۇنى سەنلەپ، گاھ سىزلەپ،

بازغىنىدا پۈكەلمىدى قەددىنى.

يۈرىكىدە ئاخىرى چوغ چېچەكلەپ،

كۆرسەتتى ئۇ ئەلگە ئۇلۇغ ئەجرىنى.

ئادەم بولساڭ مانا شۇنداق ياشا دەپ،

سادا بەردى ئۇنىڭ بۈيۈك ھەيكىلى.

                                           1998-يىل 13- ئاۋغۇست



زوردۇن سابىر ـ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ پەخىرلىك يازغۇچىسى.

مەن ئۇنىڭ بىلەن 1970- يىللاردا تونۇشقان. شۇندىن باشلاپ ئىزدىشىپ مۇڭدىشىپ تۇرىدىغان بولدۇق. ئۈرۈمچىگە بارغاندا دائىم ئۇنىڭ ئۆيىدە بولاتتىم. ئۇ ئىلى دەرياسى ساھىلىدىكى بۈك-باراقسانلىق بوستان مەھەللىسىدە تۇغۇلغانىدى. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن تېخى بىر ئاي ئىلگىرىلا بىز نىلقا ناھىيىسىدىكى تاڭبالى ساياھەت رايونىغا كېتىۋاتقىنىمىزدا ئۇ ماشىنا دېرىزىسىدىن ئوڭ قول تەرىپىمىزدىكى بىر بۈككىدە تېرەكلىكنى بېشى بىلەن ئىما قىلىپ: «ئاشۇ كۆرۈنگەن بىزنىڭ بوستان، ئۇنى كۆرۈپ ئۆتكەن كۈنلەر يادىغا كېلىۋاتىدۇ.



*            *              *

مەرھۇم ۋاپات بولۇشتىن 5-10 كۈن ئىلگىرىلا بىزنىڭ ئۆيدە مېھمان بولغانىدى. ئۇ شۇ چاغدا ماڭا خېلى كۆپ خەلق قوشاقلىرىنى توپلىغانلىقىنى، ئۇنى ئايرىم توپلام قىلىپ قويغانلىقىنى، ئىلىدا ئۆتكەن موللا ئىلى دېگەن بىر شائىرنىڭ چوڭ ھەجىملىك (سەككىز مىڭ مىسرالىق) «يۈسۈپنامە» ناملىق داستانىنى 1986- يىلى نەشرگە تەييارلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا ئەۋەتكەن بولسىمۇ، تېخىچە بېسىلمىغانلىقىنى سۆزلەپ، جىق ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئېيتقانىدى. «ئۆيىمىزدىن تېخى ھېدىڭ كەتمىگەن» دېگەن مىسرا شۇنىڭغا قارىتىلغانىدى.

مەھەللىمىزدە بىر قىز بار ئىدى، بەك چىرايلىق ئىدى، ئادەممۇ شۇنداق چىرايلىق بولىدىكىنا... ھەممىمىز ئۇنىڭغا كۆيەتتۇق...» دەپ ئاستا، غەمكىن ئاۋازدا يولبويى ئاشۇ قىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى.

زوردۇن سابىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا بېغىشلىغان قەيسەر يازغۇچى. شۇ تۈپەيلى ئۇ ئۆز ھاياتىدا ھەر قانداق بىر ئەدىب بېشىدىن كەچۈرمىگەن قەرزدارلىق، خورلۇق، تىل-ھاقارەت، كۆرەلمەسلىك، ھەسەتخورلۇقلارنىڭ دەردىنى تارتقان. قاتتىق يوقسۇزلۇق، قەرزدارلىق بېسىمىدىن ئۇچرىغان ھاقارەتلىك ئىشلاردا ئاڭسىز ئادەم بولغان بولسا چوقۇم جىنايەت شەكىللەنگەن بولاتتى. ھەتتا بەزى خورلۇقلار تۈپەيلى ئۇ بىر قېتىم: «ئۆلۈۋېلىپلا مۇشۇ خورلۇقتىن قۇتۇلايمىكىن...» دېگەنىدى.

ئۇ شۇنچىلىك ئېغىر بېسىملار ئاستىدىمۇ ئەدەبىياتقا بولغان ئاشىق-مەستانىلىكىنى يوقاتمىدى. بەلكى كېچە-كېچىلەپ مەملىكىتىمىزنىڭ ۋە چەت ئەلنىڭ نۇرغۇن ئەدەبىي، تارىخىي كىتابلىرىنى كۆرۈپ چىقتى. ئۇنىڭ ئوقۇغان، خاتىرە قالدۇرغان كىتابلىرى شۇنچلىك كۆپكى، ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئىچىدە ئۇنىڭدەك يەنە بىرسىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاجىزلاپ كەتتى. ئەمما ئۆزى ئەتراپلىق بىلىملىك بولدى.

ئۇ 1971- يىلى تۇنجى ھېكايىسى «تاغ كەينىگە ئۆتكىچە» نى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى قەلەم سېپىگە ئەنە شۇنداق پۇختا تەييارلىق بىلەن كىرگەنىدى. ئۇ بىر قېتىم بىزنىڭ ئۆيدىكى سۆھبەتتە: «سىز بابۇرنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقىدىڭىزمۇ، مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن. «بابۇرنامە» نى ئوقۇمىغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى يازغۇچى ئەمەس» دېگەنىدى ۋە بابۇرنىڭ:

ھەر كىمكى ۋاپا قىلسا ۋاپا تاپقۇسىدۇر،

ھەر كىمكى جاپا قىلسا جاپا تارتقۇسىدۇر.

ياخشى كىشى كۆرمىگەي يامانلىق ھەرگىز،

ھەر كىمكى يامان بولسا جازا تاپقۇسىدۇر.



دېگەن رۇبائىيسىنى ئوقۇپ بەرگەنىدى.

كۆپ كىشىلەر ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىردىنلا چولپاندەك چاقناپ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشتى ۋە تەئەجۈپلەندى. ئۇلار ئۇنىڭ بەيگە ئېتىنى ئۇزاق زامان ئىلى دالالىرىدا چاپتۇرۇپ ئوبدان تاڭشۇرغانلىقىنى، 1960- يىللارنىڭ بېشىدا لەنجۇدىكى مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، بىر خۇدا ۋە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان ساددا، ئوي-پىكىرلىرى بىلەن قەلبىنى تاپشۇرۇپ ئوڭدىسىغا چۈشكەنلىكىنى، خىزمەتتىن توختىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خەنزۇچىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئۆگىنىپ، خەنزۇ ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغانلىقىنى بىلمەيتتى. بەيگە باشلانغاندا بىر قىسىملار ھەسەت قىلىشىپ، رىقابەتلىشىپ ھەتتا ئۇنىڭ ئېتىنىڭ تىزگىنىگە ئېسىلىشقان بولسىمۇ يېتىشەلمىدى.

ئۇ ئىجادىي ھاياتىدا نۇرغۇن ھېكايە، پوۋېست، رومانلارنى يازغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرقى قەلەم تەۋرەتكەن «ئانا يۇرت» ناملىق ئۈچ قىسىملىق ترولوگىيىسى ئۇنىڭ ھەيكىلىنى مەڭگۈلۈك تىكلەپ بەردى.

1940- يىللاردىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا بېغىشلانغان بۇ ترولوگىيەنى يېزىپ چىقىش ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئۇلۇغ ئارمىنى ئىدى. ئۇ ئارمىنىغا يەتتى. ئەپسۇسكى، ئون نەچچە يىل تەييارلىق قىلىپ، پۈتۈن يۈرەك قېنى بىلەن يېزىلغان بۇ ترولوگىيە ئاخىرى ئۇنى ئەسىر باش قەھرىمانى نۇرى بىلەن بىللە باقىي ئالەمگە ئېلىپ كەتتى.

ئۇ غۇلجا شەھىرىدىكى «شاۋكەت ئابدۇش ھاجىم سارىيى» نىڭ 405- ياتىقىدا بۇ ئۇلۇغ ئەسىرىنى تاماملىغان كەنلەردە مەن بىللە ئىدىم. ئۆيىمىز بۇ سارايغا يېقىن بولغاچقا، ئۇ پات-پات بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ تۇراتتى.

زوردۇن سابىر خۇشچاقچاق، چىقىشقاق، يۇمۇرلۇق، كەڭ قورساق، يۇرتۋازلىقتىن خالىي، شېرىن سۆھبەتلىك، ئاق كۆڭۈل، كەمتەر يازغۇچى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەقىقىي جان كۆيەر ئىدى. باشقىلارنىڭ ئىشى ئۈچۈنمۇ ئايىغى يېنىك، تىلى تاتلىق ئىدى. ھەر ئادەمنىڭ كەم يېرى بولغىنىدەك بۇ مەرھۇمدىمۇ كۆڭۈلچەكلىك، ئېرىشچانلىق، شەيتانغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى ئاجىزراق خاراكتېر بار ئىدى...

زامانىمىزنىڭ بۇ پەۋقۇلاددە تالانت ئىگىسى 1998- يىلى 13- ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆزىلا بىلىدىغان روھى ئازاب ۋە قەرزدارلىقنى مەڭگۈ تەرك ئېتىپ، ئەبەدىي ئۇيقۇغا كەتتى.





كېۋىر نىياز

(1921-2000)





شېئىرلىرى گۈزەل ناخشا  ئەمەستى،

لېكىن ياڭراپ تۇرغان خوردا ئاۋازى.

پەن-مەرىپەت دالاسىدا گۈلخانتى،

ھازىرمۇ ھەم جەۋلان قىلار پەرۋازى.

قارا قۇيۇن خامىنىنى ئۇچارغان،

ئىسىت، شۇنداق ئىدى يۈرەك ساداسى...



                                            2000- يىل 20- ئاۋغۇست

كېۋىر نىياز ـ ئىلىنىڭ ئۈچ دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن ئەڭ پېشقەدەم پىداگوكى، مەدەنىيەت ئەربابى، شائىرى.

ئۇ شېئىرىيەت دالاسىدا قېرى توغراقتەك باراقسانلىيالمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەدەنىي مائارىپ ساھەسىدە ئەڭ چوڭ نوپۇزغا ئىگە داڭلىق زات. ھازىرقى كۈنلەردە ياشىنىپ مۈكچىيىپ قالغان تالاي ئوقۇتقۇچى، قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇستازى، مېنىڭ ئوقۇتقۇچىمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.

ئۇ 1930-، 1940- يىللاردىن تارتىپلا مەدەنىي مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. 1944- يىلىدىن تارتىپ ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ۋە مەدەنىي مائارىپ ساھەسىدە، 1951-، 1955- يىللىرى غۇلجا شەھەرلىك رادىئو ئۇزۇلىدا، ئىلى داىلمۇئەللىمىندە، 1956- يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا، 1959- يىلىدىن تارتىپ تا ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىلى تىببىي تېخنىكومىدا ئىشلىگەن.

كېۋىر نىياز 1936- يىلى تۇنجى «ئاتىدۇ بەختىمىزنىڭ تېڭى» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات كوچىسىغا كىرگەن. شۇندىن تارتىپ تالاي شېئىر، ھېكايە، درامىلارنى يېزىپ باققان. ھاياتىدا پەقەت بىرلا كىچىك فورماتلىق، نېپىز «يېڭىش تۇيغۇسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئۇ 1940- يىللاردا «ئو قا ق كۇلۇبى» نىڭ بەدىئىي رەھبىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان چاغلىرىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ دالالىتى بىلەن «ئايىمغا تۆھمەت»، «جىياڭ جېشىنىڭ چۈشى» ناملىق درامىلارنى يازغان بولسىمۇ، ئۇلار قۇم باسقان توغراقتەك كۆمۈلۈپ كەتتى. ھازىر مەرھۇمنى ئۇنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ئەمەس بەلكى ئىلىنىڭ مەدەنىي مائارىپ سېپىگە قوشقان ئۆمۈرلۈك ئەجىر-ئەمگەكلىرى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.

كېۋىر نىيازنىڭ پۈتۈن ھاياتى مەدەنىي مائارىپ، تەشۋىقات خىزمىتى ۋە كىتاب، گېزىت-ژۇرنال يىغىش، تۈپلەش بىلەن ئۆتكەن. ئۇ 1930- يىللاردىن تارتىپلا تا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە يىلمۇ-يىل، ئايمۇ-ئاي، كۈنمۇ-كۈن زېرىكمەي ئىزچىل پۈتۈن ئىشقى مۇھەببىتى بىلەن ماتىرىيال توپلىغان. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا ھېچكىم، ھەتتا بىر قىسىم مەتبۇئات، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىمۇ بۇ زاتتەك تولۇق، ئىزچىل ماتىرىيال توپلىيالىغان، ساقىلىيالىغان ئەمەس. مۇندىن كېيىنمۇ ھېچكىم بۇ زاتنى دورىيالمايدۇ.

مەن كېۋىر نىياز بىلەن تونۇشمىغان، ئەمما سىرتىدىن بىلەتتىم. غۇلجىدا ئۇنىڭ نامى مەشھۇر ئىدى. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 1950-، 1960- يىللاردا ئۇنىڭ شېئىرىلىرى ئارىلاپ «ئىلى گېزىتى» ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا كۆرۈنۈپ قالاتتى. شېئىرلىرىدا سىياسىي، دەۋر چاقىرىقلىرى، كالىندارچىلىق قويۇقراق، بەدىئىي گۈزەللىك سۇسراق ئىدى.

مەن ئۇ زات بىلەن پەقەت بىر قېتىملا ئەسرا بولغان. بۇ 1990- يىللارنىڭ بېشىدا بولغان ئىش. داڭلىق لىرىك شائىر رەخىم قاسىم ئۈرۈمچىدىن كەلگەندە مېنى ئۇنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بارغانىدى. ئۇ بۇ زاتنى «ئۇستازىم» دەيتتى. ھەر قېتىم غۇلجىغا كەلگەندە ئۇنى يوقلاپ باراتتى. ئۇ چاغلاردا كېۋىر نىياز ئالتە شوئار مەھەللىسىدىكى بىر مودەك كېلىدىغان قەدىمىي چوڭ قورۇسىدا ئولتۇراتتى.

شۇ كۈنى بېغىررەڭ سىرلانغان ئىككى قاناتلىق دەرۋازىدىن كىرگىنىمىزدە كەڭ ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چىرايلىق گۈلزارلىق دېققىتىمىزنى تارتتى. گۈلزارلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۆت چاسا كىچىك سۇپا بولۇپ، سۇپىغا قارا تېكمەت كىگىز سېلىپ قويۇلغانىدى. سۇپىنىڭ گۈللەرگە پۈركەنگەن تار يولى پىشايۋانغا تۇتىشاتتى. ئەگەر بۇ يەردە يۇمشاق كۆرپە ۋە نازۇ-نېمەتلەرگە تولغان داستىخان بولغان بولسا، تۆت ئەتراپىدىكى رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر ۋە ئۇلارنىڭ خۇشپۇراقلىرىدىن مەست بولۇپ، شاھ ئوردىسىدا ئولتۇرغاندەك ھېس قىلغان بولاتتىڭىز...

ئەپسۇسكى، بىزگە ئۇ يەردە ئولتۇرۇش نىسىپ بولمىدى. (ئوقۇتقۇچۇم ئوسمان مۇسا بىر قېتىم رەخىم قاسىم بىلەن كەلگىنىدە كېۋىر نىياز ئاشۇ «گۈل ئوردىسىدا» كۈتۈۋالغانىكەن)

كېۋىر نىياز ئۆيدىن چىقىپ پىشايۋان ئالدىدا بىزنى قارشى ئالدى. ئۇ ئوتتۇرا بويلۇق، ئاققا مايىلراق بۇغداي ئۆڭ، ئات يۈزلۈك، قويۇق، ئۆسكىلەڭ قاشلىرى ئاستىدىكى چوڭ ئورا كۆزلىرى سىنچى نەزىرى بىلەن باقىدىغان، قاڭشا بۇرۇنلۇق، بۈدۈر، قويۇق قارا چاچلىرى ئاق ئارىلىغان ئادەم ئىدى. ئۇ ئۈستىگە چىغ يوللۇق كۈلرەڭ بۇرۇلكا، ئۈستىگە ئاق كۆينەك كىيىۋالغانىدى. ئۇستاز بىلەن شاگىرت ناھايىتى قىزغىن، خۇشال كەيپىياتتا كۆرۈشتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بالىدەك يېقىنلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئەمما كېۋىز ئاكام مېنى تونىمىغاچقا ئانچە كۆڭۈل بەرمىدى. ئۇ بىزنى ئۆيىگە باشلىدى. كىردۇق، ئۈستەلدە ئولتۇردۇق، ئۆيگە كىرگەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ گەپلىرى ئۈزۈلمەي تېخىمۇ كېڭەيدى.

مەن ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالغاچ، ئۆيگە سەپ سېلىپ ئولتۇردۇم. بۇ شائىرنىڭ كۇتۇپخانىسى ئىدى. ئۆينىڭ ئۈچ تېمى تام بويلاپ كىتاب جاھازىلىرى بىلەن تورالغان بولۇپ، جازىنىڭ پۈتۈن كاتەكچىلىرىدە كىتاب، ژۇرناللار لىسسىدە تۇراتتى. مەن ھەيران قالغىنىمدىن ھاڭۋىقىپلا قالدىم. بۇ بىر ئاجايىپ چوڭ بايلىق، ئالتۇن خەزىنە ئىدى. ئۇلارنى كۆرۈپ بېقىشقا شەيتىنىم شۇنچە قىستىسىمۇ، ئەمما تۇنجى كەلگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئاران بېسىۋالدىم. كۆزۈمنى كىتاب جاھازىلىرىدىن ئېلىپ كېۋىر ئاكىغا ھۆرمەت، قىزىقىش بىلەن باقتىم. بىزدە مانا مۇشۇنداق ئېسىل ئادەملەر باردە...

كۆزۈمنى كېۋىر ئاكىدىن ئېلىپ، ئۈستەل ئۈستىگە كۆز يۈرگۈرتكەنىدىم، تېخىمۇ قىزىق ئىش چىقتى. ئۈستەلدىكى گېزىت-ژۇرناللارنىڭ يېنىدا دېرىزىگە يېقىن يەردىكى كىچىككىنە دۈگىلەك تاماكا قۇتىسىنىڭ ئۈستىدە تەييار قىلىپ بۇراپ قويۇلغان بىر نەچچە بۇرام موخۇركا تۇراتتى. ئەگەر ئۇنىڭ ئاستىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۇششاق موخۇركا بولمىغان بولسا، ئۇلارنى پاپىرۇس دەپ ئويلاپ قالاتتى كىشى. چۈنكى ئۇلار شۇنچلىك ئەستايىدىل، ھەۋەس بىلەن تەييارلانغانىدىكى، چوڭ-كىچىكىلىكى، قېلىن-نېپىزلىقى پاپىرۇسقىلا ئوخشايتتى. مەن كېۋىر ئاكىنىڭ ئادەتتىكى موخۇركا بۇراشتەك مۇشۇنداق كىچىككىنە ئاددىي ئىشتىمۇ شۇنچلىك ئەستايىدىللىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئاشۇ كۆرۈنۈش تا ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا...

ئوقۇتقۇچۇم ئوسمان مۇسا ماڭا: «كېۋىر ناھايىتى پاكىز، رەتلىك كېيىنىپ يۈرىدىغان، مەدەنىيەت، ئەخلاق تارقىتىدىغان، تەرتىپلىك، ئەستايىدىل ئادەم ئىدى. بىزگە ئەدەبىيات دەرسكە كىرەتتى، ئۇ چاغلاردا گىمناستۇر*كا كىيىپ، بىلىگە كەڭ رىمون باغلاپ، شىبلىىتنى پارقىرىتىپ چەبدەس يۈرەتتى. بىز ئۇنى ‹كېۋىر پۇشكىن› دەپ ئاتىۋالغانىدۇق. چاچلىرى پۇشكىننىڭكىدەك بۈدۈر ئەمەسمۇ. بېشىغا كىيىۋالغان ئالا بادام دوپپىسىنى ئاشۇ قاپقارا بۈدۈر چاچلىرى ئوراپ تۇراتتى. ئۆزىمۇ پۇشكىن توغرىسىدا زوق ھەۋەس بىلەن سۆزلەيتتى. كېۋىركام بىزگە: ‹مەن ھەرقانداق گېزىتكە ئىككى نۇسخا يېزىلىمەن. بىرسىنىڭ چېتىنى چىمدىپلا كۇتۇپخانەمگە تاشلايمەن، بىرسىنى ئوقۇيمەن ھەم باشقىلارغا پايدىلىنىشقا بېرىمەن› دەپ بەرگەنىدى.

كېۋىركام كېيىنكى يىللاردا تىببي مەكتەپتە ئەدەبىيات دەرىسى ئۆتتى. ماۋۇ كونا ‹بىلىم يۇرتى› ھازىرقى 8- ئوتتۇرا مەكتەپ بارغۇ، شۇنىڭ خەلق باغچىسى تەرىپىدىكى (غەربتىكى) چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدا كىچىككىنە بىر قاۋاق بار ئىدى. كېۋىركام ھەر كۈنى ئىشقا كېتىۋېتىپ ئاشۇ قاۋاققا كىرەتتى. ھېچكىمگە ئارىلاشماي ئىككى رومكا قېقىۋېلىپلا كېتەتتى. كەچتە قايتقاندا يەنە شۇنداق قىلاتتى. بىر قېتىم بىز شۇ قاۋاقتا ئولتۇرغاندا كىرىپ قالدى. ئۇ رومكىسىنى كۆتۈرۈۋېتىپ: ‹ماڭا مۇشۇ كۇپايە، ئازمۇ ئىچمەيمەن، كۆپمۇ ئىچمەيمەن، بۇ مېنىڭ ئۈلپەت-ئاغىنىلىرىم...› دېدى-دە، چىقىپ كەتتى. ئۇ ‹مەدەنىيەت ئېنقىلابى› دىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئاق خالاتنى كېيىۋىلىپ تىببىي مەكتەپتە دورىگەر بولۇپ ئىشلەپ يۈردى. بىزنى كۆرسە: ‹مەن ھازىر شائىر ئەمەس، دورىگەر... › دەيتتى» دەپ ھېكايە قىلىپ بەرگەنىدى.

بۇ زات ئەنە شۇنداق سىرلىقراق، تۇرمۇشقا، ۋەقە، ھادىسىلەرگە ئۆتكۈر كۆز بىلەن ئىنچىكە قارايدىغان، كىشىلەرگە سىر بەرمەيدىغان ئىچكى مىجەزلىك ئادەم ئىدى. بۇ مەرھۇم مەدەنىيەت ئەربابىنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ يارقىنراق چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوغلى ئۇيغۇن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇيغۇن ئەپەندى دادىسى توغرىسىدا بىزگە مۇنداق ھېكايە قىلىپ بەردى: «دادامنىڭ مىجەزىنى دەمسىز، قايسى تەرەپنى دېسەم بولار، بىز دادامدىن بەك قورقاتتۇق. ئۇ ئۇرمايتتى، تىللىمايتتى، ئەمما سۈرى بار ئىدى. دادام كەچتە ئىشتىن كەلگەندە ئاپام داداڭلار كەلدى دەيتتى. بىز ئىشىك تۈۋىدە خۇددى پوستتەك تۇرۇپ دادامنى قارشى ئالاتتۇق. دادام ئايىغىنى سالغاندا ئۇنى سۈرتۈپ ۋاسكىلاپ پارقىرىتىپ، يېڭى ناسكىلىرى بىلەن ئەتىسى كىيىدىغانغا تەق قىلىپ قوياتتۇق. كاستومىنى ئىلغىغا ئالاتتۇق. دادام ئۇدۇللا كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كېتەتتى. تامىقىنى يەپ بولۇپ، بىزگە كۆرسەتمەي (بىز ئوغۇرلۇقچە كۆرۈۋالاتتۇق) قىرلىق ئىستاكاندا يېرىم ھاراقنى كۆتۈرىۋېتىپ ئاندىن ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان گېزىت-ژۇرنال، ئىش قەغەزلىرى رەتلىك تىزىلغان ئۈستەلدە كېچىچە بىر نېمىلەرنى ئوقۇيتتى. يازاتتى. ئەتىگەندە قاراڭغۇدا تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ، خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى باش كۆزىنى سوغۇق سۇدا يۇياتتى. چاچلىرىنى تاراپ، كىيىملىرىنى كىيەتتى. ئاندىن مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانىسىسنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلايتتى. بۇ ئادىتى ئۆلگىچە داۋاملاشتى. دادام گۈلگە، گۈل ئۆستۈرۈشكە ئامراق ئىدى. بىز بىلەن بىللە گۈلگە ئىشلەيتتى. شەنبە كۈنلىرى كەلگەندە سازاڭ كولاپ قويۇڭلار دەيتتى. بىز سازاڭ قارماقلارنى تەييار قىلىپ قوياتتۇق. (دادامنىڭ ئاشۇ قوڭغۇراقلىق قارماقلىرى ھازىر ئۆيدە بار) ئاندىن ئەتىسى يەكشەنبە كۈنى دەريا بويىغا چۈشۈپ كېتەتتۇق. ئۇ چاغلاردا خېلى چوڭ بېلىقلار قارماققا چىقاتتى. دادام كوچىدا پەقەت تاماكا چەكمەيتتى. دەريا بويىدا قارماققا قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ تاماكا چەككىنىنى كۆرۈپ قالاتتۇق.

دادام كەم سۆز، سالاپەتلىك، ھەيۋىسى بار ئادەم ئىدى. ئەگەر ھويلىدا بىرەر ئىشنى كۆرۈپ: ‹مۇنۇ ئىش مۇنداق بولۇپ قاپتۇ› دەپلا قويسا بىز جەزمەن شۇ كۈنى شۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز زۆرۈر. ئەتىسىگە قالدۇرۇپ قويۇشقا بولمايتتى. بىز توققۇز بالا ئىدۇق. دادامنىڭ گېپىنى خۇددى ھەربىي بۇيرۇقتەك ئىجرا قىلاتتۇق. بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويساق، ۋارقىراپ-جارقىراپ كەتمەيتتى. ‹پالانچىنى چاقىرىپ كىر› دەيتتى، كىرەتتۇق. دادام ئولتۇرغۇزۋېلىپ نەسىھەت قىلاتتى. ئۆزىمۇ گەپكە ئۇستا ئىدى. بەزى چاغلاردا دادامنىڭ گېپىدىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتەتتۇق. دادام نەسىھەت قىلىۋاتقاندا ئۆزىمىزنى ئاقلاشقا بولمايتتى. ئەگەر: ‹ياق دادا، ئۇ ئىش ئۇنداق ئىدى، مۇنداق ئىدى› دەپ ئۆزىمىزنى ئاقلىساق بەك ئاچچىقى كېلەتتى. نەسىھەت قىلىپ بولۇپ ئاخىرىدا ‹چىقە› دەپ قاتتىق ۋارقىراپ چىقىرىۋېتەتتى. دادامنىڭ تازا ئاچچىقى كېلىپ كەتسە: ‹ياپتىۋايمات خاۋارىش› دەپ تىللايتتى...

دادام ئۆزى ئىشلەۋاتقان تىببىي مەكتەپنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ كۈندە تۆت قېتىم بېرىپ كېلەتتى. ئۇ ئۆمرىدە ۋېلسىپىت مىنمىگەن ئادەم، پىيادىلا ماڭاتتى. چۈشتە بىرەر سائەت ئۇخلاپ ئارام ئالاتتى. كوچىدا ھېچكىم بىلەن پاراڭلاشمايتتى. سالاملىشپلا ئۆتۈپ كېتەتتى. ئۇششاق گەپ-سۆز، غەيۋەت-شىكايەت بىلەن خۇشى يوق ئىدى. بىز باشقىلارنىڭ گېپىنى قىلىپ قويساق، ‹غەيۋەت قىلىشما، نەدىن يۇقتۇرۇشتۇڭ بۇ كېسەلنى› دەپ ئاچچىقلىنىپ كېتەتتى. بەزى چاغلاردا پاسۇنلۇقراق، يېڭى كىيىملارنى كىيىۋالساق: «مۇنداق ئالاھىدە بولۇۋالماڭلار، ئارقاڭلارغا قاراپ بېقىڭلار، ئاددىي خادانىي ئىشتان كىيەلمەيۋاتقان بالىلىرىمىز بار، مەن قۇرئاننى تاماملاپ خەتمىدىن ئۆتكەندە دادام ماڭا ئىشتان ئېلىپ بەرگەن» دەيتتى.

دادام بالا ۋاقىتلىرىدىلا دىنى ئوقۇشنى تۈگەتكەنىكەن، كېيىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپتۇ. ئۇ مەھەللە جامائىتى بىلەن ئوبدان ئارىلىشىپ ئۆتەتتى. ئەمما مەسچىتكە چىقمايتتى. جامائەت ئىچىدە بەزى چالا قارىلار ‹ئۇنداق قىلسا يامان بولىدۇ، بۇنداق قىلسا يامان بولىدۇ› دەپ كەلسە-كەلمەس بىلجىرلاپ يۈرسە دادامنىڭ بەك ئاچچىقى كېلەتتى. شۇ سورۇن، شۇ مەيداندىلا قۇرئاندىن بىر ئايەت ئوقۇپ، ئۇ قارىنىڭ دەككىسىنى بېرەتتى. شۇڭا مەھەللە چوڭلىرى دادامنى بەك ھۆرمەيلەيتتى. چوڭ بىلەتتى، ئارىلاپ كوچىغا چىقىپ ئولتۇرسا ‹كېۋىر ئەپەندى چىقىپتۇ› دېيىشى چۆرىسىگە ئولىشىۋالاتتى.

دادام كوممۇنىزىم ئىدىيىسى قاتتىق سىڭگەن ئادەم ئىدى. تىجارەتنى ئۆچ كۆرەتتى. بىر سوملۇق نەرسىنى ئىككى سومغا ساتتۇق دېسەك ئاچچىقلىناتتى. كىشىنىڭ ھەققىگە قارا سانىمايتتى. يالغانچىلىقنى بەك ئۆچ كۆرەتتى. دادامنىڭ ئالدىدا ھەرگىز يالغان ئېيتالمايتتۇق.

دادامنىڭ كۈنلىرى خۇددى سائەتتەك بىر خىل تەرتىپلىك ئۆتەتتى. ئارىلاپ يازغۇچى شائىر ئاغىنىلىرى كېلەتتى. بولۇپمۇ مۆمىن سەپىرى، تاجىدىن قادىرى، تۇردى سوپى قاتارلىقلار كۆپرەك كېلەتتى. ئۇلار دادامنىڭ ئاشۇ كۇتۇپخانىسىدا ھاراق ئىچىشىپ، مۇنازىرىلىشىپ تۈن تەڭگىچە ئولتۇرۇشاتتى. ئىسمائىل چاڭجاڭ دېگەن ئاغىنىسى كەلگەندە دادام ماڭا: ‹دۇتارنى ئاچىق› دەپ بۇيرۇيتتى. مەن دۇتارنى ئەكىرىپ بېرەتتىم. ئىسمائىل چاڭجاڭ دۇتارنى ياخشى چالاتتى...

دادامنىڭ كۇتۇپخانىسى ناھايىتى چوڭ ھەم ھەيۋەت ئىدى. ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن، سوزۇنچاق ئۈستەل، ئۈچ تام كىتاب جازىسى ئىدى. ھەر قانداق كىتاب ژۇرنال تېپىلاتتى. شىجاڭدىن چىققانلارلا ئەمەس، ھەتتا قازاقسىتان، ئۆزبىكىستانلاردىن چىقىدىغان ‹مۇشتۇم›، ‹كىراكادىل›، ‹يېڭى ھايات›، ‹شەر*ق ھەقىقىتى›، ‹كوممۇنىزىم تۇغى› دېگەن ۋە باشقا گېزىت-ژۇرناللارمۇ بار ئىدى. دادام شىنجاڭدىن چىقىدىغان پۈتۈن گېزىت-ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولاتتى. ئۇلارنى تۈجۈپىلەپ توپلايتتى. ئەگەر بىرەر سان گېزىت كەم بولۇپ قالسا، بىزنى پوچتىخانىغا ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرگىزەتتى. ياكى شۇ سانىنى سېتىپ ئەكەلدۈرەتتى. دادامنىڭ مائاشى چىققان كۈنى ئۇدۇل شىنخۇا كىتابخانىسىغا باراتتى-دە، شۇ ئايدا يېڭى چىققان كىتابلارنىڭ (مەيلى سىياسىي، ئەدەبىي، تارىخ، پەلسەپە بولسۇن) ھەممىنى سېتىۋالاتتى. كىتابخانىدىكىلەرمۇ دادامنىڭ بۇ ئادىتىنى بىلەتتى. ئۇلار يېڭى چىققان كىتابلارنى ئالايىتەن بولاپ، تەييارلاپ ھېسابلاپ قوياتتى. دائىم مائاش چىققان كۈنى دادامنىڭ قولتۇقىدا ئاشۇ بىر دەستە كىتابلارنى كۆتۈرۈپ كەلگىنىنى كۆرەتتۇق. دادام ئۆيگە كېلىپ قالغان پۇلنى ئاپامغا بېرەتتى. ئاپاممۇ 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىدى.

دادامنىڭ كۇتۇپخانىسى 1930- يىللاردا قۇرۇلغانىكەن. شۇڭا نەچچە مىڭ كىتاب، دۆۋە-دۆۋە گېزىت-ژۇرناللار بار ئىدى. كىچىك ۋاقتىمدا مەن كۆتۈرەلمەيدىغان ھەر خىل يېزىقتىكى چوڭ چوڭ كىتابلارنى كۆرگەنىدىم. ھەرقانداق ماتىرىيال دادامنىڭ كۇتۇپخانىسىدىن تېپىلاتتى. ماتىرىيال ئىزدەپ شىنجاڭنىڭ جاي-جايلىرىدىن ھەتتا چەت ئەللەردىن كىشىلەر كېلىشەتتى. دادام ئۇلار سورىغان ماتىرىياللارنى بەرمەيتتى. ئەمما كۆرۈۋېلىشقا، كۆچۈرىۋىلىشىغا رۇخسەت قىلاتتى. كۇتۇپخانىسىغا ھېچكىمنى كىرگۈزمەيتتى. بىز بەزى نەرسىلەرنى نېرى-بېرى قىلىپ قويساق، ئانچە كارى يوق ئىدى. ئەمما بىر پارچە گېزىت ياكى ژۇرنالنى نېرى-بىرى قىلىپ قويساق بالاغا قالاتتۇق. بىز ئوقۇيمىز دېسەك بالىلارنىڭ رەسىملىك كىتابلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئۆز جايىغا رەتلىك قويۇپ قوياتتى.

‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› ۋاقتىدا تىببىي مەكتەپتە ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان دائىم ئۆيىمىزگە كېلىپ مېھمان بولۇپ، دادامنىڭ ماتىرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ يۈرگەن يېقىن بۇرادىرى‹ئىسيانچىلار› نى باشلاپ كېلىپ، ئۆيلەرنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ، ھەممە نەرسىنى سېرىپ سۈپۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. بىزگە قۇرۇق ئۆي ۋە ئىككى پارچە كىگىز قالدى. نەچچە ھارۋىغا كىتاب، گېزىت-ژۇرناللارنى بېسىپ، دادامنىڭ ئۆزىگە بىر ھارۋىنى سۆرىتىپ، تىببىي مەكتەپكە ئېلىپ كەتتى. ئۇ يەردە دادامنىڭ ئۆزىگە ئوت قويدۇرۇپ، ھەممىنى كۆيدۈرگۈزۈۋەتكەنىدى.

دادامنىڭ ئۇ كىتابلىرىدىن تاشقىرى دەستە-دەستە خاتىرىلىرى بار ئىدى. دادام كۈندىلىك خاتىرە يازاتتى. ئاشۇ خاتىرىلىرىمۇ كىتابلار بىلەن بىللە كۆيۈپ كەتتى. دادام ئۆمرىدە ھەر قانداق ئېغىر كۈنلەردىمۇ يىغلىمىغان ئەر ئىدى. پەقەت ئاشۇ چاغدا: ‹جېنىمنى ئالسا مەيلى ئىدى، ئەجەپ قىلدى، ئەجەپ قىلدى، گۆھەرلىرىمنى كۆيدۈرۈۋەتتى...› دەپ يىغلاپ كەتكەنىدى...»

خۇمارى نەپەس: توختاڭ، توختاڭ ئۇيغۇن ئاكا، بىر پەس توختاڭ، ياق، ‹قار لەيلى› ڭىزنى ئۆزىڭىز چېكىلىۋىڭ، مەن بىر ئەركىن نەپەس ئېلىۋالاي. ئۇھ، بۇ دەردلەر تۈتۈن بولۇپ ئۇچۇپ كەتكەي، بولمىسا قانغا ئۆتۈپ يۈرەكتە داغ ھاسىل قىلىپ قويىدۇ. خەزىنىنى بۇلىغان ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىكى بۇلاڭچى ئىكەن-دە، ئەي تەڭرىم... بىز كىمدىن يامانلايمىز؟!... ئۇ ئۆز مىللىتىنىڭ (ياق، ئۆز مىللىتىنىڭلا ئەمەس ئىنسانىيەتكە ئورتاق) ئۈچ دەۋرگە تەۋە مەدەنىي مائارىپ، مەدەنىيەت تارىخى مىراسىنى نادان، تەلۋىلەرچە كۆيدۈرگۈزۋەتكەن قانداق ئىنساندۇ؟!...

«... جاھان بېسىقىپ، دادامنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، دادام يەنە كىتاب-ژۇرنال يىغدى. دادام كىتاب-ژۇرنالنىڭ سەۋدايىلارچە ئاشىقى ئىدى. ئۇنى بۇ يولدىن ھېچكىم قايتۇرالمايتتى. دۇنيادا دادامدەك مۇنداق كىتاب ئاشىقى يوقمىكىن دەيمەن. ئۇ 80 ياشقا ئۇلىشىپ ماڭالمىغان، كۆزىمۇ تازا كۆرەلمەيدىغان ۋاقتىدىمۇ يېڭى كىتاب چىقىپتۇ دەپ ئاڭلىسا، بىزگە دەپ ئەكەلدۈرەتتى. كېيىن بىز دادامغا يېڭى كىتابلارنىڭ خەۋىرىنى بەرمەيدىغان بولۇۋالدۇق.

دادام رەھمەتلىك ئاجايىپ بىر ئادەم ئىدى. ئاشۇ كىتابلىرىنى كۆيدۈرگەندىن كېيىنلا بولالماي قالدى. ئەسلى دادامنىڭ ياش، ل. مۇتەللىپ بىلەن ئارىلىشىپ (دادام ل. مۇتەللىپ مەندىن ئىككى ياش چوڭ دەپ بەرگەنىدى) يۈرگەن چاغلىرىدا شائىرلىق داڭقى چىققانىكەن. بىراق كېيىنكى يىللاردا شېئىرلىرى يىرىگدەپ كەتتى. ئاشۇ ۋەقەدىن كېيىن بىرەر نەرسە يېزىش ئۈچۈن قولىغا ئەستايىدىل قەلەم ئالمىدى. پەقەت باشقىلار كېلىپ تەلەپ قىلىپ تۇرۋالغاندىلا شېئىر، ناخشا تېكىستلىرىنى يېزىپ بەردى. يازىدىغان ھېكايىلىرىم بار ئىدى دەپ ئارمان قىلىپ يۈردى...

دادام ئاشۇ ئارمانىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى. ئۇ 2000- يىلى 20- ئاۋغۇست بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى. مەن كۆپ ئوقۇمىغان بولساممۇ دادامنىڭ روھى قورۇنمىسۇن دەپ ئۇنىڭ كېيىنكى يىغقان كىتابلىرىنى بىر ئۆيدە مەخسۇس ساقلاۋاتىمەن».  



نۇرىيە ئېلاخون

(1939-2005)





شېئىرلىرىڭ ئاق ئۆرۈكتەك تاتلىقتى،

ئەۋلادلارغا ئۇستاز ئىدىڭ قەدىردان.

تۇرمۇش سېنى سىم غەلۋىردا تاسقىدى،

بارچە دەردكە چىدام بەردىڭ، ئانىجان

ھۆرلىرىگە قوشقاي سېنى ئىلاھىم،

جەننەتتە يوق بالا دەردى، چوڭ قازان!...

                                   2005-يىل 5- ئۆكتەبر



نۇرىيە ئېلاخۇن ـ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ پېشقەدەم، بۇغداي سۆزلۈك، ئاخىرقى دەمگىچە ئاتتىن چۈشمەي كەلگەن شائىرەسى، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز پىداگوكى.

مەن ئۇنىڭ بىلەن 1980- يىللاردا تونۇشقان. ئۇ چاغلاردا غۇلجا ناھىيىسىدە پات-پات ئەدەبىي پائالىيەت، مەشرەپلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. شۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدىم. ئۇ ساددا، يېقىملىق، ئاممىباپ يازاتتى. شېئىرلىرىدا سەمىمىيلىكى ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇ ئوچۇق، مۇلايىم، يۇۋاش، چېھرىدىن مېھرىبانلىقى يېغىپ تۇرىدىغان، كۆرۈنۈشى دېھقان ئاياللىرى سۈپەت، ھېچكىم شىنجاڭدا نامى بار شائىرە دەپ ئويلىمايدىغان ئاددىيلا ئايال ئىدى. مەن كېيىنرەك ئۇنىڭ مۇڭداشقاق، ئاداۋەت ساقلىمايدىغان، كەڭ قورساق، ھېسسىياتچان ۋە تىرىشچان شائىرە ئىكەنلىكىنى سەزدىم.

ئۇ ئۆمرىنى ئىككى خاسىيەتلىك ئىش: ئەۋلاد تەربىيىلەش ۋە شېئىرىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئەڭ شەرەپلىك ۋە جاپالىق ساھەگە تەقدىم ئەتتى. ئۇ 1956- يىلى «سالام» بىلەن شېئىرىيەت سورۇنىغا كىرىپ كەلگەنىدى. كىشىلىك ھايات، بولۇپمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر «ئاجىز» دەپ قارالغان ئايال زاتىنىڭ ئەدەپ-قائىدە، ئۆرپ-ئادەت، ياشاش مۇھىتى، مەنىۋىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملار دولقۇنىدىكى روھى زەربە قاتارلىقلار ئاستىدا ئاخىرقى پەللىگىچە بەل قويۇۋەتمەي قەلەمدىن ئايرىلماسلىقى ناھايىتى زور بەدەل تۆلەيدىغان، ھايات لەززىتىنى دو تىكىدىغان ئىنتايىن جاپالىق ئېلىشىش ئىدى. پەقەت يۈرىكىدىكى چوغ ھەر قانداق بوران، قار-يامغۇرلاردىمۇ ئۆچمەيدىغان قەلەم ئاشىقلىرىلا بۇ ئېلىشىشتا ئۈزۈپ چىقالايتتى. بۇ خىل ئېغىر زەربە بېسىملار تۈپەيلى نۇرغۇن ئەركەك «ئاشىق پالۋان» لارمۇ ئېلىشىشتىن چېكىندى. نۇرىيە بولسا بەش بالىسى بار ئانا ئىدى.

ئانا ـ پەرزەنت تەربىيىلىگۈچى، ئائىلىنىڭ كۈندىلىك ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرگۈچى، ئەرنى كۈتكۈچى، قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ-ئادىتىمىزنىڭ ئېغىر بېسىمىنى كۆتۈرۈپ ئۇنى داۋاملاشتۇرغۇچى، بۇلاردىن سىرت يەنە سىزگە ئوخشاشلا جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك خىزمەت قىلغۇچى. مۇنداق «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك ئەھۋالدا ئۇنىڭ، بولۇپمۇ بالىلىق ئانىلارنىڭ ئۆزىنى تۈزەيدىغانغا، دەم ئالىدىغانغا، ئۆگىنىدىغانغا، شېئىر يازىدىغانغا نەدە ۋاقتى؟

شۇنداقتىمۇ بۇ ئانا قەلەمكەشلەر شۇنچىلىك غەيرەتلىككى، بەزىدە «ئايال كىشىنىڭ قىرىق بىر جېنى بار» دېگەن گەپ راست ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ كىشى. ئۇلار قازان بېشىدا سەي قورۇۋېتىپ بالىسىنى ئېمىتىۋېتىپ، توي-تۆكۈنگە بوسۇت كۆتۈرۈپ كېتىۋېتىپ ياكى كىر-قات يۇيۇۋېتىپ تەپەككۇر ئاسمىنىدا بىردىنلا چاقناپ چۈشكەن ئىلھامنىڭ «چاقماق قەنتلىرى» نى ئالدىراپ سالدىراپ پارچە-پۇرات قەغەزلەرگە مەھكەم بولىۋېلىشىدۇ. گاھىدا بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭى، ئۆيدىكى بىسەرەمجانلىق، يوقلۇقنىڭ دەردىدە بولىدىغان ۋار-ۋۇرلار، كۈنچى، زومىگەر ئەرلەرنىڭ شىردەك ھۆركۈرىشىدىن بېشى قېيىپ «چاقماق قەنتلىرى» نى قويغان يەرلىرىدىن تاپالماي ئاچچىق بىر نېمە يۇتۇۋالغاندەك كۆڭلى غەش بولىدۇ ۋە ئولتۇرغان يېرىدە ئۇزۇنغىچە خىيال سۈرىدۇ. ئاندىن ئورنىدىن دەس تۇرىدۇ-دە، ئىزدەيدۇ، تەپەككۇر قىلىدۇ، يازىدۇ.

نۇرىيە ئېلاخۇن ئەنە شۇنداق قەيسەر ئانا قەلەمكەشلەردىن ئىدى. ئۇ بەش ئوغۇلنىڭ ئانىسى، مەكتەپتە ئەۋلاد تەربىيىلىگۈچى، ئائىلىدە بالا باققۇچى. «ئائىلە خىزمەتچىسى» (ئۇنىڭغا ياردەملىشىدىغان بىرەر قىزىمۇ يوق ئىدى) يوقنى بار قىلغۇچى، يۈگۈر يىتىمچى ئىدى. 1996- يىلى يولدىشى جالالىدىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇش، ئائىلە ۋە بالىلارنىڭ بېسىمى بۇ شائىرەنى ھالىدىن كەتكۈزدى. لېكىن ئۇ شۇنداقتىمۇ قەلىمىنى تاشلىمىدى. «ئۇ سۈكۈت ۋە چىدام بىلەن نۇرغۇن يىللارنى ئۆتكۈزدى. شائىرەدىكى يىراقنى كۆرەرلىك ئۇنىڭدا ئۆلمەس يىلتىز تارتقۇزدى.»③ ئۇنىڭ ئۆمۈر بويى قىلغان ئەجىر ئەقىدىسى ئىگىسىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئاخىرى رەڭمۇ-رەڭ پورەكلەپ ئېچىلغان چىرايلىق بىر دەستە گۈل بولدى. 2001- يىلى ئۇنىڭ ئانا يۇرتى شائىرەنى ھۆرمەت تەختىگە چىقاردى. ئۇنىڭ «ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى» دا بېشىغا ئالتۇن چۇچىلىق ياغلىق ئارتتى. جاپاكەش، مېھرىبان خەلقى، قەدىردان يۇرتى بۇ سۆيۈملۈك شائىرە قىزىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغان مىڭ پارچىدەك شېئىر-داستانلىرىنى، «باھار شادلىقى»، «قەلب ئىزھارى» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە) «پەرزەنت ئىشقى» قاتارلىق يادىكار كىتابلىرىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈش ئۈچۈن قەلب كۆكسىگە تاڭدى.

مەرھۇمەنىڭ ئۆزىمۇ كۆڭلىمۇ، نىيىتىمۇ ياخشى بولغاچقا، 2005- يىلى 5- ئۆكتەبىر ـ ئۇلۇغ روزا ئېيىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى روھ ئىگىسى مۆمىنلەرنىڭ  جانلىرىنى سىلىق ئالغۇچى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ تاھارەت ئېلىۋاتقاندا تۇيدۇرماي روھىنى ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئىلاھىم ئۇ جاپاكەش شائىرە ئانىنىڭ روھىنى خۇش قىلغاي!...

ئەل ئۈچۈن كۆمۈردەك ھارارەت،

بېغىشلاپ ئۆلۈشتۇر تىلىكىم.

زەررىچە ئىسسىقلىق بەرمىسەم،

نومۇستۇر ياشىدىم دېمىكىم.

ئۇ ئۆزى يازغىنىدەك شۇنداق ياشىدى ۋە ئىجاد قىلدى. ئۇنىڭ يۈرەك چوغلىرىدىن يىلىنجاپ تۇرغان ئىسسىقلىق ئۇزاق زامانلارغىچە كىشىلەرگە زوق ۋە ھارارەت بېغىشلاپ تۇرىدۇ.





مۆمىن سەپىرى

(1924-2006)





كىندىكىنى كەسكەن ئۇنىڭ قەلەمدە،

قەلەم مېنىپ ئۆتتى سەكسەن ئۆتەڭدە.  

پىسەنت قىلماي يوقسۇزلۇققا، خورلۇققا.

كۈلكىسىنى قالدۇردى يۇرت-مەلەمدە.

ئاق كۆڭلىنى بىلگەي كۆڭۈل ئىگىسى،

قەبرىسىنى كەڭ قىلغاي ئۇ ئالەمدە.

                                              2006- يىل 20- يانۋار



مۆمىن سەپىرى ـ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىر جاۋاب، يۇمۇرلۇق، ساتىرىك شائىرى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەملىرىگىچە شېئىر يېزىپ، خۇمارى چىقماي قەبرىگە ئۇزىغان.

ئۇ ياۋاش، ساددا، دەرىجىدىن تاشقىرى ئاقكۆڭۈل ئادەم بولغاچقا، ئەل ئىچىدە نامى مەشھۇر، ئېلان قىلىنغان، قىلىنمىغان ئەسەرلىرى تاغدەك بولسىمۇ قولغا ئالغۇدەك بىرەر كىتابى نەشىر قىلىنمىغان.

ئۇمۇ زامانداش قەلەمداشلىرىغا ئوخشاش يوقسۇزلۇق، خورلۇقنى كۆپ تارتقان. ئۇششاق بالىلىق، غورىگۈل ياشايتتى. ئەمما تۇرمۇش، روھى ئازابلارغا پىسەنت قىلمايدىغان، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە تېگىدە مانتا يەيدىغان خاراكتىرى بار ئىدى. ئۇ شېئىرغا، چاقچاققا، ھاراققا ئامراق ئىدى. خۇشچاقچاق، قىزىقچى ئادەم ئىدى. سورۇننى ياخشى كۆرەتتى. ھەر قانداق بىر سورۇندا چوغ بولۇپ يېنىپ، كۈلكە ياغدۇرۇپ تۇراتتى.

ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ساتىرا ژانىرىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شائىر ئىدى. خەلق ئىچىدە ئۇنىڭ ساتىرالىرى ۋە ناخشا تېكىستلىرى داڭلىق. (مەرھۇم مۆمىن سەپىرى توغرىسىدا ئايرىم ئەسلىمە يازغانلىقىم ئۈچۈن بۇ رىسالە قىسقا بېرىلدى.)



ماناپ قادىرى

(1923-2008)





بەش بارمىقى بەش تال چوكا ئالتۇنتى،

ئەپسۇس، بازار تاپالمىدى قىممىتى.

كۆز يېشىنى سىياھ قىلىپ يازاتتى،

يېشىلمىگەن بەلدىن كونا رىمونى.

كەتتىڭ مۇڭداش، رەھىم تىلەي راھماندىن،

نادان قاچان بىلگەي ئالتۇن قەدرىنى...

                                               2008 - يىل 8- مارت



ماناپ قادىرى ـ ئىلىنىڭ مىسكىن، پىشقەدەم دراماتورگى، يازغۇچىسى ۋە رەسسامى، شۇنداقلا ئۇستاز پىداگوكى.

ئۇ خۇددى بىر مېۋىلىك دەرەخكە ئوخشايدۇ، 50 يىللىق بۇ مېۋىلىق دەرەخنىڭ سان-ساناقسىز مېۋىلىرى ئۇرۇقلاپ، چېچەكلەپ نەچچە مىڭ كۆچەتلەرنى يېتىشتۈردى ۋە يېتىشتۈرمەكتە.

ئۇ ئاجايىپ ئوقۇتقۇچى ئىدى، ئۇنى باشقىلارنىڭ دورىيالىشى ناتايىن. ماناپ قادىرىنىڭ ئەينى يىللاردىكى سابىق ئوقۇغۇچىسى، ھازىرقى پېشقەدەم شائىر مەسئۇد مەرۇپنىڭ سۆزلىرى بۇ نۇقتىنى يارقىن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. باشلانغۇچ بەشىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتاتتىم. ماناپكام بىزگە ئەدەبىيات دەرسكە كىرەتتى. مەن بۇ دەرستە سىنىپ بويىچە ئەڭ دۆت ئىدىم. ئۇ چاغلاردا ئىمتىھاندا سوئاللىق بىلەت ئىشلىتەتتى. قولىمىز قايسى بىلەت چىقسا شۇنىڭغا جاۋاب بېرەتتۇق. ئىمتىھان كۈنى مەن بىلەت تارتىش مەيدانىغا ھودۇقۇپ كىردىم. بىلەتلەر قويۇلغان ئۈستەلنىڭ يېنىدا ماناپكام ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى. ماناپكام ھودۇقما دېگەندەك ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.

مەن بىلەت تارتتىم، ئەمما ھېچقايسى سوئالغا جاۋاب بېرەلمىدىم... ماناپكامنىڭ رەڭگى تاتىرىپ كەتتى، ئاندىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ماڭا تىكىلگىنىچە ئىككى تامچە يېشى كۆزىدىن سىرغىپ مەڭزىگە چۈشتى...

كېيىن سىنىپىمىزدا ئەدەبىيات كۇرژۇكى قۇرۇلۇپ، مېنى مەسئۇل قىلىپ قويدى، ئۈچ ئايدىن كېيىن ئەدەبىي تام گېزىتى چىقاردۇق، شۇنداق قىلىپ بارا-بارا ئەدەبىياتقا قىزىقىپ قالدىم. ھازىر ئويىسام ماڭا شېئىر زوقىنى سالغان تۇنجى ئۇستازىم ماناپ قادىرى ئىكەن،»

يېتىملىكتە ئۆسكەن، بايلارنىڭ پۇلى بىلەن ئوقۇپ يېتىشكەن ماناپ قادىرى پەۋقۇلئاددە تالانتلىق ئادەم ئىدى، ئۇ تالانتلىق دراماتروگ، يازغۇچى بولۇپلا قالماي يەنە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تۇنجى ئەۋلاد فوتوگراف، تۇنجى ئەۋلاد رەسسام، شۇنداقلا ئۇستا خەتتات ئىدى. تەڭرى بۇ ئادەمگە ئاشۇنداق بەش خىل ئالاھىدە قابىلىيەتنى ئاتا قىلغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى ئۇ ھېچقايسىسىدا ئابىدە تىكلىيەلمەي كەتتى. (بۇ تىرىكلەرنىڭ ساۋاق ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ) پەقەت ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى سەھنىلەردە ئوينالغان بىر قىسىم درامىلىرى، بىر قىسىم پىژاژ (تەبىئەت) رەسىملىرى ۋە بىر قىسىم فوتو سۈرەتلىرىلا ئۇنىڭ نامىنى كۆتۈرگەن. ئۇ ئىجادىيەت سەپىرىدە ئالتە دراما، «كۈنلەر شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق رومان، مەشھۇر 12 مۇقام ئۇستازى مۇھەممەت موللا توغرىسىدا بىر بىئوگرافىك پوۋېست، ئىلىدا تۇنجى تىببىي مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى تەسۋىرلەنگەن «يېزا فىلدىشىرى» ناملىق پوۋېسىت، ئۆزىنىڭ ھايات سەزگۈرەشتىسى ئاساس قىلىنغان «غەلىتە ئادەم» ناملىق پوۋېست ۋە بىر قانچە ھېكايىلەرنى يازغان بولسىمۇ، چالا قېلىپ ئاخىرىغا چىقىرالمىغان. ئېلان قىلىنغانلىرى ئاز، پەقەت بىر قانچە درامىلىرى ۋە روماندىن پارچىلار، «مۇھەممەت موللا گۈلشەنباغدا» ئەسىرىلا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشەلىدى.

درامىلىرى ئىچىدە ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە مەشھۇرراقى «ناداننىڭ قولىدىكى ئالتۇن». ئۇنىڭ ۋەقەلىكى ئىران يازغۇچىسى مىرزا مۇشفىق كازىمىنىڭ «دەھشەتلىك تېھران» غا ياندىشىدۇ ۋە تەڭلىشەلەيدۇ. يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھار ئۇنى رومان قىلىپ ئۆزگەرتىپ يازماقچى بولۇپ، بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاخىرىغا چىقىرالمىدى.

مەرھۇم ماناپ قادىرى ھەقىقىي ئىش، ھەقىقىي ۋەقەلەرنى يېزىشقا قىزىقىدىغان يازغۇچى ئىدى. ئۇ پۈتۈن ئەس-خىيالى بىلەن ئەسەر ئىچىگە كىرىپ كەتكەچكە، يازغىنىدىن ئۆزى تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتەتتى ۋە پرسۇناژلىرىنىڭ رەسىملىرىنى ئۆزى سىزىپ ئەسىرىگە قىستۇراتتى.

ئۇ سەھنە ھاياتىنى، ئۇيغۇر تىياتىرىنى ياخشى كۆرەتتى، قىزىقاتتى، ئەمما ھايات ئۇنىڭ ئارزۇسىدەك بولمىدى. يىگىرمە نەچچە يىللىق ئېغىر روھى زەربە ئۇنى كاردىن چىقاردى. ئۇ شۇ دەرىجىدە روھسىزلىنىپ، قورقۇنچ ئىچىدە ياشىدىكى، ھەتتا دەرۋازىسى تۈۋىدىكى ئۆرۈك يوپۇرماقلىرىنىڭ شىلدىرلىشىمۇ ئۇنى قورقىتاتتى...

ئۇ مىسكىن، نام-ئاتاققا ئانچە قىزىقمايدىغان، ناھەققە چىدىيالمايدىغان، ئاقكۆڭۈل، ياۋاش، ھېسياتچان، چوڭ سورۇن ۋە ئانچە ئادەم خالىمايدىغان، ئۆتمۈشنى كۆپ سېغىنىدىغان، دىنىي ئەقىدىسى سۇسراق، غۇرۇرى كۈچلۈك، ئىلىنىڭ يەرلىك خارەكتىرى گەۋدىلىك ئادەم ئىدى.

ئۇ بۇ دۇنيا بىلەن يۈرىكى ئەلەمگە تولغان ھالدا خوشلاشتى. چۈنكى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن ئەجىر-ئەقىدە يۇلتۇزلىرى تۇمان ئىچىدە قالدى، چاقنىيالمىدى... مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا كونا ئۈنئالغۇ، ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ۋە كۆرپىسى يېنىدا، تام تۈۋىدە دۆۋىلىنىپ تۇرغان كىتاب-ژۇرنال، سېرىق خالتىلارغا قاچىلانغان قوليازمىلىرىنى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس-يادى مانا مۇشۇ ئەمگەكلىرىدە ئىدى. گېپىمۇ شۇ توغرىلىق بولاتتى، ئۇ ماڭا ئاشۇ قوليازمىلىرىنى، تەكرا-تەكرار كۆرسىتەتتى. رادىئو درامىلىرىنى ئاڭلىتاتتى. مەن ھەر قېتىم كەلگىنىمدە ئۇنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان بولساممۇ، بوۋاينىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ئۈنچىقماي يەنە كۆرەتتىم، ئاڭلايتتىم.

ـ بىر كىتابىم چىقىپ كەتسە بولاتتى،- بوۋاي قولىدىكى ئاشۇ قوليازمىلىرىغا قاراپ ھەسرەتلىك، مۇڭلۇق، بىچارە ئۇھسىناتتى. بۇ بوۋاينىڭ ھاياتتەك زۆرۈر ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئارمىنى ئىدى. ئەپسۇس، ئۇ ئارمىنىغا يېتەلمىدى. كىتابىنى چىقىرىشقا پۇل ۋە ئۇنىڭ چالا يەرلىرىنى يېزىپ رەتلەشكە ۋاقىت كېتەتتى. بوۋاي پۇلغا چىدىمايتتى، مەن ۋاقىتقا چىدىمايتتىم.

مەرھۇم ماناپ قادىرى ماتىرىيال خالتىسى، ئىلىنىڭ مول مەدەنىيەت تارىخىي ئىدى. ئۇ تارىخى ۋەقەلەرنى كۆپ بىلەتتى. بىر قېتىم سۆزلىگىنى بىر ھىكايە بولاتتى. كېيىنكى چاغلاردا بوۋاي بۇ ماتىرىياللارنى ئۆزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا چامى كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، بىر قىسىملىرىنى مەمتىمىن ھوشۇر، مۇھەممەتجان سادىق ۋە ئابدۇراخمان قاھار قاتارلىق قەلەمكەشلەرگە بېرىۋەتكەنىدى. مەمتىمىن ھوشۇر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ «قۇم باسقان شەھەر» نى، مۇھەممەتجان سادىق «گۈمبەزلىك قەبرىنىڭ سىرى» رومانىنى يېزىپ ئېلان قىلدۇردى.

ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدا رەسىم سىزىدىغان بۇ داڭلىق رەسسامنىڭ ئىلىنىڭ 1930-، 1940- يىللىرىدىكى تاغ-دالاسى، ئېتىز-قىرلىرى ئەينى پېتى سىزىلغان 50-60 پارچە ماي بوياق رەسىمى بار ئىدى. ئەگەر ئۇنى نەشىر قىلىپ كىتاب ئىشلەنسە ئۇيغۇر رەسساملىقى ۋە ئىلى تارىخدىكى ئۆچمەس بىر ئابىدە بولۇپ قالغان بولاتتى. ئەپسۇسكى، ئۇنى نەشىر قىلىدىغان نە بىر نەشرىيات، بەر بىر پۇلدار بايۋەچچە چىقمىدى. 2006- يىلى يازدا مەن رەسىملەرنىڭ فوتو نۇسخسىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشرىياتى بىلەن سۆزلىشىپ باققان بولساممۇ، ئەمما نۇرغۇن پۇل كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرىغا چىقىرالمىدىم. ئاقىۋەت بۇ رەسىملەر تەرەپ-تەرەپلەرگە چېچىلىپ كەتتى.

بوۋاينىڭ 1950- يىللاردىن تارتىپ شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ئەسەر-ئەتىقىلىق، تارىخىي ئورۇنلاردىن تارتقان نۇرغۇن تارىخىي فوتو سۈرەتلىرى بار ئىدى. ئالا-توپىلاڭچىلىق يىللاردا بۇ سۈرەت ۋە نىگاتىپلار بۇلاندى، تالاندى، ئوغرىلاندى، يوقالدى...

مەرھۇم ماناپ قادىرى مانا مۇشۇنداق زور ئىجادىي ئەمگەكلىرىگە ئىشىنىپ، ئولتۇرسا، قوپسا شۇنىڭ گېپىنى قىلىپ، يا قولىدىن ئىش كەلمەي، مىسكىنلىشىپ، ئەلەم بىلەن 2008- يىلى 8- مارتتا مەڭگۈلۈك ئارام ئالدى.







(ئاپتور: ئىلى خەلق رادىئو ئىستانىسىسىنىڭ پېنسىيۇنېرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: ئەسئەت ئابدۇرېشت

ـــــــــــــــــ

①    شېئىر ئاستىغا بېرىلگەن يىل ئاي، كۈنلەر مەرھۇملارنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى

②    بۇ ھەرھۇم تۇرى سوپىنىڭ ئېلان قىلىنمىغان شېئىرى

③ م. راشىدىن: «ئالمىزار ۋادىنىڭ شائىر قىزى» «ئىلى دەرياسى» 2001- يىللىق 4- سان 46- بەت.



<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلىدىن ئېلىندى


تورغا يوللىغۇچى: ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم



idraksoft

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2028
تۆھپە : 1
توردا: 345
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 03:01:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاجىدىن قادىردىن ...ئەركىن نىزامغىچە بولغان مەرھۇم قەلەم ساھىبىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئىدىم.ئۇلار ئەسەرلىرى ئارقىلىق كۆڭلىمىزدە ھېلىھەم ھايات.....كۆزگە ياش ئالماي دېسەكمۇ كۆڭلىمىز ئېزىللىدۇ....بەزىدە كۆرۈش ۋە ئەسلەش ئۈچۈن ھەمبەھرلىۋالدىم.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 891
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1566
تۆھپە : 16
توردا: 155
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 21:28:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلىسى  مەن  ئىزدەپ  يۈرگەن تەۋەرۈك  ئەسەركەن  ئەمەسمۇ، ئەجىر قىلىپ يوللىغىنىڭزدىن  سۆيۈندۈم

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش