- UID
- 857
- يازما
- 27
- ھوقۇقى
- 1
- 真实姓名
- ئەركىن
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 96
- تىزىملاتقان
- 2012-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-22
|
|
|
|
|
ھېچنېمە
مەن ئۆزۈمنىڭ بۈيۈك ئىدىيىسى سەۋەبلىك
ئاۋۇ مۇنارسىمان ئىگىز بىنا بىلەن سېنىڭ چۆرۈپ تاشلىشىڭنى قارشى قويىمەن.
مۇنارسىمان بىناغا چىققاندا، قان ئېقىۋاتقان يۈرەك
دېڭىزنى كۆرىدۇ، ئاڭا بىنەپشە قىزغۇچ رەڭلىك ئېگىنلەرنى يېپىندۇرۇپ قويماق ئۈچۈن.
ئۆزۈمنىڭ كۆلەڭگۈسىدە تاڭنى بەرپا قىلسامكەن، دەيمەن
ئۆزۈمنىڭ چىلتارى ئارقىلىق بوراندىن مۇداپىئەلەنمەك بولىمەن،
ئۆزۈمنىڭ يۈرەك-باغرىدا يۆلەنچۈك-تىرەك ئىزدەيمەن...
ۋا دەرىخ! بۇ ھېچنېمە ئەمەس، بەلكى تېنچلىنىش؟
ھېچنېمە، دورۇس، ھېچنېمە، ھېچنېمە!...
ـــ ياكى قەلبىم چۈشۈپ قالغان سۇنىڭ ئىچىدە
شۇڭا دۇنيا ئايلانغان بىر قەلئەگە، سوغۇق ھەم ئىچى بوش، قۇپقۇرۇق...ـــ
سەن سەندۇرسەن، ئىنسانلارغا باھار،
تۇپراق، ھاۋا، سۇ، ئوت، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان!
... ئەمما، مەن پەقەتلا ئۆزۈمنىڭ ئىدىيىسىدۇرمەن.
بىلكېندرىك، كارۋېل*
ئەتىرگۈلدەك
ئۈزىمەن ياپراقلىرىڭنى،
كۆرۈش ئۈچۈن قەلبىڭنى ئوچۇق
بىراق، كۆرەلمەيمەن زادىلا ئوچۇق.
ئەتراپتىكى بارچە ۋە لېكىن ـــ
زېمىن ھەمدە دېڭىزلارنىڭ گىرۋىكى ـــ
ھەممە-ھەممىسى، ئالەمنىڭ ئۇ چېتىگە قەدەر
لىپمۇ-لىق تولىدۇ ھاياتنىڭ
چەكسىز جەۋھىرىگە بارچىسى.
ــــــــــــــــــــ
ئىزاھات: * بۇ مەلۇم بىر ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرى بولسا كېرەك (ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچىدىن).
خوشلىشىش
(سېۋېلىيەدىن مادرىدقا پويىزدا كېتىۋېتىپ كۆرۈلگەن چۈش)
ئېخ، ئاندالۇسىيە*
نېمە دېگەن ياپيېشىل، ئارقىمىزدا قالغىنى،
نەقەر پاكلىق،
بىر ئۆرلەپ بىر چۆككەن ئۈزۈمزارلىقتا!
ئېگىزغىنا كۆزىتىش سۇپىسى
كۆزىتىدۇ خۇشاللىقىڭ، شادلىقىڭنى،
قۇياش ئۇندىكى رەڭ-سىۋىتلارنى
تېخىمۇ يارقىنلاشتۇرىۋەتكەن ـــ بىنەپشە، ئەتىرگۈل رەڭدە
تېخىمۇ رەڭلەپ يېڭىلا ئاقارتقان ئۆيلەر تېمىنى.
جىمى رەڭ ئارا
قەلبىم، شامال كۆرسەتكۈچ بىلەن تەڭ
كۆتىرىلىدۇ كۆككە، ئۆرلەپ ساماغا.
...مەغرىپ، مەشرىق، يىراقتا،
دېڭىز كۆيمەكتە، رەڭلەرنىڭ بەلبېغى ئارا.
ــــــــــــــــــــ
ئىزاھات: * ئاندالۇسىيە، ئىسپانىيىدىكى ئاپتونۇمىيىلىك جاي نامى (ئۇيغۇرچىگە ئاغدۇرغىچىدىن).
«ئېيتقىنا ئۆلۈم»
كۈينىڭ ئاۋازى يوقالسا
قاي بولۇر؛
مەيىن شامال ئۇچالمىسا
قاي بولۇر؛
نۇرلار ئۆچۈرۈلسە
قاي بولۇر؟
ئېيتقىنا ئۆلۈم،
تىمتاسلىق، قاراڭغۇلۇق، غېرىبلىقتىن ئۆزگە
قىلالايسەن يەنە نېمىمۇ؟
(داۋامى بار) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركىن.نۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-10 12:28
|
|
|
|
|
|
|