خىمېنېز شېئىرلىرىدىن
خۇئان رامون خىمېنېز(Juan Ramon Jimenez,1881-1958) ئىسپانىيە 20-ئەسىر يېڭى لېرىك شېئىرىيتىنىڭ باشلامچىسى. 1956-يىلى «ئۇنىڭ ئىسپان تىلىدىكى لېرىك شېئىرلىرى يۈكسەك پەزىلەت ۋە سەنئەت پاكلىقى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن» نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئۇ سىمۋولىزم شېئىرىيىتى بىلەن رومانتىزىمنى بىرلەشتۈرگەن، تەنھالىقنى قىزغىن سۆيگەن شۇنداقلا يەنە تۇرمۇشنىمۇ قىزغىن سۆيۈپ، رېئاللىققا دادىل يۈزلەنگەن. ئۇ، ئىجادىيەتتە شېئىر بىلەن نەسرنىڭ چەك-چېگرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزىگە خاس بىر يول تۇتقان ھازىرقى زامان لېرىك شائىرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئىسپانىيە ئەدەبىياتىغىلا ئەمەس، ياۋروپا-ئامېرىكا شېئىرىيىتىگىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن تالانتلىق شائىر. ئۇنىڭ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە تېگىشلىك يەنە بىر تەرىپى شۇكى، ئۇ خەلق ناخشا-قوشاقلىرىنىڭ يەڭگىل ئۇسلۇبى بىلەن ھازىرقى زامان زامانىۋىي شېئىرىيەت تېخىنىكىسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاددىي-ساددىيلىق ئىچىدىمۇ مېتافىزىك چوڭقۇرلۇققا ئىگە، قىسقا، ئىخچام، پەلسەپىۋىيلىكى كۈچلۈك، پەردازسىز ساپ شېئىرلارنى ئىجا قىلىپ ئۆز دەۋرىدىكى شائىرلارنىڭ ئۈلگىسى بولغاچقا، «شائىرلارنىڭ شائىرى» دەپ تەرىپلەنگەن.
ئۇنىڭ شېئىر توپلاملىرى 15 تىن كۆپ، شۇنداقتىمۇ مۇھىمراق ئەسەرلىرىدىن «كىچىك پلاتىرو بىلەن مەن» (خەنزۇچە «تەخەي ناخشىسى» دەپمۇ ئېلىنغان)، «يېڭىدىن توي قىلغان بىر شائىرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» توپلاملىرى ۋە «ماكان» ناملىق ئۇزۇن شېئىرى بار. سىمۋولىزم شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى نامايەندىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدىغان بۇ شېئىر پازنىڭ «كۈنتاش» داستانىنى ئىجاد قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. شائىر ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئېرىشەي دېسىڭىز، بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ: http://baike.baidu.com/view/871672.htm
تۆۋەندە مەن ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرىنى ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇنىمەن.
تەنھالىق
ئەي تەنھالىق، بارچە سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا مەجەسسەم، ئەگەر سەن بولمىساڭ، نەقەدەر يالغۇزسىراش، ئۆزۈڭدىن ئايرىلىش، ھامان شۇ قەدەر يىراقلاش!
ھەر سائەت، ھەر مىنۇت، مېنىڭ پېشانەمدەك، مىڭلاپ جارھەت بولۇپ ئېچىلغۇسى، سېنىڭ دولقۇنلىرىڭ مېنىڭ ئىدىيەم كەبى كېتىدۇ كېلىدۇ، كېلىدۇ كېتىدۇ، دېڭىز، سەن ئۆزۈڭنى ئۆپىسەن، ئۆز-ئۆزۈڭدىن ئايرىلىسەن، مەڭگۈ تونۇيسەن ئۆزۈڭنى، تونۇمايسەن ھەم.
بىلمەيسەن، مانا بۇ سېنىڭ ئۆزۈڭ، سېنىڭ يۈرىكىڭ سەن ئۈچۈنلا سوقىدۇ، بىراق بۇندىن تەسىرلەنمەيسەن... ئەي تەنھالىق دېڭىزى، نەقەدەر تولۇپ تۇرغان تەنھالىق!
بوستون
سايىسىدا دەرەخنىڭ ئىچىشتۇق بىللە ئاققان كۆز يېشى...
ئايرىيالمايلا قالدىمغۇ سەن ئېرورسەن، قايسىمىز قېنى. سەن بىلدىڭمۇ قايسىمىز، مېنى؟
ئېلىپ كەلدىم قەلبىمنى پەقەت
ئېلىپ كەلدىم قەلبىمنى پەقەت مۇھەببەت كۆۋرۈكىنىڭ بويىغا، قىيادا تۇرىدۇ قەدىمىي تاشلار ـــــ ئەبەدلىك ۋىساللار، قىزغۇچ گۇگۇملار:
«تەنھا يارىم گويا بىر دەريا، توختاۋسىز ئاقىدۇ چىنلىق باغرىدىن، توختاۋسىز ئاقىدۇ ئۆزگەرمەسلىكتىن، توختاۋسىز ئاقىدۇ، ئېقىپ تۈگىمەس ئەمما.»
(داۋامى بار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركىن.نۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-2 11:59
|