جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2102 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 7

شەپەق رىۋايىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 0
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:14:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەپەق رىۋايىتى

(باللادا)

ئابلىكىم مۇھەممەت ۋارىسى

مۇقەددىمە

مەكتىپىمگە بارغۇچە،
قايتقىنىمدا ھەم كەچتە.
قاراپ ئويغا چۆمىمەن،
چوغدەك قىزىل شەپەققە.

قىزىرىدۇ نە ئۈچۈن؟
تاڭ سەھەر ھەم كەچتىلا.
تارقاپ كېتەر جۇلاسى،
بىمەھەل بىر پەستىلا.

سورايمەن بۇ سوئالنى،
ئۆز-ئۈزۈمدىن قانچە رەت.
جاۋابىنى ۋەلىكىن،
تاپالمايمەن ھەي... پەقەت.

شۇ توغرىلىق بوۋامدىن،
سورىغانتىم بىر كۈنى.
بىلمەيدىكەن ۋەلىكىن،
ئېيتتى مۇنداق سۆزلەرنى.

مەھەللىنىڭ شەرقىدە،
ئورمانلىقتىن چەتتىرەك.
بارئىمىش بۈك-باراقسان،
خىسلەتلىك بىر دەرەخ.

چىقىپ ئاشۇ دەرەخكە،
گۇگۇمدا - تاڭ ئاتماستا.
چۆچەك سۆزلەپ بىرەرمىش،
شاخلىرىنى ئىرغىتسا.

خىيال قىلسا نىمىنى،
شۇنى سۆزلەپ بىرەركەن.
گەرچە دەرەخ بولسىمۇ،
ئىنساندىنمۇ زېرەككەن.

بۇنى ئاڭلاپ ياتلىقىم،
سىغماي قالدى ئىچىمگە.
شۇ جاي تامان يول ئالدىم،
ئاي نۇر چاچقان كېچىدە.

تېپىپ ئاشۇ دەرەخنى،
چىقسام كەتتى شىلدىرلاپ.
چۆچىكىنى باشلىدى،
قىنى سەنمۇ سال قۇلاق.





بۇ يەرلەردىن بەك يىراق،
خىلۋەت گۈزەل ئورماندا.
ياشايدىكەن يالغۇزلا،
شەپەق ئاتلىق بىر بالا.

ئۆتەر ئىكەن كۈنلىرى،
چەكسىز خىيال ئىچىدە.
كۈندۈز قوغلاپ قۇياشنى،
يۇلتۇز ساناپ كېچىدە.

خىياللىرى يۇلتۇزدەك،
تولا ئىكەن بەك تولا.
ئويلىرىدا كېزەركەن،
چەكسىز ئاسمان، كەڭ دالا.

نۇر چاچاركەن يۇلتۇزلار،
كېچىلىرى ئاسماندا.
كىتىشەركىن قاياققا،
كۈندۈزى –تاڭ ئاتقاندا.

ئاينى ھەر كۈن ئاخشىمى،
كىم قۇيىدۇ ياندۇرۇپ.
قۇياش ئېزىپ كەتمەمدۇ؟
تۇرمىسا ھەم باشقۇرۇپ.

قىش بولىدۇ نېمىشقا؟،
نىچۇن كېلەر ھەم باھار.
سۇ بارمىكىن ئاسماندا،
چۇشەركەنغۇ يامغۇر-قار.

دىلنى شۇنداق سوئاللار،
كېزەر ئىكەن قانچىلاپ.
چوڭقۇر ئويغا چۈكەركەن،
تېپىش ئۈچۈن بىر جاۋاب.

ئويلاپ-ئويلاپ بىر كۈنى،
ئۇخلاپ قاپتۇ كېچىدە.
ئاپئاق ساقال بىر بوۋاي،
ئايان بوپتۇ چۈشىدە.

ۋۇجۇدىدىن بوۋاينىڭ،
نۇر تارارمىش دالاغا.
ھېكمەت تۆكۈپ تىلىدىن،
مۇنداق دەپتۇ بالىغا.

‹‹بالام پىكىر يۈرگۈزگىن،
بۇ كەڭ دۇنيا ھەققىدە.
ئىزدىنىشتىن يۈز ئاچار،
بىلىم، ئەقىل، نەتىجە.

بىلىم بىلەن ئېچىلار،
تەبىئەتنىڭ سىرلىرى.
بىلىم بىلەن يۇيۇلار،
نادانلىقنىڭ كىرلىرى.

لېكىن يۇلۇڭ جاپالىق،
مۈشكۈل خەتەر داۋان بار.
بولسا يۈكسەك ئىرادە،
ئاندىن بەخت بولۇر يار.
ئىگىلىسەڭ مول بىلىم،
قەلبىڭ بۇلار نۇر-ئاپتاپ.
ئويلىرىڭغا جاۋاب تاپ،››
دەپ سۇنۇپتۇ بىر كىتاب.

شەپەق شۇندا شادلىنىپ،
دىلدىكى خۇش تۇيغۇدىن.
رەھمەت بوۋا دېگەنچە،
ئويغىنىپتۇ ئۇيقۇدىن.

ئەتراپىغا قارىسا،
بوۋاي يوقمىش قېشىدا.
تۇرار ئىمىش ۋەلىكىن،
بىر چوڭ كىتاب بېشىدا.

يۇلتۇز كەبى نۇر چېچىپ،
تۇرغىدەكىمىش شۇ كىتاب.
يۈرۈپ كەتكەن ئىكەن ھەم،
بالا تۇرغان شۇ ئەتراپ.
      
ئوقۇ - ئوقۇ دەيدىكەن،
دىلدىكى بىر ئىشتىياق.
ھايال ئۆتمەي تاڭ ئېتىپ،
نۇرلىنىپتۇ ھەممە ياق.

زور قىزىقىش ئىچىدە،
ۋاراقلاپتۇ بەتمۇ-بەت.
ئىكەن ئاڭا مۇجەسسەم،
شېئىر، چۆچەك ھەم ھېكمەت.

مەسەل، نەسىر، ھېكايە،
ھەمدە گۈزەل رىۋايەت.
زامان-ماكان ھەققىدە،
كەلگۈسىدىن بېشارەت.

ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادقا،
قالدۇرغان كۆپ ھېكمىتى.
گۆھەر ئىكەن ئۇ كىتاب،
ئېيتقان چاغدا قىسقىسى.



سانسىز كۆنلەر ئۇتۇپتۇ،
كىتابقىلا بېرىلىپ.
باھار كېتىپ كۆز كەپتۇ،
گۈل-گىياھلار سارغىيىپ.

كۈزمۇ كېتىپ قىش كېلىپ،
يېقىنلاپتۇ ئەتىياز.
دەريا-ئۆستەڭ كۆللەردە،
پەيدا بوپتۇ ئۆردەك-غاز.

ھايات شۇنداق جانلىنىپ،
ياشارغاندا ھەممە ياق.
شەپەق ئۇقۇپ كىتابنى،
تاماملاپتۇ ساقمۇ-ساق.

شۇندا شەپەق قايتىدىن،
نەزەر ساپتۇ ھاياتقا.
قىسمەن سىرلار يېشىلىپ،
ئىگە بوپتۇ جاۋابقا.

يىتەلمەپتۇ شۇندىمۇ،
بەزى سىرلار تەكتىگە.
ۋاراقلاپمۇ كىتابنى،
ئەتىگەندىن - كەچكىچە.

غەرق بوپتۇ ئۇ يەنە،
چەكسىز خىيال ئىچىگە.
تەپەككۇردا ئۇلاپتۇ،
كۈندۈزلەرنى - كېچىگە.

قانائەتلىك بىر جاۋاب،
تاپالماپتۇ زادىلا.
كىتاب بەرگەن بوۋاينى،
ئاپتۇ بىردىن يادىغا.

بوۋام ياردەم قىلاتتى،
توغرا جاۋاب تاپارغا
شۇنداق ئويلاپ يۈرۈپ ئۇ،
كەپتۇ مۇنداق قارارغا.



قاچانغىچە يۈرىمەن،
نادانلىقتا گاڭگىراپ.
كېچە ئۆتسە ئېنىقكى،
قۇياش چاچار نۇر-ئاپتاپ.

ئىزدەپ تېپىپ بوۋامنى،
ئۇستاز تۇتاي مەن ئۇنى.
نۇرلاندۇراي بىلىمدىن،
مەڭگۈ ھايات يولۇمنى.

شۇ نىيەتتە بىر كۈنى،
ئاتلىنىپتۇ سەپەرگە.
ئەسلا پەرۋا قىلماپتۇ،
دۇچ كەلسىمۇ خەتەرگە.

قانچە دەريا - دېڭىزدىن،
ئۆتۈپتۇ ئۇ توختىماي.
تاغ-داۋانلار ئېشىپتۇ.
كېچىسىمۇ ئۇخلىماي.



چۆل-جەزىرە يىرتقۇچلار،
كەپتۇ بىردىن ئېتىلىپ.
ئۆلتۈرۈپتۇ ئۇلارنى،
باتۇرلارچە ئېلىشىپ.

غەيرەت بىلەن ئىلگىرىلەپ،
كەلگىنىدە بىر يۇرتقا.
تۇسۇۋاپتۇ ئالدىنى
ئاسمان پەلەك تىك-چۇقا.

تەڭرىتېغى دەپ نامى،
باركەن يىراق-يىراقتا.
باغرىدىكى قىيالار،
ئوخشايدىكەن پىچاققا.

ئۆتۈش ئۈچۈن قانچىلار،
كەلسىمۇ گەر بەل باغلاپ.
ئايرىلغانىكەن جېنىدىن،
قىيالاردىن دومىلاپ.

شۇندىمۇ بوشاشماي،
يامىشىپتۇ قىياغا.
دىلدا كۈچلۈك ئىنتىلىش،
بولغاچ بىلىم-زىياغا.

ئاستا-ئاستا يامىشىپ،
ئوتۇرسىغا كەلگەندە.
تاش قومۇرۇلۇپ دومىلاپ،
كېتىپتۇ ئۇ تۆۋەنگە.

بېشى تېگىپ بىر تاشقا،
كېتىپ قاپتۇ ھوشىدىن.
بويىلىپتۇ تاغ-باغرى،
قانلار ئېقىپ بېشىدىن.

يېتىپتۇ ئاشۇ ھالدا،
بىر كۈندۈز ھەم بىر كېچە.
كەپتۇ ئاستا ھوشىغا،
ئەتىسى تاڭ سەھەردە.

تۇراي دېسە تۇرغۇدەك،
يوقكەن شۇ تاپ مادارى.
ئەپسۇس يوققا چىقارمۇ،
بىلىم ئېلىش قارارى.

ھالسىزلىنىپ يۇمۇلاي،
دېگىنىدە كۆزلىرى.
ئاڭلانغاندەك بولۇپتۇ،
خىزىر بوۋاي سۆزلىرى.

ئىلىم يولى جاپالىق،
مۈشكۈل خەتەر داۋان بار.
بولسا يۈكسەك ئىرادە،
ئاندىن بەخت بولۇر يار.

بۇنى ئويلاپ ئۇ يەنە،
تولۇپتۇ كۈچ-غەيرەتكە.
چۇقا تامان يامىشىپ،
كەپتۇ قايتا ھەرىكەتكە.

يىقىلسىمۇ قانچە رەت،
چېكىنمەپتۇ ئارقىغا.
تاغدا ئۆسكەن قارىغايدەك،
يېپىشىپ تاغ-باغرىغا.

تىز پۈكمەس بىر ئۇلۇغ روھ،
بولغاچ يۈكسەك ئىرادە.
بويسۇندۇرۇپ چۇقىنى،
چىقىپتۇ تاغ ئۈستىگە.

تاغ ئۈستىدىن تۆۋەنگە،
چۈشمەك بولۇپ تۇرغاندا.
يەر-جاھاننى تىترىتىپ،
كەپتۇ كۆكتىن بىر سادا.

يەڭدىڭ جاپا مۈشكۈلنى،
جاسارەتلىك ئەي ئىنسان.
يىتەر پەقەت مۇراتقا،
مۇشەققەتتىن قورقمىغان.

بەخش ئەتتىم جىسمىڭغا،
بىلىم –زىيا يورۇقلۇق.
ماكان بولسۇن كۆك ئاسمان،
ساڭا مەنسۇپ ئۇلۇغلۇق.

ھەمراھ ھەمدە دوست قىلاي،
ئاي-يۇلتۇز ھەم قۇياشنى.
ئەۋلادلىرىڭ ئۆگەنسۇن،
سەندىن قانداق  ياشاشنى.

چۈشۈپ كۆكتىن بىر شولا،
شەپەق ياتقان شۇ جايغا.
ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ،
ئۇنى تىزدىن ئاسمانغا.

جۇلالاپتۇ كۆك ئاسمان،
ئوتقاشتەك بىر يورۇقتا.
بەدىنىدىن ئاققان قان،
رەڭ بېرىپ كەڭ ئۇپۇققا.

ئۆتۈپ شۇندىن كۆپ يىللار،
ئالمىشىپتۇ تالاي رەت.
شۇم جاھالەت قوغلىنىپ،
يۈز ئېچىپتۇ مەرىپەت.

قۇرۇلۇپتۇ زېمىندا،
مەكتەپ، كۇتۇپخانىلار.
بىلىم ئىزدەپ ھەر سەھەر،
ماڭار ئىكەن بالىلار.

بىلىم ئىزدەپ ھەر سەھەر،
ماڭسا-قايتسا شادىمان.
قاپلار ئىكەن قەلبىنى،
سېغىنىشلىق ھاياجان.

چۈشەي دېسە ۋەلىكىن،
چۈشەلمەسكەن ئۇ يەرگە.
تەشنا بولۇپ مەرىپەت،
راۋاجلانغان دەۋرگە.

بىلىم ئىشقى پىراقى،
دىلنى قۇچقاچ ئەبەدى.
سەھەر- كەچتە قاراشنىڭ،
شۇ ئىكەن سىر-سەۋەبى.





خاتىمە

نۇرغا تولدى كەڭ ئۇپۇق،
يۇلتۇز تارقاپ ئاي پاتتى.
خىسلەتلىك دەرەخمۇ،
چۆچىكىنى توختاتتى.

شەرق تەرەپ قىزىرىپ،
قۇياش كۈلۈپ باقماقتا.
نۇر قوينىدا بالىلار،
مەكتىپىگە ماڭماقتا.

قېنى دوستلار بىزمۇ ھەم،
قوشۇلايلى شۇ سەپكە.
بىلىمدىن كۈچ قوشايلى،
ئانا ۋەتەن مىللەتكە.

‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى ››گىزىتىنىڭ17--ئاپىرىل سانىدا ئىلان قىلىنغان.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 603
تۆھپە : 16
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 09:23:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىسىل يېزىلغان باللادانى كۆرمەيدىغان كۆزلەر قانداق كۆزلەردۇ؟ ئېغىزىدا بالىلار ئەدەبىياتى شۇئارىنى توۋلىغانلار كۆپ بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ قەدىرىگە يىتىدىغان، سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلار  يەنىلا ئاز جۇمۇ
قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىگەي، داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 0
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 16:18:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغراق ئەپەندىنىڭ رىغبىتىگە رەھمەت.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 603
تۆھپە : 16
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 01:17:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىلىرىڭىز توختاپ قالدىغۇ...؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 0
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 11:47:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغراق ئەپەندى مەن ئىزچىل ئىجادىيەت ئىلىپ بارىدىغان قەلەمكەش بولمىساممۇ سىزنىڭ بۇ دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىز
ماڭا زور مەدەت بولدى.ئازدۇر-كۆپتۇريازغان مەشىق ئەسەرلىرىمنى مۇ شۇ تىما ئاستىغا يوللاي.
سىزگە كۆپ رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 0
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 11:49:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىقنى سېغىنىش.



سەبى بولغۇم كىلەر بىر سەبى،
قۇزىدەكلا تەمتىرەپ يۈرگەن.
يىقىلسىمۇ قەدەم-قەدەمدە،
ئۆمىلەشتە ئالغا ئىنتىلگەن.

غەلەت قىلىپ ئانام كۈزىنى،
قېچىپ چىقسام خوشنا قوروغا.
ئانام ھەلەك يۈرسە نان يېقىپ،
باغ ئىچىدە شۇ دەم تونورغا.

قەغىش قىلىپ يىغلاپلا كەتسەم،
تالىشىپلا كۆرگەن نىمىنى.
توختاپ قالسام تۇتقۇزسا بىراۋ،
بىر ئاكاشنىڭ پۇچۇق نېنىنى.

گۇڭراپ يۇرۇپ ئۆزتىلىم بىلەن،
ئۇيۇن بولغان توپقا قېتىلسام.
يىتىرقاشلار يات بولسا ماڭا،
بىخارامان قەدەملەر ئالسام.

تۈنجى كۆرگەن دوستلىرىم بىلەن،
ئويناپ كەتسەم نان غاجاپ يۈرۈپ.
قارىغۇسىز بولسا يۈز-كۈزۈم،
ئۈستىبېشىم چاڭغا كۈمۈلۈپ.

ئۇيۇن ئويناپ يۈرگەن يېرىمدا ،
مۈگە باسسا شۇقەدەر تاتلىق.
قىڭغىيىپلا كەتسەم ئۇيقۇغا،
بىلىنمىسە داق يەرمۇ قاتتىق.

ئىشلىرىنى تۇگىتىپ ئانام،
يوقلۇقۇمنى ئالسا يادىغا.
ئىزدەپ چىقىپ ياتقان يېرىمگە،
كۈتۈرۈپلا باسسا باغرىغا.......

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ۋارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 11:51  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 603
تۆھپە : 16
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 19:18:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ شېرىڭىزمۇ ياخشى چىققان شېركەن،  نەشىرىياتقا ماڭدۇرسىڭىز بولىدىكەن،

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 302
تۆھپە : 3
توردا: 192
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 19:31:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنى يەكەن رادىئۇ  ئۇزۇلىدا ئاڭلالىغانتىم...قەلەم تۇلپارىڭ داۋاملىق چاپچىپ تۇرغاي!

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش