جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2091 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 39|ئىنكاس: 0

ئاچچىق تۇيغۇلار. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 0
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 17:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئاچچىق تۇيغۇلار

             بىر ‹‹شائىر››نىڭ ھەسرىتى

                     (ساتېرا)

          ئابلېكىم مۇھەممەت ۋارىسى



ئەجەپمۇ بىر سەۋدا چۈشتى بېشىمغا،

يەتكەندە بۇ ئۆمرۈم ئوتتۇز يېشىمغا.

سەۋدالىق سەۋەبى شائىر ئاتالماق،

(بىر شائىر تەككەچكە بەكمۇ چىشىمغا.)


مەس-ئەلەس يۈرىمەن شۇنىڭدىن بۇيان،   

  شۆھرەتنىڭ تاماسى سالغاچقا ھىجران.

بۇ يولدا تۈگەتتىم قانچە ئاقچىنى ،

مومىنىڭ تۈۋىگە چۈشمەيدىكەن دان.



روزىكام يازغانكەن دېھقاننى ماختاپ،

مەنمۇ ھەم يۈگۈردۈم كەينىدىن ئاقساپ.

ئەپسۇسكى ياراتماي ھىچبىر مەتبۇئات،

  بىر ئۆزۇم ئوقۇرمەن ، يۈرىمەن قاقشاپ.



زىمستان سوغوقتا كۈيلىدىم قارنى ،

ئاپرېل ئېيىدا يازدىم باھارنى.

ئېيۇندا ئوغلۇمغا قۇشاقلار قاتتىم،

ئەسلىتەر ئۆكتەبىر ۋەتەن-ئانامنى.



زامانغا مۇناسىپ شېئىرلىرىم بەك،

چۇرۇقلاپ يۈرىمەن پەسىل قۇشىدەك.

  بىلمەيمەن نە ۋەزىن،قاپىيە،تۇراق؟..

يازغىنىم تۆت چاسا ئەپچىل قۇتىدەك.



يازمامغا مەتبۇئات بەرمىگەچ ئورۇن،

  ئىنتېرنىت دۇنياسى بولدى كەڭ سورۇن.

تۈنەيمەن كېچلەپ ئېكران ئالدىدا،

تېپىلماس بۇ كەمدە مېنىڭدەك ھورۇن.



  ئونىۋېرسال مۇنبەرنى تۇتۇپ مەن ماكان،

ئاتالدىم تۆت كۈندە تۆھپىكار چولپان.

يامغۇردەك يېغىشتى مەدھىيە –ئالقىش

شۆھرىتىم ئالەمگە يېيىلدى ھەريان.



ھېساپلاپ ئۆزۈمنى  پىشقان قەلەمكەش،

(ئىنكاستا ھەم كۆپلەر قىلغاچقا ھەۋەس.)

يول ئالدىم ‹‹يازغۇچى مۇنبىرى›› ئارا،

مەقسىدىم ھەيرانۇ،قىلماق ئىگىز-پەس.







يۈكسەك بىر تامادا يوللۇدۇم ئەسەر،

ئىنكاسلار چۈششە دەپ رەت-رەت شۇ قەدەر.

بوپقالسام شان-شەرەپ،ھۆرمەت ساھىبى،

قانچىغا ئاغا بوپ،نەچچىگە پەدەر.



ئەپسۇسكى تېغىمدا ياتمىدى كىيىك،

نە ئالقىش،مەدھىيە بولمىدى نېسىپ.

بوپ قالدىم يېلى يوق سۇلاشقان بالون،

ئالقىشتىن تەنقىتلەر بەكمۇ كۆپ كېلىپ.



شۇندىمۇ يانماستىن باسقان ئىزىمدىن،

ئايرىلغان بولساممۇ ئۆردەك-غېزىمدىن،

ئوخشاتتىم مۇنبەرنى پۇچۇق تەنزىگە ،

شېئىرچە پۇراق يوق يايغان مېزىمدىن.



بىرىنىڭ كەينىگە بىرىنى چېتىپ،

سەمىمىي تەنقىتكە گاھى مۇشت ئېتىپ.

بولمىغاچ نىشانىم سەمىمىي، دۇرۇست،

قېپقالدىم ئاخىرى پاتقاققا پېتىپ.



  نە قىلاي، ئاھ ئېسىت.. شائىر ئاتالماق،

شۇنچىلىك تەس ئىكەن قېتىپ -غادايماق.

تەنقىتكە باش ئېگىپ كىرەيمۇ يولغا،

كېرەكمۇ ۋە ياكى تىللاپ، ئالايماق.




        ئىشلەيمەن.

         (ساتېرا)

(بىر ئەمەلدارنىڭ بايانى)






ئاتىقىم باشلىقمەن،چوڭ ئۇرۇندا ئىشلەيمەن،

گاھى ئىشنى خۇپيانە،كەچقۇرۇندائىشلەيمەن،

نەپ چىقمىغان خىزمەتنى بەك ھۇرۇنلا ئىشلەيمەن،

ئىش يۇلىنى بىلگەنگە ئەڭ بۇرۇنلا ئىشلەيمەن،

ھاردۇق يىتەر ئۇڭايلا چوڭ سورۇندا ئىشلەيمەن.



ئىش بىجىرىش ئۈچۈن گەرئىشخانىغاكەلسىڭىز،

مۇئامىلە قىلىمەن قانداقراقكىن تۇرقىڭىز،

ئىشلىرىڭز تىزپۈتەر باي-ھۇقۇقدار بولسىڭىز،

كىيىملىرى كونىغا گىپىممۇ يوق بىر ئېغىز،

مەن شەيتاننىڭ خوشنىسى بىر قورودا ئىشلەيمەن.



‹‹ئەتە››لىرىم تۈگىمەس نەپ بەرمەسكە يۇلۇقسام،

يۈلەنچىكى بارلارغا كۆرسىتمەن ئىھتىرام،

ئىشى پۈتمەس شۇندىمۇ ئازراق غاجۋالمىسام،

قۇرۇق كىلىۋەرگەنگە يوللۇقۇمدۇر تىل-دەشنام،

ۋىجدان نىمە بىرىپتۇ؟نەپسىم-جانغا ئىشلەيمەن.



نەپ ئېلىشقا قۇلايسىزبولسائۆي ھەم ئىشخانا،

چاقىرىدۇكۆڭلىمىزبارئىدى دەپ مىھمانغا،

(ئەل كۈزىدىن چەت-خالى،ئايرىمخانا-پىنھانغا)،

ساھىپخانمۇ شۇندىلا يىتەر مەخسەت-نىشانغا،

بەزى چاغدا خىزمەتنى رىستۇراندائىشلەيمەن.



گاھى خىزمەت تەكشۈرۈپ ئارىلايمەن تۈۋەننى،

كۆرسەم قىلدەك سەۋەنلىك چىڭ تارتىمەن يۈگەننى،

ساقلاپ قالدىم جازادىن ئىش يۇلىنى بىلگەننى،

دات دىگۈزدىم يانجۇقتىن قۇلى يىراق يۈرگەننى،

بىر ئاجايىپ ئنسانمەن،شۇھىسياتتا ئىشلەيمەن.



نى گۈزەللەر ھاجەتمەن بۇلۇپ كىرەر ئالدىمغا،

ئۈتۈنۈشتە تەلمۈرەرگەپ-سۈزۈمگە،ئاغزىمغا،

ھاجەتلىرى راۋادۇر،ماڭالىسا‹‹دالدىغا››،

تۇتقۇزمىسا كىرمەيمەن قۇرۇق ئالدام خالتىغا،

مەيلىلا پاك ئەمەلداردىگەن ئاتتا ئىشلەيمەن.



دوست تۇتىمەن ئۈزۈمدەك ئەمەلدارنى،زەردارنى،

نازۇك بەدەن،گۈل يۈزلۇك،تانسا خۇمار دىلدارنى،

ئېغىزىمدا سالىمەن پاك-دىيانەت دەپ جارنى،

تىلىكىم شۇ كۆرمىسەم كۆك-يالاڭتۆش،قەرىزدارنى،

خەلىقچىللق مەندە يوق،بەكمۇكاتتا ئىشلەيمەن.



خىزمەتكەخوش ياقمىسا‹‹كىسەل››بۇلۇپ ياتىمەن،

تۇنۇش دوختۇر جۈۋەنجانى گۇۋاھلىققا تارتىمەن،

سەۋەبىنى خىزمەتتىن چارچىغانغا ئارتىمەن،

دىمەككى مەن ئارامغا مۇھتاج بولغان ھالدىمەن،

ئەمدى قىلىپ ساياھەت‹‹ ساڭنا››لاردا ئىشلەيمەن.



ئۆمۇچۈكتەك تور تارتىپ قۇرۇپ چىقتىم‹‹خاندانلىق››،

يۇقىردا باريار-يۈلەك قانچە ئەرباپ-ئاتاغلىق،

يوق قىلىدۇ ئۆتكۈزۈپ قويساممۇ گەر خاتالىق،

چاكارلار بار تۈۋەندە ئاغزى چىڭ ھەم ۋاپالىق،

شۇ سەۋەپتىن زۇڭتۇڭدەك ئىمتىيازدائىشلەيمەن.



ئاغزىڭلارنى يىغىڭلار سۆزتارقىتىپ يۈرگەنلەر،

كۆزئالدىمدا ھىجىيپ كىيىن قاپاق تۈرگەنلەر،

تەنە ئېيتىپ دارىتپ مەسخىرىلك كۈلگەنلەر،

(خېلى كۆپقۇ مىنىڭدەك ساختا دەۋران سۈرگەنلەر)،

قىستار ھامان پىنسىيە،ھۇقۇق باردا ئىشلەيمەن.




                      يىگىت بار  
(يىگىتلەر بارمۇ سىلەر نامىلق بىر تىمىنىڭ تەسىراتى)   
         
ئەدەپ -ئەخلاق ھايانى مىزان قىلغان ئۈزىگە،
ئەگەشمىگەن دوست تارتىپ ئازغۇنلارنىڭ سۈزىگە،
تۇمۇچۇقتەك كۇرۇنمەس نامەھرەملەر كۈزىگە،
ئادىمىيلىك،ۋىجداندىن ياتلاشمىغان يىگىت بار.

چىكەلمەيدۇ تاماكا،كەيىپ سۈرمەس قاۋاقتا،
نەكى قاۋاق زابويغا ئۆلپەت بولماس تاۋاقتا،
تىۋشلىرى ئاڭلانماس شەيتان چالغان چاۋاكتا،
ئۇيۇنغىمۇ زۇقى يوق ‹‹قاملاشمىغان›› يىگىت بار

ئۈزى ئەمەس ئانچە شوخ، قىزلارغا قاش ئاتالماس،
تەكلىپ قىلپ تانسىغا بەلنى قورۇپ تۇتالماس،
بەرمەس شىرىن ۋەدىلەر، نىكاھسىز دىل ئۇتالماس،
‹‹مەدىنيەت››لىك زاماندا بەكلا چانغان يىگىت بار.

دائىم پۇزۇر يۈرەلمەس چاڭمۇ باردۇر قېشىدا،
بۈدرە ئەمەس چاچلىرى گاھى دوپپا بىشىدا،
يوق مائاشى، خىزمىتى گاھى ئېتىز ئىشىدا،
ھالال تەردىن ۋۇجۇدى ئوت بوپ يانغان يىگىت بار.

ئۇزۇق ئېلىپ ئىماندىن ئىتىقاتنى دوست تۇتقان،
دىلنى ھەردەم ئىبادەت ياخشىلىقتىن خوش تۇتقان،
گۇمراھلىققا كۈشەندە،ھىدايەتكە بىر تۇققان،
قۇچاق ئاچسا چىركىنلىك ،ئالماشمىغان يىگىت بار.

ۋەتىنىنى ئانام دەپ مۇھەببەتتەھەرزامان،
كۆلپەت چۈشسە بېشىغا جەڭچى بۇلۇپ ئېتىلغان،
ئەل يىغلىسا تەشۋىشتە،كۈلكىسىگە قېتىلغان،
ئەل-ۋەتەننىڭ غېمىدا چەككەن پىغان يىگىت بار.

ئەگەر جۈرە تاللىسا سۈرۈشتۈرۈپ ئىتىقات،
مەيدە ئۇچۇق،چاچ چۇۋۇق كۈرۈنمىسە ئاڭا يات،
توي كۆڭلىكى كەيدىم دەپ يۈرمىسە ھەم يالىڭاچ،
شۇ شەرت بىلەن ‹‹خۇراپى››دەپ ئاتالغان يىگىت بار.

قوغداپ ھالال ھەققىنى قاپاق تۈرسە بەزىدە،
كۈنلەمچى دەپ نام ئالار ‹‹ئىلمى››لارنىڭ نەزىرىدە،
گاھ سۆيگۈگە چاك كىتىپ سالار ھىجران لەرزىگە،
شۇ سەۋەپلىك نىكاھتادەرتتە قالغان يىگىت بار.

پۈتسە تەقدىررىشتىنى ئالدىم دىگەن لەۋزىدە،
بۇغۇلمىغان پاك ياشاپ ۋاپا-ۋىجدان قەرزىگە،
يۇلاتمىغان كىر-داغنى مۇھەببەتنىڭ يۈزىگە،
ساداقەتنىڭ سازىنى چىكىپ چالغان يىگىت بار.

ئۈزى نامرات بولسىمۇ روھى گاداي بولمىغان،
مەنىۋىيەت روھىنى چاڭقاق ئۇسسۇز قويمىغان،
ئىلگىرلىگەن ھاياتتا دەۋىر بىلەن يانمۇ-يان،
ھاياتلىقتىن بىر مەنا ئىزدەپ ماڭغان يىگىت بار.

نۇپۇس ئاشتى يىلسىرى ئازايماقتا ‹‹ئىنسان››لار،
گۇمراھلىققا باش قۇيۇپ خىرەلەشتى ۋىجدانلار،
سىلەر مىللەت ئانىسى ئۈمىد،تەلەپ ھەققىڭلار،
يۇرۇقىدا ئەقىلنىڭ ياشاپ باققان يىگىت بار.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش