مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق ئاپتورلارغا ئۇقتۇرۇش
«يازغۇچىلار تورى»نىڭ يېڭى مۇنبىرى ۋە باش بېتىنىڭ رەسمىي ئېچىىۋېتىلگىنىگە مانا ھازىر بىر ئاي بولۇپ قالدى. بىر ئايدىن بۇيانقى ئومۇمىي ئەھۋالدىن قارىغاندا تورىمىزنى مۇقىم ۋە تۇراقلىق ھالەتكە ئۆتتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. دەسلەپتە تور ئىشلىتىش جەريانىدا داۋاملىق تەڭشىلىۋاتقان، مۇكەممەللەشتۈرىلىۋاتقان بولغاچقا بىز ئاپتورلىرىمىزدىن كونا باش بەت ۋە كونا مۇنبەردىكى ئەسەرلىرىنى يېڭى مۇنبەرگە ئالدىراپ يۆتكىۋېلىش تەلىپىنى قويمىغان ئىدۇق. ھازىر ئەھۋالدا ئۆزگۈرۈش بولدى. تورىمىز ئىقتىدار جەھەتتىن مۇقىملاشتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلار ۋە ئاپتورلىرىمىزنىڭ كونا باش بېتىمىز ۋە كونا مۇنبەردىكى ئۆزلىرى مۇھىم دەپ قارىغان ئەسەرلىرىنى يېڭى مۇنبەرگە يۆتكىۋېلىشىنى قارشى ئالىمىز. كونا مۇنبەرنىڭ ئۇلىنىشى مۇنبەردە بار، لېكىن كونا باش بەتنىڭ ئۇلىنىشى مۇنبەردە يوق.تورداشلارنىڭ بۇ ئادرىس ئارقىلىق شۇ يەرگە كىرىپ تېمىلىرىنى يوتكىۋېلىشىنى يا ساقلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز:
http://uyghur.xjzjxh.com/default.aspx
ھازىرچە كونا مۇنبەرنى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقلاپ قېلىشنى بېكىتكەن بولساقمۇ، كونا باش بەتنى قايسى چاققىچە ساقلاپ قېلىش ھەققىدە بىر نەرسە دىيىشمىدۇق. شۇڭا تورداشلارنىڭ كونا باش بەتتىكى ئەسەرلىرىنى بۇرۇنراق ساقلىۋېلىشى يا يۆتكىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.ۋاقىتنىڭ ئۈزىرىشى بىلەن ئەسەرلەرنىڭ يوقاپ ۋە ئۆچۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى. ئاپتورلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىگە ئېتىبارسىز قارىماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى