ئەسىر بوسۇغۇسىدىكى مۇھىم ئىلىم-پەن مۇۋەپپىقىيىتى:”ساماۋىي كىتاب“نىڭ سىرىنى يىشىش
غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار
2012-يىلى 18-ماي كۈنى ئەنگىلىيە ئامېرىكا ئالىملىرى ئىنسانلار گېن گۈرۇپپىسىنى ئىنىقلاپ ، گېن ئاتلاسىنى سېزىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى . بۇ ، دەل ئىنساننىڭ ” ھايااتلىقى ساماۋىي كىتابىنىڭ “ بىرىنچى باپى بولمىش _ ئادەمنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق خروموسوماسىدىكى گېن سانى ۋە ئۇنىڭ سىخىمىسىنى ئىنىقلاپ چىققانلىقى ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت پەن-تەتقىقات ئىخلىرىدىكى دۇنياۋىي چوڭ ھەمكارلىقنى نەتىجىسى بولۇپ ، بۇ تەتقىقاتقا ئامىرىكا ، ئەنگىلىيە،ياپونىيە ، فرانسىيە ، گېرمانىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ150دىن ئارتۇق ئالىمنىڭ 16يىللىق ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە بىرلىكتە ۋۇجۇم قىلىغان دۇنياۋىي زور ئىلىم-پەن قىيىن ئۆتكىلىگە ۋۇجۇم قىلىش تۈرىنىڭ نەتىجىسى ھىساپلىنىدۇ . ئۇزۇندىن بىرى كىشىلەر ” ئىنسانلار گېن خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش پىلانى “(HPG)نى ئالەمشۇناسلىق ساھەسىدىكى”ئايغا چىقىش پىلانى “ دىنمۇ قىيىن دەپ قاراپ ، بۇ تۈر ئىنسانلار بىئولوگىيە- ئېرسىيەت