ئەسىر بوسۇغۇسىدىكى مۇھىم ئىلىم-پەن مۇۋەپپىقىيىتى:”ساماۋىي كىتاب“نىڭ سىرىنى يىشىش
غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار
2012-يىلى 18-ماي كۈنى ئەنگىلىيە ئامېرىكا ئالىملىرى ئىنسانلار گېن گۈرۇپپىسىنى ئىنىقلاپ ، گېن ئاتلاسىنى سېزىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى . بۇ ، دەل ئىنساننىڭ ” ھايااتلىقى ساماۋىي كىتابىنىڭ “ بىرىنچى باپى بولمىش _ ئادەمنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق خروموسوماسىدىكى گېن سانى ۋە ئۇنىڭ سىخىمىسىنى ئىنىقلاپ چىققانلىقى ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت پەن-تەتقىقات ئىخلىرىدىكى دۇنياۋىي چوڭ ھەمكارلىقنى نەتىجىسى بولۇپ ، بۇ تەتقىقاتقا ئامىرىكا ، ئەنگىلىيە،ياپونىيە ، فرانسىيە ، گېرمانىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ150دىن ئارتۇق ئالىمنىڭ 16يىللىق ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە بىرلىكتە ۋۇجۇم قىلىغان دۇنياۋىي زور ئىلىم-پەن قىيىن ئۆتكىلىگە ۋۇجۇم قىلىش تۈرىنىڭ نەتىجىسى ھىساپلىنىدۇ . ئۇزۇندىن بىرى كىشىلەر ” ئىنسانلار گېن خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش پىلانى “(HPG)نى ئالەمشۇناسلىق ساھەسىدىكى”ئايغا چىقىش پىلانى “ دىنمۇ قىيىن دەپ قاراپ ، بۇ تۈر ئىنسانلار بىئولوگىيە- ئېرسىيەت
قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى” ئايغا چىقىش پىلانى “ بولۇپ ، تولىمۇ مۈشكۈل تەتقىقات تۈرى ھىساپلاپ كەلگەنىدى. دېمىسىمۇ ئادەمنىڭ گېن تەرتىۋىنى ئىنىقلاپ گېن خەرىتىسى(گېن سىخىمىسى)نى سىزىپ چىقىش راستىنلا مۈشكۈل ئىش دەپ قاراپ كەلگەنىدى. بىراق كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولۇر دېگەندەك، بۇ مۈشكۈل پىلان ئاخىرقى ھىساپتا رۇياپقا چىقىپ، ئادەم ھاياتلىقىنىڭ ”ساماۋىي كىتاب“نىڭ بىرىچى باپى بولغان بىرىنقى نومۇرلۇق خروموسوما ۋە ئۇنىڭدىكى گېن سانى ئەڭ ئاخىرىدا ئىنىقلاپ چىقىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئىنىقلاپ چىقىلغان بۇ خروموسوما ئادەمنىڭ 23جۇپ خروموسوماسى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن خروموسوما بولۇپ ، ئۇنىڭدا جەمئى 223مىليون جۇپ شىخارلىق ئاساس بارىكەن . بۇ شىخارلىق ئاساسلار ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىدىكى ئومۇمىي شىخارلىق ئاساسلار سانى(3مىليارت شىخارلىق ئاساسلار)نىڭ 8%تىچەسىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئالىملار يەنە بىرىنقى نومۇرلۇق خروموسومادا 3141دانە گېن بارلىقىنى(ھازىرچە) ئىنىقلاپ چىققانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ تەتقىتار ئارقىلىق يەنە بۇ گېنلاردىكى يوچۇقلارنىڭ ئنسانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان 350خىل كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىپ چىقتى. راك كېسىلىمۇ بىرىنچى نومۇرلۇق خروموسوماسىدىكى گېنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان .