بىر ئايال قەلبىڭدە مۇساپىر بولدى
بىر ناخشا قەلبىڭدە بولدى ئېيتىلىپ
بىر ھىجران كىملەرنىڭ باغرىنى تىلدى؟
بىر چەكسىز ھەسرەتكە يېقىلىپ تۇرۇپ
بىر ئايال قەلبىڭدە مۇساپىر بولدى ..
سېغىنار بەلكىم ئۇ دەرتلىك قەلبىدە
سېغىنار لاچىنىڭ سوققان توشقاننىڭ
جاڭگالدا پارلىغان ئۆي- ئۇۋىسىنى
سېغىنار بەختىنى بەختى قاچقاننىڭ
ئۇ ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ زار يىغىسىنى
بىر ئايال قەلبىڭدە مۇساپىر بولدى
بىر ئايال قەلبىڭدە مۇساپىر بولدى!
مىڭ پاي ئوق قەلبىگە تېگىدۇ ئەمدى
ئېتىڭنىڭ ئالدىدىن ئاشقان سارغايغان
ساماندەك سارغىيىپ ئۆتىدۇ ئەمدى ..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbeden تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-5 21:47