يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: يانغىن

يانغىن : بىر ئايال مۇساپىر جېنىمدىن ئۆتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-3-26 22:44:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈم يېرىم بولمايدۇ مېنىڭ

بەلكىم بىر ئاز قالارمەن ياداپ
بۇ يۈرىكىم كېتەر يا ئاداپ
ئولتۇرىمەن لېكىن يەنىلا
ھىچ ئىش يوقتەك تۈگمەمنى قاداپ
كۆڭلۈم يېرىم بولغايمۇ ئەسلا
سېنىڭ كەتكەن يولۇڭغا قاراپ

نېمە بوپتۇ قارايسا كۆزۈم ؟
نېمە زىيان سۆيسەم زۇلمەتنى ؟
نېمە پايدا ئۆتكەننى سوراپ
ئېزىپ يۈرسەم ياكى يۈرەكنى ؟
كۆڭلۈم يېرىم بولغايمۇ مېنىڭ
ئۇزاتقانغا ياكى سەندەكنى


چۈشۈرىلەر پەردىلەر بەلكىم
قۇياش نۇرى كۆرمەسمەن قايتا
مەيلى ، قولدىن كەتكەن نەرسىنى
ئەسلىگەنگە بار نېمە پايدا ؟
كۆڭلۈم يېرىم بولغايمۇ  مېنىڭ
ئۆچۈممۇ يوق كۆكتىكى ئايدا ..

مەن بىلىمەن چۈنكى بۇ ھايات
ئېلىپ كېتەر بەرگەن ھەممىنى
ئەڭ ئاداققى نەپىسىڭدىمۇ
سەن تېتىيسەن شۇنىڭ تەمىنى
مەن كۆڭلۈمنى يېرىم قىلايمۇ ؟
ئەپ قالالاي قايسى بىرىنى ؟

بىر كۈن كېتەر ئاتام يا ئانام
بىر كۈن كېتەر سۆيگەن يارلىرىم
بىر كۈن كېتىپ بېشىمدىن باھار
زادى تىنماس قىشيۇ - قارلىرىم
مەن كۆڭلۈمنى يېرىم قىلايمۇ
سەن كەتكەنگە ئۈزۈپ تارلىرىم

مەن ھەممىنى قويدۇم تەڭرىگە
ھېچنەرسىگە قالماسمەن ھەيران
بۈگۈن مېنى سۆيدۈم دېگەنلەر
ئەتە قوپۇپ قىلسىمۇ ۋەيران
مەن كۆڭلۈمنى يېرىم قىلايمۇ
مەن ئەزەلدىن مۇشۇنداق سەرسان

مەن كىملەرنى يۈرەي ھە توسۇپ
كېتىۋەرگەي كەتتىم دېگەنلەر
كېتىۋەرگەي كەتتىم دېگەنلەر !
مەن كۆڭلۈمنى يېرىم قىلايمۇ
كوزا چېقىپ تۇزنى يىگەنلەر ؟
ھايات دېگەن ئەسلى مانا بۇ
كۆنسەڭمۇ شۇ، كۆنمىسەڭمۇ شۇ ..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbeden تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-26 22:52  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تىللاسى +400 يىغىش سەۋەبى
يانغىن + 200
شەھرزات + 200

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-26 23:14:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كەتتىم كەلمەسكە ،خوش دە ئەزىزەم،
ئاچقىنە بۇرۇندىن تۈرگەن يۈزۈڭنى.
زورىغا تۆكمە مۇڭ،شادقۇ ئەمدى سەن،
تىنىچ قال ،قىينىما،ئاھ،جۈپ كۈزۈڭنى.

جىسمىمدا كۆز يېشىم قىياندۇ بەلكىم،
شۇندىمۇ چىھرىمدە پارلىسۇن قۇياش.
ئۇ ئۆلگەن روھىڭدا لەيلەپ يۈرگۈچە،
مىڭ لەززەت چۆللەردە يىگانە ياشاش.

كۈزۈڭگە كىرىپمۇ يۈرمەسمەن ئەمدى،
ياتلاشقان دىلىڭغا ئەندىشە سېلىپ.
ئۈن-تۈنسىز خوشلاشسام ئۆزۈڭ بىلىپ قال،
شاتلىقتىن كوچىدا يۈرمىگىن كۈلۈپ.

قاچمىغىن كىيىكتەك ئوۋچى ئەمەسمەن،
ئۇنۇتما كۆڭلۈمنىڭ ئوۋچسى ئۆزەڭ.
ئۇ مۇزدەك تەپتىڭدىن سۇۋۇغان ئوتلار،
جۇدالىق دەردىگە بۇلالمايدۇ تەڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەھرزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-26 23:18  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +100 يىغىش سەۋەبى
يانغىن + 100

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-28 23:24:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈل بەدەن  بىلەن بىلەن يانغىننىڭ مۇئاشىرىسى بەكمۇ قاملىشىپتۇ قايتا قايتا ئۇقۇپ چىقتىم .يەنە ئاخرىنى چۈشۈرۈڭلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-30 20:58:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشامقى ھەسرەتلەر  يەنە چېچەكلەر

كەچكىلى بولمىدى
ئاخشامدىكى ھېلىقى قىزنىڭ
يىلان ئاغزىدەك چوڭقۇر كۆزىدىن.

باغرىم تېشىلەر
باغرىم ئاسمانغا ئايلىنىپ قالار
جىمىر- جىمىر نۇرلار تۆكۈلگەن
تۆشۈك مونچاقتەك قىزىل ئاسمانغا

قىزنىڭ رەسىمى
كېچىدىكى قوياش بەئەينى

داغلىنىدۇ
ئىچىم ئاچچىق يۈتەر ھاياتنى
مىڭ يىل ئاۋۋالقى ھېلىقى قاتىل ئايال
تۇتۇپ تۇرار قانلىق پىچاقنى

ئۇنتۇغىلى بولمىدى
مىڭ يىللىق يۈك ئارتىلغان
مىڭ يىل كېيىن يۈرەر بىر تال جان..
ھەسرەت ئىچىپ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-1 15:13:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارغۇلارچە


ئەگەر مەن سېنى باشلىغان بولسام
قارغۇلارچە باشلايمەن
ئەگەر مەن سېنى ئەگەشتۈرگەن بولسام
قارغۇلارچە ئەگەشتۈرىمەن
ئەگەر مەن سېنى سۆيگەن بولسام
قارغۇلارچە سۆيىمەن

ھەر نەرسە قارغۇلارچە
ھەر نەرسە كېچە !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-1 15:13:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇمان


كىم نېمىدىن گۇمان قىلىدۇ ؟
بىر تاغنىڭ كەينىدىن قالىدۇ ..
مەن گۇمان قىلغىنىمدىن بۇيان
تا ھازىرغىچە قۇياشنىڭ نۇرىنى كۆرۈپ باقمىدىم

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-1 15:14:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاناننىڭ قولى

ھەر قاچان ھاۋادا
ھەر قاچان ھاۋادا
سەتەڭ ئاياللارنىڭ گەۋدىسىدەك
مەست چايقىلىدۇ
مېنى چاقىرىۋاتقان جاناننىڭ قولى

ۋاقتى: 2014-4-1 23:32:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم يانغىن قاسراق تاشلىغاندەك قىلىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-7 15:34:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋدايىلىق



بولغاندا بىرگە سەن بىلەن  ،
ئوخشىمايلا قالىمەن ئۆزۈمگە .
ھېچنىمە بىلەن كارى يوق ئەي غەمسىز قىز  
سەن تېشىپ ئۆتتۈڭ يۈرىكىمنىڭ كەينىگە .
ئېسىمدە بار
سەن  بىلەن قىلغان جىمى  تەلۋىلەرچە ئىشلار
سەن كېتىپ بۇ ئىشلار كاللامنى قىلدى ئوچاق
سەن ئەزەلدىن بۇ يەردە بار ،ھەرجايدا سەن بار .
ئۈمۈد قىلىمەن ئۇشبۇ دەقىقە مۇشۇ يەردە بۇلۇشىڭنى
بىز قىلغان بارچە تەلۋىلىكلەر
ئېرىشىشنى ئويلايمەن پەقەت ،
ئەسلەش بىلەن ئۆتكۈم يوق ئۇنى .
ۋۇ ئۆلگۈر ، دۆت ،كالۋا
نېمە قىلسام ئاندىن بولار ، قالدۇرۇش ئۈچۈن سېنى بۇ يەردە !!!
ئۈمۈدۈم شۇ سېنىڭ بۇ يەردە بۇلۇشۇڭ ،
ۋۇ ساراڭ ، بىشەم ، ئالۋاستى
قانداق قىلسام بۇلىسەن ھەمراھ ،قېلىپ مېنىڭ قېشىمدا !!!
قېشىمدا بولساڭكەن دەيمەن
ياقتۇرىمەن ھەممە ئىشىڭنى .
مەن شۇنداق بىر كىشى ،ياسالمىلىق قىلغۇم يوق
دەيمەن ئادەتتە بىرنى بىر ئىككىنى ئىككى دەپ
ئېيتسام راست سۆزۈمنى ،سەۋدايى بولدۇم سېنى سېغىنىپ ....




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-10 04:42:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈتىمەن سېنى



دېڭىزلار نېرىسىدىكى سېنى سېغىنىپ ،
ھەركۈنى ئىچتىم ساراڭ شارابنى .
دولقۇنلاردىن كەلگەن ئاۋازىڭ ،
توختىتالماس لېكىن ئازابنى .

ئاڭلىدىم كۈلكەڭنى كۆزلىرىڭ ياشلىق ،
قېشىڭغا بېرىشقا ئامالسىز بىراق .
سۆيگۈنۈم كۆرمىدىڭ ئۇشبۇ ھالىمنى ،
كۆڭلۈمدە سەۋدا، كۆيمەكتە پىراق .

كۆرىشەلمىسەك ئەگەر قايتىدىن ،
مەڭگۈگە بېرىشكەن  ۋەدىلەر قېنى ؟
يۈرىكىم يارلانسا مەيلى كېرەك يوق ،
يەنىلا شۇ جايدا كۈتىمەن سېنى .



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-10 05:46:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيقۇدىكى ساھىپجامال


كەزدىم ساناقسىز  كەچمىشلەرنى
تېپىش ئۈچۈن ۋىسالىمنى
ھەم يازدىم تۈمەنلىگەن شېئىرلارنى
بەلكىم ماڭارمەن تۈمەنمىڭ چاقىرىم يەنە
تاكى تاپقۇچە ئۇيقۇدىكى ساھىپجامالنى

ماڭدىم پايانسىز يوللارنى
ھەم ئۇنۇتتۇم ئۆزۈمنى ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ يىللاردا
ئەگەر مۇمكىن بولسا ،ئۆلۈشكە تەييار كۈرمىڭ قېتىم
يېتىش ئۈچۈن ئەبەدىي ئۇيقۇدىكى ساھىبجامالنىڭ قوينىغا

ئاخشام چۈشۈمدە كېلىۋاتقۇدەك ئۇ ماڭا قاراپ
دېگۈدەكمەن :
ئەي ساھىبجامال نېمىشقا يىغلايسەن ؟
ئۇشبۇ دەقىقە ئەمدى ئۇزۇنغا سۇزۇلمايدۇ
تاكى ياتقۇچە ئەبەدىي ئۇيقۇدىكى قەبرىمىزدە !!!





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-10 22:11:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن قالدۇرغان

ھەر قانچە ئاي بولساڭمۇ
بىر قېتىم كىر گۈلنىڭ قوينىغا
بىر قېتىم چۈش ئاسماندىن يەرگە
جان ئالساڭمۇ گۈزەللىكىڭدىن
رەھىم قىلغىن مېنىڭدەك ئەرگە
ھەرقانچە يىگانە بولساڭمۇ
سۇلتان بولساڭمۇ ھەرقانچە ئەلگە

مەن ئاسمانغا قاراپ ئولتۇردۇم
چاچلىرىڭنى تاراپ ئولتۇردۇم
ئاچ بۆرىدەك تەنھا ئىنىمدا
قىپقىزىل يارامنى يالاپ ئولتۇردۇم

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-10 22:58:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن بەك گۈزەل كۈن بولدى

بۈگۈن بەك گۈزەل كۈن بولدى
قۇياشمۇ ئەسلىدىكىسىدىن گۈزەل
يۇپۇرماقمۇ ئەسلىدىكىسىدىن يارقىن
ئاۋازلارمۇ ئەسلىدىكىسىدىن سۈزۈك
ئەسلەرمۇ ئەسلىدىكىسىدىن ئوچۇق
چۈشلەرمۇ ئەسلىدىكىسىدىن يورۇق
نەچچە ھەسسە .. نەچچە ھەسسە !
بۈگۈن بەك گۈزەل بىر كۈن بولدى !

ۋاقتى: 2014-4-11 15:15:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەتلا بىرسى بار
قۇرۇپ كەتمەيدىغىنىدىن
بۇ يەردە .
بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىسراسىنى

پەقەتلا بىرسى بار
قۇرۇپ كەتمەيدىغىنىدىن
مېنىڭ قەلبىمدە
دەپ ئۆزگەرتسىڭىز تېخىمۇ توشقۇدەك دەپ ئويلىدىم يانغىن ، ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەتلەر يار بولسۇن !

ۋاقتى: 2014-4-13 21:51:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ قولىغا دەرت كەلمىسۇن !

بىر-بىرىدىن ئېسل شېئىرلانى ئوقۇپ بەك ھوزۇرلاندىم.   


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش