ئەرلەرنىڭ غېمى
نېمە بولار ھاياتتا يەنە،
ئويلىغۇم يوق ئىچىم سىقىلدى.
ھەركىمدىن پەرۋاسىز يۈرگىنىم بىلەن،
كىم بىلەرئىچىمگە نەلەر يېقىلدى.
تاماكا چوغىدەك تۈگەپ كېتىمەن،
بىر قىزنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرۇپ.
قويغىنا، ئەسكى چۈش، ئەسكى خىيالنى،
ھېچكىممۇ قەلبىمنى قويماس تولدۇرۇپ.
قۇرىغان بۇلاقتەك قۇرۇپ كەتمەكتە،
قۇرىغان دەرەختۇر قىزلارنىڭ تېنى.
جاھاننىڭ مەشۇقى ئۆلۈپ كەتكەندەك،
يېڭىدىن باشلاندى ئەرلەرنىڭ غېمى ...