كۆرۈش: 471|ئىنكاس: 2

شەكلەندىم قەلبىڭدە بىر لەۋنىڭ ئېزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1363
تۆھپە : 151
توردا: 422
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 10:37:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەكلەندىم قەلبىڭدە بىر لەۋنىڭ ئېزى



تېنىقلار ئۇلۇق كىچىك، لەۋلەر ئۇيقۇدا،

ئۇنتۇلغان تەبەسسۈم ئايمۇ دالدىدا.

ئازاپتىن ۋىژىلداپ كۆيىدۇ يۈرەك،

زۇلمەتكە توي بولدى تازا ۋاقتىدا.



قاپقارا كىپىنەك ئوينايدۇ ئۇسسۇل،

تۆكۈلگەن ياشلارغا گۇۋاھ ھېچنىمە.

شەكلىنىش سازىنى تازا ياڭرىتىپ،

شەيتانلار بەزمىدە قىلار تەن-تەنە.



ھەسرەتنىڭ گۈللىرى كەتتى پورەكلەپ،

كۆز ياشتەك تاراملاپ تۆكۈلەر ئىشەنچ.

جۇدۇندا تۆكۈلدى سېرىق ئەتتىر گۈل،

شاياتۇن ئۇشتۇمتۇت ئەيلىگەندە قەست.



شەكلەندىم قەلبىڭدە بىر لەۋنىڭ ئىزى،

تاسسىدە ئۈزۈلدى باغلانغان رىشتە.

ئايرىلدى ئىككى تەن، ئازاپ چەككەن روھ،

تۈگىدى ھەممىسى ئاچچىق كەچمىشتە.



بىلىپ قال



ئاشىقلىغىڭ ماڭا سىر ئەمەس،

سۈكۈتلەرگە دەز كەتتى نىگار.

تەشنالىقتا يۈرمەيلى تىنەپ،

كەل مۇيەسسەر ئەيلىگىن دىدار.



كەل پۇرسەتلەر كەتمىسۇن قولدىن،

يۈرەكلەردىن قوغلانسۇن ھىجران.

ھەسرەت چېكىپ ئۆتمىسۇن ئۆمۈر،

كۆڭۈللەردە قالمىسۇن ئارمان.



تەقدىرىڭدىن رەنجىمە ئەمدى،

مەيلى قىسمەت بىزنى يەكلىسە.

بەخت دېگەن ئېلكىمىزدىغۇ،

پەقەت بۇ جان تەندىن كەچمىسە.



چوغ سورىغان نىگاھلىرىڭغا ،

بۈگۈن دادىل بېرىمەن جاۋاپ.

ئالدانمىغىن  تەشۋىشلىرىڭگە،

خورىدى جان لەۋزىڭگە قاراپ.





راست ئەركىلەش



چۈشلىرىڭگە كېرىمەن جېنىم،

خىيالىڭنى قاچىمەن ئېلىپ.

ھەر كىچەڭنى قىلىمەن ۋەيران ،

يۈرۈگۈڭدە شام بولۇپ يېنىپ.



ئىچمەك بولساڭ ناۋادا شاراپ،

قەدەھ ئۆزرە تۇرىمەن كۈلۈپ.

ھېس قېلىسەن ئۆزۈڭنى شۇ چاغ ،

مەي ئىچمەيمۇ ئىشقىمدا كەيىپ.



كۆزلىرىڭدىن تامچىغان ياشمەن،

تەبەسسۈممەن لىۋىڭدە تاتلىق.

ئازابىڭمەن تۈگىمەيدىغان،

يۈرىگىڭدە ياتقان ئۇياتلىق.







يارغا



سەن قەلبىمگە قونغان پەرىشتە،

سەن بىر گۇناھ، شەكىلسىز ئازاپ.

يۈرۈگۈمدە كۆيىۋاتقان ئوت،

تومۇرۇمدا ئېقىۋاتقان قان.



سەن سۇ، ھاۋا، جىلۋىگەر قۇياش،

سەن گۈل بەرگى ۋە ياكى ئوتقاش.

مەن كۆيگۈچى ئوتنىڭ تېشىدا،

سەن بىر ئازاپ كۆزلىرىمدە ياش.












ئايرىلىش



ئايرىلماقنى ئىزدەپسەن بۈگۈن،

يۈرۈگۈمگە سېلىپ جاراھەت.

مەن قوشۇلدۇم جېنىم ئامرىغىم،

قارارىڭغا قىلدىم ئىتائەت.



سۆيۈش ئۈچۈن ئۇرۇنمايدۇ كىم؟

سۆيۈلۈشنى ئىزدىمەيدۇ كىم؟

جانغا قازا كەلسىمۇ ھەتتا،

ۋىسال ئۈچۈن تىرىشمايدۇ كىم؟



بۇ ئۆمرۈمدە ئۆتەرمەن بەلكىم،

زېكرى قىلىپ سېنىڭ نامىڭنى.

جەينامازدا تۆكۈپ خۇداغا،

دېلىمدىكى ئاھۇ- زارىمنى.

نېسىپ بىزگە مەڭگۈلۈك ھىجران ،

دىلدا پارلاپ تۇرغاچقا ئىمان.

مېنى دەپ سەن چەكمىگىن پەريات،

سۆيگۈمىزدىن قىلمايمەن گۇمان.





سورىمايمەن سېنى شامالدىن،

يۇلتۇزلارغا تەلمۈرمەيمەن ھەم.

مەن تەسەللىي تاپىمەن پەقەت،

ئامان ئېسەن بولساڭلا ھەردەم.



2004.1



بۇ شېئىرلار‹‹ ئاقسۇ ئەدىبىياتى›› ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان، 14-نۆۋەتلىك«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»  ئېرىشكەن.


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1247
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 201
تۆھپە : 0
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 22:56:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر تىلىدىكى پاساھەت بىلەن پىكىر تىرەنلىكى مېنى قايىل قىلدى.بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.بىراق،«ۋەختى»نى«ۋاقتى»دەپ،«تەڭلى»نى «تاڭلا» دەپ ئالساق سىزنىڭچە قانداق بولار؟

تۇرسۇن جامال

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  810
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 107
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 15:47:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ قەلىمىگە بارىكاللا!!! مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى ئوقوشقا مۇيەسسەر بۇلالىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن!!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش